ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2010-09-22

    ئۇيغۇرلارنىڭ غەربكە كۆچىشىگە ئائىت بىر قانچە مەسىلىگە تۈزىتىشنىڭ ......داۋامى - [ماقالا ۋە ئوبزور]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/75410975.html

    تاڭ سۇلالىسى قوشۇنى ئىنەن تېكىننى تۇتماقچى بولدى، بۇنى ئاڭلىغان ئىنەن تېكىن كېچىلەپ غەربكە قاراپ قاچتى، قالدۇق قوشۇنى شىرۋېيلار تەرىپىدىن يەتتە فامىلىلىك شىرۋېيلارغا بۆلۈپ بېرىلدى. كېيىن، قىرغىزلار شىرۋېينىڭ قولىدىن ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنى تارتىۋالدى. ئۆگى قاغاننىڭ جەنۇبقا كۆچكەن 13 قەبىلىسى تەرەپ-تەرەپكە چېچىلىپ تۈگىدى.

     

    2 .تاڭ سۇلالىسىگە بېقىنغان ئۇيغۇر ھورمۇز قەبىلىلىرى   خانلىق يىمىرىلگەن، ئۆگى قاغان قەبىلىنى باشلاپ جەنۇبقا كۆچكەن مەزگىلدە ھورموزتېكىنمۇ ئۈچ قەبىلىنى باشلاپ جەنۇبقا كۆچتى. ئۇلار گەرچە ئۆگى قاغان بىلەن بىرلا ۋاقىتتا جەنۇبقا كۆچكەن بولسىمۇ، ئۆگى قاغان بىلەن ئوخشىمىغان يول تۇتتى. شۇ سەۋەبتىن تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئۇلارغا قوللانغان سىياسىتىمۇ ئوخشاش بولمىدى. 

    كەيچېڭنىڭ 5-يىلى(مىلادى 840-يىلى) خانلىق يىمىرىلگەندە، ھورموز تېكىن خەلقنى باشلاپ تىيەندېغا كېلىپ، ماكانلاشتى. «ئاشلىق سودىسى قىلىپ، تاڭ سۇلالىسىگە يېقىنلاشتى.» خۇيچاڭنىڭ 2-يىلى(مىلادى 842-يىلى) ياز تۆتىنچى ئايدا ،ھورمۇز تېكىن تاڭ سۇلالىسىغا بېقىندى. تاڭ سۇلالىسى ئۇنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىگە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىپ، ئالاھىدە مۇئامىلە قىلدى. ئالدى بىلەن ئۇنىڭغا لى فامىلىسىنى ئىنئام قىلدى، ھورموز تېكىنگە لى سىجۇڭ، ئاروچىغا لى سىجېن، سارۋۇچۇرغا لى سىيى،ئاياۋىر تارقانغا لى خۇڭشۈن دېگەن ئاتلارنى ئىنئام قىلدى. ئارقىدىن ئەمەل-مەنسەپ بەردى. تاڭ سۇلالىسى بۇنىڭ ئۈچۈن ئالاھىدە پەرمان چۈشۈرۈپ، ھورموز تېكىن قاتارلىقلارنىڭ ساداقىتىنى مۇكاپاتلىدى. ھورموز تېكىن باشچىلىقىدىكى 2618 كىشىلىك «قايتقان قۇشۇن» قۇردى. ھورمۇز تېكىن سانغۇن، ئاياۋىر تارقان مۇئاۋىن سانغۇن بولدى. كېيىن تاڭ سۇلالىسى تۇگۇخۇن، شادپىتلاردىن تەشكىللەنگەن ئازسانلىق مىللەت قۇشۇنلىرى ۋە چىبشىنلارنىڭ قالدۇق قىسىملىرىنى «قايتقان قۇشۇن»غا قوشۇپ بېرىپ، ھورمۇز تېكىننىڭ باشقۇرىشىغا بەردى. كېيىن ئۇيغۇر ئەسكەرلىرى بىلەن تۇگۇخۇن ئەسكەرلىرىنىڭ مۇناسىۋېتى ياخشى بولمىغانلىقتىن، تاڭ سۇلالىسى «قايتقان قۇشۇن»نىڭ قۇرۇلىشىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. ئەمما ھورمۇز تېكىن شىمالنى ئۇزۇن مەزگىلگىچە كونتىرول قىلدى. تاڭ سۇلالىسى ھورمۇز تېكىننىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ئالاھىدە ئېتىبار قىلدى، ئۇلارغا ساراي سېلىپ بېرىپ، ئاشلىق بىلەن تەمىنلىدى .ھورمۇز تېكىن تاڭ سۇلالىسىغا سادىق بولغاچقا ۋە تاڭ سۇلالىسىمۇ ئۇلارنىڭ بېقىندىلىقىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلغاچقا، ھورمۇز تېكىن تاڭ سۇلالىسىغا ناھايتى ياخشى خىزمەت قىلدى. كېيىن تاڭ سۇلالىسى قۇشۇنىنىڭ كاتىۋى لى دېيۈ ھورمۇز تېكىنگە ئاتاپ تەرجىمىھال يېزىپ، ئۇنى «قوغدىغۇچى بۈيۈك تۇتۇق، تۆھپىسى ئارتۇق» دەپ ماختىدى .جەنۇبقا كۆچكەن ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئىچىدە يۇقۇرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن ئۆگى تېكىن ۋە ھورمۇز تېكىندىن ئىبارەت ئىككى بۆلەكتىن باشقا، يەنە نۇرغۇن ئاق سۆڭەڭلەر بار ئىدى. ئۇرخۇن خانلىقى يىمىرىلگەندە ئۇلار ئۆز جەمەتىنى باشلاپ جەنۇبقا كۆچۈپ، تاڭ سۇلالىسىگە بېقىنغان ۋە تاڭ سۇلالىسى تەرىپىدىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقاق ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى. خاتىرىلىنىشچە ئادىز قاتارلىق ئۇرۇقلاردىن بولۇپ 30 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يوۋجۇ قاتارلىق جايلارغا ماكانلاشقان.

