ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2010-09-22

    تارىخى ھەمىدىنىڭ....داۋامى - [ئۇيغۇرتارىخى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/75412518.html

    ئەمىرۇلئەمرائى يەنى ئەمىر خۇدايەت بىننى ئەمىر بولاجى دوغلاتىنىڭ قىسسە ۋە ۋەقەلىرى ھەم سەرگۈزەشتىلىرى ماقالاتى، پەرزەنت- نەۋرىلىرىنىڭ ۋە باشقا مىرزا بەگلەرنىڭ بۇ يەتتە شەھەرگە ھۆكۈمرانلىغى ھەم ئاقىۋەتلىرى بايانى

    ساغلام تەبىئەتلىك يارەنلەرنىڭ توغرا زېھنىلىك بۇرادەرلەرنىڭ مۇلايىم تەبىئەتلىرىگە پېتىپ روشەن بولغايكى، بابىداغاننىڭ نەۋرىلىرىدىن ئەمىر تۇلەك دوغىلاتى كاشىغەردە، ئەمىر بولاجى دوغىلاتى ئاقسۇدا ھۆكۈمران ئىدى، بۇ چاغدا چىنگىزخاننىڭ ئالتىنچى نەۋرىسى ئىسەن بۇقاخان دىگەن تەختتە ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ ئىككى خوتۇنى بولۇپ، چوڭ خوتۇنى تۇغماس ئىدى. كىچىك خوتۇنى بولسا خاندىن ھامىلدار ئىدى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىسەن بۇقا خان ئاۋغا (ئوۋ قىلىشقا – ت) ياكى ياۋغا (ئۇرۇشقا – ت) كېتىپ، ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇپ قاپتۇ. بۇ چاغدا دوختىۋى قەبىلىسىنىڭ شىراۋۇل دىگەن بىر كاتتا ئەمىراسى توقسەن تارتۇق بىلەن خانغا كۆرۈنۈشكە كەپتۇ- دە، خاننى كۈتۈپ بىر قانچە كۈن تۇرۇپ قاپتۇ. خان يەنىلا كەلمەپتۇ. خاننىڭ چوڭ خوتۇنى كۈندىشىنىڭ ھامىلدار بولغانلىغىنى سېزىپ، خاننىڭ كەلمىگەنلىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭغا زىشكى- ھەسەت قىلىپ، ئۇنى شىراۋۇلغا ئىنئام قىلپ يولغا سېلىپتۇ. موغۇنلارنىڭ قائىدە- رەسمى بويىچە، چوڭ خوتۇنى كىچىك خوتۇننى خالىسا ساقلايتى ياكى خالىمىسا باشقا ئەرگە بېرەتتى.
    بىر كۈنى خان ئاۋ (ئوۋ) دىن ياكى ياۋدىن قايتىپ كېلىپ، كىچىك خوتۇنى مەڭلىكنى يوقلاپ، ” نەگە كەتتى“دەپ سورىغاندا، چوڭ خوتۇنى” دوختىۋى شىراۋۇل تارتۇق ئېلىپ كەلگەن ئىكەن، مەڭلىكنى شىراۋۇلغا ئىنئام قىلىپ يولغا سالدىم“دەپ جاۋاپ بەردى. خان” مەڭلىك مەندىن ھامىلە ئىدى، ئوبدان بولماپتۇ“دىدى- دە، ئارتۇقچە تەئەررۇز قىلمىدى. خاننىڭ ئوغلى يوق ئىدى. ئاز پۇرسەتتىن كېيىن، خان بۇ جاھان بىلەن خوشلاشتى. نەتىجىدە موغۇل قەۋمى خانسىز قالدى. چۈنكى چاغاتاي ئەۋلادى بىلەن تولۇي ئەۋلادى ئۆز- ئارا جەڭ- جىدەللەر تۈپەيلىدىن بىر- بىرىدىن بۆلۈنۈپ كەتكەن ئىدى.بۇ چاغدا، ئاقسۇدىكى ئەمىر بولاجى دوغلات ئەمىرالىرىنى يىغىپ، ”خان ئەۋلادىدىن بىرەرسىنى تېپىپ، ئۇنىڭ ئىتائىتىدە بولساق، خان ئۆز ئۇرۇغىدىن بولمىسا پۇقرالارغا پاراۋانلىق، يۇرتقا تىنچلىق بولۇشى مۈشكۈل“دىگەندە، ئۇلار: ” ئىسەن بۇقا خاندىن مەڭلىك خوتۇن ھامىلە ئىدى، ئۇ شىراۋۇلغا ئىنئام قىلىپ بېرىلگەن ئىدى، ئەگەر ئۇ ئوغۇل تۇققان بولسا ئېلىپ كېلپ خان كۆتۈرسەك“ دەپ مەسلىھەت قىلىشقاندا، ئەمىر بۇلاجى” شەغاۋۇلنىڭ (شىراۋۇلنىڭ – ت) جاي- مەنزىلى ئۇزۇن، ئۇزۇق ۋاپا قىلمايدۇ، بېرشقا مۇمكىن ئەمەس“ دىدى. بۇ چاغدا تاش تېمۇرا مىرزا دىگەن بىر ئەمىراسى بار ئىدى. ئۇ ” ئۇزۇق ۋاپا قىلمايدىغانلىغى راست، لېكىن ماڭا ئۈچ يۇز ئوغلاقلىق ئۆچكە تېپىپ بېرىلسە، مەن ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ۋە سۈتىنى ئۇزۇق قىلىپ بارسام ۋە خاننى تېپىپ كەلسەم“دىدى. ھەممەيلەن بۇنىڭغا قوشۇلۇپ ئۈچ يۈز ئوغلاقلىق ئۆچكە تېپىپ بەردى. ئۇ بۇنى ئۇزۇق قىلىپ، ئاخىرى بىر ئۆچكە قالغاندا شىراۋۇلنىڭ جاي ماكانىغا يەتتى. ۋە بىر بانا قىلىپ مەڭلىك خوتۇن بىلەن كۆرۈشتى. بارلىق ۋەقەنى ئۇنىڭغا تولۇق بايان قىلدى. ئۇ تەكشۈرۈپ قارىسا، مەڭلىك خوتۇن خاندىن بولغان ھامىلىسىدىن بىر ئوغۇل تۇغۇپ، ئۇنىڭ ئېتىنى تۇغلۇق تېمۇر قويۇپتۇ. يەنە شىراۋۇلدىنمۇ بىر ئوغۇل تۇغۇپ،ئۇنىڭغا ئوڭچە مۈلۈك دەپ ئات قويۇپتۇ. شۇنداق قىلىپ مىرزا تاش تېمۇر بۇ جايدا بىر قانچە كۈن تۇرۇپ ، تۇغلۇق تېمۇرنى ئېلىپ قاچتى. بىر قانچە مۇدەتتىن كېيىن مۇزات داۋىنىغا كەلدى، خان ئويناپ يۈرۈپ ھاڭغا چۈشۈپ كەتتى. تاش تېمۇر مىرزا بۇنىڭدىن بىخەۋەر ئىدى. ئۇ خاننى ئىزدەپ ھەيرانۇ- سەرگەردان بولۇپ تۇرغان چاغدا، يەتتە نەپەر سودىگەر يېتىپ كەلدى.باشلىغىنىڭ ئېتى بەگچەك ئىدى. ئۇ خاننى ھاڭدىن ئېلىپ چىقتى. بۇلار كېيىنچە خاس بەگلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. باشقىلىرىغىمۇ ئۆز لايىغىدا مەنسەپ بېرىلدى. ئالى مۇقام خاننى تاش تېمۇر مىرزا ئاقسۇغا ئېلىپ كېلىپ، ئەمىر بۇلاجىنغا تاپشۇرۇپ بەر دى.
    بۇ چاغدا خان ئون تۆت- ئون بەش ياشلاردا ئىدى. ئەمىر بولاجى يۇرت بەگلىرىنى ھازىر قىلىپ، ئوبدان سائەتتە ئۇنى تەختكە چىقاردى. خان ئەمىر بولاجىنىڭ بۇ قىلغان خىزمىتى ئۈچۈن، ئۇنى بەگلەر بېگى قىلىپ تەيىنلىدى. ئۇنىڭ يەنە ئابائى- ئەجداتلىرىدىن مىراس بولۇپ كەلگەن ئۈچ مەنسەپكە يەنە ئۈچ مەنسەپ جۇلدۇر- جاساق قىلىپ، قولىغا يارلىق نىشانە بېرىپ، ئۇنىڭغا ناھايتى يۇقۇرى ئورۇن بەردى. بىر قانچە كۈندىن كېيىن ئەمىر بولاجى بۈيۈكلۈك ئالىمىگە پەرۋاز قىلدى. خان ئەمىر بولاجىنىڭ مەنسىۋىنى ئۇنىڭ ئوغلى ئەمىر خۇدايدادقا بېرىپ، ئۇنى ” جايساڭ“دىگەن ئەمىرلەرنىڭ ئەمىرى قىلدى. بۇ ئۆزبېك تىلىدا ”بەگلەر بېگى“، قىزغىز، قازاق تىلىدا ”ئېل بېگى“ياكى ” ئۇلۇس بېگى“، ئەرەپچە ”ئەمىرۇلجەيس“(ھەربى قوماندان –ت) دىگەن سۆز بولىدۇ.
