ساقلىۋېلىش باش بەت قىلىش
نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> خەلقئارا خەۋەرلەر >>
ئافغانىستاندىكى قىيىن ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىشقا يېڭى تەپەككۈرنىڭ بولىشى زۆرۆر
2009-02-25 12:53:35  يازغۇچى:ئەقىدە  كىلىش مەنبەسى:شىنجاڭ رادىئو خەۋەرلەر تورى  كۆرۈش سانى:  
كىچىك | نورمال | چوڭ             

  2001 - يىلى 10- ئايدا باشلانغان تېرورچىلارغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشنىڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقىنىغا بۇيىل   توپتوغرا 7يېرىم يىل بولدى، تالىبان كۈچلىرى شۇنداقلا "بازا"تەشكىلاتى يوقالماستىن، بەلكى ئاففانىستاننىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەردىكى رايونلارغا كېڭەيدى. دىنى ئەسەبى كۈچلەر بۇ رايوندا توختىماي زورىيىپلا قالماستىن، ئاففانىستان، پاكىستان شۇنداقلا يەمەندىكى تەربىيلەش بازسىدىن چىققان ترورچىلار  دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكىگە يەنىلا تەھدىت سالماقتا.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ،ئامىرىكا بىلەن ئۇنىڭ غەرب ئىتتىپاقداشلىرى ئوتتورسىدىكى ئاففانىستانغا ئەسكەر كۆپەيتىپ ئەۋەتىش ۋە كىمنىڭ ئافغانىستاننى قايتا قۇرۇشتىكى تېخىمۇ ئېغىر مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى توغرىسىدىكى  مۇنازىرە تېخى توختىمايۋاتىدۇ.

  ئاففانىستان مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئاچقۇچى ئەسەبى كۈچلەرنىڭ ھەربى ھەركىتى بىلەن   ئۇرۇشتىن كىيىن ئاففانىستاننى قايتا قۇرۇشقا  ئەمەلىي ياردەم بېرىش ھەركىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشتا .

  ئەمەلىيەتتە مەيلى ئامىرىكا بولسۇن ياكى  شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بىر قىسىم   دۆلەتلەربولسۇن زىھنىنىڭ كۆپ قىسمىنى ھەربىي ئىشلارغا قاراتتى، شۇنداق قىلىپ مەسىلە  ھادىسە جەھەتتىن تۈزىتىلىپ، ماھىيەت جەھەتتىن تۈزىتىلمىگەچكە، تالىبان ھاكىمىيىتى بىر مەھەل ئاجىزلىشىپ قالغان  بولسىمۇ ،بىراق ھەربىي ھەركەتلەر نۇرغۇن ئاففانىستان پۇقراسىنىڭ ئۆلۆش يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاچقا ، ئاففانىستان خەلقىدە  ئامىرىكىغا قارشى كۈچلۈك كەيپىيات پەيدا بولدى،ئۇزۇن ئۆتمەي ،تېخىمۇ رادىكال بولغان بىرتۈركۈم ئەسەبى  ئۇنسۇرلار  يەنە بىرقېتىم  باش كۆتۆرۈپ چىقتى.ئاففانىستان زۇڭتوڭى كارزاھى بۇ قېتىمقى مىيۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنىدا ئوتتورىغا قويغىنىدەك،شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى  ئاففانىستانغا قاراتقان ستراتىگىيىسىگە ئوموميۈزلۈك قاراپ چىقىشى، ئاففانىستاندىكى تېرورلوققا قارشى ئۇرۇشنى قانداق داۋاملاشتۇرىمىز دىگەنگىلا ئېسىلىۋالماستىن، بەلكى قانداق قىلغاندا ئاففانىستان ۋەزىيىتىنى  ھەقىقىي مۇقىملاشتۇرغىلى بولىدۇ، دىگەننى ئەستايىدىل ئويلىشىشى كېرەك.

