|
غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى |
يوللىغان ۋاقىت:2010-07-07 11:34:03 يازغۇچى:نادىل كىلىش مەنبەسى:شىنخۇا تورى كۆرۈش سانى: [ توردا ئەسەر يوللاش ] |
|
خۇ جىنتاۋ ، ۋېن جياباۋ مۇھىم سۆز قىلدى ، لى كېچياڭ خۇلاسە سۆزى قىلدى ۋۇ باڭگو ، جيا چىڭلىن ، لى چاڭچۈن ، شى جىنپىڭ ، خې گوچياڭ ، جۇ يوڭكاڭ يىغىنغا قاتناشتى

خۇ جىنتاۋ غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ كەلگۈسى ئون يىلدىكى ئومۇمىي نىشانى: غەربىي رايوننىڭ ئۇنىۋېرسال ئىقتىسادىي كۈچىنى يەنە بىر پەللە يۈكسەلدۈرۈپ، ئۇل مۇئەسسەسەلىرىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم ئېنېرگىيە بازىسى، بايلىقنى تۈجۈپىلەپ پىششىقلاش بازىسى، قورال – جابدۇق ياسىمىچىلىق بازىسى ۋە ئىستراتېگىيەلىك يېڭى كەسىپلەر بازىسىنى بەرپا قىلىش؛ خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ۋە سۈپىتىنى يەنە بىر پەللە يۈكسەلدۈرۈپ، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى ئىقتىدارىنىڭ شەرقىي رايون بىلەن بولغان پەرقىنى كۆرۈنەرلىك كىچىكلىتىش؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى يەنە بىر پەللە يۈكسەلدۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ناچارلىشىش ۋەزىيىتىنى توسۇش، دەپ كۆرسەتتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 – ئىيۇل تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۇەننىڭ غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش خىزمىتى يىغىنى 5 – ئىيۇلدىن 6 – ئىيۇلغىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى ۋۇ باڭگو، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۇەننىڭ زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى جيا چىڭلىن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى چاڭچۇن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۇەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى لى كېچياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خې گوچياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسى – قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ يوڭكاڭ يىغىنغا قاتناشتى. خۇ جىنتاۋ مۇنداق تەكىتلىدى: غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۇلۇغ نىشانىغا يېتىشتىكى مۇھىم ۋەزىپە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت – سائادىتى، ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئومۇمىيىتى، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە چېتىلىدىغان زور ئىش. بۇنىڭدىن كېيىنكى ئون يىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلى، شۇنداقلا غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىيلىقنى ئاساس قىلىپ، غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىشنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادى گۈللەنگەن، جەمئىيىتى ئالغا باسقان، تۇرمۇشى خاتىرجەم، مىللەتلەر ئىتتىپاق، تاغ – دەريالىرى گۈزەل غەربىي رايوننى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك. خۇ جىنتاۋ مۇنداق دېدى: غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۇەننىڭ ئەسىر ئالمىشىش پەيتىدە چىقارغان قارارى، شۇنداقلا يولداش دېڭ شياۋپىڭنىڭ ‹‹ ئىككى ئومۇمىيەت ›› ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇرى، ‹‹ ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش ›› مۇھىم ئىدىيەسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ جانلىق، كونكرېت ئەمەلىيىتى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسىنىڭ بېيىتىلىشى ۋە راۋاجلاندۇرۇلۇشى بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئومۇمىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش ئىستراتېگىيەسى يولغا قويۇلغان ئون يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۇەن غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، ئىستراتېگىيەلىك نىشانى، مۇھىم ۋەزىپىلىرى، فاڭجېن – سىياسەتلىرىنى بېكىتتى، غەربىي رايوندىكى كادىرلار ۋە ئامما پۈرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، روھىنى ئۇرغۇتۇپ، تىرىشىپ كۈرەش قىلدى، شەرقىي، ئوتتۇرا قىسىمدىكى رايونلار كۈچلەرنى غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىشقا قاتنىشىشقا ۋە مەدەت بېرىشكە ئاكتىپ رىغبەتلەندۈردى، يېتەكلىدى. