سۇچىلىق نازارىتىنىڭ خىزمەت ئەترىتى جايلارنىڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى تەكشۈردى ۋە ھەيدەكچىلىك قىلدى

17 2012-03-22 10:32:29   شىنجاڭ گېزىتى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

قۇمۇل سەنتاڭخۇ سانائەت رايونىنى سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان قوراي سۇ ئامبىرى ۋە بورالىق سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشىدا 20 - ئاپرېل ئەتراپىدا، نارىن سۇ ئامبىرى ۋە مۇڭغۇلغۇل سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشىدا ماينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئىش باشلىنىدىكەن. بۇ ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتىنىڭ «خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى» ۋە باش تېما ھەپتىلىكى پائالىيىتىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى كونكرېت تەدبىرى ئىكەن.

سۇچىلىق نازارىتىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى تۈر قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، خىزمەت مۇلازىمەت ئەترىتىنى باشلاپ، سەنتاڭخۇ سانائەت رايونىنى سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشى، ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشى، يېزا ئىگىلىكىدە يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش قۇرۇلۇشى، يېزىلارنىڭ ئىچىدىغان سۇ قۇرۇلۇشى، نۇقتىلىق سۇ بايلىقىنى تەقسىملەش قۇرۇلۇشى ۋە  ئەتىيازلىق كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇرغاقچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش قۇرۇلۇشىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈردى ۋە ھەيدەكچىلىك قىلدى. 

ئاپتونوم رايون رەئىسىنىڭ ياردەمچىسى، سۇچىلىق نازارىتىنىڭ نازىرى ۋاڭ شىجياڭ 9 -  مارت خىزمەت ئەترىتىنى باشلاپ سەنتاڭخۇغا بېرىپ، پىلاندىكى سانائەت رايونىنى سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەكشۈردى ۋە تېخنىكا جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلدى، مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ نارىن سۇ ئامبىرى قاتارلىق تۆت سۇ ئامبىرىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىنى تەكشۈردى ھەم نارىن، مۇڭغۇلغول، بۇرالىق سۇ ئامبىرى تۈرىگە تەكلىپ خاراكتېرلىك قاراپ چىقىش ۋە قوراي سۇ ئامبىرىنىڭ ئىمكانىيەتلىك تەتقىقات دوكلاتىنى تەكشۈرۈش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

سۇچىلىق نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ئىلھام سابىر ۋە باشقا مەسئۇل رەھبەرلەر سەككىز گۇرۇپپىنى باشلاپ، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە قەشقەر ۋىلايىتىدە ئەتىيازلىق كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇرغاقچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈشتىكى تايانچ سۇچىلىق قۇرۇلۇشى، چوڭ تىپتىكى سۇغىرىش رايونىنىڭ يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھەلىرىنى داۋاملىق قۇرۇش ۋە سۇ تېجەش بويىچە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش، خەتەرلىك سۇ ئامبىرى، چۈشۈرگە خەۋپىنى تۈگىتىپ پۇختىلاش، يېزا ئىگىلىكىدە يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەكشۈردى ۋە يېتەكچىلىك قىلدى، قۇرۇلۇش پىلانى، مەبلەغ، تەشكىللەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ، بالدۇر ئورۇنلاشتۇرۇش، قۇرۇلۇشنى بالدۇر باشلاشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە قۇرۇلۇش سۈپىتىنى گەۋدىلىك تەكشۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博