• Microsoft بلوگى شىنلاڭ بلوگىغا يۆتكىلىدۇ

    2010-12-14

    مىكروسوفت شىركىتىنىڭ Spaces بلوگ مۇلازىمىتى ئىككى ئاي بۇرۇن چەتئەلدە تاقالغان ۋە بارلىق بلوگلار Wordpress.com غا يۆتكەلگەن ئىدى. جۇڭگو ئىچىدە 11-ئاي باشلاپ مىكروسوفت شىركىتى بىلەن شىنلاڭ شىركىتى توختام ئىمزالاپ، مىكروسوفت live بلوگىدىكى بارلىق بلوگلارنى شىنلاڭغا يۆتكەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن. ئىككى ئاي ئىلگىرى مىكروسوفت شىركىتى بلوگ مۇلازىمىتىنى تاقاپ، wordpress كە يۆتكەيدىغانلىقى، جۇڭگودىكى بلوگلار ھازىرچە ئوچۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرغاندا Blogbus قاتارلىق نۇرغۇن تورتۇرا مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەتلەر Live Spaces دىكى بلوگنى ئاددى قەدەم بىلەن ئۆز سۇپىلىرىغا يۆتكەش ئۇسۇللىرنى ياساپ چىققان ئىدى.
          شىنلاڭ بلوگىنى جۇڭگودا ئەڭ كۆپ ئادەم ئىشلىتىدۇ. ئەمما ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى ياخشى ئەمەس. بېرىدىغان تورنامى 5-دەرىجىلىك تور نامى بولۇپ ناھايىتى ئۇزۇن... ئادەتتە http://blog.sina.com.cn/yourblog ھالەتتە كېلىدۇ.  شىنلاڭدىكى بلوگ URL ئادرېسىنى ئاساسەن ئەستە تۇتقىلى بولمايدۇ. ئەگەر شىنلاڭمۇ blogger ياكى blogbus نىڭ ئەۋزەل تەرەپلىرىدىن ئۆگىنىپ، ئارقا سەھنىدە بلوگنىڭ ئەسلى كودىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزگىلى بولىدىغان قىلسا ۋە ئاددى ئىككىنچى دەرىجىلىك تور نامى ئارقىلىق بلوگ URL نى بەلگىلەشكە يول قويسا... بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ تەرەققىياتلارغا ئىگە بولۇشى مۇمكىن ئىدى.  بۇلارغا قارىماي نۇرغۇن چولپانلار (ئەركىن ئابدۇللانى ئۆز ئىچىگە ئالغان) ۋە داڭلىق شەخسلەر سىنلاڭدا بلوگ ئاچقان ۋە ئىشلىتىۋاتىدۇ.





ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.

    评论

  • ئۇ ھۆججەتنى يەشمەي قاچىلايسىز.
    blogbus نىڭ ئارقا سەھنىسىدە.. ئۆزىڭىز بەلگىلىگەن ئۇسلۇبنى تاللاپ... شۇ ئورۇنغا كىرگەندە ئەڭ ئاستىغا قارىسىڭىز كومپيوتېرىڭىزدىكى ئۇسلۇبنى يوللاش دەپ بار...
  • تەكلىماكان ئەپەندى.
    ئەۋەتكەن كودنى يەشسەم html ھۆججىتى چىقىپ قالدى. ئۇنى قانداق قىلىمەن.
  • سىنادا بلوگنى تەڭشەش ئاۋارچىلىقكەن