شىنخۇا ئاگېنتلىقى،لوندون،26-مارت تېلىگىراممىسى:
ئەنگىلىيەدىكى ‹‹يەكشەنبىلىك تايمىس گېزىتى››تۈنۈگۈن ئاشكارلىغان بىر سىن كۆرۈنۈشىگە قارىغاندا،كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ مالىيە باشقۇرغۇچىسى كرۇدداس باش ۋەزىر بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغانلاردىن ‹‹ھەق››ئالغان.
سىن كۆرۈنۈشىدە كرۇدداس مۇنداق دېگەن:بەرگەن پۇلۇڭلار باش ۋەزىر بىلەن كۆرۈشۈش دەرىجەڭلارنى بەلگىلەيدۇ،200 مىڭ فوندېستېرلىڭدىن 250 مىڭ فوندېستېرلىڭغىچە پۇل چىقارغانلار باش ۋەزىر ۋە مالىيە ۋەزىرى بىلەن كەچلىك زىياپەتتە بىللە بولالايدۇ.