چېڭ لىشىن
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 4 – ، 5 – ئىيۇل كۈنلىرى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرمايلا، بىر نەچچەيلەننى ئەگەشتۈرۈپ، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى شەھىرىدىكى چوڭ – كىچىك كوچىلار، كەنت – مەھەللىلەرنى ئارىلاپ، شەھەر ئاھالىسى بىلەن مۇڭدىشىپ، دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ پاراڭلىشىپ، جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى ئىگىلىدى، خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سالدى.
ئۈرۈمچى شەھىرى ‹‹ تەڭرىتاغ ›› رايونى ئارقا بۇلاق كوچىسى دوقمۇشى: ‹‹ كۆپچىلىك ئورتاق تىرىشساق، تىجارەت چوقۇم ياخشىلىنىپ كېتىدۇ ››

جاڭ چۈنشيەن ئولتۇرغان ئاپتوموبىل 4 – ئىيۇل چۈشتىن ئىلگىرى سائەت 30: 10دا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ‹‹ تەڭرىتاغ ›› رايونى ئارقا بۇلاق كوچىسى دوقمۇشىدا توختىدى، بۇ جاي شىنجاڭنىڭ قۇرۇق يەل – يېمىشلىرى سېتىلىدىغان بازارلارنىڭ بىرى ئىدى. جاڭ چۈنشيەن خىزمەتچىلەر بىلەن بىللە كوچا بويىدىكى قاتار دۇكانلارنى ئارىلىدى. 880 – نومۇرلۇق دۇكاننىڭ خوجايىنى خېرىدار كەلگەن ئوخشايدۇ، دەپ قىزغىن قارشى ئالدى.
جاڭ چۈنشيەن دۇكانغا كىرىپ، تىزىلغان يەل – يېمىشلەرنى سۈرۈشتۈردى.
— بۇ ئەڭ ياخشى بادام، ماۋۇ خوتەننىڭ چىلىنى، ئاۋۇ تەبىئىي قۇرۇتۇلغان ئۈزۈم...، – دېدى دۇكان خوجايىنى يۇنۇس ئۆزىنىڭ ماللىرىنى قىزغىن تونۇشتۇرۇپ.
يۇنۇسنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن، جاڭ چۈنشيەن بادام، قۇرۇق ئۈزۈم، قاق قاتارلىق يەل – يېمىشلەردىن تاللىدى، بۇلارنى يۇنۇسنىڭ قوشنا دۇكاندا تىجارەت قىلىدىغان تۇغقىنى ھاجى نەپس باستۇرۇلغان خالتىغا قاچىلاپ بەردى.
جاڭ چۈنشيەن پۇل تۆلىگەندىن كېيىن، يۇنۇس ۋە ھاجى بىلەن پاراڭلاشتى.
— دۇكىنىڭلارنىڭ كۆلىمى قانچىلىك؟ ئىجارە ھەققى قانچە؟ سوداڭلار ياخشىمۇ؟ – دەپ سورىدى جاڭ چۈنشيەن.
گەپنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيلا، بىرەيلەن ئالدىراش كىرىپ جاڭ چۈنشيەننىڭ ئالدىغا كېلىپ:
— سىز جاڭ چۈنشيەن شۇجىغۇ؟ – دەپ سورىدى.
لېتىپ ئىسىملىك تىجارەتچى:
— مەن سىزنى تېلېۋىزوردا كۆرگەن، ئاپتوموبىلدىن چۈشكەن چېغىڭىزدىلا تونۇۋالغان ئىدىم، كۆزۈمگە ئىشەنمەيلا قالدىم، – دېدى ھاياجانلىنىپ. يۇنۇس:
— راست، مەنمۇ ئوخشاتقان، بىراق شۇنچە چوڭ شۇجى قانداقمۇ بۇ يەرگە كېلىپ نەرسە ئالىدۇ، دەپ ئويلاپ ئىشەنمىگەن ئىدىم، – دېدى. جاڭ شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان تىجارەتچىلەر 880 – نومۇرلۇق دۇكانغا قىستىلىشىپ كىرىپ، جاڭ شۇجى بىلەن پاراڭلاشتى.