 مۇنبەر ئۇچۇرلىرى 

  بۇ قېتىمقى مىيۇنخىن يىغىنىغا قاتناشقان 300 دىن ئارتۇق ئەزىز مىھماندىن ئاففانىستان زۇڭتوڭى كارزاھىنىڭ كەيپىياتى بەلكىم  ئەڭ چۈشكۈن بولغانلارنىڭ بىرى بۇلىشى مۇمكىن .بۇ يىل 1-ئايدا ، پارلامىنىت ئەزاسىلىق سۈپىتى بىلەن ئاففانىستانغا زىيارەتكە كەلگەن ئامىرىكنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتوڭى بەيدېن كارزاھىغا يېڭى زوڭتوڭ ئوبامانىڭ پىكىرىنى يەتكۈزدى،ئاق ساراي كابول ھاكىمىيىتى بىلەن زوڭتۇڭلۇق دەرىجىسى بۇيىچە تېلېۋېزىيە تېلېفۇن يىغىنى ئاچماسلىق توغرىسىدا ئويلىشىۋاتقانلىقىنى، ھەمدە  كارزاھىدىن زەھەر ئەتكەسچىلىرىنىڭ ئېنتېرنېت  تورىغا ۋە ھۆكۈمەتتىكى چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇشنى  تەلەپ قىلدى،"ئاففانىستاننىڭ ۋەزىيىتى  قالايمىقانلىقتا چېكىگە يەتتى ".

  كارزاھى غەرب ئەللىرىنىڭ ئەيىپلىشىدىن ئىنتايىن غەزەپلەندى، بۇ قېتىمقى مىيۇنخىن بىخەتەرلىك يىغىنىدا ئۇمۇ ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى كونا موقامىنى داۋاملىق كۆتىرىپ چىقتى،شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ  تېنچلىقنى قوغداش قىسىمىنىڭ ئاففانىستاندا ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندا  خەلقنىڭ بىخەتەرلىكى بىلەن كارى بولمىغانلىقىنى ئەيىپلىدى، بۇ ھەربىي ھەركەتلەرنىڭ  ئاففانىستاندا ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

  ئامېرىكا تەرەپنىڭ پوزىتسىيىسى ئىنتايىن ئېنىق بولدى ،ئۇلارنىڭ ئافغانىستان ھۆكۆمىتىگە  بولغان سەۋىر-تاقىتى چېكىگە يەتتى .ئارقىدىنلا شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى شاخۇياپ ئوچوقتىن ئوچوق، ئاففانىستان مەسىلىسى تالىبان ھاكىمىيىتىنىڭ كۈچلۈك بولغانلىقىدا ئەمەس ،بەلكى ئاففانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بەك ئاجىزلىقىدا،دىدى .ئوباما زۇڭتوڭ سايلىمى مەزگىلىدە نۇتۇق سۆزلىگەندە، كارزاھى ھۆكۈمىتى يەرئاستى قەلئەگە يوشورىنىپلا ياشىدى دىسىمۇ  بولىدۇ،دىگەن ئىدى.

  « پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامىرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گَايتىس يېقىندا مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا،ئۇنىڭدىن كارزاھى ھۆكۈمىتىنىڭ زەھەر  سودىسىنى كونترول قىلىش تەرەپتە تېخىمۇ چوڭ ئىش قىلىشىنى كۈتۈۋاتەمسىلەر دىگەن سوئال سورالغاندا، ئۇ پوزىتسىيىسىنى قوپال قىلىپ، ئۇنىڭدىن ئۈمۈد كۈتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقتتا، كارزاھى ھۆكۈمىتىنى تەنقىتلەش ساداسى بېرلىن زۇڭلى مەھكىمىسى ۋە بېريۇسسېلدىكى  ياۋروپا ئىتتىپاقى باش شىتابىدىنمۇ تارقالدى. بۇ يىل 8-ئايدا ،ئاففانىستاندا  چوڭ سايلام ئېلىپ بېرىلماقچى، نۆۋەتتە كۈزەتكۈچىلەر، ھازىرچە مۇۋاپىق نامزات تېپىلمىغاچقا، غەرپتىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر كارزاھىغا تەختتىن چۈشۈش تەلىپىنى  قويالمايۋاتىدۇ، دىيىشمەكتە .