    ئەمىر بولاجى بىر ئاتىدىن ئەمىر تۆلەك، ئەمىر بولاجى، ئەمىر قەمەرىددىن، ئەمىر شەمسىددىن دەپ تۆت ئوغۇل ئىدى. بۇ چاغدا ئەمىر قەمەرىددىن ” ئاكامنىڭ ئوغلى يەتتە ياشتا تېخى كىچىك، بۇ مەنسەپكە مەن لايىق ئىدىم، ئاكامنىڭ بۇ مەنۋىسىنى ماڭا مەرھەمەت قىلسىلا، ھەق ئۆز ئورنىنىڭ مەركىزىدىن ئورۇن ئالغان بولار ئىدى“دەپ ئەرز قىلدى. خان ”ئاتا ئوغۇل ئۈچۈن قىلىدۇ“دەپ ئىلتىپات بىلەن يارلىق قىلدى ۋە ”ئەمىر بولاجىنىڭ ئۆتكەنكى خىزمەتلىرىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈپ تۇرۇپ، ئەمىر خۇدايداد گەرچە كىچىك بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئابائى- ئەجداتلىرىنىڭ مەنۋىسىنى بۇنىڭغا بەردىم“ دەپ داۋاملىق يارلىق قىلدى. لېكىن ئەمىر قەمەرىدىدىن بۇنىڭغا ھىچنىمە دەپ جاۋاپ بېرەلمىگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ دىلىدا كىنە- ئاداۋەت پەيدا بولۇپ، مىجەزى باشقىچە بولۇپ، ئۆزگىرىپ قالدى. ئاز ۋاقىتتىن كېيىن خان ۋاپات بولۇپ، گۇنانى ئەپ ئەتكۈسى قادىر ئاللانىڭ رەھمىتىگە سازاۋەر بولدى.
    ئەمىر قەمەرىددىن بولسا بۇنداق پۇرسەتكە ناھايتى ئىنتىزار ئىدى. شۇڭلاشقا ئۇ قارىشلىق ناغىرىسىنى ئاشكارە چالدى ۋە ئون سەككىز شاھزادە بىلەن بىر نەچچە كاتتا ئەمرائلەرنى يوق قىلدى. خاننىڭ يۇرتى، يۇشۇرۇن ئاشكارە غەزنىلىرى، ياراق- جاپدۇقلىرىغا ئىگە بولدى. ئۇنىڭ ھۆكۈم سۈرگەن دەۋرى- زامانىسى ئون ئىككى يىلدا تاماملىنىپ ئاخىرلاشتى. ئۇ ئەمرى تېمۇر كوراگانى بىلەن ھەمئەسىر ئىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا جەمئىي يەتتە قېتىم قاتتىق جەڭ- جىدەللەر بولۇپ، نۇرغۇن ئادەمنىڭ قېنى تۆكۈلدى. ئاخىرى ئەمىر قەمەرىددىن باراۋەرلىك قىلالماي قېچىپ كېتىپ، بىر جەزىر- دەشتىدە يوق بولدى. ئۇنىڭ ئۈلۈگىمۇ تېپىلمىدى. ئەگەر كىمكى بۇ قىسسەنى كۆڭلىدە بىلىشنى خالىسا، ئەلۋەتتە ”رەۋزە تۇسسافا“غا نەزەر سالسۇن.
    ئەلقىسسە، مەغفۇر – (گۇنايى كەچۈرۈلگەن – ت) رەھمەتلىك خان ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلغاندىن كېيىن، خىزىر خوجا خاندىن باشقا ئوغلى ئامان قالمىغان ئىدى. لېكىن خىزىر خوجا خان ئارانلا ئىككى ياشتا بولۇپ، ناھايتى كىچىك ئىدى. بۇ چاغدا ئەمىر خۇدايدادىنىڭ مىر تاغا دىگەن ساپ مەسلىھەتلىك، زىيادە تەدبىرلىك ۋە ئەقىللىق بىر ئانىسى بار ئىدى. ئۇ ”خان نەسلى ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن“ دەپ، ئون ئادەمنى قوشۇپ خىزىر خوجا خاننى قاچۇردى. مەزكۇر ئادەملەر خىزىر خوجا خاننى ئېلىپ قېچىپ بىرقانچە زامان ئالاي تاغلىرى ئىچىدە، بىر نەچچە ۋاقىت بەدەخشان، سېرىق قول جەزىرىلەردە ۋە بىر نەچچە مۇددەت لوپ، چەرچەن جاڭگاللىرىدا ھايات كەچۈردى. قەمەرىددىدن ئۇلارنى خېلى تەكشۈرۈپ ۋە تەپتىش قىلىپ تاپالمىدى. قەمەرىددىن يۇقالغاندىن كېيىن، ئەمىر خۇدايداد خىزىر خوجا خاننى تېپىپ كېلىپ، ئۇنى ئابائى- ئەجداتلىرىنىڭ پايتەختىگە ئولتۇرغۇزدى. خىزىر خوج خانمۇ ئۇنىڭ بۇ خىزمىتى ئۈچۈن، يەنە ئۈچ مەنسەپ ۋە جۇلدۇ- جاساق قىلىپ، جەمئىي توققۇز مەنسەپكە ئىگە بولدى. ئۇنىڭ شىرئەلى خانغا [103] بىر قېتىم خىزمەت كۆرسەتكەنلىگى ئۈچۈن، يەنە ئۈچ مەنسەپ جۇلدۇ قىلىپ بەردى. شۇنداق قىلىپ، ئەمىر خۇدايداد ھەممىسى بولۇپ ئون ئون ئىككى مەنسەپكە ئىگە بولدى.
    بۇ ئون ئىككى مەنسەپ مۇنداق: بىرىنچىسى جايساڭ، يەنى ئەمىرلەر ئەمىرى؛ ئىككىچىنىسى ماڭلاي سۈيەنىڭ ھۆكۈمرانلىغى؛ ئۈچىنچىسى، يارلىق- نىشانلارغا خانلارنىڭ ئۇلۇغ مۆھۈرى- تامغىسى بېسىلغاندىن باشقا، يەنە ئەمىر خۇدايدادنىڭ مۆھۈرى- تامغىسىنى بىللە قوشۇپ بېسىش، ئەگەر مۇنداق قىلىنمىسا يارلىق- نىشانلار ئىناۋەتكە ئېلىنماسلىق؛ تۆتىنچىسى، ئەمىر خۇدايداد خانغا بىر يا مىقدارى يېقىن ئولتۇرۇش؛ بەشىنچىسى، خانغا چاي ۋە قېمىز قويۇشقا ئىككى مەھرەم مەسئۇل بولسا، ئەمىر خۇدايدادقا بىر مەھرەم مەسئۇل بولۇپ، چاي، قېمىز قويۇش؛ ئالتىنچىسى، توققۇز گۇنا سادىر قىلمىغۇچە گۇناغا لايىق قىلماسمىش؛ يەتتىنچىسى، توققۇز گۇنا سادىر بولسا ۋە ئۇنى ئۆزى ئىتىراپ قىلغان تەقدىردە، ئەمىر خۇدايدادنى قىزىل كىگىز ئۈستىدە ئولتۇرغۇزۇپ، سورىغىنى بىر تەرەپ قىلىش؛ سەككىزىنچىسى، ئەگەر تاياق سوقماقلىققا لايىق بولغان تەقدىردە، كۇرسا ئۈستىگە قىزىل كىگىز سېلىپ، ئۇنى ئۈستىگە ئولتۇرغۇزۇپ ئاندىن تاياق سوقۇش؛ توققۇزىنچىسى، توققۇز گۇنا سادىر بولمىغىچە ئۆلۈم جازاسى بېرىلمەسلىك؛ ئونىنچىسى، ئەگەر ئۆلۈمگە لايىق بولغاندا، ئىنسان گۇرۇھى تاياق ياكى قىلىچ بىلەن ياكى ئېسىپ ئۆلتۈرمەسلىك؛ ئون بىرىنچىسى، ئەگەر ئۆلۈمگە لايىق بولسا، ئۇنى كىشى يوق يەرگە ئېلىپ بېرىپ، كۆندۈرۈلمىگەن ئات- تايچاققا سۆرىتىپ ئۆلتۈرۈش؛ ئون ئىككىنچىسى، ئۇنىڭ جېنىنى جان ئالىدىغان ئەرۋاھقا تاپشۇرغاندىن كېيىن، خان باشلىق مەمىلكەتنىڭ ھەممە ئەئيانلىرى ماتەمدار بولۇپ، يىغا- زارە قىلىشىپ، بىللە كۆتىرىپ ئېلىپ بېرىپ دەپىنە قىلشى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ئىدى. بۇ گۇنالار ئۇنىڭدا زادىلا سادىر بولمىغان بولسا كېرەك. ھالبۇكى بۇ پەقەت خانلىقنىڭ سۆلەت ۋە شەۋكەتىدىنلا ئىبارەتتۇر.
