ئۈرۈمچى شەھىرىدە قاتتىق بۇران چىقىپ 3ئادەم ئۈلۈپ 21ئادەم يارلاندى

380 2012-03-31 11:39:03   www.basbas.cn   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
    شىنخۇا تورى ئۈرۈمچى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى خەۋېرى:30-چىسلا ئەتتىگەندە ئۈرۈمچىدە 7بال شامال چىققان بۇلۇپ ھەش-پەش دىگۈچە كۈچىيىپ 9بال بولغان.سائەت 19دا مۇخبىر 120 جىددى قۇتقۇزۇش مەركىزىگە بېرىپ ئەھۋال ئىگەللىدى.بۇ قېتىمقى بۇران چاڭ-تۇزان پەيدا قىلىپلا قالماي يەنە نەرسىلەرنى ئاسماندا ئۇچۇرۇپ 21نەپەر ئادەمنىڭ يارلىنىپ 3ئادەمنىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

   جىددى قۇتقۇزۇش مەركىزى سائەت 9دىن 40مىنۇت ئۆتكەندە بىرىنجى قېتىملىق قۇتقۇزۇش ياردەم تېلفۇنىنى قۇبۇل قىلغان بۇلۇپ ،بۈگۈن پۈتۈن كۈن جەمئى 19قېتىم ياردەم تېلفۇنىنى تاپشۇرۇپ ئالغان،ئۈرۈمچى قارىماي شەرقى يۇلىدىكى بىر ئىگىز بىنانىڭ ئۈستىدىكى ئىسسىقلىق ساقلاش تېمى شامال تەسىرىدىن ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ ئەتراپتىن ئۈتۈپ كىتىۋاتقان 10نەچچە ئادەمنى يارلاندۇرغان ،بىر بالىسىنى كۈتۈرۋالغان ئايال بالىسى بىلەن ياررلانغان ۋە قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان.يەنە بىر بۇۋاي شاڭماۋچېڭ ئەتراپىدا شامال ئۇچۇرۇپ كەلگەن قاڭالتىر بىلەن يارلىنىپ قازا قىلغان.

   شامال ئاساسلىقى چۈشتىن بۇرۇن بەكرەك چىققان بۇلۇپ يولدىكى قاتناش بىخەتەرلىك تۇسۇقلىرىنى ۋە ھەرخىل تەشۋىقات ۋېۋىسكىلىرنىنى ئۇچۇرۇپ چۈشۈرۋەتكەن،بىر نەچچە ئائىلىكلەر ئولتۇراق رايۇنىدا توك توختىغان،42قېتملىق ئايرۇپىلان ئۇچۇشنى كىچىكتۈرگەن،سائەت 15تىن كىيىن ئاندىن قاتناش قۇلايلاشقان،ئۇت ئۈچۈرۈش ئەترىتى بىر قېتىملىق ئوت ئۈچۈرۈشكە قاتناشتى.

   ئۈرۈمچى شەھىرى سائەت 8دە شامالدىن مۇداپىئەلىنىش سىگنالى بەرگەن بۇلۇپ چۈشتىن كىيىن سائەت 19دا شامال توختىغان.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博