باش بەت  ناخشا ئاڭلاش ئىجادىيەتلىرىم   ماقالىلىرىم تۇرا ئۇقتۇرۇشى

 

  • مەن ياشلىقنىڭ بالىلىقىدا - [ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرىم]

    2009-05-26

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/azgun1-logs/39973254.html

    ياشلىقىمنىڭ تۇنجى بىتىگە،
    يېزىۋالدىم ئاچچىق پۇشايمان.

    ئازغۇنلۇقنىڭ كاساپىتىدىن،
    گۆرۈلدەيدۇ ئىچىمدە ۋولقان.
    قېنىم قىزىق، مىجەزىم تەرسا
    زېھنىم ئۆتكۈر، قىزىقىشىم كۆپ.
    قىزىقىمەن ھەممىگە شۇنداق
    ئايرىماستىن ياخشى-ياماننى
    ياشلىقىمنىڭ بالىلىقىدا.
    ئىتتىك باسقان قەدەملىرىمدىن
    خاتالىقىنىڭ قاڭسىق ھىدلىرى
    پۇرايدۇ گۈپ-گۈپ.

    ياشلىقىمنىڭ بالىلىقىدا
    كۆڭۈل ماڭا بولدى ھۆكۈمران.
    ھەر تەرەپكە چېپىپ يۈرىمەن،
    يۈرۈگۈمدە تۇترۇقسىز ئارمان.
    (ھېلى ئۇنى ئارزۇ قىلىمەن
    ھېلى بۇنى ئارزۇ قىلىمەن)
    ۋاز كىچىمەن ئۇلاردىن يەنە
    ئانام بەرگەن پۇللارنى
    چاچقاندەك ئاسان.

    مەن ياشلىقنىڭ بالىلىقىدا
    ئانام مېنى ئەللەيلىمەكتە.

    分享到: