27.6 توننا سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز قاچىلانغان باك يېرىلىپ كەتتى

87 2012-03-30 10:30:36   ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
   يېقىنىدا دۆلەت تاشيولى 312-لىنىيەسى ئۈرۈمچى -تۇرپان بۆلىكىنىڭ داخىيەن ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىگە ئىككى كىلومېتىر قالغان جايدا 27.6 توننا سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز قاچىلانغان بىر يۈك بېسىلىغان ئاپتوموبىل ئۆرۈلۈپ كېتىپ گاز باكى يېرىلىپ كەتكەن .گاز پارتلاپ كېتىش خەۋپى مەۋجۇت بولغاچقا ،ئوت ئاپىتنىڭ ئالدىنى ئېلىش-ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى 18 سائەت جىددىي ئىشلەپ ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىغان ،قاتناش تارماقلىرى بۇ يول بۆلىكىدە 19 سائەت قاتناشقا چەك قويغان .

   ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرىدىكى خادىملار يېرىلىپ كەتكەن گاز باكىنىڭ يېرىنى ئوڭۇشلۇق رېموت قىلىغان .ۋەقە يۈز بەرگەن جاي بىر تەرەپ قىلىنىپ بولغاندى كېيىن ،قاتناش ئەسلىگە كەلگەن .

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博