شىنجاڭ غەربىي شىمال رايونىدىكى نۇقتىلىق مۇھاجىرلار يۇرتىغا ئايلاندى

142 2012-03-26 12:21:09   شىنجاڭ گېزىتى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

ھازىر چەت ئەلدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان شىنجاڭلىق جۇڭگو مۇھاجىرلىرى 1 مىليوندىن ئاشىدىكەن، ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار ۋە مۇھاجىرلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن تەخمىنەن 500 مىڭى بارئىكەن. شىنجاڭ ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمال رايونىدىكى نۇقتىلىق مۇھاجىرلار يۇرتى بولۇپ قالغان.

ئۇقۇشۇمچە، «11 - بەش يىل»دا، ئاپتونوم رايونىمىزدا مۇھاجىرلار پۇل ئىئانە قىلغان تۈردىن 26 سى يولغا قويۇلغان، بۇنىڭ ئونى «مۇھاجىرلار مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈش مەكتىپى»تۈرى، 16 سى يېزا، بازارلىق شىپاخانا تۈرى ئىكەن. يېقىنقى يىللاردا ئاپتونوم رايون ھەر يىلى مۇھاجىرلارنى يۆلەش خىزمىتىگە 1 مىليون يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ ئاجرىتىپ، ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار ۋە مۇھاجىرلار ئائىلە تەۋابىئاتلىرى ئارىسىدىكى نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلغان.

ئاپتونوم رايونلۇق تاشقى ئىشلار (مۇھاجىرلار)ئىشخانىسى شىنجاڭنىڭ خاس مەدەنىيىتىنىڭ شىنجاڭلىق مۇھاجىر قېرىنداشلارنى تەسىرلەندۈرۈش، زوقلاندۇرۇش ۋە ئۇيۇشتۇرۇش جەھەتتىكى ئالاھىدە رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن «چىقىرىش»، «كىرگۈزۈش» قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، شىنجاڭلىق ئازسانلىق مىللەت مۇھاجىر قېرىنداشلارنى يېتەكلەش، ئىتتىپاقلاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا، تەرتىپلىك يولغا قويۇپ، ئۇلارنىڭ ۋەتەننى تونۇش تۇيغۇسىنى كۈچەيتتى. 2011 - يىلىغىچە، ئاپتونوم رايونلۇق تاشقى ئىشلار (مۇھاجىرلار) ئىشخانىسى بىلەن دۆلەت مۇھاجىرلار ئىشخانىسى ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا ۋە شىمالىي ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە قاتارلىق شىنجاڭلىق جۇڭگو مۇھاجىرلىرى كۆپرەك توپلاشقان دۆلەت ۋە رايونغا 30 خىزمەت گۇرۇپپىسى 500 ئادەم / قېتىم ئەۋەتىپ، مۇھاجىرلارنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مۇھاجىرلار تەشۋىقاتى، شۇنداقلا مۇھاجىرلاردىن ھال سوراپ سەييارە ئويۇن قويۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، مۇھاجىر قېرىنداشلارغا ۋەتەننىڭ مېھىر - مۇھەببىتى ۋە سالىمىنى يەتكۈزدى. 2006 - يىلىدىن بۇيان، ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا، شىمالىي ئامېرىكا، غەربىي ياۋروپا قاتارلىق ئون نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىكى يەرلىك ئامما، مۇھاجىرلار، سودىگەرلەر ئارىسىدا ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدە ئەمەلىي كۈچگە ئىگە، ئابرۇيلۇق، تەسىرى بار كىشىلەرنى 30 نەچچە تۈركۈم بويىچە 400 ئادەم / قېتىم ۋەتەنگە قايتىپ بېرىشقا تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ  ۋەتەن ۋە يۇرتى شىنجاڭغا بولغان چۈشىنىشى، تونۇشىنى كۈچەيتتى. 

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博