-
ئۆچ بولدۇم - [ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرىم]
2009-05-26
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/azgun1-logs/39973773.html
چوڭنى كۆرسە خوش-خوش دەپ،
كىچىكلەرنى يونۇپ يەپ،
نەگە بارسا ئېيتىپ «خەپ»
يۈرگەنلەرگە ئۆچ بولدۇم.بىلەلمەستىن خۇدىنى،
ئىتتەك چاغلاپ ئۆزىنى،
باشلىقىنىڭ پۇتىنى
سۆيگەنلەرگە ئۆچ بولدۇم.«تەخسە »تۇتۇپ قولىدا،
تاتلىق ئارزۇ ئويىدا،
ئەمەل-مەنسەپ ئوتىدا
كۆيگەنلەرگە ئۆچ بولدۇم.ياۋۇزلىشىپ بىردەمدە،
بىسىم قىلىپ تۆۋەنگە،
ئاۋام-خەلق قەلبىدە،
ئۆلگەنلەرگە ئۆچ بولدۇم.历史上的今天:
ئۇنتۇپ كەتتىم 2009-05-26مەن ياشلىقنىڭ بالىلىقىدا 2009-05-26دېھقان بىلەن يىلان 2009-05-26يۇرتداش (مۇۋەششەھ) 2009-05-26سۆيۈش ھەم سۆيۈلۈش ئوخشاشلا بەخىت 2009-05-26