جاڭ چۈنشيەن لېتىپنى يېنىدا ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭدىن ئەھۋال ئىگىلىدى. لېتىپ:
— بىر يىلدىن بۇيان شىنجاڭغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەر ئازلاپ، تىجارىتىمىز سۇسلاپ كەتتى. ئىككى كۈندىن بۇيان خېرىدارلار كۆرۈنەرلىك ئازلىدى، كۆپچىلىك مۇقىملىق ۋەزىيىتىدىن ئازراق ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ، بۇنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. ئەمما، مەن ۋە باشقا سودىگەرلەرنىڭ مۇقىملىققا ئىشەنچىمىز بار، ھەممىمىز خاتىرجەم دۇكان ئېچىۋاتىمىز. بىز بۇ ئەھۋالنىڭ تېزلا ئوڭشىلىپ كېتىدىغانلىقىغا، ماللىرىمىزنىڭ سېتىلىدىغانلىقىغا، تىجارىتىمىزنىڭ، شۇنداقلا تۇرمۇشىمىزنىڭمۇ ياخشىلىنىدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز بار، – دېدى سەمىمىيلىك بىلەن.
جاڭ چۈنشيەن بۇلارنى ئاڭلاپ:
— بۈگۈن بۇ يەرگە كېلىشىمدىكى مەقسەت تىجارىتىڭلارنىڭ قانداقلىقىنى كۆرۈش، كۆپچىلىكنىڭ تەكلىپ – پىكىرلىرىنى ئاڭلاش، ھۆكۈمەتنىڭ كۆپچىلىككە يەنە قانداق ياردەم قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلىش. كۆپچىلىك ناھايىتى يوللۇق پىكىر بەردى، ھۆكۈمەت بۇلارنى مۇھاكىمە قىلىدۇ، ھەل قىلىدۇ، ئاۋۋال ئالاقىدار تارماقلارنى بىر قىسىم ئىجارە ھەققىنى كېمەيتىشكە ماسلاشتۇرىدۇ، ساياھەت تارماقلىرىغا يەنىمۇ كۆپ ساياھەتچىلەرنى ئەكەلدۈرىدۇ. كۆپچىلىك بىردەك تىرىشسىلا، تىجارىتىڭلار بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ، شەھەر ۋە يېزىلاردىكى پۇقرالار، ئۈرۈمچى، قەشقەردىكى ئاممىنىڭ تۇرمۇشى ياخشىلىنىدۇ! – دېدى.
لېتىپ ۋە باشقا سودىگەرلەر:
— سىزنىڭ كېلىشىڭىزنىڭ ئۆزىلا ئەڭ چوڭ مەدەت! بىز خاتىرجەم تىجارەت قىلىپ، كۈنىمىزنى ياخشى ئۆتكۈزىمىز! – دېدى خۇش بولۇپ.
داۋان شىمالىي يولى غەربىي 1 – كوچا: ‹‹ مەن كۆپچىلىكنى دراما كۆرۈشكە تەكلىپ قىلىمەن ››

ئارقىدىن، جاڭ چۈنشيەن ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ داۋان شىمالىي يولى غەربىي 1 – كوچىغا كەلگەندە، بېشىغا ئاق دوپپا كىيگەن خۇيزۇ بوۋاينىڭ كوچا بويىدا سايىداپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆردى. جاڭ چۈنشيەن ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپ، بوۋاينىڭ يېنىغا باردى.
بۇ تار كوچا بولۇپ، بىر نەچچە كىشى سالقىنداپ ئولتۇرغانىدى. جاڭ چۈنشيەن خۇيزۇ بوۋاي بىلەن پاراڭلىشىپ، بوۋاينىڭ بۇ يىل 81 ياشقا كىرگەنلىكىنى، فامىلىسىنىڭ ماۋ ئىكەنلىكىنى ئۇقتى. بۇ چاغدا، ئىككى قىزچاق جاڭ چۈنشيەننى تونۇۋالدى، كىشىلەر كۆزلىرىگە ئىشەنمەي، راست – يالغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ يەرگە يىغىلدى.
ليۇ پېيفاڭ ئىسىملىك بىر كىشى قىستىلىپ كېلىپ جاڭ شۇجى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ:
— راست جاڭ شۇجىكەنغۇ! – دېدى.
جاڭ چۈنشيەن ليۇ پېيفاڭ ۋە بوۋايدىن:
— تۇرمۇشۇڭلار ياخشى كېتىۋاتامدۇ؟ مۇقىملىق ۋەزىيىتى قانداقراق؟ – دەپ سورىدۇ.
