ئاپتونوم رايون تەشكىللىگەن ئەتىيازلىق مەدەنىيەت، پەن - تېخنىكا، سەھىيە ئىشلىرى بويىچە «ئۈچنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش» مۇلازىمىتىدە ئۈلگە كۆرسىتىش ئۆمىكى 19 - مارت ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئاغۇ يېزىسىدا مۇلازىمەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ كەلگەن ھەر مىللەت ئامما ئىستىراھەت مەيدانىغا يىغىلىپ سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆردى، 14 ئورۇننىڭ مەسلىھەت بېرىش ئورنى مەسلىھەت سورىغىلى ۋە ماتېرىيال ئالغىلى كەلگەن ئامما بىلەن لىق تولدى. مۇزىكا باشلىنىشى بىلەن 70 - 80 ياشلىق بوۋايلاردىن تارتىپ، 3 - 4 ياشلىق بالىلارغىچە مەشرەپكە چۈشۈپ، مەيداننى شادلىق دېڭىزىغا ئايلاندۇردى.
ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى ئاپتونوم رايوننىڭ »ئۈچنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش« مۇلازىمىتىدە ئۈلگە كۆرسىتىش ئۆمىكى قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى يەتتە ناھىيە، شەھەر، سەككىز يېزا - بازاردا تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرغان. پائالىيەت مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئاساسىي قاتلامغا قوش دولقۇنلۇق سائەت ئارقىلىق كونترول قىلىنىدىغان 450 رادىيو، «جۇڭگوغا مەدھىيە» ناملىق 720 يۈرۈش پلاستىنكا؛ ئاپتونوم رايونلۇق مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئىشخانىسى «شىنجاڭ بالىلار چۆچەكلىرى − مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قىسمى» ناملىق كىتابتىن 200 پارچە؛ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تەنتەربىيە بۇيۇملىرى ۋە دەرستىن سىرتقى ئوقۇشلۇق ھەدىيە قىلغان، ئىككى مۇتەخەسسىسنى ئوقۇتۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىشكە ئورۇنلاشتۇرغان؛ ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى كىتابلارنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش، كۆچمە كۇتۇپخانا ئاپتوموبىلىنى ئېچىۋېتىش، ياش پىدائىيلارنى نەق مەيداندا مۇلازىمەت قىلىشقا تەشكىللەشنى قانات يايدۇرغان؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى شۇ جايدىكى ئاممىغا 13 مىڭ پارچە داۋالىنىش ۋە ساقلىقنى ساقلاش تەشۋىقات ماتېرىيالى تارقاتقان، 1500 ئادەم /قېتىمدىن ئارتۇق خالىس كېسەل كۆرگەن؛ پەن - تېخنىكا شۆبە ئۆمىكى تېخنىكا بىلىملىرى بويىچە 18 مەيدان لېكسىيە ئۇيۇشتۇرۇپ، 2000 تېخنىك ۋە دېھقاننى تەربىيەلىگەن، 320 دېھقانغا تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلغان، يېزىلاردا ئەسقاتىدىغان تېخنىكا ماتېرىيالىدىن 100 مىڭ پارچىدىن ئارتۇقنى، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ئەسقاتىدىغان تېخنىكا ماتېرىيالى پىلاستىنكىسىدىن 8000 دىن ئارتۇقنى تارقاتقان؛ ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى قەشقەر ۋىلايەتلىك ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئاياللار بىرلەشمىسىگە ئاساسىي قاتلام ئاياللار بىرلەشمىسى خىزمىتى خىراجىتى تارقاتقان ھەم نەق مەيداندا تەشۋىق قىلىش، مەسلىھەت بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغان.