ئازادلىق ئارمىيە گېزىتىنىڭ 2011-يىل 8-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى سانىدا، دېڭىز ئارمىيەسى شىمالىي دېڭىز فىلوتىنىڭ «شېنياڭ» ناملىق قوغلىغۇچى پاراخوتىدا ئالىمجان ئەسقەر ئىسىملىك بىر يەلكەنچى ئەسكەرنىڭ بارلىقى، ئۇنىڭ ئالىي مەلۇماتلىق، مەشىققە چىدايدىغان، ساپالىق ئىكەنلىكى، كەسپىي ماھارەت سىنىقىدا ئالدىنقى قاتارغا ئۆتۈپ، ۋەزىپىنى ياخشى ئورۇندىغاچقا شەرەپلىك ھالدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولغانلىقى خەۋەر قىلىنغانىدى. 2011-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، دېڭىز ئارمىيە فورمىسى كىيگەن 20 نەپەر ئۇيغۇر قىز تەڭرىتاغ ئېتىكىدىن جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىز ساھىلىگە كېلىپ، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ دېڭىز ئارمىيە قوشۇنىدىكى تۇنجى تۈركۈم ئۇيغۇر ماتروس قىزلىرىغا ئايلاندى. ئۇلار دېڭىزغا تەلپۈنىدۇ، دېڭىز ئارمىيەسنى قىزغىن سۆيىدۇ، پاراخوتتا ھەربىي خىزمەت ئۆتەشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئۇلار شىددەتلىك دېڭىز دولقۇنى ئىچىدە جۇشقۇن قىياپىتىنى نامايان قىلغۇسى
بۈگۈنكى دۇنيا دېڭىز-ئوكيان دەۋرىگە قەدەم قويدى، خەلق دېڭىز ئارمىيەسىمۇ مۇھىم تەرەققىيات مەزگىلىگە قەدەم قويماقتا، دەۋرنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇلۇش قەدىمىنى تېزلىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور پاساھەت ۋە سالماقلىق بىلەن ھەر تەرەپنىڭ كۈچىنى ئۇيۇشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. دېڭىز ئارمىيەسىدىكى يولداشلار توغرا ئېيتىدۇ: «ھەر مىللەتتىن كەلگەن قېرىنداشلارنىڭ دېڭىز ئارمىيەسى سېپىگە قوشۇلۇپ، قۇدرەتلىك دېڭىز ئارمىيەسىنى ئورتاق قۇرۇشى، ئانا ۋەتەننى قوغدىشى ھەم ھەر مىللەت خەلقىنىڭ پەخرى، شۇنداقلا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭمۇ شەرىپى. كېمە قوزغالدى، بۇ پەقەت بىر باشلىنىش خالاس! »
دېڭىزغا يۈرۈش قىلىشتا، ھەر مىللەت قېرىنداشلارنىڭ مۇھىم تۆھپىسى بار؛ چەكسىز دېڭىزغا ئاتلىنىش ھەر مىللەت قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىغا تېخىمۇ موھتاج.