  ئەمەلىيەتتە، ئافغانىستاندا تالىبانلارۋە ئەسەبى كۈچلەرنى تازىلاش ھەرىكىتىگىلا قاراپ تۇرغان بىلەن ئاففانىستاننىڭ ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغانلىقىنى ئامىرىكا تەرەپ تۇنۇپ يەتتى .ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت بېخەتەرلىك ئىشلىرى بۇيىچە مەسلەھەتچىسى بۇ قېتىملىق مىيۇنخىن بىخەتەرلىك يىغىنىدا مۇنداق دىدى: يالغۇز ھەربىي ھەركەتكە تايانغان بىلەنلا بولمايدۇ،ھەربىي  ھەركەت ئاففانىستان ۋەزىيىتىنى تۇراقلاشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىسىمۇ ، بىراق تېخىمۇ ھالقىلىق يىرى ئەسەبى كۈچلەرنىڭ مالىيە مەنبەسى بولغان زەھەر سودىسىنى توسۇشتا ،ئاففانىستاندا ئۈنۈملۈك بولغان قانون سېستىمىسىنى قۇرۇپ، تېنچلىقنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ئاففانىستان ساقچىلىرىنى تېخىمۇ كۆپلەپ تەربىيلەش زۆرۆر. ئەگەر ئاففانىستاندىكى مەلۇم ئۆلكىنىڭ ئەھۋالى داۋاملىق تەرەققي قىلىۋىرىدىغان بولسا  ئوڭشىغىلى بولمايدىغان ئاپەت خاراكتىرلىك ئاقىۋەت كىلىپ چىقىدۇ.

  بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئاففانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامىرىكا ئارمىيەسىنىڭ سانى 38 مىڭ ئادەمدىن ئېشىپ كەتتى، ئاففانىستاندا تۇرۇشلۇق خەلقئارا تېنچلىقنى  قوغداش ئەتىرىتىنىڭ ئۇمۇمىي ئادەم سانى 50 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى، ئاففانىستاندا تۇرۇشلۇق ئەنگىلىيە ۋە گېرمانىيە ئەسكەرلىرىنىڭ سانى  ئايرىم-ئايرىم ھالدا 4000 ۋە 3500 گە يىتىدۇ ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر ئىككىلىسى ئەسكەر كۆپەيتىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ.ۋاھالەنكى سابىق سوۋىت ئىتىپاقى  ئۇمۇمىي سانى 120 مىڭ ئادەمدىن ئېشىپ كەتكەن  سەرخىل قىسىم بىلەن ئاففانىستانغا تاجاۋۇز قىلغان ئىدى، ئۇرۇشنى  8يىل داۋاملاشتۇرۇپ  ئاخىرىدا چىكىنىپ چىقىشتىن ئىبارەت بۇ تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ھەربىي  كۈچكىلا تايانغان بىلەن ئاففانىستاننىڭ ۋەزىيىتىنى ئۇزاق مۇددەت مۇقىملاشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. ئەكىسچە ،2001-يىلى 10- ئايدا باشلانغان تېرورچىلارغا قارشى ئۇرۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشپ، تالىبان ۋە ئەسەبى كۈچلەر" دالا ئوتى يالقۇنجار ،باھار شامىلى يەلپۈسە"دىگەندەك ھالەتكە كىلىپ،ئاففانىستاننىڭ شەرقىي قىىسىم رايونىنى داۋاملىق ئىگەللەپلا قالماستىن بەلكى بىر مەھەل قوغلاپ چىقىرىلغان  شىمالىي قىسىم قەبىلىلەر  بىرلەشمىسى رايونىغا يەنە بىر قېتىم  سىڭىپ كىرىشى مۆمكىن. ئاففانىستانغا خوشنا بولغان پاكىستانمۇ بۇنىڭ زىيىنىغا ئۇچرايدۇ،جەنۇبىي قىسىم قەبىلە قوراللىق رايونى  پۈتۈنلەي غەيرىي ھۆكۈمەتنىڭ كونتىروللىقىغا ئۆتۈپ كېتىپ،تالىبان ۋە « بازا » تەشكىلاتى كۈچلىرى پەلەستىننىڭ بىخەتەرلىك ئورگانلىرىغىمۇ كىرىشى مۈمكىن.

