-
دېھقان - [ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرىم]
2009-05-26
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/azgun1-logs/39973171.html
شاپاق دوپپا كىيگەن بىر ئادەم،
ئىتىزلىقنى يوقلايدۇ كۈندە.
گاھى ئتىز سۇغىرىش ئۈچۈن،
قىر بىشىى ئايلىنار تۈندە.
ئۈستى-بېشى قانغا مىلەنگەن،
لىكىن قەلبى قاشتىن سۈزۈك.
مىدىرلايدۇ ئۈچ يۈز ئاتمىش كۈن،
ئارىمى يوق بىر كۈنمۇ تۈزۈك.
كۆيۈك ئاپتاپ، كەڭرى ئىتىزلار،
بىر ئۆمۈرلۈك ئۇنىڭ مېھمىنى.
چاي ئورنىدا تۇتار ئۇلارغا،
چىكىسىدىن ئاققان تەرىنى.
تەۋرىتىدۇ ھاياتلىقنى ئۇ،
ھېكمەتكە باي كەتمىنى بىلەن.
داۋاملىشار ھايات توختىماي،
ئۇنىڭ ئەجرى،مېھنىتى بىلەن.历史上的今天:
ئۆچ بولدۇم 2009-05-26ئۇنتۇپ كەتتىم 2009-05-26مەن ياشلىقنىڭ بالىلىقىدا 2009-05-26دېھقان بىلەن يىلان 2009-05-26يۇرتداش (مۇۋەششەھ) 2009-05-26