تۈز گەپ قىلىشقا ئامراق ليۇ پېيفاڭ:
— مېنىڭ بۇ يەردە تۇرۇۋاتقىنىمغا 40 يىلدىن ئاشتى. ھازىر بۇ جاينى قوراللىق ساقچى قىسىم جەڭچىلىرى، ساقچىلار، بىرلەشمە مۇداپىئە خادىملىرى قوغداۋاتىدۇ، بىزنىڭ بۇ جاينى ئەڭ بىخەتەر ۋە مۇقىم دېيىشكە بولىدۇ. سىز قوغدىغۇچى ئالماي بۇ يەرگە كەلگەن تۇرۇقلۇق، يەنە نېمە خەتەر بار دەيسىز! – دېدى.
ئۇنىڭ گېپى ھەممەيلەننى كۈلدۈرۈۋەتتى. جاڭ چۈنشيەن:
— كۆپچىلىكنىڭ مۇقىملىققا ئىشەنچى بارمۇ؟ – دەپ سورىدى.
ليۇ پېيفاڭ:
— تولۇق ئىشەنچىمىز بار! مىللەتلەر ئىتتىپاق، جەمئىيەت مۇقىم بولغاندىلا، تۇرمۇشىمىز كۆڭۈلدىكىدەك ئۆتىدۇ! – دېدى.
جاڭ چۈنشيەن كۆپچىلىكتىن يەنە قانداق پىكىر ۋە قىيىنچىلىقى بارلىقىنى سورىغاندا، ليۇ پېيفاڭ:
— ھازىر تۇرمۇش سەۋىيەمىز ئۆستى، لېكىن، پائالىيەت سورۇنلىرى ئاز بولغاچقا، ماجاڭ ئويناپ ئىچ پۇشىقىمىزنى چىقىرىۋاتىمىز. مەھەللە پائالىيەت ئورنى تەسىس قىلىنغان بولسا، كۆپچىلىك ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، دەم ئېلىش كۈنلىرىنى تېخىمۇ مەنىلىك ئۆتكۈزەتتى، – دېدى.
جاڭ چۈنشيەن كۆپچىلىكنىڭ پىكرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، — ھۆكۈمەت مەھەللىلەرگە پائالىيەت ئورنى قۇرۇپ، ئاھالىلەرگە چېنىقىدىغان، ئارام ئالىدىغان، كۆڭۈل ئاچىدىغان جاي ھازىرلاپ بېرىدۇ، دېدى.
جاڭ چۈنشيەن ئاھالىلەرگە:
— بۈگۈن سىلەرنى ‹‹ چوڭ بازار ›› دېگەن درامىنى كۆرۈشكە تەكلىپ قىلىمەن، – دېدى. ليۇ پېيفاڭ:
— شۇجىنىڭ بىزنى دراما كۆرۈشكە تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدۇق، ھەممىمىز بارىمىز، – دېدى ھاياجان ئىلكىدە.
چۈشتىن كېيىن، ئالاقىدار ئورۇنلار بۇ مەھەللىدىكىلەرنى ‹‹ چوڭ بازار ›› دېگەن درامىنى ھەقسىز كۆرۈشكە ئۇيۇشتۇردى.
مۇۋەپپەقىيەت مەيدانى: ‹‹ كۆپچىلىك تەرتىپ ۋە ئەمىنلىكنى بىرلىكتە ساقلايلى ››
دەم ئېلىش كۈنى بولغاچقا، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تۆۋەن قوۋۇقتىكى ‹‹ مۇۋەپپەقىيەت ›› مەيدانى ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغانىدى، ھەر مىللەت شەھەر ئاھالىسى بۇ جايغا تاۋار سېتىلىۋېلىشقا كەلگەنىدى.
جاڭ چۈنشيەن سودا بىناسىغا كىرگەندىن كېيىن، دۇكانمۇ دۇكان ئارىلاپ، سودا ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. 1 – قەۋەتتىكى مىلىچ ماللار بازىرىدىكى پايپاق دۇكىنى ئالدىدا ‹‹ ئامانلىق ساقلىغۇچى ›› دېگەن يەڭ بەلگىسى تاقىۋىلىپ، خېرىدارلارغا قىزغىن مۇئامىلە قىلىۋاتقان دۇكان خوجايىنى جۇ خويىڭ جاڭ چۈنشيەننىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئاۋازىنى تېخىمۇ كۆتۈرۈپ خېرىدار چاقىرىشقا باشلىدى.
