-
Windows7 دىكى ئۇيغۇرچە فونتقا تەكلىپ بېرىڭ.
2010-11-27
ئالدىنقى ھەپتە تەكلىماكان بلوگ بىلەن Win7 دىكى Microsoft Uighur نامىدىكى خەت نۇسخىسىنى ئىشلىگۈچى ئامېرىكا Sakkal Design نىڭ قۇرغۇچىسى Mamoun Sakkal ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. تەكلىماكان ئەۋەتكەن، Microsoft Uighur خەت نۇسخىسىنىڭ باشقا خەت نۇسخىلىرىغا قارىغاندا بەكلا كىچىك ئىكەنلىكى ھەققىدىكى پاكىتلارنى سېلىشتۇرغاندىن كېيىن Sakkal ئەپەندى، مىكروسوفت شىركىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، Microsoft Uighur خەت نۇسخىسىنىڭ يېڭى نەشىرىنى ئىشلەيدىغانلىقى ھەمدە بۇ يېڭى نەشىرى ئۈچۈن پايدىلىق تەكلىپلەرنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
Mamoun Sakkal ئەپەندى بىلەن سۆھبەتنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ.
تەكلىپلەرنى مۇشۇ يازمىغا ئىنكاس شەكىلدە يازسىڭىز
ياكى بىلىك كۇلۇبىدىكى ماۋۇ تېمىغا يازسىڭىز بولىدۇ.
ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.
评论