    سۆزنىڭ ھاسىلى شۇكى، بۇ ئالى ماقالىق ئەمىرائلەرنىڭ ئەۋلات- نەۋرىلىرىمۇ خانلارنىڭ ئالدىدا خۇددى يۇقۇرقىدەك ئىززەت ۋە ھۆرمەت ھەم يۇقۇرى دەرىجىلىك مەرتىۋە بىلەن ئۆتكەن ئىدى. ئەمىر خۇدايداد بولسا توقسان يەتتە ياشقا كىرگەن ۋە توقسان يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئىدى. ئۇ: ”يەتتە خاننى ئۆز قولۇم بىلەن كۆتىرىپ خانلىق تەختىگە ئولتۇرغۇزدۇم“دەپ زىكىر قىلىدۇ. ئاخىرقى ئۆمرىدە مەككە- مۇئەززەمەگە بولغان مۇھەببىتى ۋە مەدىنەئى مۇنەۋۋەرگە بولغان ئىشتىياقى ئۇنىڭ يۈرەك قاتلاملىرىدا جۇش ئۇرۇپ ئۆرلەشكە باشلىدى. ئۇ خاندىن رۇخسەت سورىدى، لېكىن ھىچقانداق جاۋاپ ئالالمىدى. ئاندىن ئۇ خاندىن رۇخسەت بولمىدى. باشقا بىر تەدبىر بىلەن مۇرادىمغا يەتسەم ھەجەپ ئەمەس دىگەننى كۆڭلىگە پۈكتى.
    بۇ چاغدا فەرغانە ۋىلايىتى، ماۋارائۇننەھىر، خوراسان، پارىس، ئىراقەيىن، ئەزەربەيجەن قاتارلىق جايلار ئىرزا ئۇلۇغ بېك كوراگانىنىڭ ئەمىر- پەرمانىدا تۇراتتى. موغۇلىستاننى قولغا كىرگۈزۈش قەستى بولسا، خۇددى تاشقا ئۇيۇلغان نەقىشتەك ئۇنىڭ يۈرەك قاتلىمىغا ئورۇنلاشقان ئىدى. بۇ چاغدا ئەمىر خۇدايداد مىرزا ئۇلۇغ بېككە مەخپى كىشى ئەۋەتىپ، ”مىرزا! تاشكەنتتىن تۆت- بەش مەزىل يۈرۈپ موغۇلىستان تەرەپكە مۇشەققەتلىك قەدەم قويسىلا؛ مەن موغۇلىستان يۇرتىنى مىرزا ئۇلۇغ بېككە تەۋە قىلىپ بەرسەم“دەپ خەۋەر بەردى. مىرزا ئۇلۇغ بېك بۇ خوش خەۋەرنى ئاڭلاش بىلەنلا سەمەرقەنتتىن ئاتلىنىپ، تاشكەنتكە كېلىپ، بۇ جايدىن لەشكەر تارتىپ چىقتى. موغۇلىيە يۇرتىدىنمۇ خىزىر خوجا خان باشلىق ئەمىر خۇدايداد قاتارلىقلار لەشكەر ئېلىپ تاشكەنت تەرەپكە يولغا چىقتى. ئاخىرى بۇ خۇددى دەريادەك ئاققان ئىككى خۇنخۇۋار قوشۇنلار ئارىسىدا بىر مەنزىلدىن كەمرەك مۇساپە قالغاندا، ئەمىر خۇدايداد : ”مىرزا ئۇلۇغ بېك ئالدىغا ئۆزەم بېرىپ، ئۇنىڭ رائى نۇرلىرىنى قايتۇرسام، ناھەق خۇنلار تۆكۈلمىسە“دەپ خانغا ئىلتىماس قىلدى. خان بۇنىڭغا ماقۇل بولۇپ، ئەمىر خۇدايدادنى مىرزا ئۇلۇغ بېككە ئەۋەتتى. خۇدايداد ئۇنىڭ بىلەن ئۇچۇرىشىپ : ”ئەي مىرزا مۇددىئا ھاسل بولدى، ئەمدى ئۆز تەختگاھلىرىغا يانسىلا، مەن تەدبىر بىلەن ئۆزلىرىنى ئېلىپ كەلگەن ئىدىم تا ئۆزلىرى بۇ يەرگە كەلمىگىچە مېنىڭ مەقسەت ۋە مۇددىئالىرىم ھاسىل بولماس ئىدى“دەپ بارلىق ۋەقەنى تولۇق سۈرەتلەپ ئاشكارە قىلدى. مىرزا ئۇلۇغ بېك تەبەسسۇم ۋە ياخشى مۇئامىلە قىلىپ، ئۆزىنىڭ پىردەۋىس دىگەن جەننەتكە ئوخشاش تەختىگاھى سەمەرقەنتكە قايتىپ كەتتى. جۈملىدىن ئامىر خۇدايدادمۇ خىزىر خوجا خاننىڭ ھۆكۈمىتى ۋە زىمىن دائىرىسىدىن چىقتى.
    مىرزا ئۇلۇغ بېك كوراگانى ئەمىر خۇدايدادنىڭ ئىستىقبالىغا چىقىپ، بىر نەچچە قەدەم جۇلاۋىدا (ئاتنىڭ يېنىدا پىيادە – ت) مېڭىپ ۋە قولتۇغىدىن كۆتىرىپ ئاتتىن چۈشۈرۈپ، زىيادە ئىززەت ۋە ھۆرمەت بىجا كەلتۈردى. ئۇ ئەمىر خۇدايدادنى ھەرقانداق چاغدا ئۆزىدىن ئۈستۈن تۇرغۇزۇپ، ئۆز قەدىمىنى زادىلا ئۇنىڭدىن ئىلگىرى قويمىدى ۋە بىرنەچچە كۈن ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى توغرىسىدا ئۇنىڭدىن كۆپ نەرسىلەرنى سورىدى. ئالدى بىلەن ئۇ پادىشاھى چىنگىز قائاننىڭ قائىدە- قانۇنلىرى، ياساق- يوسۇنلىرى، يارغۇتورىلىكلىرى ھەققىدە سۇئال سورىغاندا، ئەمىر خۇدايداد ”ئەلھەمدۇلىلار ۋە ئەلمىنە بۇدۇركى، ئىسلام دىنىنىڭ دۆلەت- شەرىپىگە ئىگە بولغاندىن كېيىن خانلارنىڭ قائىدە- يوسۇنلىرى بىلەن كارىم بولمىدى “دەپ جاۋاپ بەردى. مىرزا ئۇلۇغ بېك بۇنداق سۇئال سورىغانلىغىغا ناھايتى خىجالەت بولۇپ قاتتىق پۇشايمان قىلدى، ھەتتا ئۆمۈر بويى بۇنداق خىجالەتچىلىكتە ئۆتتى ۋە كۆپ ئىبرەتلەندى. چۈنكى مىرزا ئۇلۇغ بېك ھەممە ئىلىمدە ماھىر ۋە كامىل كىشى ئىدى. ئۆز- ئارا مىھماندارچىلىق پىشەشەكەش- تارتۇق قائىدىلىرى ئادا قىلغاندىن كېيىن، مىرزا ئۇلۇغ بېك ئۆز ئادەملىرىنى خىزمەتكە قوشۇپ، ئەمىر خۇدايدادنى ھەرەمەيىن شرىپىن زىيارىتىگە يولغا سالدى.
    «تارىخى رەشىدى» مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئەمىر خۇدايداد مەككە مۇئەززەمگە بېرىپ، ھەجنىڭ روكىنلىرىنى ۋە شەرتلىرىنى تولۇق بەجا كەلتۈرۈپ، مەدىنەئى مۇنەۋۋەرگە بېرىپ، مۇھەممەت ئەنھەزرەتنىڭ باغ قەۋرىسىگە زىيارەت قىلدى ۋە تۆۋە- ئىستىغپارغا شۇغۇللىنىپ تۇرغان بىر ھالەتتە كېسەلگە دۇچار بولدى ۋە بۇ قاراڭغۇ تۇپراقتىن ئاخىرەت باغچىسىغا يۆتكەلدى. شۇ كېچىسى ئەنھەزرەت چۈشىگە كىردى. ئۇ چۈشىدە ئەنھەزرەتنىڭ ”تۈركىستان تەرەپتىن مېنىڭ بىر مەھبۇبە مەشۇغۇم مېنى دەپ كېلىپ ۋاپات بولدى، ئۇنى ئابباسنىڭ ئايىغىدا دەپىنە قىلىڭلار“دەپ ھاسسا بىلەن بىر يەرنى سىزىپ كۆرسەتكەنلىگى نامايەن بولدى. ئۇ ئۇيقۇدىن تۇرۇپلا ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قەۋرىسىگە بارسا، ھاسسا بىلەن سىزىلغان يەر ناھايتى ئوچۇق كۆرۈندى. ئۇ، بۇ ئەجەپ سائادەتمەن مەردا (ئادەم – ت) كىم بولغىيدى دەپ ھاجىلارنى تەھقىق ۋە تەپتىش قىلىپ كۆرسە، بۇ چاغدا ئەمىر خۇدايداددىن باشقا ھاجى ۋاپات بولمىغان ئىكەن. ئۇنى قائىدە بويىچە سۈنئەت- غۇسۇل قىلدۇرۇپ، بىشارەت بېرىلگەن يەرگە دەپنە قىلدى.