    3.قىرغىزلارغا بېقىنغان ھەرقايسى قەبىلىلەر قىرغىزلار ئۇيغۇر خانلىقىنى يىمىرگەندىن كېيىن ئورخۇن دەريا ۋادىسىنى ئىگەللىدى، بىر قىسىم ئۇيغۇرلار قىرغىزلارغا بېقىندى . مەسىلەن، قىرغىزلارنى ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلىشقا باشلاپ كەلگەن ۋەزىر جۇملۇغنىڭ قەبىلىسى جەنۇبقا قاچماي، غەربكىمۇ كۆچمەي قىرغىزلارغا ئىتائەت قىلىپ، ئەسلىدىكى جايىدا چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللاندى. شۇڭا خانلىق يىمىرىلىپ 3-يىلى، يەنى خۇيچاڭنىڭ 3-يىلى(مىلادى 843-يىلى) 2-ئايدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئورخۇن دەريا ۋادىسىدىكى پايتەختى تېخى بۇزۇلمىغان بولۇپ، ئاز بولمىغان ئۇيغۇرلار بار ئىدى. بۇ چاغدا ئۆگى قاغان تاڭ سۇلالىسى تەرىپىدىن مەغلۇب قىلىنغان بولۇپ، قايتا گۈللىنىشتىن ئۈمىد قالمىغان ئىدى. خۇيچاڭنىڭ 2-يىلى كۈزدىن باشلاپ، ئۆگى قاغان توختىماستىن تاڭ سۇلالىسىنىڭ چېگرىسىدا قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇپ، خەلقنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغانلىقى ئۈچۈن تاڭ قوشۇنى تەرىپىدىن چېكىندۈرۈلگەن ئىدى. ئەمما ئۆگى قاغان شەرققە قاچقانلىقتىن، يوشۇرۇن خەۋپ تېخى تۈگىمىگەن ئىدى. شۇ سەۋەبلىك تاڭ سۇلالىسى ئۆگى قاغانغا ياردەم بېرىپ چۆللۈكنىڭ شىمالىدا دۆلىتىنى قايتا قۇرۇشتىن ئىبارەت دەسلەپكى قارارىنى ئۆزگەرتىپ، قىرغىزلار بىلەن بىرلىشىپ ئۆگى قاغاننى ئۈزۈل-كېسىل تارمار قىلماقچى بولدى. شۇڭا تاڭ سۇلالىسى قىرغىز خاقانىغا مەكتۇپ ئەۋەتىپ، قىرغىزلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ پايتەختىنى يوقىتىپ، ئۆگى قاغان قوشۇنىنىڭ شىمالدىن بۆسۈپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مەكتۇپتا: «خالۇچۈەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پايتەختى تېخى ۋايران قىلىنمىدى. ئۇلارنىڭ بۇ ماكانىغا قايتىپ كەلگۈسى بار، شۇڭا بۇ رايۇننى تېزلىك بىلەن ئېلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇرۇق- ئەۋلادىنى قىرىپ تاشلىماق زۈرۈر، بۇ ئۇرۇشتا غەلبە قىلىپ، ئىككىلا تەرەپ شاتلانغاي» دېيىلىدۇ. خالوچۈەن، ھازىرقى ئىچكى موڭغۇلنىڭ غەربىدىكى ئەرگۈنە دەرياسى دەپ قارىلىدۇ، ئەمما تېكستتىن قارىغاندا، چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى ئورخۇن دەرياسىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا تارىخىي كىتابلاردا خۇيچاڭنىڭ 4-يىلى قىرغىزلار خالوچۈەن «ئۇيغۇرلارنىڭ بۇرۇنقى دۆلىتى» گە كۆچۈپ بارغانلىقى ھەققىدىكى خاتىرىلەردە «قىرغىزلار خالوچۈەنگە كۆچۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇرۇنقى دۆلىتىگە ماكانلاشتى» دېگەن مەزمۇنلار كۆرۈلىدۇ. بۇ يەردىكى «خالوچۈەنگە كۆچۈش» «بايانچۇر مەڭگۈ تېشى» نىڭ بىرىنچى قۇرىدىكى «ئۇيغۇرلارنىڭ ئېلىگە كەلدىم» دېگەن مەزمۇنلار بىلەن بىردەكلىككە ئىگە بولۇپ، خالوچۈەننىڭ ئورخۇن دەريا ۋادىسىنى كۆزدە تۇتىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
    بۇنىڭدىن سىرت، قىرغىزلار داجۇڭنىڭ 2-يىلىغىچە (مىلادى 848-يىلى) شىرۋېينى مەغلۇب قىلىپ، يەتتە فامىلىلىك شىرۋېي تەرىپىدىن ئىگەللىنىۋېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ قالدۇق قىسمىنى شىمالغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، قىرغىزلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتكۈزدى. «كونا تاڭنامە، ئۇيغۇرلارقىسسىسى» دە بۇ ۋەقە مۇنداق خاتىرىلەنگەن :«قىرغىزلاردىن ئابو يەتتە تۈمەن قوشۇن باشلاپ، تېيەندېنىڭ غەربىي جەنۇبى چېگرىسىدىن (ھازىرقى ئىچكى موڭغۇلدىكى ئۇراتنىڭ غەربىي شىمالى) ئىنەن تېكىن ۋە قالغان ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ، شىرۋېينى تارمار قىلدى. شىرۋېينىڭ قول ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ شىمالىغا جايلاشتۇردى.» شۇنىڭدىن ئېتىبارەن قۇملۇقنىڭ شىمالىدىكى ئۇيغۇرلار بۇرۇنقىدىن كۆپەيدى.