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىشنىڭ جۇشقۇن ياخشى ۋەزىيىتىنى ئورتاق يارىتىپ، غەربىي رايوندىن ئىبارەت بىپايان زېمىندا يېڭى شانلىق سەھىپە پۇتتى. بۇ ئون يىل غەربىي رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئەڭ تېز، شەھەر، يېزىلارنىڭ قىياپىتىدىكى ئۆزگىرىش ئەڭ چوڭ، خەلق ئېرىشكەن نەپ ئەڭ كۆپ، دۆلەتكە قوشقان تۆھپىسى ئەڭ گەۋدىلىك بولغان ئون يىل بولدى. غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش غەربىي رايوننىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، غەربىي رايونغا ئۇرغۇپ تۇرغان ھاياتىي كۈچ بېغىشلاپلا قالماي، يەنە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ كەڭ ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى. ئەمەلىيەت مەركىزىي كومىتېتنىڭ غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى زور قارارىنىڭ تامامەن توغرا بولغانلىقىنى، غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش خىزمىتىنىڭ ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلىدى. خۇ جىنتاۋ غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ كەلگۈسى ئون يىلدىكى ئومۇمىي نىشانى: غەربىي رايوننىڭ ئۇنىۋېرسال ئىقتىسادىي كۈچىنى يەنە بىر پەللە يۈكسەلدۈرۈپ، ئۇل مۇئەسسەسەلىرىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم ئېنېرگىيە بازىسى، بايلىقنى تۈجۈپىلەپ پىششىقلاش بازىسى، قورال – جابدۇق ياسىمىچىلىق بازىسى ۋە ئىستراتېگىيەلىك يېڭى كەسىپلەر بازىسىنى بەرپا قىلىش؛ خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ۋە سۈپىتىنى يەنە بىر پەللە يۈكسەلدۈرۈپ، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى ئىقتىدارىنىڭ شەرقىي رايون بىلەن بولغان پەرقىنى كۆرۈنەرلىك كىچىكلىتىش؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى يەنە بىر پەللە يۈكسەلدۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ناچارلىشىش ۋەزىيىتىنى توسۇش، دەپ كۆرسەتتى. خۇ جىنتاۋ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات جەريانىدىكى ئاساسىي زىددىيەت ۋە زىددىيەتنىڭ ئاساسلىق تەرەپلىرىنى چىڭ ئىگىلەپ، ئومۇمىيەتلىك، ئىستراتېگىيەلىك، ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەش كېرەك: بىرىنچى، ئاساسنى پۇختىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتنى كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىككىنچى، ماس راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ تەڭشەش كېرەك. ئۈچىنچى، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى يەنىمۇ كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش كېرەك. تۆتىنچى، ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش كېرەك. بەشىنچى، ئىناق تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىقنى يەنىمۇ ساقلاش كېرەك. ئالتىنچى، ئومۇمىيەت ئېڭىدا چىڭ تۇرۇپ، قوللاش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىش كېرەك. مەركەزنىڭ غەربىي رايونغا قاراتقان سىياسەت خاراكتېرلىك قوللاش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىش، جايلار، تارماقلار غەربىي رايوننىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشنى ئۆز جايى، ئۆز تارمىقىنىڭ خىزمىتىگە كىرگۈزۈشى، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىشقا قاتنىشىش ۋە مەدەت بېرىشتىكى ئەۋزەللىكى ھەم ئاكتىپ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىنى غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىشقا مەدەت بېرىش ۋە قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىش كېرەك. ۋېن جياباۋ مۇنداق دېدى: غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش ئېلىمىزنىڭ رايونلارنى ماس راۋاجلاندۇرۇش ئومۇمىي ئىستراتېگىيەسىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىشتا مەركەز بېكىتكەن سىياسەت، تەدبىرلەرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. بىرىنچى، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈشنى باشلامچى قىلىپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، زامانىۋى سانائەت ۋە مۇلازىمەت كەسىپلىرىنى كۈچەپ راۋاجلاندۇرۇپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، غەربىي رايوننىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇش كېرەك. غەربىي رايوندىكى دۆلەت رىغبەتلەندۈرىدىغان كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىلاردىن كارخانا تاپاۋەت بېجىنى %15 كېمەيتىپ ئېلىش كېرەك؛ كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز قاتارلىقلاردىن بايلىق بېجى ئېلىشتا مىقدارىغا قاراپ باج ئېلىشنى باھاسىغا قاراپ باج ئېلىشقا ئۆزگەرتىش كېرەك. ئىككىنچى، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ياخشىلاشنى مەقسەت ۋە مەۋقە قىلىپ، ئىجتىمائىي ئىشلارنى كۈچەپ راۋاجلاندۇرۇپ، غەربىي رايوندىكى خەلقنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش نەتىجىلىرىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. غەربىي رايونغا قارىتىلغان تەڭپۇڭلاشتۇرۇش خاراكتېرلىك يۆتكىمە چىقىم سالمىقىنى زورايتىپ، رايونلار ئارا ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، يۆلەش – ئېچىش قاتارلىق جەھەتلەرگە ئىشلىتىلىدىغان كۆپ تۈرلۈك يۆتكىمە چىقىمنى، ئاساسلىقى، غەربىي رايونغا قارىتىش كېرەك؛ مەركەزنىڭ مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى غەربىي رايوندىكى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، ئۇل مۇئەسسەسەلەر قاتارلىق ساھەلەرگە نۇقتىلىق