    شۇ يىلى خوجا ئەبۇ نەسىر مۇھەممەت پارسا [104] قۇددۇسسىرە ئەلئەزىزمۇ ھەرەمەيىن شېرىفىن زىيارىتىگە بارغان ئىدى. ئۇنىڭ مۇرتىلىرىدىن بىرى ئەمىر خۇدايدادنىڭ قەۋرىسى ئۈستىگە”ھەززا قەۋرە ئەمىر خۇدايدادنىڭ تۈركىستانى“(بۇ تۈركىستانلىق ئەمىر خۇدايدادنىڭ قەۋرىسى – ت) دىگەن سۆزى تاشقا نەقىش قىلىپ تۇرغۇزۇلغانلىغىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن ئاشكارە كۆردۇم دەپ نەقلى- ھىكايە قىلغان ئىكەن. خوجا مۇھەممەت پارسانىڭ ھەرەمەيىن شېرىفىن زىيارىتىگە بېرىپ ۋاپات بولغان ۋاقتى ھىجرى سەككىز يۈز يىگىرىمە ئىككىنچى يىلى زۇلھەججە (12- ئاي – ت) نىڭ يىگىرىمە توققۇزىنچى كۈنىگە (مىلادى 1420- يىلى 1- ئاينىڭ 16- كۈنى – ت) توغرا كېلىدۇ دەپ ھىكايە قىلىشىدۇ. بلەكى ئەمىر خۇيدادمۇ دەل مۇشۇ يىلى ۋاپات بولسا كېرەك.
    ئەمىر خۇيداددىن كېيىن ئۇنىڭ نەۋرىسى سەيىد ئەلى بىنى سەيىن ئەخەت مىرزا ئەمرى بولۇپ، ئابائى- ئەجداتلىرىدىن مىراس قالغان مەنسەپلەر بويىچە بۇ يەتتە شەھەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ ئۆتتى. ئاندىن كېيىن چوڭ ئوغلى سانسىز مىرزا ھۆكۈمران بولۇپ سەككىز يىل يۇرت سورىدى. ئاندىن كېيىن كىچىك ئوغلى ھەيدەر مۇھەممەت مىرزا ھۆكۈمران بولدى. بۇ چاغدا دوست مۇھەممەتخاننىڭ [105] قىزى جىماك ئاغچا سانسى ئەمىرنىڭ نىكاھىدا ئىدى. بۇنىڭدىن ئابابەكرى مىرزا ۋە ئۆمەر مىرزا دەپ ئىككى ئوغۇل دۇنياغا كەلدى. سانسىز مىرزا ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنى يەڭگە دەپ ھەيدەر مۇھەممەت مىرزا ئۆز ئەقىدىگە ئالدى. ھەيدەر مۇھەممەت مىرزىدىنمۇ مۇھەممەت ھۈسەيىن ۋە مۇھەممەت سەئىد مىرزا دەپ ئىككى ئوغۇل ۋۇجۇتقا كەلدى. مۇھەممەت ھۈسەيىن مىرزا بۇ يەتتە شەھەرنىڭ ھۆكۈمىتىنى پىسەن قىلماي، تاشكەنتكە بېرىپ، يۇنۇسخاننىڭ ئوغلى مۇھەممەتخاننىڭ خىزمىتىدە بولدى. ئۇ مۇھەممەتخاننىڭ يارلىغى بىلەن ئوراتۆپەگە توققۇز يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. مەھمۇتخان بىر ھەمشىرىسىنى مۇھەممەت ھۈسەيىن مىرزىنىڭ ئەقىدىگە باغلاپ، ئۇنى كوراگانلىق (خانغا كۈيوغۇل) مەنسىۋى بىلەن ئۇلۇغلىدى. ئوراتۆپەدە بۇلاردىن مىرزا ھەيدەر ۋۇجۇتقا كەلدى. لېكىن ئۇ زامانە ھادىسلىرى ۋە بەزى كېلىشمەسلىكلەر تۈپەيلىدىن، ئوراتۆەپدە تۇرالماي، پەرزەنتى مىرزا ھەيدەرنى ئېلىپ ھىراتتىكى سۇلتان ھۈسەيىن مىرزا بىننى بايقارا مىرزا خىزمىتىگە باردى.
    بۇ چاغدا ھىراتتا ئەمىر بۇرۇندۇق دىگەن بىر مۆتىۋەر قېرى ئەمىرائى بار ئىدى. سۇلتان ھۈسەيىن مىرزا ئۇنى مۇھەممەت ھۈسەيىن كوراگاننىڭ ئىستىقبالىغا چىقاردى ۋە مۇناسىپ جاي- ماكانغا چۈشۈردى. سۇلتلان ھۈسەيىن مىرزا بلەن قانداق كۆرۈشۈشنىڭ مەسلىھىتىنى قىلىشتى. ئەمىر بۇرۇندۇق: ”ھەرقانچە بولسىمۇ ئولجاپ (خان، پادىشالارنىڭ قوللىرىنى باشلىرىغىچە يەتكۈزۈپ كۆرۈشۈش ئادىتى –ت) كۆرۈشكەن ياخشى بولۇر ئىدى“دىدى. مۇھەممەت ھۈسەيىن مىرزا بۇنى ماقۇل تۇتمىدى. چۈنكى، مۇھەممەت ھۈسەيىن مىرزا دوغلات نەسلىدىن ئىدى. سۇلتان ھۈسەيىن مىرزا بولسا، بارلاس نەسلىدىن ئىدى. دوغلات قەبىلىسىنىڭ مەرتىۋە دەرىجىسى بولسا بارلاس تائىپىلىرىدىن نەچچە دەرىجە ئارتۇق ئىدى. ئاخىرى ئۇلار كۆرۈشىدىغان بولدى. سۇلتان ھۈسەيىن مىرزا: ”ئابائى- ئەجداتلىرىنىڭ قائىدە- رەسمىيەتلىرى يوق بولۇپ كەتمىسۇن، مۇھەممەت ھۈسەيىن مىرزا ماڭا ئولجاپ كۆرۈشمىسە مەن ئولجاپ كۆرۈشىمەن“دەپ ئولجاپ كۆرۈشتى. ھەر ئىككىسىلا باراۋەر ئولجاپ كۆرۈشتى. بىر- بىرىنىڭ ئىززەت- ھۆرمىتىنى ئاشۇرۇپ قىلىشتى. لېكىن بۇ چاغدا سۇلتان ھۈسەيىن مىرزىنىڭ ئۆمۈر ئاپتىۋى پېتىش ۋاقتىغا يەتكەن، ئوغلانلىرىنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ئەۋجىگە چىققان، ھەممە جايدا پىتنە- پاساتلار قوزغالغان ئىدى. شۇڭلاشقا مۇھەممەت ھۈسەيىن مىرزا بۇ يەردە تۇرماقنى مۇناسىپ كۆرمەي، ھەرەمەيىن شېرىفىن زىيارىتىگە سەپەر قىلدى. پەرزەنتى ھەيدەر مىرزا بۇ چاغدا سەككىز ياشتا ئىدى. ئۇنى مەۋلانە مۇھەممەت قازىنىڭ خىزمىتىگە تاشلىدى. مەۋلانە مۇھەممەت قازى ئەررەھمە خوجا بولسا خوجا ئەھرار ۋەلىلۇللانىڭ [106] مۇرىدى مەخدۇم ئەززەمنىڭ [107] پىرلىرىدىن بىرى ئىدى.
    كېيىنكى زاماندا سۇلتان سەئىد خان بىننى ئەخمەت خان [108] دەۋرىدە، مىرزا ھەيدەر كوراگانى يىگىرىمە ئىككى يىل ياركەنتتە ئەمىرلەر ئەمىرى بولۇپ تۇردى. تىبەت، بولۇر قاتارلىق جايلاردا لەشكەر تارتىپ بېرىپ، تولا شەھەرلەرنى ئىشغال قىلىپ، نۇرغۇن ئادەملەرنى ئىسلام دىنىغا زۇمرەسىگە (گۇرۇھىغا – ت)باشلاپ، ئۇلارنى ئاللانىڭ بىرلىگىگە ئىشەنگەن مۇسۇلمان- مۆمىندارچىلىق يولىغا تەرغىپ قىلدى. لېكىن، زامانە ئىنقىلاۋى تۈپەيلىدىن، ئۇ كابۇلغا بېرىپ، بابۇر پادىشا خىزمىتىگە كىردى. بابۇر پادىشانىڭ ئانىسى بىلەن مىرزا ھەيدەر كوراگانىنىڭ ئانىسى بىر تۇققان بولۇپ، ئۇلار يۇنۇس خاننىڭ قىزى ئىدى. ئۇ بابۇر پادىشا تەرىپىدىن كەشمىرگە ئەۋەتىلىپ، بۇ جاينى تۆت يىل سورىدى. نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى بەرپا قىلدى. ھىندىستاننىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرىنى بوي سۇندۇردى. ئاخىرى سەلتەنەتنى تاشلاپ، ئۆز ئۆمىرىنى ئىبادەتكە سەرپ قىلدى. ئۇ «”تارىخى رەشىدى“نى كەشمىردە يېزىپ توپلام قىلدىم» دەپ ھىكايە قىلىدۇ. خانلارنىڭ قىزلىرى ئەمىر خۇدايدادنىڭ ئەۋلاتلىرىغا كوفو (ئەقىدە نىكا ئۈچۈن تەڭداش بولۇش سالاھىيىتى – ت)بولىدىكەن. شۇ سەۋەپتىن ئۇلار خانغا كۈيوغۇل قىلىنىپ، ”كوراگان“لىق مەنسىۋى بېرىلىدىكەن. ”كوراگانى“دىگەن سۆز مۇڭغۇل تىلىدا ”خانغا كۈيوغۇل“يەنى ”دامادى پادىشا“(پادىشا كۈيوغۇلى – ت) دىگەن مەنىدە بولىدىكەن. يەنە بۇ مىرزىلارنىڭ قىزلىرىمۇ خانزادىلەرگە كوفۇ قىلىنىدىكەن.
