-
تاۋباۋدىن مال سېتىۋېلىشتا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بىر ئىش
2010-12-02
ئەلۋەتتە پۇلنى Alipay ئارقىلىق تاپشۇرسىڭىز ۋە مالنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ئاندىن ‹پۇل تۆلەشنى مۇقىملاشتۇر› سىڭىز ئىنتايىن بىخەتەر، شۇنداقتىمۇ نۇرغۇن ساختا (ساختا، كونىنى يېڭىلاپ، كۆز-بوياپ) ساتىدىغانلار ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن سىزنى ئالداپ كېتىشى مۇمكىن. ساختا مەھسۇلات بىلەن ھەقىقى مەھسۇلاتنىڭ پەرقىنى ئاجراتماق بەزىدە خېلى قىيىن. تاۋباۋ تورىنىڭ مەخسۇس تىجارەت كېنىشكىسىنى سۈرۈشتۈرۈپ، ئىشەنچىلىك دەرىجىسىنى بېكىتىپ ئاندىن مال سېتىشقا رۇخسەت قىلىدىغان ئايرىم بىر تور بېكىتى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى تاۋباۋ سودا سارىيى
نۇرغۇن شىركەتلەر تاۋباۋ سودا سارىيىدا دۇكان ئاچقان، مەسلەن:
نوكىيا شىركىتى تاۋباۋ دۇكىنى: nokia.taobao.com
فۇجىيەن پىك شىركىتى دۇكىنى peak.taobao.com
دېل شىركىتى تاۋباۋ دۇكىنى dell.taobao.com
بۇنداق ئۆزىنىڭ ماركىسىدا تاۋباۋدا دۇكان ئاچىدىغانلار ئانچە كۆپ ئەمەس، ئەمما بۇ يەردىكى مەھسۇلاتلار www.taobao.com دىكىگە قارىغاندا ئىشەنچىلىك. كۆپۈنچە دۇكانلار ئەسلى زاۋۇت تەرىپىدىن ئېچىلغان ياكى زاۋۇتقا بىۋاستە ۋاكالەتچىلىك قىلىدۇ.
ئەلۋەتتە تاۋباۋ سودا سارىيىدىكى ماللارنىڭ باھاسى www.taobao.com دىكىگە قارىغاندا سەل قىممەترەك.
تاۋباۋ سودا سارىيى : Mall.taobao.com www.tmall.com
ئەلۋەتتە سىز taobao.com غا كىرىپلا مال ئىزدىگەندە ئىزدەش نەتىجىسىگە چىققان ئالدىغراق تىزىلغان بىر قانچە مال تاۋباۋ سودا سارىيىنىڭ بولۇپ ئاستىدا بەلگىسى بار. (ئەلۋەتتە تاۋباۋ سودا سارىيىدا مۇشۇ خىل مال بولسا چىقىدۇ.)
مېنىڭ تەجىربەمگە ئاساسلانغاندا تاۋباۋ سودا سارىيىدا ساختىلىق قىلىدىغانلار ئاساسەن يوق.
How to Buy an ideal product on Taobao. Something to know before buy on Taobao online market.
ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.