قاغىلىق ‹‹28-فېۋرال››زوراۋانلىق-تېررورلۇق دېلوسىغا 1- سوت ھۆكۈمى چىقىرىلدى

608 2012-03-30 10:26:55   hawar.cn   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى . 2012-يىل 3-ئاينىڭ 26-كۈنى ، قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى جاۋابكار ئابدۇكېرەم مامۇتنىڭ زوراۋانلىق-تېررورلۇق دېلوسىغا ئوچۇق سوت ئېچىپ ، 1-سوت ھۆكۈمى چىقاردى . سوتتا جاۋابكار ئابدۇكېرەم مامۇتقا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا باشچىلىق قىلىش ، قەستەن قاتىللىق قىلىش جىنايىتى بويىچە بىرنەچچە جىنايەتنى قوشۇپ جازالاپ ، ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىش توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلدى .

   سوت مەھكىمىسىنىڭ سوت قىلىپ ئېنىقلىشىچە ، جاۋابكار ئابدۇكېرەم مامۇت 2011-يىلى 7-ئايدىن 2012-يىلى 2-ئايغىچە قانۇنسىز ‹‹تەبلىغ›› قاتارلىق ۋاستىلار بىلەن دىنىي ئەسەبىيلىك ، زوراۋان-تېررورلۇق ئىدىيەسىنى تەرغىپ قىلىپ ، پائال ئادەم تاللاپ ، ئۆزى باش بولۇپ ، ئوبۇلقاسىم مەمەت ، توختىقۇۋان مەمەت قاتارلىق توققۇز ئادەمدىن زوراۋانلىق-تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان ھەمدە كۆپ قېتىم مەخپىي پىلانلاپ ، تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ يەر شەكلىنى تەكشۈرۈشىگە قوماندانلىق قىلىپ، تېررورلۇق ھۇجۇم نىشانىنى بېكىتىپ ، زوراۋانلىق-تېررورلۇق ھەرىكىتى لايىھەسىنى پىلانلىغان . 2012-يىل 2-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ، جاۋابكار ئابدۇكېرەم مامۇت تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنى ئۆز ئۆيىگە يىغىپ ، زوراۋانلىق-تېررورلۇق ھەرىكىتىنى ئورۇنلاشتۇرغان ، ئۇلارنى گۇرۇپپىلاغا بۆلۈپ ، ئىش تەقسىملەپ ، پىچاق ، پالتا قاتارلىق جىنايەت قوراللىرىنى تارقىتىپ بېرىپ ، تېررورلۇق ھۇجۇم ئۇسۇلىنى مانېۋىر قىلغان . شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 18 لەردە، تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنى باشلاپ ، قاغىلىق ناھىيەسى بەخت يولىدىكى پىيادىلەر كوچىسىغا بېرىپ ، قوللىرىغا پىچاق ، پالتا ئېلىپ، بىگۇناھ ئاممىنى ۋەھشىيلىك بىلەن چېپىپ-چاناپ ، نەق مەيداندا 13 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى ، 16 ئادەمنىڭ زەخىملىنىشى (بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى ئادەم قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن )نى كەلتۈرۈپ چىقارغان . جاۋابكار ئابدۇكېرەم مامۇت نەق مەيداندا تۇتۇلغان ، يەتتە نەپەر زوراۋان-تېررورچى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ، بىر نەپىرى ئوق تېگىپ يارىلانغاندىن كېيىن قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن . ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا، بىر نەپەر بىرلەشمە مۇداپىئە خادىمى قۇربان بولغان ، تۆت نەپەر جامائەت خەۋپسىزلىك ساقچىسى يارىلانغان .

   يۇقىرىقى جىنايەت پاكىتلىرىنى نەق مەيداندا ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ بايانى ، يىغىۋېلىنغان دېلو سادىر قىلىش قورالى ، نەق مەيدان كۆرۈنۈشى ئېلىنغان سىن ماتېرىيالى ، قانۇن دوختۇرىنىڭ جەسەت تەكشۈرۈش ، زەخمە باھالاشنامىسى ، نەق مەيدان ئېنىقلاش ، تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ ، جاۋابكارمۇ جىنايىتىگە ئىقرار .

   سوت قاراپ چىقىپ مۇنداق قارىدى : جاۋابكار ئابدۇكېرەم مامۇت تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان ۋە ئۇنىڭغا باشچىلىق قىلغان ، تەشكىلات ئەزالىرىغا باشچىلىق ۋە قوماندانلىق قىلغان ھەمدە بىگۇناھ ئاممىنى بىۋاستە ئۆلتۈرگەن ، جىنايەت ۋاستىسى ئىنتايىن ۋەھشى ، جىنايەت قىلمىشى ئىنتايىن قەبىھ ، جىنايەت ئاقىۋىتى ئىنتايىن ئېغىر . شۇڭا يۇقىرىقىدەك ھۆكۈم چىقىرىلدى.

   سوتتا قاراپ چىقىش جەريانىدا ، جاۋابكارنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ تىل-يېزىقىنى ئىشلىتىپ دەۋالىشىش ھوقۇقىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىندى ، جاۋابكارنىڭ ئاقلىغۇچى ئادۋۇكاتى سوتقا چىقىپ جاۋابكارنى ئاقلىدى ، جاۋابكارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، بىر قىسىم زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ئامما سوتنى سىرتتىن ئاڭلىدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博