20 -مارت، يېغىشتىن توختىغان قار باھار پەسلىگە قاراپ ماڭغان ئۈرۈمچىنى يەنە قىش پەسلىگە ئېلىپ كەتتى. ياغقان قارنىڭ قېلىنلىقى 12 سانتىمېتىرغا يېتىپ 11-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ قېلىن ياغقان بىر قېتىملىق قار بولۇپ قالدى. ئىگىلىنىشىچە، 21-مارتتىن باشلاپ ھاۋا ئېچىلىپ تېمپراتۇرا ئۆرلەيدىكەن.
سىبىرىيە سوغۇق ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە 19-مارتتىن باشلاپ تېمپىراتۇرا تۆۋەنلەپ، كۆپ قىسىم جايلاردا ھۆل-يېغىنلىق ھاۋارايى كۆرۈلگەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ خادىمى دۇ شىنيىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىملىق كۈچلۈك ھۆل-يېغىنلىق ھاۋارايىغا نىسبەتەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى 16-مارتلا مۇھىم ھاۋارايى ئاگاھلاندۇرۇشى بەردى، 19-مارت سائەت 17دە ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى قاتتىق قار كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇشى چىقاردى.»