‹‹12–بەش يىل›› دىكى ئېنېرگىيە تېجەش نىشانى، ۋەزىپىسىنى ئۆز قەرەلىدە تولۇق ئورۇنداش كېرەك

18 2012-03-31 11:29:19   تەڭرىتاغ تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
 ئاپتونوم رايون 28 – مارت چۈشتىن كېيىن ئېنېرگىيە تېجەش خىزمىتى تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى ئۈرۈمچىدىكى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار ‹‹12 – بەش يىل›› دىكى ئېنېرگىيە تېجەش نىشانىغا يېتىشنىڭ مۇھىملىقى، تەخىرسىزلىكىنى تولۇق تونۇپ، ۋەدىسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىرادىسىدىن يانماي، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىپ، قىيىنچىلىقلارغا قارشى ئىلگىرىلەپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ‹‹12 – بەش يىل›› دىكى ئېنېرگىيە تېجەش نىشانى، ۋەزىپىسىنى ئۆز قەرەلىدە تولۇق ئورۇندىشى كېرەك.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى خۇاڭ ۋېي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

    نۇر بەكرى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جايلار، تارماقلا، ئورۇنلار ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرىنى ئەتراپلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆز يېرى، ئۆز تارمىقى، ئۆز ساھەسىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ‹‹12 – بەش يىل›› دىكى ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش خىزمەت لايىھەسى تۈزۈپ، مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ۋەزىپىلەرنى ئەتىراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئېنېرگىيە تېجەش نىشانى، ۋەزىپىسىنى ئالاقىدار ئىش ئورنى، كونكرېت خادىملارغىچە قاتلاممۇ قاتلام تەقسىملەپ، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. كەسىپ قۇرۇلمىسى، مەھسۇلات قۇرۇلمىسى ۋە ئېنېرگىيە ئىستېمال قۇرۇلمىسىنى داۋاملىق تەڭشەپ ۋە ياخشىلاپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش يولىدا قەتئىي مېڭىپ، يېڭىدىن ئىش باشلانغان ئېنېرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى تۈرلەرنى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ بىرلىك مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشقا كېتىدىغان ئېنېرگىيە سەرپىيات نورمىسى ئۆلچىمىگە يەتكۈزۈپ، تىرىشىپ خەلقئارا ئىلغار سەۋىيەگە يەتكۈزۈشى كېرەك. كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئېنېرگىيە تېجەش خىزمىتىنىڭ مۇھىم ھالقىسى ۋە مۇھىم ساھەسىنى چىڭ تۇتۇپ، كۆپلەپ مەبلەغ سېلىش، چوڭ تۈرلەر ئارقىلىق ئېنېرگىيە تېجەشكە تۈرتكە بولۇش خىزمىتىدە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. ئېنېرگىيە تېجەش يېڭى تېخنىكىسى ۋە يېڭى مەھسۇلاتىنى تەتقىق قىلىش، راۋاجلاندۇرۇش ۋە كىرگۈزۈشنى كۈچەيتىشى؛ ھەر تەرەپتىن مەبلەغ غەملەپ، ئېنېرگىيە تېجەش نۇقتىلىق قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تەشكىللەپ يولغا قويۇشى؛ نۇقتىلىق ئېنېرگىيە ئىشلىتىدىغان ئورۇنلارنىڭ ئېنېرگىيە ئىستېمالىنى تەكشۈرۈپ، تەتقىق قىلىپ، ئېنېرگىيە ئىشلىتىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى؛ ئېنېرگىيە تېجەشنى باھالاش، تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، تۈر ئىجازىتى ئۆتكىلىنى قاتتىق ئىگىلىشى كېرەك. ئېنېرگىيە تېجەش خىزمىتى سىياسىتى ۋە كاپالەت مېخانىزمىنى تولۇقلاپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېنېرگىيە تېجەش نەتىجە، ئۈنۈم جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ۋەزىپىنى ئورۇندىغانلارنى مۇكاپاتلاش، ئورۇندىمىغانلارنى ئومومىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشى كېرەك.

    ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ليۇ يەنلياڭ يىغىنغا قاتناشتى.

    ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچى شەھىرى، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى، ئالاقىدار نازارەت، ئىدارىلەر بىلەن ‹‹12 – بەش يىل›› دىكى ئېنېىرگىيە تېجەش نىشانى مەسئۇلىيەتنامىسى ئىمزالىدى

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博