  غەرپنىڭ چۈشەنمەيۋاتقان يىرى شۇكى ، مۇستەقىل دۆلەت بولغان-پاكىستان بىلەن ئاففانىستاندا نىمىشقا  كونتىرول قىلغىلى بولمايدىغان غەيرىي ھۆكۈمەت قەبىلە قوراللىق رايونى مەۋجۈت بۇلۇپ تۇرىدۇ،بۇ رايونلار ئەسەبى كۈچلەرنىڭ ھايات كەچۈرىشىدىكى ياخشى جاي بۇلۇپ قالىدۇ،شۇنداقلا، بۇ مەسىلە پاكىستان ۋە ئاففانىستان ھۆكۈمىتى جاۋاپ بىرەلمەيدىغان بىر مەسىلە بولوپ قېلىۋاتىدۇ. بۇ رايوننىڭ ئۇزاق مەزگىل قالايمىقان ھالەتتە تۇرىشى قەبىلە قوراللىق كۈچلىرىنڭ تەسىرىنىڭ مەۋجۈت بۇلۇپ تۇرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. تېخىمۇ يامان يىرى شۇكى، سابىق سوۋىت ئىتىپاقى ئاففانىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن مەزگىلدە،تالىباننى قورال-ياراق بىلەن تەمىنلىگەنمۇ ئامىرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى ئىدى. ۋەزىيەت شۇ ۋاقىتتىلا كونتىروللىقىنى يوقاتقان، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە تىنچلىقنى قوغداش قىسىمنىڭ ئاففانىستاندىكى ھەرىكىتى ئىنسانپەرۋەرلىك پاجىئەسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى،بۇ خىل ئۆزئارا ئۆچ ئېلىش ئۈستىگە قۇرۇلغان قارشىلىشىشنى بىرنەچچە قوراللىق كۈچلەرنى تازىلىغان بىلەنلا  ھەل قىلغىلى بولمايدۇ.

ئامىرىكىنىڭ تىرورچىلارغا قارشى ئۇرۇشتىكى مۇھىم ئىتىپاقدېشى بولغان پاكىستاننىڭ پوزىتسىيىسى ئاففانىستاننىڭ كەلگۈسى ۋەزىيىتىنىڭ قانداق بولوشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. ئامىرىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتوڭى بەيدېن پاكىستان ئامىرىكىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىتىپاقداشلىرىنىڭ  بىرى، تېرورچىلارغا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە، ئامىرىكا پاكىستاننىڭ ياردىمىگە مۇھتاج دىگەننى ئۇقتۇردى. بۇ قىتىمقى مىيۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنىغا قاتناشقان پاكىستاننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى كۆرېش مۇنازىرە خارەكتىرلىك بىر مەسىلىنى ئوتتورغا قويدى: ئۇنىڭ قارىشىچە، ئاففانىستاننىڭ  ھەقىقىي تېنچلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز دىيىلىدىكەن "يەرلىك"لەر ئاففانىستاننىڭ تېنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىشلىرىغا قاتناشتۇرىلىشى كىرەك،ئىكەن.ئۇ كۆزدە تۇتقان "يەرلىك "لەر يەنە تالىباننىمۇ ئۆزئىچىگە ئالغان  ئاففانىستاندىكى ھەرقايسى  كۈچلەر ئىكەن.

 قىسقا فىلىم ئۇچۇرلىرى 

  كۆرېش مۇنۇلارنى بىلدۈردى: "يەرلىك"لەر ئاففانىستاننىڭ مەدەنىيىتىنى ۋە ئەنئەنىسىنى، دىننىڭ شۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى ئورنىنى چۈشىنىپ يىتىدۇ.تېرورچىلارغا قارشى تۇرۇش خېلى زور دەرىجىدە دىننى چۈشىنىش مەسىلىسى، ۋاشىنگىتوندىكى ئىشخانىدا ئولتورۋىلىپ، بىرتۈركۈم ئەقىلدارلارنى يىغىۋېلىپ ئاففانىستاننىڭ ۋەزىيىتى توغرىلىق مۇنازىرە ئېلىپ بارغان بىلەن نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ. ئاففانىستاننىڭ ۋەزىيىتىنى ھەقىقىي تۇراقلاشتۇرىمىز دەيدىكەنمىز "يەرلىك "لەرنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاش زۆرۆر.