جاڭ چۈنشيەن ئۇنىڭ يەڭ بەلگىسىنى كۆرۈپ:
— سودىگەرلەرمۇ تەرتىپ ۋە ئامانلىق ساقلاشقا سەپەرۋەر قىلىنىپتۇ، بۇ ياخشى چارە، – دەپ مۇئەييەنلەشتۈردى.
جاڭ چۈنشيەن 2 – قەۋەتتىكى ئەرەنچە كىيىملەر بازىرىدىكى 63 – نومۇرلۇق ‹‹ شاھزادە لۇئىس كىيىم – كېچەكلىرى ›› دۇكىنىدا دۇكان خوجايىنى دۇڭ ۋېنفېڭ، ما لى بىلەن پاراڭلاشتى. شەنشىدىن كېلىپ تىجارەت قىلىۋاتقان دۇڭ ۋېنفېڭ:
— ھازىر سودا كاسات مەزگىلى بولغاچقا، تىجارىتىمىز ئانچە ياخشى ئەمەس، – دېدى.
جاڭ چۈنشيەن بۇ يەردىن بىر ئەرەنچە مايكا سېتىۋالدى. ئۇ تۇڭ ۋېنفېڭ بىلەن ما لىغا:
— سوداڭلارنىڭ ياخشىلىنىپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشەنچەڭلار بولسۇن، ھەممىمىز بىرلىكتە سودا سارىيىنىڭ تەرتىپىنى قوغدايلى، – دېدى.
چۈش بولاي دېگەندە، جاڭ چۈنشيەن بىلەن خىزمەتچىلەر يېكەنكۆلدىكى ‹‹ چېڭجيەن ›› سارىيىغا جايلاشقان ‹‹ ماي گۈلى ›› تاماقخانىسىغا كەلدى. جاڭ چۈنشيەن خىزمەتچىلەرنى چۈشلۈك تاماققا تەكلىپ قىلىپ، بىر كىشىلىكتىن تاماق بۇيرۇتتى، ئۇ بۇ ئالاھىدە ئوخشىغان تاماقنى تېتىپ كۆرۈپ، ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتتى.
جاڭ چۈنشيەن: — شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تامىقى ئۆزگىچە، ئامما ياقتۇرۇپ يەيدىكەن. ھۆكۈمەت پۈتۈن كۈچى بىلەن مىللىي يېمەك – ئىچمەك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئېسىل مەدەنىيىتىنى جاھانغا تونۇتۇشى كېرەك، – دېدى.
شەرقىي قەشقەر يولى بەشىنچى قۇرۇلۇش مەھەللىسى: ‹‹ ياشانغان ئىشچى – خىزمەتچىلەر، پېشقەدەم كادىرلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش، كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك ››
چۈشتىن كېيىن، جاڭ چۈنشيەن يەنە شەرقىي قەشقەر يولى بەشىنچى قۇرۇلۇش مەھەللىسىگە كېلىپ، بۇ مەھەللىدىكى پېنسىيىگە چىققان خىزمەتچى، 71 ياشلىق فەن شاڭرېن ئۇستامنى يوقلاپ، ئۇنىڭدىن ۋە باشقا كارخانا خىزمەتچىلىرىدىن تۇرمۇش ئەھۋالىنى، قانداق قىيىنچىلىقلىرى بارلىقىنى سوراپ، پىكىر – تەكلىپ بېرىشىنى ئۆتۈندى.
فەن ئۇستام جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئۆزىنى ۋە باشقا كارخانا خىزمەتچىلىرىنى يوقلاپ، قانداق قىيىنچىلىقلىرى بارلىقىنى سوراپ، پىكىر ئالىدىغانلىقىنى چۈشىدىمۇ ئويلاپ كۆرمىگەنىدى. ئۇ:
— ھازىر تۇرمۇشىمىز ياخشى، ھېچقانداق قىيىنچىلىقىمىز يوق، شۇغىنىسى مال باھاسى سەل ئۆرىرەك؛ مەھەللە كادىرلىرىنىڭ خىزمەتنى يەنىمۇ پۇختا ئىشلىشىنى، ئىستىلىنىڭ يەنىمۇ دۇرۇس بولۇشىنى، ئاھالىلەر بىلەن ئالاقىسىنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇشىنى، كۆپچىلىك ئۈچۈن كۆپرەك ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، – دېدى.