    سانسىز مىرزىنىڭ ئوغلى مىرزا ئابابەكرى بولۇپ، بۇ يەتتە شەھەردە مىرزا ئۇرۇقلىرىدىن يەنە بار، ھەممىسىنىڭ نەسەپلىرى ئەمىر خۇدايدادنىڭ بىننى ئەمىر بولاجىغا باغلىنىدۇ. مىرزا ئەھمەت ۋاڭ بېگىممۇ ئۆز نەسەپلىرىنى مىرزا ئابابەكرىگە ئاپىرىپ باغلايدۇ. بۇ سۆزنى تەپسىلى ۋە ئۇزۇن بايان قىلىشتىن مەقسەت ۋە تەلەپ شۇكى، چاغاتاي خان بىننى چىنگىزخان زامانىدىن سۇلتان سەئىد خان زامانىغىچە ئۈچ يۈز يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتۈپتۇ. بابداغان دوغلاتىنىڭ ئەۋلادى – نەۋرىلىرى ئەمىر خۇدايدادبىننى ئەمىر بولاجى نەسلىدىن نەسلىگىچە، زاماندىن زامانغىچە، ئۇ پۇشتىدىن بۇ پۇشتىغىچە بۇ يەتتە شەھەگە ھۆكۈمران بولۇپ، يۇقۇرى مەرتىۋە تۇتۇپ كېلىپتۇ. بۇ ئەھۋال ئەڭ ئاخىرى مىرزا ئابابەكرى دەۋرىگە كەلگەندە تامامغا يەتتى. ئاندىن كېيىن مىرزا ئابابەكرىنىڭ بۇرادەر زادىسى مىرزا ھەيدەر كوراگانىنىڭ تەشەببۇسى ۋە دالالىتى بىلەن سۇلتان سەئىد خان بۇ يەتتە شەھەرگە ۋالى ۋە مۇتەۋەللى بولدى. بۇ دوغلات خانىدانلىرى ئەمىرلەر ئەمىرى ھەم ۋەزىر بولۇپ، تا ئىسمائىل خان ۋە مۇھەممەت ئىمىن خان زامانلىرىغىچە يەنە ئىككى يۈز يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ھۆكۈمران بولۇپ ئۆتۈپتۇ. ھەتتا خافانى چىن ئەھلى بۇ يەتتە شەھەرگە مالك بولغۇچە ئۇلارنىڭ ھۆكۈملىرى جارى بولۇپ كېلىپتۇ.
    مىرزا ئەھمەت ۋاڭ بېگىمنىڭ نەسەپلىرىمۇ مىرزا ئابابەكرىگە يېتىپتۇ دەپ ھىكايە قىلىشىدىكەن. لېكىن قانداق يول بىلەن ئۇنىڭغا باغلىنىدىغانلىغى بۇ مەنكى كەمىنىگە مەلۇم ئەمەس. رىۋايەتلەرنىڭ مەزمۇنىغا قارىغاندا، ئۇلارنىڭ بۇ يەتتە شەھەرگە بولغان ھۆكۈمرانلىغى تاكى ھىجرى بىر مىڭ ئۈچ يۈز يىگىرىمە ئالتىنچى يىلغىچە (مىلادى 1909- يىلغىچە – ت) جارى بولغان ئىكەن. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەۋلادى مىرزاھىدى بەيسە بېگم ياركەنتنى سوراپ ئۆتۈپتۇ. ئاندىن كېيىن ئوغلى مىرزا ئوسمان بەيسە بېگىم كاشىغەرنى سوراپ ئۆتۈپتۇ. مەۋلانە مۇھەمەت سادىق كاشىغەرى [109] ئەلەيھىررەھىم «زۇبدە تۇل مەسائىل» (تاللانغان مەسىلىلەر) ناملىق كىتاۋىنى مەزكۇر مىرزا ئوسمان بەيسە بېگىمنىڭ نامىغا بېغىشلاپ يازغان ئىكەن. ئاندىن كېيىن ئوغلى مىرزا ئىسھاق بېگىم ۋاڭلىق مەنسىۋىگە ئۇلىشىپ كاشىغەرنى سوراپ ئۆتۈپتۇ. ئاندىن كېيىن ئوغلى مىرزا مەھمەت ۋاڭ بېگىم ئاقسۇغا ھاكىم بولۇپ، يىگىرىمە سەككىز يىل سوراپتۇ، ياركەنتنى سەككىز يىل سوراپتۇ. بۇخارالىق مولا ئابدۇلكېرىم داموللام « ئاقايىد» (ئەقىدىىلەر – ت) دىگەن كىتاپنى مىرزا ئەھمەت ۋاڭ بېگىمنىڭ نامىغا بېغىشلاپ تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلىپ ۋە ئۇنى تولا تەرىپ- تەسۋىف (سۈپەت – ت) لەر بىلەن توشقۇزۇپتۇ. مىرزا ئەخمەت ۋاڭ بېگىم بولسا دۆلەتمەن، ئىقبالمەن، زېرەك، ھۇشيار، ھۆكۈمەتدارلىق قائىدە- قانۇنلىرىدا، پۇقراپەرۋەرلىك يول كۆرسەتكۈچ دەستۇرىدا بىر سۆز ۋە بىر قۇللۇقتا مۇستەھكەم كىشى ئىدى. پېئىل- ئەتىۋارى ۋە ئەخلاقى، خەلقپەرۋەرلىكتە بۇرۇن ئۆتكەن پادىشلارنىڭ رەسمى- ئادەتلىرىگە، خەلق- مىجەزىگە ناھايتى ئوخشاش ئىدى. قارىماققا ئۇ خاقانى چىنگە تەۋە ھەم ئىتائەت قىلىدىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئەمىلىيەتتە ئۆز ئالدىغا پادىشا ۋە مۇستەقىل ھاكىم ئىدى. ھەرقانداق دەۋا- دەستۇرلارنى ئاق ۋە شەرىئەتنىڭ ئۆلچىمىگە سېلىپ، شەرىئەتنىڭ نازۇك ۋە توغرا- يوللۇق ئىماملىرىدىن قولىغا مۇۋاپىق پەتىۋا ئېلىپ ۋە پەتىۋا ھۆكۈملىرى بويىچە ئۆز ھۆكۈملىرىنى جارى ۋە ئىجرا قىلاتتى. شەرئى شېرىپنىڭ خاتىرە ۋە رىئايەلىرىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئاللانىڭ شەرىئەت چېگرا- سىزىغىدىن چىقماي، ھۆكۈمدارلىقنى شۇ چېگرا- سىزىق بويىچە ۋاستە مەقام (ئوتتۇرا دەرىجىدە –ت) دەرىجىسىدە ئورناتقان ئىدى. شۇڭا خاقانى مەنسەپدارلىرىدىن خان، ئامبال باشلىق ھەممىسىلا ئۇنىڭدىن ناھايتى ئېھتىيات قىلىپ، تولۇق ئىززەت ۋە ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى. ھاراقۇ- شاراپ، بەڭ، بوزا قاتارلىق شەرىئەت تەرىپىدىن مەنئى قىلىنغان ۋە بىھۇدە ئىشلاردىن ئۆزىنى ئىھتىيات قىلىپ ساقلايتى. شۇڭلاشقا پۇقرائى رەئىيەلەر ياكى ئاكابىر ئەشرەپ بەگلەر، بەگزادىلەرمۇ مۇنداق مەنئى قىلىنغان ئىچىملىكلەرنى زادىلا مەخپى ياكى ئاشكارە قىلالمايتى. يېرىم كېچىدىن كېيىن كۆزلىرى ئۇيقۇغا بارماي، دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، تاھارەت ئېلىپ، ئىبادەتخانىلىرىغا كىرىپ ناماز تەھەججۇتنى (كېچىلىك ناماز – ت) ئادا قىلغاندىن كېيىن، ئىشان، ھەززەتلەردىن ئالغان تەلىمى ھەم ۋەزىپىلىرى بويىچە دۇئا ۋە تەكبىر بىلەن شۇغۇللىناتتى. ئىبادەتخانىسىدا بىر پارچە بورىدىن باشقا كىگىز بىساتى يوق ئىدى. تۇرۇسقا بىر قارا ئارقان ئېسىقلىق بولۇپ، دۇئاي- تەكبىر ۋەزىپىسىگە مەشغۇل بولغاندا، مەزكۇر ئارقاننى بوينىغا ئېسىپ ئاندىن ۋەزىپىگە مەشغۇل بولاتتى. ناماز ۋاقتى توشقاندا، مىچىتكە چىقىپ، ھەر ۋاقىت نامازنى ئاز دىگەندىمۇ ئەللىك، ئاتمىش