شنجاڭ ئاھالىسى UFO بايقىدى ،مۇتەخەسسىسلەر بۇنى ئامېرىكىنىڭ قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى دەپ قارىدى
يۇمىلاق شەكىللىك نامەلۇم بىر نۇر چىقىرىدىغان جىسىم شەرققە ئۇچۇپ كەتتى ،كەينىدە ئۇزۇن يەلپۈگۈچ شەكىللىك ئاق نۇر كۆرۈندى
6-ئايىنىڭ 30-كۈنى 23:45 دە ،قىزىل تاغ بېكىتىدە ماشنا ساقلاۋاتقان كىشىلەر ئاسماندا يۇمىلاق شەكىللىك نامەلۇم بىر نۇر چىقىرىدىغان جىسىمنىڭ شەرققە ئۇچۇپ كەتكىنىنى ھەم كەينىدە ئۇزۇن يەلپۈگۈچ شەكىللىك ئاق نۇر بارلىقىنى كۆرگەن .
1-ئىيۇل ،بۇ " نامەلۇم ئاسمان جىسمنى " ئۈرۈمچى،قاراماي بەيكۇچۈەن،ئالتاي قاتارلىق شەھەرلەردىكى كىشلەرنىڭمۇ كۆرگەنلىكى توردا ئەۋج ئېلىپ كەتتى .
شىنجاڭ ئاستۇرنومىيە ئىلمىي جەمىيتىنىڭ كاتىپى سۇڭخۇاگاڭ تۇنۇشتۇرۇپ، بۇ جىسىم "UFO" ياكى "نامەلۇم ئاسمان جىسمى" ئەمەس ،ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا قويۇپ بەرگەن قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا،شىنجاڭنىڭ بەزى جايلىرىدا ئۆز كۆزى بىلەن ئاسمان بوشلۇقىدا ئۇچىۋاتقان قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى كۆرگىلى بولىدۇ ،دېدى.
خەلق تورى خەۋىرىگە قارىغاندا،ئامېرىكا ئارمىيسى 30-ئىيۇن كالىفورنىيە شىتاتىدىكى بىر ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن " خەلق ئەسكىرى 3" ناملىق قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى قويۇپ بېرىپ ، 7000كىلومېتر يىراقلىقتىكى نىشانغا تەككۈزگەن.
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...