جاڭ چۈنشيەن فەن شاڭرېننىڭ سۆزىنى بىرمۇ بىر خاتىرىلىۋېلىپ: — بۇنىڭدىن كېيىن ئاپتونوم رايون كۆپچىلىككە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىدۇ. كۆپچىلىك ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلەرگە، ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئەستايىدىل ئويلىشىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەمەلىي قىيىنچلىقلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ، – دېدى.
سانجى شەھىرى دىيەنبا يېزىسى: ‹‹ يۇرتداشلارنىڭ كۈنى چوقۇم بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ ››
5 – ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن، جاڭ چۈنشيەن ئولتۇرغان ئاپتوموبىل سانجىغا قاراپ يولغا چىقتى. ئاپتوموبىل قاتار كەتكەن ئورمان بەلبېغى ۋە يېزا – كەنتلەرنىڭ توپىلىق يوللىرىدىن ئۆتۈپ، سانجى شەھىرىنىڭ دىيەنبا يېزىسىدىيەنبا كەنتىدىكى بىر مەھەللىگە كىرىدىغان دوقمۇشتا توختىدى.
دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرى يولنىڭ ئىككى قاسنىقىغا جايلاشقان ئىدى. جاڭ چۈنشيەن يول بويىدىكى بىر دېھقاننىڭ قورۇسى ئالدىغا كەلدى. ئۈچ چاقلىق بىر تىراكتور باراڭ ئاستىغا توختىتىپ قويۇلغانىدى، ئازادە ھويلىدا توخۇ – ئۆردەكلەر دانلاپ يۈرەتتى.
قورۇ ئىگىسى جاڭ چۈنشيەننى ئۆيىگە تەكلىپ قىلدى. ساھىپخانىنىڭ ئاددىيراق سەرەمجانلاشتۇرۇلغانمېھمانخانىسىدا جاڭ چۈنشيەن 38 ياشلىق ۋاڭ جىفۇ، خوتۇنى جاڭ زىمېي ۋە ئۇنىڭ ئاتا – ئانىسى بىلەن پاراڭغا چۈشتى. جاڭ چۈنشيەن ۋاڭ جىفۇلاردىن:
— قانچىلىك يەر تېرىيسىلەر؟ كىرىمىڭلار قانداقراق؟ بۇ يەرگە كۆنۈپ قالدىڭلارمۇ؟ – دەپ سورىدى. ۋاڭ جىفۇ:
— ئائىلەمدىكى تۆت كىشى ئىككى يىل ئىلگىرى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ ۋۇۋېي دېگەن يېرىدىن بۇ يەرگە كېلىپ، كەنتتىكى بىر دېھقاننىڭ 28 مو يېرى بىلەن بۇ قورۇسىنى 8000 يۈەنگە ئىجارە ئالغان. بۇلتۇردىن باشلاپ گازىر تېرىدۇق، تېرىقچىلىققا تازا ئېپىمىز بولمىغاچقا، ھوسۇلمۇ ئادەتتىكىچە بولدى، ئائىلىمىزنىڭ ساپ كىرىمى 7000 – 8000 يۈەن، – دېدى. ئۇ يەنە: — يۇرتىمىزدا يەر ئاز، جان باقماق تەس ئىدى؛ شىنجاڭنىڭ ھاۋاسى ساپ، يېرى كۆپ ئىكەن، جاپاغا چىداپ ئىشلەيدىغانلا بولساق، كۈنلىرىمىز ياخشى بولۇپ كېتىدۇ، – دېدى قانائەتچانلىق بىلەن. جاڭ چۈنشيەن:
— شىنجاڭ ھەقىقەتەنمۇ ياخشى جاي، بىراق ئۇ كۆپچىلىكنىڭ بىرلىكتە قۇرۇشىغا، تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا موھتاج، ئىشەنچلا بولسا، تۇرمۇشۇڭلار چوقۇم بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ! – دېدى.