«مەملىكەت بويىچە 2011-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە پەن-تېخنىكىدا شىنجاڭغا ياردەم بېرىش پىلانى» يېقىندا دۆلەتلىك پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى بىلەن دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تەرىپىدىن بىرلىكتە ئېلان قىلىندى. پىلاندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: 2020-يىلىغىچە، مەملىكەت بويىچە پەن-تېخنىكىدا شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئارقىلىق، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلۈپ، يېڭىلىق يارىتىشچان رايونلارنىڭ قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە يۈزلەنگەن تاشقى تەسىر كۈچىگە ئىگە رايون يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىگە ئايلاندۇرۇلىدۇ.
پىلاندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: مەملىكەت بويىچە پەن-تېخنىكىدا شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدە، شىنجاڭنىڭ مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش-باش ۋەزىپە، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىدا تېخىمۇ بۇرۇلۇش ياساش-مۇھىمنىڭ مۇھىمى، پەن-تېخنىكا بىلەن خەلققە تېخىمۇ نەپ يەتكۈزۈش-تۈپ چىقىش نۇقتىسى ۋە ئەمەلىيلىشىش نۇقتىسى. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەر تۈزۈلمە مېخانىزمنى يېڭىلاشنى پەن-تېخنىكىدا شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم كاپالىتى قىلىپ، پەن-تېخنىكىدا شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنىڭ ئەتراپلىق، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئۈنۈملۈك ئورنىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئۆز تەرەققىيات ئىقتىدارىنى ئۆزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك.