• ئۇچۇر مىنىستىرلىكى تېڭشۇن شىركىتى بىلەن 360 نى ئەيپلىدى

    2010-11-22

    Tag:

    ئۇچۇر مىنىستىرلىكى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى تېڭشۈن بىلەن 360 نى ئەيپلەپ ھۆججەت چىقاردى. ھۆججەتتە مۇنداق دىيىلدى:

    1. ھۆججەتنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈندىن باشلاپ 5 كۈن ئىچىدە بۇ ئىككى شىركەت جەمئىيەتتىن ئەپۇ سورىشى كېرەك. بۇ ۋەقەدىن كېيىنكى تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىنى ئىشلىشى كېرەك.

    2. ئۆز-ئارا ھۇجۇم قىلىشنى دەرھال توختۇتۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ يۇمشاق دېتاللىرىدا بىر-بىرىنى يەكلەيدىغان ئەھۋالنى دەرھال يوقىتىپ، كومپيوتېردىكى قولايسىزلىق مەسلىسىنى ئوڭشىشى كېرەك. سودا جەريانىدا يولۇققان مەسلىلەرنى قانۇنغا تاينىپ ھەل قىلىشى كېرەك.

    3. مىنىستىرلىكىمىز مۇناسىۋەتلىك قانۇن ئورگانلىرى ئارقىلىق، بۇ ئىككى شىركەتنى قايتىدىن تەكشۈرىدۇ. ئىككى شىركەت خىزمىتىمىزگە ماسلىشىشى كېرەك.

    4. ئىككى شىركەت بۇ قېتىمقى ۋەقەدىن قاتتىق ساۋاق ئېلىپ، قانۇننى ياخشى ئۆگىنىپ، بۇندىن كېيىن بۇنداق ئىشنىڭ قايتا يۈز بېرىشىگە قەتئى يول قويماسلىقى كېرەك.

    5. مۇناسىۋەتلىك باشقا كەسپتىكىلەر، بۇ ئىشتىن ساۋاق ئېلىپ، كەسپى ئەخلاققا ئەمەل قىلىپ، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ مەنپەئتىنى قوغداپ، تورنىڭ ساغلام، ئىلمىي، مۇقىم، ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشى كېرەك.






ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.