ئالىم خالىق خەلق تورىدا سۆھبەتتە

262 2012-03-06 10:58:07   خەلق تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      

     خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. شىنجاڭلىقلارنىڭ ياخشى بالىسى، ئۈچىنچى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى، خەلق ئىچىدىن چىققان ساخاۋەتچى،ئالىم خالىق 20-چېسلا خەلق تورىنىڭ مىكروبىلوگ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

  مىكرو سۆھبەتتە ئالىم ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى بولمىغان كىىشلەر ئارىسىدا چوڭ بولغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئىزچىل ھالدا نامرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشنى تاماملىشىغا ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى : نامراتلارنى يۆلەش، ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش پەقەت دۆلەتنىڭ، ھۆكۈمەتنىڭلا ئىشى ئەمەس، بىز پۇقرالارمۇ بۇ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك».

  ئالىم ئۆزىنىڭ سودىسىنىڭ ياخشى كېتىۋاتقانلىقىنى، ھەمدە سودىنى تېخىمۇ كېڭەيتكۈسى بارلىقىنى ئېيتتى. بىر تورداش ئۇنىڭدىن « زىخلىق كاۋاپ»نى پۈتۈن مەملىكەتكە كېڭەيتكۈسى بار يوقلۇقىنى سورىغاندا، ئۇ جاۋاب بېرىپ ئۆزىنىڭ بۇنداق قىلىشقا ئىشەنچىسىنىڭ بارلىقىنى، ھەمدە كۆپ پۇل تاپقاندا، تېخىمۇ كۆپ ئادەملەرگە ياردەم قىلغۇسى بارلىقىنى ئېيتتى.

  «بىر كېچىدىلا داڭقى چىقىپ كېتىش» توغرىسىدا سۇئال سورالغاندا ئۇ ئۆزىنىڭ ئىزچىل ياخشى ئىش قېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، پەقەت بىر كۈنى باشقىلار تەرىپىدىن بايقىلىپ قالغانلىقىنى ئېيتتى: «ئەتراپىمىزدا ياخشى ئىش قىلىۋاتقان نۇرغۇن ئادەملەر بار، ئۇلار پەقەت بايقالماي قالغان خالاس. باشقىلارنىڭ سىزنىڭ ياخشى ئىش قىلغىنىڭىزنى بىلىش بىلمەسلىكى مۇھىم ئەمەس، بەلكى سىزنىڭ ۋىجدانىڭىزدا».

  ئالىم خالىق سۆھبەتتە يەنە مۇنداق دېدى :« ساخاۋەتچىلىك ئىشلىرىدا مەن يالغۇز ئەمەس، يەنە نۇرغۇن كىشىلەرمۇ مەن بىلەن بىر سەپتە باشقىلارغا ياردەم قىلىۋاتىدۇ، مەن ساخاۋەتچىلىك ئىشلىرىنى بىر ئۆمۈر داۋاملاشتۇرىمەن.»

 

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博