    .4.پانتېكىن باشچىلىقىدىكى غەربكە كۆچكەن 15 قەبىلە  خانلىق يىمىرىلگەندىن كېيىن، جەنۇبقا كۆچكەن ۋە قىرغىزلارغا بېقىنغاندىن باشقا، 15 ئۇيغۇر قەبىلىسى پانتېكىننىڭ باشچىلىقىدا غەربكە كۆچتى. تارىخىي مەنبەلەردە :«ئۇيغۇرلارنىڭ يېتەكچىسى پانتېكىن باشچىلىقىدا 15 قەبىلە قارلۇقلارغا قوشۇلدى. بىر تارمىقى تىبەتكە، بىر تارمىقى ئەنشىگە ماكانلاشتى» دەپ يېزىلغان پانتېكىن 15 ئۇيغۇر قەبىلىسىنى باشلاپ غەربكە كۆچۈپ، چۆللۈكنىڭ شىمالىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر بۆلۈك كىشىلەر جەنۇبقا قاراپ ماڭدى. ئۇلار بۈگۈنكى ئىچكى مۇڭغۇلنىڭ غەربى قىسمىدىكى ئەرگۈنە ئايمىقىدىكى جۈيەنخەيدىن ئۆتۈپ، خېشى كارىدورىغا باردى ۋە خېشى كارىدورىدا ياشايدىغان ئەسلىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلەشتى. بۇ ئىككى «تاڭنامە»دە ئېيتىلغاندەك «تىبەتكە ماكانلاشكانلار»نىڭ بىر تارمىقىدۇر. چۈنكى ئەينى چاغدا تىبەت خېشى كارىدورىدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىگەن بولۇپ، خېشى رايۇنى تىبەتلەرنىڭ ھۆكۈمىرانلىقى ئاستىدا ئىدى. شۇڭا كېيىن تىبەتكە كۆچۈپ كەلگە بۇ بىر بۆلۈك ئۇيغۇرلار «تىبەتكە كەلگەنلەر» دەپ ئاتالدى. كېيىن خېشىدىكى يەرلىك كۈچلەرنىڭ باشلىقى خەنزۇ جاڭ يىچاۋ تىبەتلارنى مەغلۇپ قىلدى. گۇا، شا قاتارلىق ئون بىر ئايماقنى تاڭ سۇلالىسىگە قارام قىلدى. خېشى كارىدورىدىكى ئۇيغۇرلار يەنە تاڭ سۇلالىسىگە قارايدىغان بولدى. تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدىن بەش دەۋرگىچە بولغان ئارىلىقتا «ئۇيغۇرلارنىڭ سەرگەردانلىق دەۋرى» ئاخىرلاشتى. خېشى رايۇنىدىكى ئۇيغۇرلار گەنجۇنى قولىغا ئېلىپ، گەنجۇنى مەركەز قىلغان خېشى ئۇيغۇر ھاكىمىيىتىنى قۇردى .پانتىكىن باشچىلىق قىلغان ئون بەش قەبىلىنىڭ بىر قىسمى جەنۇبقا كۆچۈپ خېشى كارىدورىغا كەلگەندىن باشقا، كۆپ قىسمى داۋاملىق غەربكە كۆچۈپ، قۇمۇل، لۈكچۈندىن ئۆتۈپ، تەڭرىتاغلىرىنى ھالقىپ كۈسەن، قارا شەھەر قاتارلىق جايلارغا يىتىپ باردى ۋە شۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلەشتى. بۇ دەل ئىككى «تاڭنامە» دە ئېيتىلغان «ئەنشىدە(بىشبالىق) ئولتۇراقلاشقان» ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمىدۇر. «ئەنشى» تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئەنشى تۇتۇق مەھكىمىسىنى(كۈسەننى باشقۇرىدۇ) كۆزدە تۇتىدۇ ، دائىرىسى تەڭرى تېغىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى بىپايان زېمىننى، قارا شەھەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پان تېكىن غەربكە كۆچكەندىن كېيىن قارا شەھەردە ئولتۇراقلىشىپ، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. «يېڭى تاڭنامە.تۈركلەر ھەققىدە قىسسە»دە: «ئۇلار(ئۇيغۇر خاقانلىقى)پارچىلاندى، پان تېكىن باشچىلىقىدا قارا شەھەرگە جايلىشىپ، ئۆزىنى يابغۇ دەپ ئاتىدى، قالغان خەلقى 200 مىڭگە يېقىن بولۇپ، جىنشالىڭنى قوغدىدى.» بۇ رايوندا ئەسلىدىن ئۇيغۇرلار بولغاچقا، ھەم پانتېكىن باشچىلىقىدىكى غەربكە كۆچكەن ئۇيغۇرلار ئۇلارغا قوشۇلغان بولغاچقا، داجۇڭنىڭ 2-يىلى (مىلادى 848-يىلى) 1-ئايدا پانتېكىن ئۆزىنى خاقان دەپ ئاتىدى .