• 64bit لىق سېستىمىدا 32bit لىق يۇمشاق دېتال قاچىلاش

    2011-01-01

    Tag:Windows

    Ok بۇ يىلقى تۇنجى يازمىنى Windows دىن باشلايلى. سېتىۋالغىنىم 64 بىتلىق Windows7 ئىدى. ئەمما مەن ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان يۇمشاق دېتال Rosetta Stone 32 بىتلىق. بۇ يۇمشاق دېتال ھەققىدە كېيىنرەك توختىلايلى.. مەن ئىشلىتىدىغان دائىردىكى چوڭلۇقى 10G دىن ئاشىدىغان بۇ گېگانت دېتال 32 بىتلىقكەن. ياكى 32 بىتلىق سېستىمىدىلا ئىشلەيدىكەن. ئۇنىڭ 64 بىتلىق نۇسخىسىغا ئېرىشىش ئۈچۈن 400 دوللاردىن ئارتۇق پۇل خەجلەيدىكەنمەن. 400 يۈەنگە سېتىۋالغان Windows7 نىڭ ھەقىقى نۇسخىسىدىن ھەم ۋاز  كېچىپ XP غا قاتقۇم كەلمىدى. مۇنبەرلەرگە 64 بىتلىق مەشغۇلات سېستىمىسىدا 32 بىتلىق سېستىما ئۈچۈن لايھەلەنگەن يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلىتىشكە قانداق ئامال بارلىقى ھەققىدە تېما يازسام جاۋاب يوق.
       بۈگۈن يېڭى يىللىق ئەتىگەن تۇرۇپتىمەن. تۇنجى قىلىۋالغان ئىشىم - مىكروسوفت مەن يولۇققان بۇ مەسلىنىمۇ ئاللىبۇرۇن ئويلىشىپ قويغانكەن.
      ئەگەر كومپيوتېرىڭىزدا 64 bit لىق Windows 7 ياكى Vista بولۇپ، 32 بىتلىق سېستىما ئۈچۈن لايھەلەنگەن يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز . تۆۋەندىكى Windows XP Mode نى قاچىلاڭ.
    يۇمشاق دېتال چوڭلۇقى: 500 مېگابايت
    ئېچىلغان بەتتىن ئاۋال بىلگەسايارىڭىزدىكى سېستىمىنى توغرا توللاپ ئاندىن چۈشۈرۈڭ.
    چۈشۈرۈش ئورنى





ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.