-
Blogbus مۇلازىمىتېرى ئەسلىگە كەلدى
2010-12-09
تۆنۈگۈن ۋە بورناكۈن ئىككى كۈن جەريانىدا Blogbus نىڭ مۇلازىمىتېرى ئاساسەن ئەسلىگە كەپتۇ. ئەسلىدە كۆرۈنمىگەن رەسىملەر نورمال كۆرۈندى. ئۆزلەشتۈرۈلگەن ئۇيغۇرچە ئۇسلۇبلارمۇ ئەسلىگە كەلدى. بلوگقا ئۇلىغان تەرجىمە ھۆججىتىمۇ ئىشلەيدىغان بولدى. بۇندىن كېيىن 全文阅读 دىگەندەك سۆزلەرنى مەجبۇرى ئۇيغۇرچىلاشتۇرىدىغان كودنى بلوگباس ھۆججەت يوللاش ئورنىغا قويساق بولىدۇ.
ئەمما سىناش جەريانىدا مەلۇم بولدىكى بلوگباستا يەنىلا بىر قانچە مەسلە باركەن:
بىرى ئىنكا يېزىش رامكىسى بىز ئۇيغۇرچە قىلىش كودى ئاسقاندەك كود ئېسىپ قوشۇلغان بۆلەككەن. بۇ بۆلەك بارلىق بلوگلاردا ئېسىقلىق بولغاچقا بەزىدە نورمال قاچىلىنالماي قالىدىكەن. ھازىرچە ئەگەر مەلۇم يازمىدا ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 كونۇپكىسىنى باسساق، بەت يېڭىلىنىپ كۆرۈنىدۇ. بۇ بىر پاسسىپ ئۇسۇل. بلوگباس بۇ مەسلىنى ئوڭشاۋېتىپتۇ. لېكىن ئەگەر ئىنكاس رامكىسىنى ئىككىلەمچى js كودى شەكىلدە بارلىق بلوگلارغا ئاسما ھالەتتە كۆرۈنىدىغان قىلىپ قويسا ئوڭشاش ئاسانغا چۈشمەسمىكىن دەيمەن. ئەلۋەتتە ھەرۋاقت ئۇنداق بولمايدىكەن. تور سۈرئىتى يۇقىرى ئورۇنلاردا بۇ ئەھۋال كۆرۈلمەيدۇ.
يەنە بىرى Blogbus نىڭ SideBar (يان رامكا)غا قىستۇرغان نەرسىلەر ئىچىدە JS كودى ياكى HTML كودى ئارقىلىق قوشۇلغان نەرسىلەرنىڭ ئورنى تور سۈرئىتى تۆۋەن ئورۇنلاردا ئالمىشىپ كېتىدىكەن. مەسلەن گۇگول ئېلانى قاتارلىقلار... تور سۈرئىتى تۆۋە كومپيوتېردىن تەكلىماكان بلوگنى كۆرۈپ باقسام، ياندىكى گۇگول ئېلانلىرى بەتنىڭ ھەممە يېرىدە ئۇچۇپ يۈرىيدۇ.
بلوگباستا يەنە بىر ھەل بولمايۋاتقان مەسلە شۇكى بلوگباسنىڭ ئىچكى ئىزدەش ماتورى.
بۇ ئەھۋالدىن خەۋرى بارلارنىڭ ھەممىسى گۇگولدىن ئىزدەش ماتورى لايھەلەپ ئورنىتىۋالدى. مەنمۇ شۇنداق قىلدىم. چۈنكى Blogbus نىڭ بلوگدا ئەسلى بار ئىزدەش ماتورى ئىزدەش نەتىجە يۈزىنى ئۆزلەشتۈرگىلى بولمىغاندىن باشقا، بۇ ئىزدەش ماتورىدا ئىزدەش ئۈنۈمى بەك تۆۋەن.
ئەگەر ئېھتىياجلىق دوستلار بولسا Google نىڭ ئىزدەش ماتورىدىن پايدىلىنىپ قانداق قىلىپ ئۆز تورتۇراسىنى ئىزدەش بېتى ياساش ھەققىدە بىر نەرسە يېزىپ قويساممۇ بولىدۇ.
موللا تاپقاق دەل گۇگول ئىزدەش ماتورىدىن پايدىلىنىپ، تەكلىماكان بلوگ بىلەن بارلىق ئۇيغۇرچە بلوگلاردىن بىرىنى تاللاپ ئىزدەيدىغان ھالەتتە ياسالغان.
ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.
评论
Old Town Road No300
Palani County
Xinjiang Uyghur Aotonomous Region
China
Palani Xiang GovernmentDepartment SheBaoSuo
Old Town Road No300
Palani County
Xinjiang Uyghur Aotonomous Region
China
كودى
بلوگىمدا
ئىشلىمەيۋاتىدۇ