19 -مارت،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مەكىت ناھىيەسىنىڭ 10 يېزا-بازىرىدىكى 1000دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئامما يېقىندا ناھىيەنىڭ مەدەنىيەت مەيدانىغا يىغىلىپ دولان مەدەنىيىتى بەزمىسى قىلدى. مەكىت ناھىيەسى دولان مۇقامىنىڭ بۆشۈكى، مۇقام بولسا مۇزىكا، ئەدەبىيات، ئۇسسۇل ۋە ئۆرپ - ئادەت بىر گەۋدىلەشكەن «چوڭ تىپتىكى ناخشا - ئۇسسۇللۇق كۈي» بولۇپ، ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان چوڭ قامۇس ۋە «تىرىك مەدەنىي يادىكارلىق».