پانتېكىن ئۆزىنى خاقان دەپ ئاتىغاندىن كېيىن، تاڭ سۇلالىسى دەرھال قۇتلۇقلاشقا ئەلچى ئەۋەتتى، پانتېكىنمۇ تاڭ سۇلالىسىگە ئەلچى ئەۋەتىپ نام ئىنئام قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ئىككى تەرەپنىڭ ئەلچىلىرى لىڭ ۋۇ (ھازىرقى نىڭ شىيانىڭ لىڭ ۋۇ ناھىيىسى) دە ئۇچرىشىپ، بىرلىكتە تاڭ سۇلالىسىنىڭ پايتەختى چاڭئەنگە قايتىپ باردى. داجۇڭنىڭ 10-يىلى(مىلادى 856-يىلى(3-ئايدا تاڭ سۇلالىسى ۋاڭ رۇيجاڭنى ئالاھىدە ئەلچىلىككە تەيىنلەپ، پانتېكىنغا ئىنانچى قاغان دەپ نام بېرىشكە ئەۋەتتى. بۇ «سەرگەردانلىق باسقۇچى» دا بىردىنبىر تاڭ سۇلالىسىنىڭ نام بېرىشىگە ئېرىشكەن ئۇيغۇر قاغانىدۇر. بىراق ۋاڭ رۇيجاڭنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرى نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى. سەۋەبى «ئەلنى ئىدارە قىلىش ئۆرنەكلىرى» دە كۆرسىتىلىشىچە:« قارا ھارۋىلىقلار يولنى توسۇۋېلىپ، يىراققا ئۆتكىلى بولمىغان»، لېكىن، قارا ھارۋىلىقلار ۋېي شىلارنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، شەرقىي شىمالدا چارۋىچىلىق قىلاتتى. ۋاڭ رۇيجاڭ غەربكە سەپەر قىلغاندا، قارا ھارۋىلىقلارنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىدىمۇ قانداق؟ دۇنخۇاڭدىكى خاتىرىلەردە بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇماتلار بېرىلگەن. «مەنكى ۋاڭ رۇيجاڭ، پەرمانغا بىنائەن ئەلچى بولۇپ، تەڭرىقۇتنىڭ ماكانىغا كېلىپ، ئەلچىلىكىمنى ئادا قىلماقچى بولدۇم. تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىدا مىڭدىن ئارتۇق ئاتلىق ئۇيغۇرلارغا ئۇچرىدىم، ئۇلار يول خېتىمنى ۋە ئەمەلنامەمنى بۇلاپ كەتتى» دېيىلگەن. بۇ بىر تۈركۈم ئاتلىق ئۇيغۇرلار ھەرگىزمۇ خېشى رايونىدىكى ئۇيغۇرلار ئەمەس. چۈنكى بۇ چاغدا خېشى رايونىدىكى ئۇيغۇرلار ئاللىقاچان جاڭ يىچاۋغا بويسۇنغان. جاڭ يىچاۋ بولسا تاڭ سۇلالىسىغا چېگرا ساقلاپ بەرگەن. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، جاڭ يىچاۋنىڭ قول ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئەلچىسىنىڭ ئەمەلنامىسىنى ۋە يول خېتىنى بۇلىشى مۈمكىن ئەمەس. شۇنداقلا، پانتېكىننىڭ قول ئاستىدىكىلەر بولىشى مۈمكىن ئەمەس. چۈنكى ئۇلار ھەرگىزمۇ ئۆز خاقانىغا نام بېرىش ئۈچۈن ماڭغان ئەلچىنى بۇلىمايدۇ. بۇ بىر تۈركۈم ئاتلىق ئۇيغۇرلار دەل ۋاڭ رۇيجاڭ ئاتىغان «قارا ھارۋىلىقلار»دۇر. قارىماققا بۇلار ئۆگى قاغان بىلەن غەربكە كۆچكەن خەلقلەر بولىشى مۈمكىن. چۈنكى خۇيچاڭنىڭ 3-يىلى ئۆگى قاغان تاڭ سۇلالىسى تەرىپىدىن مەغلۇب قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئەنشىگە (بىشبالىق) ماكانلاشقۇسى بار ئىدى. ئەمما كېيىن ئۇ ئۆلتۈرۈلدى. ئۇنىڭ ئىنىسى ئىنەن تېكىن غەربكە ماڭدى. تاكى قىرغىزلار شىرۋېينى مەغلۇب قىلغۇچە، قالدۇق ئۇيغۇرلار «بىرلىكتە غەربكە قاراپ ماڭدى.» ئۇلار غەربكە قاراپ مېڭىپ شاجۇغا كەلگەندە، يەنىلا تاڭ سۇلالىسى چېگراسى ئىچىدە بولغاچقا، ئۆزىنى ئۇيغۇر دەپ ئاتاشقا جۈرئەت قىلالماي، «قارا ھارۋىلىقلار» دېگەن نام بىلەن ئۆزىنى پەردازلىدى. ۋاڭ رۇيجاڭ ئەھۋالنى بىلمەي، ئۇلارنى راستىنلا قارا ھارۋىلىقلار ئوخشايدۇ دەپ قالدى. شۇنداقلا «ئەلنى ئىدارە قىلىش ئۆرنەكلىرى» مۇ ۋاڭ رۇيجاڭنىڭ ئاغزاكى ماتېرىيالىنى ئاساس قىلىپ، خاتانى خاتا پېتى تارقاتتى. ئەپسۇس يەرلىك خەلقلەر ئۇنىڭ راست يالغانلىقىنى پەرقلەندۈرەلەيتى، شۇڭا بۇ ئاتلىقلارنى يەرلىك ئۇيغۇرلارغا قوشماي «خائىن ئۇيغۇرلار» دەپ ئاتايتتى. بۇ تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئۆگى خاقاننىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى «خائىنلار» دەپ ئاتىغىنى بىلەن بىردەك ئىدى.

