$ w2 K2 \) r; a {! X4 B1 sياۋا ئۆرۈك ئاراتۈرك ناھىيىسىنىڭ دەريا ئېقىن ئەتراپىدا تەبىئىي ئۆسىدىغان،كىشىلەرنىڭ ھىچقانداق پەرۋىشىگە ئۇچرىمىغان مېۋە بولۇپ مەھسۇلات مىقدارى ئاز، تەمى چۈچىمەل، دورىلىق قىممىتى يۇقىرى.
3 u! I1 L8 u/ ]5 d7 Q6 |3 a6 h) A$ u& z
ياۋا ئۆرۈك قېقى شىنجاڭنىڭ قۇمۇل رايونىدىكى ئېگىز تاغلاردا تەبىئىي ئۆسكەن ياۋا ئۈرۈكلەرنى ئۇرۇقچىسىدىن ئايرىپ يەرلىك ئۇسۇلدا قۇرۇتۇش ئارقىلىق يىغىۋېلىنغان قۇرۇق مېۋە بولۇپ، ھېچقانداق بۇلغىنىشقا ئۇچرىمىغان،يەنى قۇرۇت يوقىتىش ياكى باشقا تۈرلۈك خىمىيىۋى دورىلار سېپىلمىگەن،ھېچقانداق خىمىيىۋى ئوغۇت ياكى پەرۋىش قىلىشقا ئۇچرىمىغان. شۇنداقلا يەرلىك ئۇسۇلدا قۇرۇتۇلغان ھەقىقىي تەبىئىي يېشىل مەھسۇلات.
6 s V; T+ N3 v% z! r: U
قەدىمدىن تارتىپ بۇ يەردىكى كىشىلەر يەرلىك ئۇسۇلدا قۇرۇتۇلغان ياۋا ئۈرۈك قېقىنى قاينىتىپ ئىچىش ئارقىلىق قەۋزىيەت، جىگەرنى ماي قاپلاپ كېتىش، قان بېسىم، قاندىكى ماي تەركىۋى ئۆرلەپ كېتىش، زۇكام ۋە يۆتەل قاتارلىق كىسەللەرنى داۋالاپ كەلگەن .
% v H* \7 u9 tتەبىئي بۇلاق يالپۇزى ئاراتۈرك ناھىيىسىدىكى تەبىئى بۇلاقلاردا، سۈپ-سۈزۈك بۇلاق سۇلىرىرىدا ئۆسىدۇ.بۇ يەردىكى كىشىلەر يالپۇزدىن يالپۇز چۆچۈرىسى،يالپۇز شەربىتى ، يالپۇز مۇرابباسى،يالپۇز سۈيى ئىچىملىكى،يالپۇز يوپۇرمىقى تالقىنى ياساپ ئۇنى نېرۋىنى تىنىچلاندۇرغۇچى،ھەزىم قىلىشنى ياخشىلىغۇچى،زۇكامنى داۋالاش،يەلنى ھەيدىگۈچى دورا ئورنىدا ئىشلىتىپ كەلمەكتە.
2 ~' \9 @" X* V' ]6 y
يالپۇزنىڭ شىپالىق خۇسۇسىيەتلىرى كۆپ بولۇپ بۇلاق بويلىرىدا ئۆسىدىغان، دورا ئۆسۈملىكىدۇر.چوڭلارنىڭ يالپۇز دېگىنى ئەسلى <<يەلبۇز>> دېگەن گەپتىن ئۆزگەرگەن ئىسىم دېگىنى بىكار ئەمەس. يالپۇز ئادەتتە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەپ ئىشتەينى ئېچىش، كۆڭۈل ئېلىشىش، قۇسۇشنى تۈگۈتۈش، ئاشقازان، ئۈچەي، ئۆتتىكى يەل-توسالغۇلارنى تارقىتىش، قەۋزىيەتنى راۋان قىلىش، ئورۇقلىتىش، زەھەر قايتۇرۇش دېگەندەك خۇسۇسىيەتلىرى بار.
9 h- J# X# G& h/ k4 G) A« تۈركان » ماركىلىق يالپۇز تەملىك ياۋا ئۆرۈك چېيى ئەلا سۈپەتلىك ياۋا ئۈرۈك قېقىغا، تەبىئي بۇلاق يالپۇزىنى قوشۇش ئارقىلىق تەڭشەلگەن ۋە ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدىمۇ ھېچقانداق باشقا خۇرۇچلار قوشۇلمىغان 100%لىك تەبىئىي مەھسۇلات. تەمى ئۆزگىچە، ئاچچىق-چۈچۈمەل، پۇرىقى خۇشپۇراق، مېۋە تەملىك چايلار ئىچىدە ھېچقانداق چايغا ئوخشىمايدۇ، چاي دەملىگەندە ناۋات ياكى شېكەر قوشۇپ دەملىسە تېخىمۇ ئىچىشلىك بولىدۇ. بۇ چاينىڭ شىپالىق رولىمۇ ئالاھىدە، يالپۇز تەملىك ياۋا ئۆرۈك چېيىنىڭ ئۈچەينى راۋانلاشتۇرۇپ قەۋزىيەتنى ھەيدەش، جىگەردىكى ئىسسىقنى ھەيدەش، قاندىكى ماينى پارچىلاش جەھەتلەردىكى ئۈنۈمى يۇقىرى.
/ Z0 Z- p3 g; b A }& z
- @- n7 z1 M: m& k