|
‹‹دۇنيا لوڭقىسى›› پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ كىرىمى 8 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كېتىدىكەن |
يوللىغان ۋاقىت:2010-07-09 10:29:42 يازغۇچى:نۇرلان كىلىش مەنبەسى:شىنجاڭ تەڭرىتاغ تورى كۆرۈش سانى: [ توردا ئەسەر يوللاش ] |
|
 خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى سېپ بلاتتې
‹‹دۇنيا لوڭقىسى›› دېگەن نېمە ؟ بۇ سۇئالغا ھەممە كىشى تالىشىپ تۇرۇپ ، ئەڭ نوچى ‹‹ پۇتبول مۇسابىقىسى›› ئەمەسمۇ دەپ جاۋاپ بېرىشى مۇمكىن . ئەمەلىيەتتە ھەرقانداق بىر يەككە تۈردىكى خەلقئارالىق تەنتەربىيە تەشكىلاتىنىڭ ھەممىسى قەرەللىك ھالدا دۇنيا مىقياسىدا مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرۇپ تۇرىدۇ . مەسىلەن تىك–تاك توپ لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ، ۋاسكىتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى قاتارلىقلار . بىراق ‹‹دۇنيا لوڭقىسى›› پەقەت پۇتبولنىلا كۆرسىتىدۇ . سىز ئۇنىڭ باشقا تەنتەربىيە تۈرلىرىدىنمۇ ئېسىل ئىكەنلىكىنى ئېتراپ قىلماي تۇرالمايسىز . ئۇ زادى قانچىلىك ئېسىل ؟ شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى ، پەقەت پۇتبول ‹‹دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى›› لا مۇشۇنداق بىر ئاي ئېلىپ بېرىلىدۇ ، ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقە ۋاقتىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ . ‹‹دۇنيا لوڭقىسى›› پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ كىرىمى 8 مىليارد دوللاردىن ئاشىدىكەن 2008–يىلى 9–ئايدا ‹‹جۇڭگو ئىقتىساد ھەپتىلىكى›› نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ 2005–يىلدىن 2008– يىلىغىچە بولغان تېلىۋىزىيىدە ئۇلاپ تارقىتىش ئومومىي كىرىمى بىر مىليارد 737 مىليون دوللار ، ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى ھەمكارلىق پىلانىنىڭ كىرىمى 866 مىليون دوللار بولۇپ ، ئىككى تۈرنىڭ ئومومىي كىرىمى ئۈچ مىليارد دوللارغا يېقىنلاشقان . ھالبۇكى ، شۇنداق بولسىمۇ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ كىرىمىنى جەنوبىي ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ كىرىمى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ . مۇددىتى بىر ئاي بولغان دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى خۇددى پۇل بېسىش ماشىنىسىغا ئوخشاش بولۇپ ، خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىگە ئېلىپ كەلگەن كىرىمى سەككىز مىليارد دوللاردىن ئاشىدىكەن . خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ كىرىمى ئاساسلىقى تېلىۋىزىيە ئۇلاپ تارقىتىش ھوقوقىنى سېتىش ، زاۋۇت – كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىش ھەم دۇنيا لوڭقىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلارنى سېتىشتىن كىرىدىكەن . بۇنىڭ ئىچىدە تېلىۋىزىيە ئۇلاپ تارقىتىش ھوقوقى ئىككى مىليارد يەتتە يۈز مىليون دوللار ، زاۋۇت – كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىش كىرىمى ئىككى مىليارد دوللار ، مۇسابىقە مەخسۇس مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش تىجارەت كىرىمى تۆت مىليارد دوللار ئىكەن . بۇنىڭدىن جەنوبىي ئافرىقا زوڭتۇڭى زۇما ناھايىتى رازى بولۇپ ، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ھەتتا جەنوبىي ئافرىقىنىڭ ئىقتىسادىغا %0.5 لىك ئېشىش ئېلىپ كېلىدۇ ، دەپ قارايدىكەن . جەنوبىي ئافرىقا بۇ قېتىمقى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنى ئۇيۇشتۇرۇش ئۈچۈن تۆت مىليارد ئۈچ يۈز مىليون دوللار خەجلىگەن بولۇپ ، ئالدىن قىياسقا ئاساسلانغاندا ، جەنوبىي ئافرىقا بۇنىڭدىن 13 مىليارد دوللار ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئېرىشىدىكەن . بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمونمۇ بۇ نەتىجىنى جەزىملەشتۈرگەن . پالۋان لوڭقىسىنىڭ ئافرىقا قۇرۇقلىقىغا تۇنجى قېتىم قەدەم بېسىشى بىلەن جەنوبىي ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئافرىقىنىڭ ئىقتىسادىنى ئاشۇرۇشتا تۈرتكىلىك رول ئوينايدىكەن ، ئافرىقىمۇ قايتا گۈللۈنىشنى كۈتىۋالىدىكەن. دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى كۆرىدىغانلارنىڭ سانى ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىدىن ئېشىپ كەتكەن خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ ئىستاستىكىسىغا ئاساسلانغاندا ، جۇڭگولۇق تېلىۋىزىيە تاماشىبىنلىرىنىڭ سانى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان . مانا بۇ دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدىغان سېھرىي كۈچىنىڭ تەسىرى بولۇپ ، بۇنىڭدىن يەنە جۇڭگودىكى كەڭ پۇتبول بازىرى ھەم كۈچلۈك پۇتبول قىزغىنلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكەن . بىراق ، مەركىزىي تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى تەنتەربىيە مەركىزىنىڭ مۇدىرى جاڭ خېپىڭ : ‹‹ دۆلەت ئىچىدىكى كۆرۈش نىسبىتىدىن قارىغاندا ، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسى يەنىلا كۆرۈلۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى مۇسابىقە ھېسابلىنىدۇ ، ھېچقايسى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى بۇنىڭدىن ئېشىپ كېتەلمىدى›› دېگەن. بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ دۆلەت ئىچىدە ناھايىتى يۇقىرى كۆرۈلۈش نىسبىتىگە ئىگە بولۇشى ئاساسلىقى ئۇنىڭ جۇڭگودا ئۆتكۈزۈلىشى بىلەن بولغان . چەت ئەللەردە ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى دۇنيا لوڭقىسىنىڭكىدەك يۇقىرى بولمىغان . مۇشۇ قېتىمقى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئالغاندىمۇ نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى كۆرۈلۈش نىسبىتى ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن.
|
|
رەسىملىك ئۇچۇرلار |
|
|
|
|