    كېيىن باش كۆتۈرگەن بۆكۆ قەبىلىسى  پانتېكىن ئۆزىنى خاقان دەپ ئاتىغان ۋە تاڭ سۇلالىسىنىڭ نام ئىنئام قىلىشىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ پائالىيەتلىرى تارىخنامىلەردە قايتا كۆرۈلمىدى. خەنتۇڭنىڭ 7- يىلى (مىلادى 866-يىلى) ئۇيغۇرلارنىڭ بۆكۆ قەبىلىسى تەڭرىتاغ ئەتىراپلىرىدا باش كۆتۈرۈپ تىبەتلەر ئىگەللىۋالغان شىجۇ، شىمالىي يەن قاتارلىق جايلارغا ھۇجۇم قىلدى. تارىخنامىلەردە>>خەنتۇڭنىڭ 7-يىلى 10-ئايدا، كەڭسۇنىڭ جاڭيىدا چوڭ ئۇرۇش بولدى، ئۇيغۇرلارنىڭ خاقانى بۆكۆ تېكىن تىبەتلەرنىڭ خاقانى ساڭكۇڭرىنىڭ بېشىنى ئالدى. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ھىكايىلەر تارقالدى»، «خەنتۇڭنىڭ 7- يىلى، شىمالىي يەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خاقانى بۆكۆتىكىن كەڭسۇغا ھۇجۇم قىلىپ، بۇ جايلارنى ئۆز قولىغا ئالدى<< دەپ خاتىرىلەنگەن.

