تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، 2009-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھرى ئەننىڭچۈ بازىرىدىكى سۈت كالىسى باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئائىلىلەر ئاپئاق سۈتلەرنى تۆكۈۋېتىپ، بېقىۋاتقان كالىلىرىنى قۇشخانىلار(قاسساپخانا) غا سېتىپ، سويۇشقا باشلىغان.
ئىگىلىنىشكە قارىغاندا، 2008-يىلىدىكى سۈت پاراشوكى ۋەقەسى ۋە پۇل مۇئامىلە كىرزىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، كالا سۈتىنىڭ سېتىلىش باھاسى بارغانسېرى تۆۋەنلەپ، 1يۈەن 1موغا چۈشۈپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە سۈتچىلىك شىركەتلىرىنىڭ يېڭى سۈتلەرنى يىغىۋېلىش مىقدارى بارغانسېرى تۆۋەنلەنلىگەن، شۇنىڭ بىلەن، ئۈرۈمچى شەھرى ئەننىڭچۈ بازىرىدىكى 200چە سۈت كالىسى باقمىچى ئائىلىسى ھەر كۈنى 20توننا كالا سۈتىنى تۆكۈۋەتمەكتە. يەم-خەشەك باھاسىنىڭ يۇقۇرى بولۇشى سەۋەپلىك، باقمىچى ئائىلىلەر ئامالسىز سۈت كالىلىرىنى قۇشخانىلارغا سېتىۋىتىپ، زىياننى ئازلاتماقچى بولغان. ئۇلارنى دىيىشىچە سۈت كالىسىنى قانچە كۆپ باقسا، زىيان شۇنچە كۆپ بولىدىكەن.
باقمىچى ئائىلىلەر ساتالمىغان سۈتلەرنى تۆكۈۋەتمەكتە.
سېتىلماي قالغان سۈتلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆزگىرىپ كەتتى، تۆكۈۋەتمەي ئامالىمىز يوق.
سۈت كالىلىرى قۇشخانىلارغا سېتىۋېتىلدى.