ئۈرۈمچى شەھىرى 2-ئەۋلاد كىملىك تارقىتىش مۇددىتىنى 45 كۈنگە قىسقارتتى

443 2012-03-30 10:34:49   شىنجاڭ رادىئو خەۋەرلەر تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

 

ئۈرۈمچى شەھىرى 2007-يىلىدىن باشلاپ 2-ئەۋلاد كىملىك تارقىتىشنى باشلىغان بولۇپ، بۇ يىل 2-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە تارقاتقان 2-ئەۋلاد كىملىك 1 مىليون 700 مىڭ پارچىدىن ئاشقان، ئەمما يەنە 80 مىڭغا يېقىن 16 ياشتىن يۇقىرى نوپۇس 2-ئەۋلاد كىملىك ئېلىشنى ئىلتىماس قىلمىغان. يېڭىدىن ئۆزگەرتىپ تۈزۈلگەن «ئاھالىلەر كىملىك قانۇنى» تۈزۈمىگە ئاساسەن، 2013-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ، 1-ئەۋلاد كىملىكنى ئىشلىتىش ئەمەلدىن قالدۇرىلىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، شەھەر ئاھالىلىرىگە قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، 2-ئەۋلاد كىملىكنى تارقىتىش مۇددىتى بۇرۇنقى 60 كۈندىن 45 كۈنگە قىسقارتىلغان.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博