-
ئاپپاق خوجىنىڭ «جاھان كېزىش» نامى بىلەن تىبەتكە قىلغان سەپىرى ھەققىدە - [تارىخ ۋە مەدەنىيەت]
2013-05-02
ئاپپاق خوجا ناھايىتى زېرەك بىر سىياسىي قارانىيەتچى بولۇپ، ئۇ شۇ دەۋردە تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدا كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان جۇڭغار خانلىقى ھۆكۈمرانلىرىنىڭ تىبەتتىكى دالاي لاماⅤنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقمايدىغان، سۆزىنى يىرمايدىغان، ئۇنىڭ تاپشۇرۇقىنى جان دەپ ئورۇندايدىغانلاردىن ئىكەنلىكىنى، يەكەن خانلىقىغا تاقابىل تۇرالايدىغان سىياسىي كۈچنىڭ جۇڭغار خانلىقى ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلگەن. چۈنكى، شۇ ۋاقىتتىكى يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ غەربىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا نەزەر سالساق، 17– ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن 18– ئەسىرنىڭ باشلىرىغا قەدەر مەزكۇر رايوندا مۇستەھكەم ھاكىمىيەت ئاساسىغا ئىگە بىرەر خانلىق تېخى روياپقا چىقمىغان بولۇپ، پەقەت بىر– بىرى بىلەن ئۇزاقتىن بۇيان ئۇرۇش– جېدەل قىلىپ كېلىۋاتقان بۇخارا خانلىقى بىلەن خىۋە خانلىقى بار ئىدى. بۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىپاقسىزلىق، شۇنداقلا يەرلىك بەگ– ئەمىر ۋە خوجىلار ئوتتۇرىسىدىكى ھەرقايسى گۇرۇھ ۋە تەبىقىدىكىلەرنىڭ مەنپەئەتلىرىنى چۆرىدەپ ئوتتۇرىغا چىققان زىددىيەتلەر ئاپپاق خوجىنىڭ ئاتا– بوۋىلىىرى ياشاپ ئۆتكەن پەرغانە ۋادىسىدىكى فېئودال ھۆكۈمرانلارنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ، يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ تەخت تاجىنى بېشىغا كېيىش «ئارزۇ» سىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا پايدىسىز ئىدى