ئادەم بىلەن جامائەت بولۇپ ئەڭ ئالدى بىلەن ئادا قىلاتتى. ئۇ ئۆز ئۆمرىدە جامائەت بىلەن ئوقۇيدىغان نامازنى پەقەت تاشلىغان ئەمەس. ئاينىڭ بېشى ۋە ئون بەشىدە ئادەت بويىچە شاڭتاڭ ۋە شاڭ يامۇلىغا چىققاندا، خىتايچە جۇڭيى ئوتاغات ۋە مەنسەپ كىيىم ئاياقلىرىنى كىيىپ ئاندىن چىقاتتى. باشقا چاغلاردا بولسا ھەمىشە سەللە- سالاھى، پېرىجە قاتارلىق شەرىئەت شەرىپىگە مۇۋپىق كىيىملەرنى كىيەتتى ۋە باشقىلاردىنمۇ شۇنى تەلەپ قىلاتتى. ئۆلىمالار، ئىشانلار، ئەپەندىلەرگە بولغان ئەقىدە- ئىخلاسلىرى زىيادە، كۆڭلى ۋە مۇئامىلىسى ئىللىق ئىدى. شۇڭلاشقا، بەدەخشان، ھىندىستان، بۇخارا ۋە تۈركىستان قاتارلىق ئەتىراپتىكى جايلاردىكى ھەزىرەت ئىشانلار، بۇ ۋاڭ بېگىمنىڭ تۈرلۈك- تۈرلۈك نېئمەتلىرى، ئىنئام ۋە ئېھسانلىرى، نامى- شۆھرىتىنى ئاڭلاپ، بۇ يەرگە كېلىپ، بىر نەچچە كۈن تۇرۇپ، بەھرە ۋە پايدىغا مۇيەسسەر بولۇپ، ۋاڭ بېگىمنىڭ دۇئاي- دۆلەتلىرىنى قىلىپ، ئۆزى ئۆسكەن ۋەتىنىگە قايتىپ كېتەتتى. ۋاڭ بېگىم باشلىق بىر قانچە ئەقىدە- ئىخلاسلىرى پاكىز مۇرت- مۇخلىسلارمۇ ئۆز ئىخلاسلىرى باراۋېرىدە بەھرە- پايدا ئېلىپ قالار ئىدى. بۇلارمۇ قادىرىيە [110]، نەقشەبەندىيە تەرىقە- سۈلۈككە كىرگەن ئىدى. ۋاڭ بېگىم موللا، فازىل ۋە پەرھىزكارلارنى (دىنىي ئەقىدىلەردە پەرز تۇتقۇچىلارنى – ت) چاقىرىپ، ھەر دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى تەرىقەتچىلەر گۇرۇھىنىڭ ئىبادەت قائىدىسى بويىچە كالامى شېرىپنى خەتمە قىلدۇرار ئىدى. مەزكۇر فازىل قارىلارنىڭ ھەممە ۋاقىت ھاجەتلىرىدىن چىقىپ، ئۇلارغا تارتۇق- ھەدىسلەرنى بېرەتتى. ئۇنىڭ بۇلاردىن باشقا يەنە لەنگەر- رابات، مەدرىسە، مىچىتلەرگە قىلغان نەزىر- چىراق، خەيرىخاھلىق ۋە سەدىقىلىرى كۆپ ئىدى، ئۇ بۇ خىل نەزىر- سەدىقىلەرنىڭ خىراجەت سەرپىياتىنى تامامەن ئۆز ئابائى- ئەجداتلىرىدىن مۈلكى مىراس بولۇپ قالغان زىمىنلىرىنىڭ مەھسۇلاتى ۋە باشقا چاھار پايلىرىدىن سەرپ قىلاتتى. بۇ زامان ئاخىرىدا ئەمىر خۇدايداد ئەلەيھۇ رەھىم ۋە ئەلغۇفۇران (خۇدانىڭ رەھمىتى ۋە مەغپىرىتى بولسۇن)نىڭ ئەۋلات- ئىخپاتلىرى ئىچىدە، ۋاڭ بېگىمدەك فازىل، شەرىئەتنى ياخشى بىلىدىغان ئۆلىما دوست، پۇقراپەرۋەر ئۇلۇغ كىشى ئۆتمىگەن ئىدى. خۇدانىڭ بەندىلىرىگە قىلغان ياخشىلىق، نەتىجىلىرى ۋە ئەسەر- ئالامەتلىرى تا بۈگۈنگىچە خالايىق ئارىسىدا مەشھۇردۇر.ئۇ بۇ ئەقىدە- ئىخلاسلىرىنىڭ ساپلىغى بەرىكىتىدىن، ئەڭ ئاخىرقى ئۆمرىدە شاھادەتلىك دەرىجە- مەرتىۋىسىنى تاپتى. ئۇ چاغدىكى ئىسلام ئۆلىمالىرى ئۇنى ”ئەلا شەھىت“دەپ ھۆكۈم قىلىپ، ناھەق تۆكۈلگەن قانلىرى بىلەن، غۇسلا قىلماي ناماز جىنازىسىنى ئوقۇپ دەپنە قىلدى. (ئىسلام دىنىدا شېھىت بولغانلار غۇسلى قىلىنماي قانلىق كىيىملىرى بىلەن كۆمۈلىدۇ – ت). ئاندىن كېيىن ئوغلى مىرزا ھامۇت بېگىم ۋاڭلىق مەنسىۋىگە يېتىپ، ئاقسۇ، خوتەنگە ھاكىم بولۇپ ئالەمدىن ئۆتتى. ئاندىن ئوغلى مىرزا مۇھەممەت بېگىم ئاتا مىراسى ۋاڭلىق مەنسىۋىدە ئولتۇرۇپ، دۆلەت ۋە ئىززەت بىلەن”ۋاڭ غوجام“دىگەن نام بىلەن مەشھۇر- مەرۇپ بولدى.

    سۆزنىڭ ھاسىلى شۇكى، موغۇل خانلىرىدىن چىنگىز قائان بۇ يەتتە شەھەرگە ھىجرى ئالتە يۈز ئون ئالتىنچى يىلى (مىلادى 1219- يىلى – ت) ئىستىلا تاپتى. شۇ زاماندىن بۇ كەمگىچە بۇ جايغا باشقىلارنىڭ ئىستىلا قەدەملىرى يەتمىگەن ئىكەن. لېكىن ئەمىر كىبىر تېمۇر كوراگانى ئىراق تەرىپىگە لەشكەر تارتىپ ماڭغاندا، پايتەختى سەمەرقەنتكە بىر نەۋرىسى سۇلتان مۇھەممەتنى ۋە يەنە بىر نەرۋرىسى ئىسكەندەر سۇلتان بىننى ئۆمەر شەيخ باھادۇرنى ئەنجانغا ھاكىم قىلىپ كەتكەن ئىدى. ئەمما ئىسكەندەر سۇلتان تېخى ئون ئۈچ ياشتا كىچىك بولغانلىغى ئۈچۈن، ئەمىرلىرى ئىشكارغا چىقىمىز دەپ ئېلىپ قېچىپ كاشىغەرنى بېسىۋالدى. ئاندىن ئۆتۈپ ياركەنتنى قولغا كىرگۈزدى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن سېرىق قۇمۇش، كەللىن، زالى كۆلى قاتارلىق جايلارنى بېسۋالدى. ئاندىن كېيىن ئاقسۇنى قىرىق كۈن قامال قىلىپ تالان- تارج قىلدى. ئاندىن ئۆتۈپ باي ئارقىلىق كۇچارنى بېسىۋېلىپ، كۇچار ئەھلىنى بالايى- مېھنەتلەرگە دۇچار قىلدى. بۇ جايدىن ئۆتۈپ تاۋم ئارقىلىق خوتەننى بېسىۋالدى. بۇ جايدا بىر قانچە كۈن تۇرۇپ، نەچچە توققۇز قىز بالىنى ئېلىپ ئەنجانغا چىقىپ، ئەمىر تېمرۇ كوراگانىغا ئىككى توققۇز قىز، سۇلتان مۇھەممەت مىرزاغا بىر توققۇز قىز تارتۇق قىلىپتۇ. لېكىن بۇ جايغا تاغىلىرىدىن بىجاۋاپ چىققانلىغى ئۈچۈن، بەد گۇمان بولۇپ، يىگىرىمە سەككىز ئەمىرنى تىغ سىياسەتتىن ئۆتكۈزدى. ئىسكەندەر سۇلتاننى نەزەربەت قىلدى. بۇ ئەھۋاللار «رەۋزە تۇسسافا»دا بايان قىلىنغان. لېكىن بۇ جايدا سېرىق قۇمۇش، كەللىن، زالى كۆلى، تاۋم دىگەن جايلار قايسى ماكاندا ۋە قايسى يەرلەرنىڭ نامى ئىكەنلىگى مەلۇم ئەمەس. مەزكۇر ئىسكەندەر سۇلتاننىڭ كېلىپ كەتكەن ۋاقتى بىر يىلدىن كۆپرەك بولسا كېرەك. ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ يەتتە شەھەر ھۆكۈمىتى يەنە ئەمىر خۇدايدادنىڭ نەۋرىلىرىگە تەئەللۇق تاپتى.
