-
كىچىك كارخانىلارمۇ Yammer نى ئىشلىتەلەيدۇ.
2010-12-06
Yammer ئۆتكەن يىلى پەيدا بولغاندىن بۇيان پۈتۈن يەرشارىدا 100 مىڭدىن ئارتۇق چوڭ كىچىك كارخانىلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. ياممېر ئۆزىگە تىزىملاتقان شىركەتنىڭ ئىچكى قىسمىدا مۇنبەر، پاراڭلىشىش، شىركەت ئۇقتۇرۇشلىرىنى ئورتاقلىشىش، شىركەت تېخنىكىلىرىنى ئۆگىتىش، خىزمەتچىلەرنىڭ پىكىرلىرىنى توپلاش... قاتارلىقلارغا ئىشلەيدىغان twitter گە ئوخشاش ئەمما سىرىتقا قەتئى ئاشكارىلانمايدىغان مىكروبلوگ....
ئۇنىڭ ۋەزىپىسى كارخانىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەنلا قالماي شىركەت مەخپىيەتلىكىنى قوغداش بولغاچقا پەقەت شىركەت ئېلخەت ئادرېسى ئارقىلىقلا تىزىملاتقىلى بولىدۇ. مەسلەن palani@arman.com.cn دىگەندەك. لېكىن بىزنىڭ خېلى چوڭ دىگەن شىركەتلەرىمىزمۇ مۇستەقىل تورنامىغا تىزىملاتقان مۇستەقىل بوشلۇقتىكى شىركەت ئېلخەت سېستىمىسنى باقالمايدۇ.. ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك.
بۇنىڭمۇ ھەل قىلىش چارىسى بار.
مېنىڭچە مىكروسوفت ۋە گۇگول تەمىنلىگەن ئۆزىنىڭ تورنامىغا ئېلخەت ئىلتىماس قىلىدىغان ھەقسىز ياكى ھەقسىز ئېلخەت سېستىمىسى بۇ مەسلىنى ھەل قىلالايدۇ. مىكروسوفت ۋە گۇگولنىڭ ئۆز تورنامىغا 500 دانە ئېلخەت ئادرېسى ئىلتىماس قىلغىلى بولىدۇ. مېنىڭچە دىيارىمىزدا Yammer دەك ئىلغار سورۇندا پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان 500 خىزمەتچىسى بار كارخانىمۇ يوق. شۇڭلاشقا ھەقسىز مۇلازىمەت يېتىپ ئېشىپ قالىدۇ. كارخانا پەقەت يىلدا 50 كوي پۇل چىقىرىپ، ئۆزىنىڭ ئېلخەتكە ئىشلەتكەن تور نامىنى قوغدىسىلا بولىدۇ.
مەن بۈگۈن ئۆز تورنامىغا ئېلخەت ئىلتىماس قىلىشنىمۇ يېزىپ قوياي.
سىزنىڭ شىركىتىڭىزنىڭ ئىسمى pustani industry بولسۇن.
ئاۋال Godaddy.com ياكى net.cn غا كىرىپ شىركىتىڭىزنىڭ ئېلخەت سېستىمىسى ئۈچۈن بىرر تور نامى سېتىۋالىسىز. باھاسى 50 كوي ئەتراپىدا. ئەگەر شىركىتىڭىزنىڭ بۇرۇندىنلا تور بېتى بولسا شۇ تورنامىنىلا ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. مەسلەن سىزنىڭ تور نامىڭىز pustani.biz .....
بۇ ۋاقتتا تۆۋەندىكى تور بەتكە كىرىپ مىكروسوفت شىركىتى تەمىنلىگەن كارخانىلار ئۈچۈن ھەقسىز ئىشلىتىدىغان pustani.biz نامىغا ئالىدىغان ئەمما ئېلخەت سېستىمىسى Hotmail نىڭ ئىچىدە بولغان مۇقىم، ئىشەنچىلىك ئېلخەت سېستىمىسىغا ئىگە بولالايسىز. بۇ چاغدا باشقۇرغۇچى Director@pustani.biz دەيدىغان ھوتمەيىلگە ئىگە بولىدۇ ۋە 500 كىشىنىڭ pustani بىلەن ئاياغلاشقان ئېلخەتكە تىزىملىتىشىغا رۇخسەت قىلالايدۇ.
تىزىملىتىش ئادرېسى:
http://domains.live.com
ياممېرغا تىزىملىتىش ئادرېسى:
www.yammer.com
ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.