يۇقىرى پەللىگە چىققان ماي باھاسىنىڭ شىخەنزە ئاپتوموبىل بازىرىغا بولغان تەسىرى

264 2012-04-01 12:35:37   65933.com   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
شىنجاڭ خەۋەرلىرى تورى 27- مارت خەۋىرى، «بۇ پاسوندىكى ئاپتوموبىل باھاسىدىن 5000 يۈەن چۈشۈپ كەتتى، يەنە 3000 يۈەن قىممىتىدىكى ئاپتوموبىل ئىچكى بېزەك ماتېرىياللىرى سوۋغا قىلىنىدۇ.......» 25- مارت، شىخەنزە ئۇي تاشيولىدىكى مەلۇم بىر ئاپتوموبىل سېتىش مەيدانى سېتىش خادىمى ماركىلىق ئاپتوموبىللارنى تونۇشتۇرۇۋاتاتتى، ئەمما خېرىدارلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ بۇ ئاپتوموبىللارنى سېتىۋېلىش خىيالى يوق ئىدى.

  بۇ يىل ماي باھاسى ئىككىنچى قېتىم يەنە ئۆرلىگەنلىكتىن بېنزىن، دېزىل مېيى قاتارلىق تۈرلەرنىڭ ھەر لېتىرىنىڭ ئۆرلەش دەرىجىسى 0.5 يۈەن ئەتراپىدا بولغان، 97# بېنزىن ئەسلىدىكى ھەر لېتىرى 7.93 يۈەندىن ھەر لېتىرى 8.44 يۈەنگە ئۆرلىگەن، ماي باھاسى «8 يۈەنلىك دەۋر» گە قەدەم قويۇپ، شىخەنزە ئاپتووموبىل بازىرىدا ئېغىر چېكىنىش بولغان.

  نۇرغۇن ئىستېمالچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ماي باھاسى ئۆرلىسە، ئاپتوموبىل يۇيۇش ھەققى ۋە ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققىمۇ يۇقىرىلاپ، ئاپتوموبىل ئاسىراش ھەققىدىمۇ تەۋرىنىش بولغان. بىر قىسىم پروففېسسورلار، ماي باھاسى يۇقىرى بولغانلىقتىن كىشىلەرنىڭ ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشقا رايى بارمايدۇ، 40% ئاپتوموبىل ئىگىلىرى ماي باھاسى بەك يۇقىرى بولغانلىقتىن ئاپتوموبىل ھەيدىيەلمەيۋاتىدۇ، ئۈزلۈكسىز يۇقىرىلاۋاتقان ماي باھاسى، شىخەنزىدىكى ئاپتوموبىل بازىرىنى كاساتلاشتۇرۇپ قويدى دەپ چۈشەنچە بەرگەن.

  مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، فېۋرالدا شىخەنزىدىكى ئاپتوموبىللارنىڭ سېتىلىش مىقدارى يۈزگىمۇ يەتمىگەن بولۇپ، ئۆتكەن سىتاتىستىكا مەزگىلىدىكىدىن 30% تۆۋەنلىگەن.

   تەڭشەلگەندىن كېيىنكى شىخەنزە پىششىقلانغان مېيىنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى، 90# بېنزىن ۋە 0# دېزىل مېيىنىڭ ھەر لېتىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 0.44 يۈەن ۋە 0.51 يۈەن يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن، 93# لىق بېنزىن ھەر لېتىرى 7.83 گە ، دېزىل مېيى 0# ھەر لېتىرى 7.87 يۈەنگە ، 20# ھەر لېتىرى 8.35 يۈەنگە،   3# ھەر لېتىرى 8.56 يۈەنگە ئۆرلىگەن. بىر قىسىم ماي قاچىلاش پونكىتلىرىدا ماي ئۈزۈلۈپ قېلىش ئەھۋالىمۇ كۆرۈلگەن.

   ماي باھاسى ئۆسۈشتىن ئىلگىرىلا، شىخەنزىدە ئاپتوموبىل يۇيۇش ھەققى ئاللىقاچان ئۆرلەپ بولغان، ئەسلىدىكى 10 يۈەندىن 25 يۈەنگە، ئاندىن يەنە 35 يۈەنگە ئۆرلىگەن.

  شىخەنزىدىكى كۆپ قىسىم ئاپتوموبىل پەردازلاش شىركەتلىرى، ئاپتوموبىل يۇيۇش خادىملىرىنىڭ ئىش ھەققى ئۆرلىگەنلىكتىن ، بىر قىسىم ئىستېمال بۇيۇملىرى باھاسىمۇ ئۆرلىدى، بۇ سەۋەبلىك ئاپتوموبىل ئىگىلىرى ئاپتوموبىللىرىنى باقالمايۋاتىدۇ دەپ بىلدۈرگەن.

  مۇخبىرنىڭ زىيارىتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شىخەنزىدىكى 60% كە يېقىن ئىستېمالچىلار ماي باھاسى ئۆسۈپ كەتكەنلىكتىن ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشتىن رايى قايتقانلىقىنى بىلدۈرگەن، 30% كە يېقىن ئىستېمالچىلار ماي باھاسى تەننەرخى يۇقىرى بولغاچقا ئاپتوموبىلىنى ھەيدىيەلمىگەن، پەقەت 10% كىمۇ يەتمەيدىغان ئىستېمالچىلار ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشنى ئويلىغان.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博