    شۇنىڭدەك ئەمىر كىبىر تېمۇر كوراگاننىڭ نەۋرىسى مىرزا ئۇلۇغ بېك كوراگانى قەشقەر ئۇلۇغ ئەمىر خۇدايدادنىڭ نەۋرىسى قارا قۇل ئەخمەت مىرزىدىن خاپا بولۇپ ئەسكەر ئەۋەتىپ، قەشقەرنى بېسىۋېلىپ تۆت يىل سوراپ، ئۆز ھۆكۈملىرىنى جارى قىلىپ، بۇ جاينى ئەمرى ئىتائەتلىرىگە كىرگۈزگەن ئىكەن. مۇھەممەت ياقۇپ بەگ ئاتالىق غازىدىن باشقا ماۋارئۇننەھرى، فەرغانە ۋىلايىتى ياكى ئەرەبىستان ئۇلۇغلىرىدىن كېلىپ، بۇ يەتتە شەھەرنى بېسىۋېلىپ، بىر يىل ياكى ئالتە ئاي مىقدارى سورىغانلىرى ھىچقانداق تارىخ كىتاۋىدىن كۆرۈلمىدى ۋە مەلۇم بولمىدى. ئەمما موغۇل تايىپلىرى نەچچە قېتىم ئەرەبىستان شەھەرلىرىنى قولغا كىرگۈزۈپ، نەچچە يۈز يىل ھۆكۈم سۈرۈپ، ۋەتەندار بولغانلىغى ھەممە تارىخ كىتاۋىدا ئاشكارە بايان قىلىنغان. (خۇدا ھەممىدىن بەكرەك بىلگۈچىدۇر)

    موغۇلىستان پادىشاسى تۇغلۇق تېمۇرخان (ئاللا ئۇنىڭ ياتقان جايىنى نۇرلۇق جەنەتتە قىلسۇن) نىڭ ئېسىلزادە نەسەپلىرى، ھەر بىر ئەۋلات- نەۋرىلىرىنىڭ زىكرى ۋە سانلىرى، ئۇلارنىڭ دەسلەپكى ۋە ئاخىرقى ۋەقەلىرى بايانى

    تارىخ بىلگۈچىلەرنىڭ نازۇك ۋە كېلىشكەن ئۆلچەملىك تەبىئەتلىرىگە ھەم سۆزىنى گۈزەل سۆزلەيدىغان سۆزمەنلەرنىڭ چوڭقۇر زېھىنلىرىدىن مەخپى ۋە بىئەلان قالمىغايكىم، تۇغلۇق تېمۇرخان بولسا ئىسەن بۇقاخاننىڭ ئوغلى، ئۇ داۋاچىچەن خاننىڭ ئوغلى، بۇ بۇراق خاننىڭ ئوغلىدۇر، بۇراق خاننىڭ مەشھۇر ئىسىملىرى سۇلتان غىياسىددىن بولۇپ، مۇسۇلمان ۋە دىندار ئادەم ئىدى. بۇ سىسسۇ قارانىڭ ئوغلى، بۇ مامۇكباينىڭ ئوغلى، بۇ چاغاتاي خاننىڭ ئوغلى، بۇ چىنگىز قائاننىڭ ئوغلى ئىدى.
    تۇغلۇق تېمۇرخان ئون بەش ياشلارغا كەلگەندە، ئەمىر بولاجى دوغلاتىنىڭ يارەم دالالىتى ئارقىسىدا، ئاقسۇدا خانلىق تەختىگە ئولتۇردى. بۇ ھەقتە يۇقىرىدا توختالغان ئىدۇق. ئۇ يىگىرىمە تۆت ياشلار چاممىسىدا مەۋلانە ئەرشىدىن ۋەلىلۇللا (ئۇنىڭ سىرى پاك ۋە مۇبارەك بولسۇن!) نىڭ قولىدا ئىسلام دىنىنىڭ سائادەت شەرىپىگە ئىگە بولدى. ۋەقەسىنى كېيىن بايان قىلىمىز – ئىنشا ئاللا! (ئاللا سەۋىر قىلغۇچىلارغا يېقىندۇر!)
    بۇ چاغدا ماۋارائۇننەھرى شەھەرلىرى ئۆز بېشىمچىلىق ۋەزىپىسىگە چۈشكەن ئىدى. تۇغلۇق تېمۇر ئىككى قېتىم لەشكەر تارتىپ بېرىپ، تا قۇندۇزغىچە بولغان جايلارنى ئۆز قولىغا كىرگۈزۈپ ياندى. بۇ چاغدا ئەمىر تېمۇر كوراگانى شەھىرى سەبىزگە ھاكىم ئىدى. ئىستىقبالغا چىقىپ، ناھايتى تولا سوغا- سالاملارنى تەقدىم قىلدى. فارامىن دەستۇرى بويىچە، ئۇ ئابائى – ئەجداتلىرىدىن مىراس قالغان ۋەزىرلىك مەنسىۋىگە لايىق ئىدى. ئۇنىڭغا ئىلتىپات قىلىپ سەمەرقەنتتىكى چوڭ ئوغلى ئىلياس خوجانىڭ خىزمىتىدە قويۇپ، ئۆزى پەيتەختى ئىلىغا قايتتى. ئاز پۇرسەتتىن كېيىن ئىلياس خوجاخان بىر تەرەپ بولدى. تۇغلۇق تېمۇر بۇ جاھاننى مېھنەت غورۇرىدىن سارايى جەننەت شاتلىغىغا كۆچتى. بۇ چاغدا ئۇ ئوتتۇز تۆت ياشتا ئىدى. ئىلىدا دەپنە قىلىندى. جاھان ئەھلىنى ئوت ئازاۋىدا قويغان بۇ ۋەقە ھىجرى يەتتە يۈز ئاتمىش ئالتىنچى يىلى (مىلادى 1364- 1365- يىلى – ت) يۈز بەرگەن ئىدى. خەلق ئارىسىدا ، بولۇپمۇ ئىلى شەھىرى ۋە ئەتىراپتىكى جايلاردا شۇ زاماندىن باشلاپ ئىسلام دىنى شەراپىتى ئاشكارە بولدى.
    لېكىن بۇ يەتتە شەھەر خۇسۇسەن كاشىغەرنىڭ ئەھۋالىغا كەلسە، ھىجرى ئۈچ يۈز ئوتتۇز ئىككىنچى يىلى (مىلادى 943 – 944- يىلى – ت) جانابى ئەنھەزرەت سەلىلۇللا ئەلەيھى ۋەسسەلامنىڭ بىشارىتى ئارقىسىدا، ئەبۇ نەسىر سامانى [111] كاشىغەرگە كەلدى. بۇ چاغدا كاشىغەردە بۇغرا خانلار نەسلىدىن ھارۇن بۇغراخان [112] ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان مەزگىل ئىدى. بۇ چاغا ئوغلى سۇلتان ساتۇق ئون ئۈچ ياشتا ئىدى. ئۇ ئاللانىڭ تەۋپىق ھىدايەت بېرپ توغرا يولغا باشلىشى، ئەبۇ نەسىر ساماننىڭ ياردەم دالالىتى بىلەن مۇسۇلمانلار گۇرۇھىنىڭ ئىچىدىن ئورۇن ئالدى. سۇلتان ساتۇقنىڭ دالالىتى بىلەن بۇ يەتتە شەھەرمۇ مۇسۇلمان بولۇپ، ھەر قايسى شەھەرلەردە مۇسۇلمانچىلىق ئاشكارە بولدى. ھەر قايسى يۇرتلارنىڭ ھۆكۈمەتلىرىمۇ بۇنىڭغا تەۋە بولدى. پەقەت خوتەن ئۇلۇغىلا ئۇنىڭغا بوي سۇنماي ھىجرى ئۈچ يۈز ئاتمىش ئىككىنچى يىلى (مىلادى 982 – 983 – يىلى – ت)ئاران ئىسلام دىنى شەراپىتىگە ئىگە بولدى. مۇشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، بەلكى ئۇنىڭدىن خېلى بۇرۇنلا بۇ يەتتە شەھەر ھۆكۈمرانلىغى بۇغرا خانلارغا تەئەللۇق ئىكەن. تا چىنگىزخان زامانىغىچە بۇغا خانلارنى ئەفراسسىياپ [113] ئەۋلادىدىن ئىدى دىگەن رىۋايەتلەر بار. سۇلتان ساتۇق بۇغرا خاننىڭ قەۋمى- مازارى ھازىر ئاتۇش دىگەن جايدا.