قارىتىش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى، چىڭخەي – شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىي رايونى، ۋۇلىڭ تاغلىق رايونى، ۋۇمېڭ تاغلىق رايونى، غەربىي يۈننەن چېگرا تاغلىق رايونى، چىنباشەن – ليۇپەنشەن تاغلىق رايونى قاتارلىق قىيىنچىلىقى بار رايونلارنى يۆلەش – ئېچىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، يۆلەش – ئېچىش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. ئۈچىنچى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، ھۆكۈمەت تۈرتكىسى ۋە بازار مېخانىزمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، غەربىي رايوننى ئېچىشنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئومۇميۈزلۈك ئاشۇرۇش كېرەك. غەربىي رايوننىڭ ئىسلاھاتتا دادىل ئىزدىنىپ، باشلامچىلىق بىلەن سىناق قىلىپ، ئىچكى – تاشقى ئېچىۋېتىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى بازار، ئىككى بايلىقتىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىش كېرەك. تۆتىنچى، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىت ئاسراشنى ئاساس قىلىپ، ئېچىش ۋە قوغداشنى ھەمتۈرتكە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. غەربىي رايوندا مۇھىت ئاسراشقا پايدىلىق ئېكولوگىيە تولۇقلىمىسى سىياسىتىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، دۆلەت دەرىجىلىك جامائەت پاراۋانلىقى ئورمانلىقىنىڭ ئېكولوگىيە ئۈنۈمى تولۇقلىمىسى ئۆلچىمىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈپ، يۇقىرىقى ئېقىن رايونىدىكى نۇقتىلىق ئېكولوگىيەلىك فۇنكسىيەلىك رايونلارنىڭ تەڭپۇڭ يۆتكىلىش چىقىمى قاتارلىقلارنى كۆپەيتىش كېرەك. بەشىنچى، مۇھىم ئىقتىسادىي رايونلارنى تەرەققىياتتىكى ماتور قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ۋە نۇقتىلىق بۆسۈشنى بىرلەشتۈرۈپ، غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. غەربىي رايوننىڭ ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئۇنىۋېرسال قاتناش تورى، ئۇچۇر ئۇل مۇئەسسەسەلىرى ۋە سۇچىلىق ئۇل مۇئەسسەسەلىرى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق كۈچەيتىش كېرەك. چېڭدۇ، چۇڭچىڭ، ئوتتۇرا شەنشى – تيەنشۈي ۋە گۇاڭشىدىكى بېيبۇۋەن قولتۇقى قاتارلىق ئىقتىسادىي رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆكخوت، باۋتۇ، يىنچۈەن، تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكى، لەنجۇ، شىنىڭ، گېرمو، شەنشى – گەنسۇ – نىڭشيا قاتارلىق ئىقتىسادىي رايونلارنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىپ، ئوتتۇرا يۈننەن، ئوتتۇرا گۈيجۇ، يۇقىرىقى جياڭشى، نىڭشيانىڭ خۇڭخې دەرياسى ياقىسى، شىزاڭ، ‹‹ تۆت دەريا ›› ۋادىسى قاتارلىق ئىقتىسادىي رايونلارنى يېتىشتۈرۈپ، ئەتراپتىكى رايونلارغا تۈرتكە بولىدىغان ۋە ئۇلارنى يېتەكلەيدىغان ئىستراتېگىيەلىك يېڭى ئېگىزلىك بەرپا قىلىش كېرەك. لى كېچياڭ خۇلاسە سۆزى قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يىغىن غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش مۇھىم تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويغاندا ئېچىلغان مۇھىم يىغىن. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش ئىستراتېگىيەسىنى كۈچەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا يېڭى تەلەپ، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار مەركەزنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەت بىر گەۋدە، دېگەن ئىدىيەنى قەتئىي تۇرغۇزۇپ، مەسئۇلىيەت ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىشقا ئائىت تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. غەربىي رايون مەركەزنىڭ تەلىپىنى ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، خىزمەتلەرنى ئىجادىي ئىشلىشى كېرەك. مەركەزدىكى تارماقلار ۋە ئورۇنلار غەربىي رايونغا مەدەت بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ۋەزىپە ۋە سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. شەرقىي، ئوتتۇرا قىسىمدىكى رايونلار ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ غەربىي رايوندا مەبلەغ سېلىپ ئىگىلىك تىكلىشىگە مەدەت بېرىپ، رايونلار ئۆزئارا ياخشى ھەمتۈرتكە بولىدىغان، ئورتاق راۋاجلىنىدىغان يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك. يىغىندا غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش خىزمىتىگە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەرنىڭ ۋەكىللىرى تەقدىرلەندى. غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ 1 – قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى، ئاساسلىق يىغىن مەيدانى ‹‹ خەلق ›› سارىيىنىڭ كىچىك زالىدا تەسىس قىلىندى، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ھەم پىلانى ئايرىم شەھەرلەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدە شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.
|
|
رەسىملىك ئۇچۇرلار |
|
|
|
|