ئۈستۈن ئاتۇش كونا بازاردا نورۇز پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

66 2012-03-21 12:27:08   جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

     ھەممە يەر نورۇز تەنتەنىسىگە چۆمگەن پەيتتە، ئاتۇش شەھىرى ئۈستۈن ئاتۇش بازىرىنىڭ يولچىلا ، ئوچار كەنتلىرى بىرلىشىپ 17 –مارت، ئۈستۈن ئاتۇش كونا بازاردا نورۇز پائالىيىتى ئېلىپ باردى . بۇ قېتىمقى نورۇز پائالىيىتىنى ئۈرۈمچىدە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان يۇرت ئوغلى مۇتەللىپ ئابلىز ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن سېخىيلىق بىلەن قوللاپ يۇرت ئەھلى ئۈچۈن داستىخان ھازىرلىدى .

ئۈستۈن ئاتۇش كونا بازاردا نورۇز پائالىيىتىگە يۇرتىمىزدا بىر قەدەر ئومۇملاشقان ،ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە ۋە ئويۇن تۈرلىرىدىن چېلىشىش، قوچقار ،خوراز سوقۇشتۇرۇش ،ئىت تالاشتۇرۇش ،ھەرخىل توپ تۈرلىرى ،ئارقان تارتىشىش ۋە لىپەك تاش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىلغاندىن سىرىت مول مەزمۇنلۇق ئەدەبىيات –سەنئەت نومۇرلىرى ئۇرۇندالدى  . بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى 10 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى ھەم كۆردى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博