     بۆكۆ تېكىن كەڭسۇنى ئالغاندىن كېيىن تاڭ سۇلالىسىگە ئەلچى ئەۋەتىپ ئۆزىگە نام ئىنئام قىلىشنى تەلەپ قىلدى. تاڭ سۇلالىسى ئۇنى «غەربنى تىچلاندۇرۇپ، ئەلنى تىنچىتقۇچى» دەپ ماختىدى ۋە سولقانات تۇتۇقچى سانغۇنلۇق ئۈنىۋانىنى بەردى.

    بۆكۆ تېكىن بىلەن پانتىكىننىڭ مۇناسىۋېتى قانداق ئېدى؟ تارىخىي مەنبەلەردە بۇ ھەقتە ئېنىق مەلۇمات يوق. نۇرغۇن ئالىملار «بۆكۆ» بىر نەسەپ فامىلىسى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تاشقى توققۇز قەبىلىسى ئىچىدىكى بىر قەبىلىنىڭ ئەۋلادلىرىنى يەنى غەربكە كۆچكەنلەرنى كۆرسىتىدۇ، پانتېكىن بىلەن ۋارسلىق مۇناسىۋېتى بار دەپ قارايدۇ. ئەمما، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلىدىكى ئانچە چىڭ بولمىغان ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋېتى ۋە «سەرگەردانلىق دەۋرى»دىكى ھەرقايسى جايلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قايتىدىن بېرىككەنلىكى نوقتىسىدىن تەھلىل قىلغاندا، پانتېكىن گوروھى بىلەن بۆكۆتېكىن گوروھى ئارىسىدا مەلۇم ۋارىسلىق مۇناسىۋېتىنىڭ بولۇش ئېھتىمالى ئاز. شۇڭا بىز ئۇلارنى «كېيىن كۈچەيگەن بۆكۆ قەبىلىسى» دەپ ئاتىدۇق. بۆكۆ تېكىننىڭ كېيىنكى پائالىيەتلىرىمۇ تارىخ نامىلاردا ئانچە كۆزگە چېلىقمايدۇ. ئەمما ئۇمۇ غەربكە كۆچۈش مەسلىسىگە چېتىشلىق بولغاچقا بۇ يەردە مۇشۇنچىلىك توختىلىپ ئۆتىمىز