   كۆرېش مۇنداق دەپ قارىدى: نۆۋەتتە شىمالى ئاتلانتىك تەشكىلاتىنىڭ  ئاففانىستاندا تۇرۇشلۇق قىسىملىرىنىڭ سانى خېلى زور ،پاكىستاننىڭ ئافغانىستان بىلەن  قوشنا  چىگرىسىدا تۇرغان قىسىملار 100مىڭغا يەتكەن بولسىمۇ بىراق ھەربىي  كۈچكىلا تايىنىپ تالىبان ۋە ئەسەبى كۈچلەرنى  يوقىتىمەن دىيىش  رىياللىققا ئانچە ئۇيغۇن ئەمەس. ئۇ "بىزنىڭ ھەربىيلىرىمىزنىڭ ھەممىسى مۇنتىزىم ئۇرۇش كۆزدە تۇتۇلۇپ تەربىيلەنگەنلەر ،تېرورچىلارغا قارشى ئۇرۇشتا ئۇلار ئۈگەنگەن بۇ خىل ئۇسۇل ئانچە كارغا كەلمەيدۇ .ۋەھىمە پەيدا قىلىشقا ئۆزىنى قوشوپ پارتىلىتىدىغان ئادەمدىن بىرسى بولسىلا كۇپايە  ،بۇ پۈتۈنلەي باشقىچەا بولغان بىرخىل ئۇرۇش،ئەنئەنىۋى ئۇرۇش ۋاستىسى ئارقىلىق ئاففانىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىمەن دىيىش ئەقىلغا سىغمايدىغان ئىش"دىدى.

   ئاففانىستان زۇڭتوڭى كارزاھىنىڭ قارىشىچە، ئاففانىستان مەسىلىسىنى يالغۇز ھەربىي نۇقتىدىنلا    ئۆلچىگەندە ئۇنىڭ ئافغانىستان ۋەزىيىتىنى پەسەيتىشكە  ھېچقاندق پايدىسى بولمايدىكەن  ،ئاففانىستان خەلقىنىڭ كۆڭلىنى ئىنسانپەرۋەرلىك ،ئىقتىساد  نۇقتىسىدىن تىندۇرغىلى ،ئاندىن ئاففانىستاننى قايتا قۇرۇش   نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىكەن.

 MTV ئۇچۇرلىرى 

  7 يىلدىن ئۇزاق داۋاملاشقان ئاففانىستاندىكى تېرورچىلارغا قارشى ئۇرۇش ئۈستىدە ، يالغۇز ئامىرىكا ياكى ئاففانىستان ،پاكىستانلا ئويلانماستىن، تېنچلىقنى ساقلاش ھەركىتىگە قاتناشقان ياۋروپادىكى ئىتىپاقداش دۆلەتلەرمۇ ئوخشاشلا ئوبدان ئويلنىپ كۆرۆشى كېرەك.گىرمانىيەنىڭ سابق زۇڭلىسى شىرودېر"يۇرۇق ئەينەك ھەپتىلىك ژۇرنىلى "نىڭ ئەڭ يېڭى سانىدا مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى : 7 يىل بۇرۇنقى ئاففانىستانغا تېنچلىقنى ساقلاش قىسمىنى ئەۋەتىش توغرىسىدىكى قارارغا ھازىر قايتىدىن  قارايدىغان بولساق ،ھەقىقەتەن ئويلىنىشقا توغرا كىلىدۇ.ھازىرقى ئاففانىستان ۋەزىيىتى  ئاففانىستانغا تېنچلىقنى ساقلاش قىسىمىنى ئەۋەتكەن دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىنى يا ئارقىغا يانالمايدىغان، يا ئالدىغا ماڭالمايدىغان قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى، ئەينى ۋاقىتتا قوشون كىرگۈزۈشنى  قارار قىلىشتىن مەقسەت ئاففانىستان ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ ،ئاففانىستاننى تېرورچىلارنىڭ مەشىق مەيدانىغا ۋە يۇشۇرىنىدىغان جايىغا ئايلاندۇرۇپ قويماسلىق ئىدى،ئەگەر ھازىر قوشون  چىكىندۈرۈش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلسە،بۇ بىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلمىشى بولوپ ھىساپلىنىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئاففانىستان قالايمىقانچىلىققا تېخىمۇ چوڭقۇر پىتىپ قالىدۇ؛ئەگەر ئەسكەرلەرنى چىكىندۈرمىگەندە، كىشىلەر بۇ  3يىلنىڭ ياقى ئاففانىستاننىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ بارغانسىرى يامانلىشىپ كىتىۋاتقىنىنى كۆرۈپ تۇرىۋاتىدۇ، تېنچلىقنى ساقلاش قوشونىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى بارغانسىرى كۆپىيىۋاتىدۇ،بۇ جىنايەتنىڭ ھەممىسىنى بوش ھۆكۈمىتىنىڭ ئاففانىستانغا قاراتقان سىياسىتىدەھەربىي جەھەتتىن  زەربە بىرىشنىلا  مۇھىم بىلىپ ،ئاففانىستاننىڭ تەرەققىياتى ۋەئافغانىستاننى قايتا قۇرۇش ئىھتىياجىغا  سەل قارالغانلىقىغا ئارتىشقا توغرا كىلىدۇ.

