نۇر بەكرى ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى ئىلغار مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنى دادىل، جۇشقۇن كەيپىياتتا ئۆگىنىشكە ئىلھاملاندۇردى

73 2012-03-23 12:27:48   تەڭرىتاغ تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
 ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى 2012 – يىللىق 1 – قارارلىق تەربىيەلەش كۇرسىدا 20 – مارت چۈشتىن بۇرۇن ئوقۇش باشلاندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى كۇرسانتلارنى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلغار مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنى دادىل، جۇشقۇن كەيپىياتتا ئۆگىنىپ، ھەق – ناھەقنى ئايرىش ئىقتىدارىنى ئاڭلىق ئاشۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

    نۇربەكرى مۇنداق كۆرسەتتى: ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى يىغىپ تەربىيەلەشنى كۈچەپ قانات يايدۇرۇش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ‹‹شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇپ گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بېيىتىپ چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش›› ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتىكى مۇھىم تەدبىرلىرىنىڭ بىرى. ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار تەربىيەلەشكە قاتناشقاندىن كېيىن سىياسىي ئېڭى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى يەنىمۇ كۈچەيدى، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيلەرگە قارشى تۇرۇشتىكى سىياسىي مەيدانى مۇستەھكەملەندى، سىياسىي قارىشى ۋە قانۇن ئېڭى يەنىمۇ كۈچەيدى، ئۇلار ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى.

    نۇر بەكرى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى جەزمەن ئەتراپلىق، توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنى قانۇن بويىچە قوغدىشىمىز كېرەك. دىنىي ئىشلارنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشتا قەتئىي تەۋرەنمەي، ‹‹دىن ئىشلىرى نىزامى››نى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىنىي پائالىيەتلەرنى قانۇن، تەرتىپ يولىغا كىرگۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. قانۇنلۇق دىنىي پائالىيەتلەرنى قوغداش بىلەن بىللە، قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەرنى توسۇش، سىڭىپ كىرىشكە قارشى تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىش خىزمىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇشىمىز كېرەك. نۇر بەكرى ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ پارتىيەنىڭ فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن – نىزاملىرىنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ ۋە تەشۋىق قىلىپ، دۆلەت ئېڭى، قانۇن ئېڭى ۋە پۇقرالىق ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ھەق – ناھەقنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ھەرقانداق مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە كاللىسى سەگەك، مەيدانى مۇستەھكەم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    نۇر بەكرى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىنى ئەسەبىي دىنىي ئىدىيەدىن يىراق تۇرۇشقا يېتەكلىشى كېرەك. ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار دىننى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە لايىقلاشتۇرۇش خىزمىتىنى پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياخشى ئىشلىشى، دىنىي ساھەدىكىلەر دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ گۈزەل يۇرت – ماكان قۇرۇشتىكى ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاپ، گۈزەل يۇرت – ماكان قۇرۇشقا تۆھپە قوشۇشى، دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلاردا ئەمگەك شەرەپلىك، بېيىش شەرەپلىك، ئىلىم – پەننى قەدىرلەش شەرەپلىك دەيدىغان ياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. ئالاقىدار تارماق، كومىتېتلار تەربىيەلەش، كاپالەتلىك قىلىش مۇلازىمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تەربىيەلەش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ دىنىي زاتلارغا بولغان غەمخورلۇقى، كۆيۈنۈشى ۋە ھۆرمىتىنى ھەقىقىي گەۋدىلەندۈرۈشى كېرەك.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى شەۋكەت ئىمىن كۇرسنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ ۋېي مۇراسىمغا قاتناشتى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博