    ..ئۇيغۇرلارنىڭ غەربكە كۆچكەن قەبىلىلىرى ۋە پانتىكىن مەسىلىسى   ئۇيغۇرلارنىڭ غەربكە كۆچۈشىگە قارىتا خەنزۇچە تارىخىي مەنبەلەردىن باشقا يەنە بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي رىۋايەتلىرىدىنمۇ ئۇلارنىڭ ئەجدادىنىڭ ئۇرخۇن ۋە سىلىنگا دەريا بويلىرىدىن بەشبالىققا كۆچۈپ كەلگەنلىكىگە ئائىت بايانلارنى ئۇچىراتلىقى بولىدۇ. «دوسان مۇڭغۇل تارىخى» دە «ئۇيغۇرلار بۇرۇن بارلىق ئۆي ھايۋانلىرى ۋە ياۋيى ھايۋانلارنىڭ ۋە بوۋاق بالىلارنىڭ ئاۋازىنى ‹كۆچ، كۆچدېگەن ئاۋازغا ئوخشىتاتتى. مەنىسى ‹ماڭدى، كۆچتى› دېگەنلىك بولاتتى. ئۇيغۇرلاردا بۇ گەپ ھازىرمۇ بار. ئۇلار باشقا بىر يەردىن كۆچكەن ئىكەن. ھەربىر ماڭغاندا ئاشۇنداق ئاۋاز چىقىرىدىكەن. كېيىن بىر تۈزلەڭگە يىتىپ كەپتۇ. ئاۋازمۇ توختاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇ يەردە بەش شەھەر بەرپا قىلىپتۇ. كېيىن بۇلار بىشبالىق دەپ ئاتىلىپتۇ. ‹بىشبالىق› بەش شەھەر دېگەن مەنىدىدۇر» دەپ خاتىرىلەنگەن.

     پانتېكىن باشچىلىقىدىكى غەربكە كۆچكەن قەبىلىلەر شۇ يەردىكى يەرلىك ئۇيغۇرلار بىلەن بېرىكىپ، ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلدى. ھەمدە نەچچە ئون يىللىق قايتا بېرىكىش ۋە ئىگىلىكنى ياخشىلاش نەتىجىسىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى چۇ دەرياسى ۋادىسىدا، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب-شىمالىدا ۋە خېشى كارىدورىدا ھەيۋەتلىك ئۈچ چوڭ ئۇيغۇر گوروھىنى بەرپا قىلىپ، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ، قاراخانىيلار سۇلالىسى، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خاندانلىقى، گەنجۇ ئۇيغۇر خاندانلىقى قاتارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈچ چوڭ ھاكىمىيىتىنى قۇردى. بۇ ئۈچ چوڭ ئۇيغۇر ھاكىمىيىتىدە غەربكە كۆچۈشنىڭ ساقىندىلىرى ھەر ۋاقىت مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇپ. غەربكە كۆچۈشنىڭ ئۇيغۇرلار تارىخىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئىپادىلىدى. تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، بۇ ئۈچ چوڭ ھاكىمىيەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزىمۇ بۇنىڭغا ئەگىشىپ غەربكە يۆتكەلدى. بۇ كېيىنكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكى، ئىجتىمائىي قىياپىتى ۋە پىسخىك ساپاسىغا زور تەسىر كۆرسەتتى.

    غەربكە كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ شۇنچىلىك زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشىشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىنكى تارىخىي تەرەققىياتىغا زور تەسىرلەرنى كۆرسىتەلىشىدە پەقەت پانتىكىننىڭ 15 قەبىلىنى باشلاپ غەربكە كۆچكەنلىكىنىلا ئەمەس، بەلكى ئەينى ۋاقىتتىكى شۇ يەرلىك

    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.