   شىرودېر ماقالىسىدا مۇنداق دەپ تەكىتلىدى:چەتئەللەرنىڭ ھەربىي قىسىملىرىنىڭ تېنچلىق قوغداش ھەركىتىگە تايىنىش بۇ پەقەت ۋاقىتلىق تەدبىر، بۇ بىرنەچچە يىلدىن بۇيان ئاففانىستان ھۆكۈمىتىنى قوللاش سالمىقىنىڭ يىتەرلىك بولماسلىقى ھۆكۈمەتنىڭ ئاجىزلشىشىنى ۋە تالىىبان كۈچلىرىنىڭ كۈچىيىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان مۇھىم سەۋەب. ھازىر  ئاففانىستانغا قانچىلىك قوشون ئەۋەتىش مەسىىلىسىنى قايتا ئويلىنىشمۇ مۇھىم، بىراق ئەڭ مۇھىم بولغىنى   شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى نىمە ئۈچۈن ئاففانىستاننىڭ جەنۇب قىسىمىدىكى ھوجومدا غەلبە قىلالمىغانلىقىنى بىلىشى كىرەك. تېرورىزىمنى تۈپ يىلتىزىدىن  يوقىتىشنى ھەرگىزمۇ ھەربىي ھەركەتكە  تايىنىپ ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ، ئوتتورا ئاسىيا رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي تۈردە كاپالەتلىك قىلىمىز دەيدىكەنمىز، پاكىستان،ئىران ۋە جوڭگوغا ئوخشاش ئەتراپتىكى  دۆلەتلەرنى ھەمكارلىق شىرىكى دائىرىسىگە كىرگۈزۈش، ئاففانىستان مەسىلىسىنى بىرتەرەپ قىلىش چارىسىنى بىرلىكتە مۇلاھىزە قىلىش كىرەك.

 رەڭلىك قوڭغۇراق موزىكىلىرى 

  گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ سىتاتسىتكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2008- يىلى 10-ئايغىچە، گىرمانىيەنىڭ ئاففانىستاندا تۇرۇشلۇق تېنچلىق قوغداش قىسىمىدا 30 ئەسكەر ئۆلگەن.ئاففانىستاندىكى ئۆزىنى قوشوپ پارتىلىتىش توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئارقا -ئارقىدىن كىلىپ تۇرۇشى، گىرمانىيەنىڭ دۆلەت ئىچىدە ئاففانىستاندىكى قىسىمنى چىكىندۈرۈش توغرىسىدىكى تەلەپ  يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى. شىرودېرنىڭ قارىشىچە ،ھازىر قىسىمنى چىكىندۇرۇش  ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىكەن، بىراق ئاففانىستان ھۆكۈمىتى ئىلگىرى بىكىتكەن 2013- يىلدىن باشلاپ ئاففانىستان ھۆكۈمىتى بىخەتەرلىك، قانۇن، ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆتكۆزىۋالىدۇ،دىگەن   كەلگۈسى پىلاندىنمۇ بەك ئۆمىتۋار بولوپ كەتكىلى بولمايدىكەن .ئۇنىڭ مۆلچەرىچە،  ئاففانىستاندىكى تېنچلىق قوغداش قىسىمىنى چىكىندۈرۈشكە يەنە 10 يىل ۋاقىت كىتىدىكەن.

