ئۈرۈمچى شەھىرى پات ئارىدا «زامانىۋى مەدەنىيەتنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدۇ

544 2012-03-26 12:23:19   شىنجاڭ رادىئو خەۋەرلەر تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

    22-مارت، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم «زامانىۋى مەدەنىيەتنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى باشلاش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندىن ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم 26-مارتتىن 30-مارتقىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدە «زامانىۋى مەدەنىيەتنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى كەڭ - كۆلەمدە قانات يايدۇرىدىغان بولۇپ، كەڭ خەلق ئاممىسىغا زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ سېھرى كۈچىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ھەرخىل مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئارقىلىق، كەڭ خەلق ئاممىسىنى نەپكە ئېرىشتۈرىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، 26-مارتتىن باشلاپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم 10 چوڭ تۈر بويىچە زامانىۋى مەدەنىيەتنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرىدىكەن، يەنى پۈتۈن شەھەر بويىچە مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى كەڭ كۆلەمدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ئەخلاق نەمۇنچىلىرىنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرىدىن دوكلات بېرىش يىغىنى ئېچىش، «تىرىشپ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەتكەن» شەخسلەرنى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇش، «لېي فېڭدىن ئۆگىنىش» باش تېما قىلغان پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش، «شىنجاڭ ئۈچ تارىخى»نى ئۆگىنىش مەخسۇس تېما پائالىيىتىنى ئېلىپ بېرىش، « مەملىكەت بويىچە مەدەنىيەتلىك شەھەر بەرپا قىلىش» مەخسۇس تېمىسىنى قانات يايدۇرۇش ۋە « زامانىۋى مەدەنىيەتنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى تەشۋىق قىلىش ۋە تەلىم-تەربىيە پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى كەڭ - كۆلەمدە تەشۋىق قىلىدىكەن. 

ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى رېن خۇا مۇنداق دېدى: ‹‹ئۈرۈمچى شەھىرى ‹زامانىۋى مەدەنىيەتنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەپتىلىكى› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق كەڭ خەلق ئاممىسنى نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز ۋە ئەخلاق نەمۇنچىلىرى، ئىلغار تىپلارنىڭ باشلامچىلىق رولىنى كەڭ - كۆلەمدە تەشۋىق قىلىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنى ئەتراپىدىكى ئىلغار تىپلاردىن ئۆگىنىدىغان، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، دۆلەتنى ۋە شىنجاڭنى قىزغىن سۆيىدىغان شىنجاڭچە روھنى كەڭ - كۆلەمدە راۋاجلاندۇرىمىز».

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博