بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
ئىگىز پاشىنلىق ئاياغ ئۆزىڭىزگە دۈشمەن
-
ئىگىز پاشىنلىق ئاياغ ئۆزىڭىزگە دۈشمەن
ۋاقتى: 2016-10-16 ئاۋاتلىقى: 1758 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ئىگىز پاشىنلىق ئاياغ ئۆزىڭىزگە دۈشمەن
ئايال كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئىگىز پاشىنلىق ئاياغ كىيىشنى ياختۇرىدۇ. چۈنكى، ئىگىز پاشىنلىق ئاياغنى كىيگەندە، ئادەم تولىمۇ لاتاپەتلىك كۆرۈنىدۇ. ئەمما، سىز ئىگىز پاشىنلىق ئاياقنىڭ ئادەم بەدىنىگە قانچىلىك زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز. تۆۋەندە بۇ ھەقتىكى بىر قانچە نۇقتىلارغا دېققەت قىلىڭ:
پۇتقا بولغان زىيىنى. ئىگىز پاشىنلىق ئاياغنى كىيىپ ماڭغاندا، ئادەم بەدىنىنىڭ ئېغىرلىق مەركىزى پۇتنىڭ بىرىنچى ۋە ئۈچىنچى بارمىقىغا چۈشىدۇ. بۇ بارماقلار يەنە تېخى ئاياقنىڭ قىستىشى بىلەن قاداقلىشىدۇ. بەزىلەرنىڭ ھەتتا پۇت شەكلى ئۆزگىرىپ، سۆڭەكلەر ئارىسىغا نېرىپ ئۆسمىلىرى پەيدا بولۇپ قالىدۇ- دە، پۇت قاتتىق ئاغرىپ ئادەمنى بىئارام قىلىدۇ.
ئوشۇق ۋە تىزغا بولغان زىيىنى. ئىگىز پاشىنلىق ئاياقنى كىيىپ ماڭغاندا، تىز بىلەن ئوشۇقنىڭ ھەرىكەت دەرىجىسى تەسىرگە ئۇچرىغاچقا ھەم ئۇلارغا چۈشكەن كۈچ تەكشى بولمىغاچقا، پۇت ئاسانلا قايرىلىپ كېتىدۇ. تىزنىڭ بېسىمى ئېشىپ كېتىپ، بۇنىڭ بىلەن بوغۇم كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بەل ئۇمۇرتقىسىغا بولغان زىيىنى. ئىگىز پاشىنلىق ئاياغنىڭ بەلگە بولغان زىيىنى ئەڭ كۆپ. بۇنداق زىيان ئاستا خارەكتېرلىك بولغاچقا بۇنى سەزمەك تەس. ئىگىز پاشىنلىق ئاياقنى كىيگەندە داس سۆڭەك ئالدى تەرەپكە سىڭايان بولۇپ، ئېغىرلىق مەركىزىمۇ ئالدىغا چۈشىدۇ. ئادەم تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن ساغرىسىنى كۆتۈرۈپ، بېلىنى كەينىگە تارتىدۇ. گەرچە ئاياللار بۇنداق قىلسا، تېخىمۇ جەزبىدارلىشىپ كەتسىمۇ ئەمما شۇ جەزبىدارلىقنىڭ كەينىدىكى خېيىم- خەتەرنى ئويلاپ قويۇش كېرەك. چۈنكى، بۇنداق ھالەت ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشقاندا، بەل زىيادە چارچايدۇ. بەل ئۇمۇرتقىسىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ، بەل ئومۇرتقا تەخسىسى ئۆسۈش كېلىپ چىقىدۇ. داس سۆڭەكنىڭ سىڭايان بولۇشى يەنە نۇرغۇن سۆڭەك كېسەللىكىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپچى بولىدۇ. ئاقىۋەتتە، جىددىي ۋە ئاستا خارەكتېرلىك بەل ئومۇرتقا ۋە ئومۇرتقا كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ.
مەنبە: ئاي خىنىم سالونىتەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ياشانغان ئاياللارنىڭ سىرتقى جىنسىي ئەزاسى ۋە مات
2015-11-01 01:07:248526ﺧﺎﭘﯩﭽﯩﻠﯩﻘﻼﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﻣﯜﺭﯨﻨﻰ ﻗﯩﺴﻘﺎﺭﺗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ
2015-12-17 12:57:101366نىكاھتىن كېيىنكى تۇرمۇشۇم باشقىلارنىڭكىدەك كۆڭۈل
2015-08-12 16:53:045006ئەرلەرنىڭ خوتۇن ئېلىشى بىلەن ئاياللارنىڭ كىيىم ئ
2016-01-25 18:36:372612بالىياتقۇ مەينەت بولۇپ كەتكەندە...
2015-10-23 14:26:378069نېمە ئۈچۈن خانزادىلەر گۆھىرىنى ئىشلىتىمىز؟
2015-10-07 12:46:113245كۆز گىرىمىدا كۆزنى ئىككى ھەسسە چوڭ كۆرسىتىشنىڭ م
2016-01-18 18:39:244001ئەقىللىق ئاياللار ئېرىنى بىزار قىلمايدۇ
2015-11-10 02:28:412805
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-