مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەزالىرى ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدى

33 2012-03-19 10:21:31   شىنجاڭ گېزىتى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 11 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5 - يىغىنىغا قاتناشقان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەزالىرى يىغىن قارالمىلىرىنى تولۇق تاماملاپ، 14 - مارت چۈشتە ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدى.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ئەسقەت كەرىمباي ئايرودۇرۇمدا مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەزالىرى يىغىن مەزگىلىدە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى تەشۋىق قىلىپ، تونۇشتۇرۇپ، ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ شىنجاڭنى چۈشىنىشى، شىنجاڭغا مەدەت بېرىشى ئۈچۈن ياخشى ئىجتىمائىي مۇھىت ياراتتى. ئەزالار يىغىندا سۆز قىلىش، گۇرۇپپىدا مۇزاكىرە قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق سىياسەت تۈزۈشكە پائال ئەقىل كۆرسەتتى، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتناشتى ۋە ئۇنى مۇھاكىمە قىلدى، يىغىنغا خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، مۇھىت ئاسراش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، داۋالاش، ساقلىق ساقلاش قاتارلىق مەزمۇنلارغا ئالاقىدار 150 تەكلىپ سۇنۇپ، شىنجاڭچە روھنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، شىنجاڭ ئوبرازىنى نامايان قىلدى. بىز مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»نىڭ روھىنى يەتكۈزۈش، ئۆگىنىشنى ئىمكانقەدەر تېز ئۇيۇشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ خىزمەتلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەيمىز.

ئەزا ئابدۇرېقىپ تۇنىياز مۇنداق دېدى: بۇ يىلقى يىغىن ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغان، كۈچلەر مۇجەسسەملەنگەن يىغىن بولدى. خىزمەتلىرىمىزنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەپ، يېڭى نەتىجە يارىتىپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭغا غەمخورلۇق قىلىۋاتقانلىقىغا ۋە مەدەت بېرىۋاتقانلىقىغا جاۋاب قايتۇرىمىز.

ئەزا پەرھاد ئابدۇرېھىم: يىغىن ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چۆرىدەپ، يىغىن روھىنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىمىز، دېدى.

ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە ۋە ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى رەھبەرلىرىدىن شەۋكەت ئىمىن، سۇڭ ئەيرۇڭ، كۈرەش مەخسۇت، مۇھەممەدئىمىن ياسىن، ۋاڭ خۇيمىن، شى داگاڭ، خۇاڭ چاڭيۈەن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، قېزايجان سەلىخوجا، رىزۋان ئەبەي، ئايۇپ تېيىپ، لى شياڭلىن، ليۇ جىيۇڭ، دېڭ چاڭيۈ، قانىبات سەبىكەي قاتارلىقلار ئايرودۇرۇمغا چىقىپ كۈتۈۋالدى. 

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博