ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 27 ناھىيە دۆلەتنىڭ يۆلەش-ئېچىشتىكى نۇقتىلىق ناھىيە قاتارىغا تىزىلدى

127 2012-03-26 12:19:12   شىنجاڭ گېزىتى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

بۇ يىل ئاپتونوم رايون 600 مىڭ ئادەم(قېتىم)نىڭ كەسىپ ماھارىتىنى باھالاپ بېكىتىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە 40 مىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئىشچى ئۇنۋانى بارلارنىڭ يۇقىرى كەسىپ ماھارىتى سالاھىيىتى باھالاپ بېكىتىلىدىكەن.

ئاپتونوم رايونلۇق كەسىپ ماھارىتىنى باھالاپ بېكىتىش مەركىزى 15 - مارت ئۈرۈمچىدە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك كەسىپ ماھارىتىنى باھالاپ بېكىتىش مەركەزلىرى، ھەرقايسى نازارەت، ئىدارە، ساھە، كارخانا، مەكتەپلەردىكى كەسىپ ماھارىتىنى باھالاپ بېكىتىش مەركەزلىرى بىلەن سۈپەت مەسئۇلىيەتنامىسى ئىمزالاپ، ئالىي دەرىجىلىك ئىشچى، تېخنىك ۋە ئالىي دەرىجىلىك تېخنىكلارنى باھالاپ بېكىتىش خىزمەت ۋەزىپىسىنى كۈچەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇقۇشۇمچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايون ئالىي دەرىجىلىك ئىشچىدىن يۇقىرى كەسىپ ماھارىتى ھازىرلىغانلار كەمچىل بولۇشتەك ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن، مۇھىم نۇقتىنى ئالىي دەرىجىلىك ئىشچىدىن يۇقىرى ماھارەت ھازىرلىغانلارنى باھالاشقا قارىتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرى ئۈچۈن نۇقتىلىق مۇلازىمەت قىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تېخنىكىدا پىشقان، قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدىغان ياكى ئالاھىدە ھۈنىرىدىن پايدىلىنىپ كۆرۈنەرلىك ئەمەلىي ئۈنۈم ياراتقان خادىملارغا ئالاھىدە ئىمتىياز بېرىپ، ئۇلارغا يۇقىرى ئۇنۋان بېرىدىكەن.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ھازىر ئاپتونوم رايون بويىچە ئالىي دەرىجىلىك ئىشچىدىن يۇقىرى كەسىپ ماھارىتىگە ئېرىشكەنلەرنىڭ نىسبىتى بىر قەدەر تۆۋەن بولۇپ، 2011 - يىلى ئاپتونوم رايون(بىڭتۈەن، مەركەزگە بىۋاسىتە قارايدىغان ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) 706 مىڭ 389 ئادەم /قېتىمنىڭ كەسىپ ماھارىتىنى باھالاپ بېكىتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئالىي دەرىجىلىك ئىشچىدىن يۇقىرى كەسىپ ماھارىتى بارلار 86 مىڭ 244 ئادەم /قېتىم بولۇپ، %12.2 نى ئىگىلەيدىكەن؛ جايلاردا 608 مىڭ 281 ئادەم /قېتىمنىڭ كەسىپ ماھارىتى باھالاپ بېكىتىلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئالىي دەرىجىلىك ئىشچىدىن يۇقىرى كەسىپ ماھارىتى بارلار 46 مىڭ 589 بولۇپ، %7.7 نى ئىگىلەيدىكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博