شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئالاقىدار قارالما،قارار لايىھەلىرىنى قاراپ چىقتى

40 2012-03-19 10:20:34   شىنجاڭ گېزىتى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

11 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بۈگۈن گۇرۇپپا يىغىنى ۋە ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ، ئالاقىدار قارالما، قارار لايىھەلىرىنى قاراپ چىقتى.

جاڭ چۈنشيەن، نۇر بەكرى، ئەركىن ئىمىرباقى قاتارلىق ۋەكىللەر يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا ئۆمەك دائىرىسىدە ئالاقىدار خىزمەت دوكلاتى، يىللىق پىلان ۋە يىللىق خامچوت قاتارلىق ئۈچ قارالما لايىھەسى، جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى قاتارلىق تۆت قارار لايىھەسى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: بارلىق ۋەكىللەر ۋە خىزمەتچىلەرنىڭ ئورتاق تىرىشىشى بىلەن شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى  يىغىننىڭ تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدى. ھەرقايسى ۋەكىللەر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە يۈكسەك مەسئۇل بولۇش روھى بىلەن پائال ئەقىل كۆرسەتتى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، تەكلىپ لايىھەسى، تەكلىپلەرنى ئەستايىدىل تەييارلاپ، يىغىنغا ئىككى تەكلىپ لايىھەسى، 258 تەكلىپ سۇندى. كۆپچىلىك «ئىككى يىغىن»نى مۇھىم كۆزنەك قىلىپ، قاراپ چىققاندا پائال پىكىر بايان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەر، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ياخشى روھىي قىياپىتىنى تولۇق نامايان قىلدى. يىغىندا شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە تارتتى. ھەرقايسى ۋەكىللەر ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشىشى بىلەن خەۋەر قىلىش، تەشۋىق قىلىش خىزمىتى جانلىق ئىشلىنىپ، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ دېموكراتىك، ئېچىۋېتىلگەن، قىزغىن، خۇشال كەيپىياتى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىغا مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيانقى شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدىكى يېڭى ھالەت، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ يېڭى قىياپىتى، ئىلمىي تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر نامايان قىلىندى.

جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: بۇ  يىغىن «12 - بەش يىل»لىق پىلان مەزگىلىدە يۇقىرى بىلەن تۆۋەننى بىر - بىرىگە زىچ باغلىغان مۇھىم يىغىن. بولۇپمۇ مۇئاۋىن رەئىس شى جىنپىڭ  9 - مارت شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتنىشىپ ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيانقى شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى ۋە ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىز تۈرلۈك شەكىللەرنى قوللىنىپ، يىغىننىڭ روھى ۋە مۇئاۋىن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى  ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار، تارماقلار، كادىرلار ۋە ئاممىغا يەتكۈزىمىز.

جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ھەرقايسى ۋەكىللەر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئالغان. كۆپچىلىكنىڭ خىزمەت ئورنىغا قايتقاندىن كېيىن، ياخشى روھىي قىياپەت بىلەن  شىنجاڭ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، شىنجاڭچە ئۈنۈمنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، «تىرىشسىلا ئۆزگىرىش بولىدۇ، تىرىشقاندىلا ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ» دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博