 

ئۇلىنىش مەنزىلى: /article/2009/0225/article_4053.html
   رەسىملىك ئۇچۇرلار
ۋېن جياباۋ كورىيە دىپلوماتىيە سودا مىنىستىرلىكىنىڭ ئەمەلدارى ليۇ مىڭخۇەن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى
ۋېن جياباۋ كورىيە دىپلوماتىيە سودا مىنىستىرلىكىنىڭ ئەمە...
«شىزاڭدا دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىغا ئائىت چوڭ تىپتىكى كۆرگەزمە» ئۆتكۈزۈلدى
«شىزاڭدا دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغانلىقىنىڭ 50 يى...
جۇڭگو—سۇداننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى تەبرىكلەندى
جۇڭگو—سۇداننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 ...
ھىندىستاندا يەتتە ياشلىق بىر قىز ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپتۇ
ھىندىستاندا يەتتە ياشلىق بىر قىز ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىد...
پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق، مالدۇختۇرلۇق خىزمىتى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق، مالدۇختۇرلۇق خىزمىتى يىغى...
ھايۋاناتشۇناس ئېلىس « بۆرە ئادەم » گە ئايلىنىپ كەتتى
ھايۋاناتشۇناس ئېلىس « بۆرە ئادەم » گە ئايلىنىپ كەتتى
كەلپىن ناھىيىسىدىكى يەر تەۋرەشتە 28 مىڭ كىشى ئاپەتكە ئۇچرىدى
كەلپىن ناھىيىسىدىكى يەر تەۋرەشتە 28 مىڭ كىشى ئاپەتكە ئۇچر...
ساغلاملىق بىلىملىرى
  • بالىڭىزغا خالىغانچە دورا ئىچۈرمەڭ
  • ھامىلدارلىقتىن زەھەرلىنىش
  • دورا يىگەندىكى قايناقسۇ ئىچىش ئىلمى
  • كۆزنى چىرايلىقلاشتۇرىدىغان يېمەكلىكل ...
  • ياشانغانلار ئاغرىق پەسەيتىش ، قىزىتما ...
  • ياشانغانلارغا دورا ئىشلىتىش ئۇسۇلى
  • زىققە
  • يۈرەك سانجىقى
  • سامساق بىلەن كېسەل داۋالاش
  • بالام ساغلام بولسۇن دېسىڭىز تۆۋەندىكى ...
  • بالىلارنىڭ ئىچى سۈرۈپ قالسا .....
  • لۇقمان ھەكيمنىڭ ئوغۇللىرىغا قىلغان نە ...
  •  
    مۇنبەر يېڭىلىقلىرى
  • ئەگەر دۇنيادا قىزلار قالمىسا......
  • بۇ ئۇسسۇلچى ئالامەت يامانكەن جۇما
  • ماۋۇ ئاشپەزلەرنى كۆرۈڭ!
  • شىنجاڭدا ھەر كۈنى 20توننا سۈت تۆكۈۋىتىلمەكتە
  • سوۋغامنى  قۇبۇل قىلارسىلەرمۇ؟
  • دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك ئات
  • 8muyaبىلەن fenbeiنىڭ پەرقى
  • كەلپىندىكى يەر تەۋرەشتە 20 مىڭ ئادەم زىيانغا ئۇچرىدى
  • 81_نۆۋەتلىك ئوسكار مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمى
  • غايەت چوڭ چاشقاننى كۆرگەنمۇ؟
  • MTV لار كۇلۇبى
    مەھەللە ئۇچۇرلىرى
        رومانتىك داچا~!
        826282185
        خاتىرە باشقۇرۇش
        ئاياللار بىلىشكە تىگشلىك ئشلار.
        سىنىپ ھەيئىتىگە
        ئۆتكەن كۈنلەر~!
        باشقۇرغۇچىلار ئۇخلاپ قاپتۇما؟
        نىكاھ بەجايىكى~!
        مەن بىر......
        ئىكرانىمدا سېنىڭ سۈرىتىڭ...
    تور بېكەت ھەققىدە  |  شىركەت ھەققىدە  |  خېرىدارلىرىمىز  ھەمكارلىشىڭ  |  ئېلان بىرىڭ  |  مۇلازىمەتلىرىمىز ئالاقىلىشىڭ  |  پىكىر بىرىڭ