    ئەمدى يەنە ئەسلى سۆزىمىزگە كەلسەك، تۇغلۇق تېمۇر خاندىن كېيىن ئوغلى خىزىر خوجا ئاتا مىراسى پايتەختىگە ئىگە بولدى. بۇ شەرىئەت شوئار، دىيانەتلىك، شىجائەتلىك ھەم باتۇرلۇقتا تەڭدىشى يوق كىشى ئىدى. خەلقنىڭ راھىتىنى ئويلايدىغان ۋە پۇقراپەرۋەرلىكتە باراۋىرى يوق ئىدى. ئەمىر تېمۇر كوراگانى بىلەن دوستلۇق ئورنىتىپ، ئۆز قىزى تۇكەل بېگىمنى ئەمىر تېمۇرنىڭ ئەقىدىسىگە سۇنۇپ، ئۇنى كوراگانلىق مەنسىۋى بىلەن ئۈستۈنلىدى. يۇرتلارنى خاتىرجەم قىلىپ، بىجىن [114] تەرەپكە غازاتقا ئاتلاندى. بۇ چاغدا تۇرپان، قاراخوجا، قۇمۇل ئەھلى دىنى ئىسلامدىن بىبەھرى ئىدى. بۇ جايلار خىزىر جوجا قولى بىلەن ئىسلام دىنى شەراپىتىگە مۇيەسسەر بولدى. بىجىننىڭ كۆپ شەھەرلىرىنى بېسىۋېلىپ، ئاخىرى شاھادەت شەرۋىتى ئىچتى. جەسىدىنى ئېلىپ كېلىپ يەمشى دىگەن جايدا دەپنە قىلدى. ئاندىن كېيىن ئوغلى شەمئى جاھان خان تەختىدە ئولتۇردى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئوغلى مۇھەممەت خان تەختكە چىقتى. بۇ چاغدا ئۇ مىرزا ئۇلۇغ بېك رەسەت باغلغانلىغىنى ئاڭلاپ، ئاتۇش ئۈستىدا تاش راباتنى بىنا قىلدۇردى. بۇ مۇسۇلمان، مۆمىن دىندار بىر كىشى ئىدى ۋە ياش ئالەمدىن ئۆتتى. دادىسىنىڭ ئايىغىدا دەپنە قىلىندى. ئاندىن كيدىن شىر ئەلى خان تەختكە چىقتى. بۇ قالماقلار بىلەن تولا غازاتلارنى قىلىپ، ئاخىرى بۇ جاھان بىلەن ۋىدالاشتى. ئاندىن كېيىن ئوغلى ئۇۋەيسى خان تەختكە مىندى. ئۇنىڭ ئوغلى يۇنۇس خان ئون ئۈچ ياشتا بولۇپ، تېخى كىچىك ئىدى. ئوۋەيسى خاننىڭ ئەمىرلىرى ئىرزان بايرىن، مىرەك تۈركمەنلەر باش بولۇپ، ئوتتۇز مىڭ لەشكەر بىلەن بىللە ئېلىپ قېچىپ، سەمەرقەنتتىكى مىرزا ئۇلۇغ بېكتنىڭ ئۈستىگە باستۇرۇپ كىردى. ئارىدا نۇرغۇن قېتىم قاتتىق جەڭ- جىدەللەر بولۇپ ئۆتتى. ئاخىرى مىرزا ئۇلۇغ بېك غەلبە قىلىپ، ئىرزان بايرىن، مىرەك تۈركمەن قاتارلىقلارنى ئوتتۇز مىڭ ئەسكىرى بىلەن باسرۇق قىلىپ ئولجا ئەسىر قىلىپ، بىرقانچىسىنى تىغ سىياسەتتىن ئۆتكۈزدى. يۇنۇس خاننى بولسا ھىراتتىكى دادىسى شاھرۇھ مىرزىنىڭ قېشىغا ئەۋەتتى ۋە بۇ جايدىن يەنە شىرازغا يولغا سېلىپ، مەۋلانە شەرىپىدىن ئەليەزىدىگە [115] تاپشۇردى. بۇ ھەقتە يۇقۇرىدا سۆزلىگەن ئىدۇق.
    يۇنۇس خان بولسا، ئۆلىما، موللا ۋە دىندار كىشى ئىدى. پادىشا ۋە خانلارنىڭ ئىچىدە، مىرزا ئۇلۇغ بېكتىن قالسا، يۇنۇس خاندىن باشقا ئۆلىما، فازىل پادىشا ئۆتمىگەن بولسا كېرەك دەپ رىۋايەت قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ پايتەختى تاشكەنتتە ئىدى. خوجا ئەھرار ۋەلىلۇللاغا مۇرىت- مۇخلىس ئىدى. بۇ چاغدا يۇرتلاردا موغۇلىيە ئادەملىرىنى بەزى ئەۋباش- باشباشتاق ئادەملەر ئېلىپ قېچىپ بېرىپ، ھەر قايسى يۇرتلاردا ساتىدىكەن. جانابى ئەھرارى ۋەلىيۇللا: ” بۇنداق مۆمىن، مۇسۇلمان پادىشا ئىسلام پۇقرالىرى سېتىلمىسۇن ۋە ئېلىنمىسۇن“ دەپ شەرىئەت ئەمرى بويىچە يۇرت ئۇلۇغلىرىغا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بۇ ئەھۋاللارنى قاتتىق چەكلەپ نامە بەردى. شۇنىڭدىن باشلاپ پۇقرالارنى سېتىش ۋە سېتىۋېلىش ئىشلىرى ئاياقلاشتى.
    يۇنۇس خان تاشكەنتتە ۋاپات بولدى. ئاندىن كېيىن چوڭ ئوغلى مەھمۇت خان تەختكە ئولتۇردى. بۇ ئون ئىككى يىل خانلىق قىلدى. بۇ ئۆزبېك ئەۋلادىدىن شاھى بېك خان يەنى مۇھەممەتخان شەيبانى بىلەن ئۇرۇشقان ئىدى. شاھى بېك خان غالىپ كېلىپ، ئۇنى بەش ئوغلى بىلەن شېھىت قىلدى. خوجەندتىكى شەيخ مۇسلىھىددىن شىرازنىڭ [116] ئايىغىدا دەپنە قىلىندى. ئاندىن كېيىن كىچىك ئوغلى ئەخمەتچان تەختتە ئولتۇردى. بۇنى قالماقلار ئالاجەخان دەپ ئاتايتى. بۇ تاشكەنتتە تۇرالماي كاشىغەردىكى مىرزا ئابابەكرىنىڭ ئۈستىگە كەلدى، ئۇرۇشتا يېڭەلمەي ئاقسۇغا باردى. لەشكەر يىغىپ باھار پەسلىدە يولغا چىقىپ، كاشىغەرنى ئالساق دەپ تەرەدۇت قىلىپ تۇرغاندا، ئەجەل پۇرسەت بەرمەي ئاقسۇدا ۋاپات بولدى. مىرزا ئابابەكرى كېلىپ ئاقسۇ خەلقىنى ئەخمەت خانغا ار بولدى دەپ قەتلىئام، تالان- تاراج قىلىپ، ئامان قالغانلىرىنى كۆچۈرۈپ ئالتە شەھەرگە تارقىتىۋەتتى. ئۇشبۇ سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئاقسۇ ئون ئالتە يىل ۋەيران بولۇپ، ھۇقۇشلارنىڭ ئۇۋىسى، دىۋە- پىرىلەرنىڭ ماكانىغا ئايلاندى. ئەخمەت خاننىڭ جەسىدىنى ئالتۇن دەپ ئاتىدى. چۈنكى موغۇللار خانلارنىڭ جەسەتلىرىنى ئىزەتلەپ” ئالتۇن“دەپ ئاتايدىكەن. ھەتتا خانلار، ھاكىملارنىڭ بۇيرۇق نىشانە خەتلىرىنىمۇ” ئالتۇن نىشان“، ” ئالتۇن دەستەك“دەپ ئاتايتى. ئەخمەت خاننىڭ تاغىسى ئىسەن بۇقا خاننىڭ ئالتۇن جەسىدىمۇ بۇ جايغا قويۇلغان بولۇپ، ئىككى خاننىڭ قەۋرىسى بىر يەردە ئىدى. خوجا شەھباز خوجام ۋاپات بولغاندا، بىننى خوجا ئىسھاقى ۋەلىلۇللا [117] ئۇنى ”خانلارنىڭ ئايىغىدا دەپنە قىلىڭلار“ دەپ ئەمىر قىلغان ئىكەن. بۇ چاغدا ئۇنىڭ مۇرىت- مۇخلىسلىرى ” خاننىڭ ئۈستۈن تەرىپىدە دەپنە قىلىمىزمۇ“دەپ سورىغاندا ” خوجا شەھبازنىڭ بېشى خاننىڭ كۆكرىگى بىلەن تەڭ بولسۇن، چۈنكى خانلارنىڭ ھۆرمىتى زىيادە“دىگەن ئىكەن. نەتىجىدە خوجا ئىسھاقى ۋەلىلۇللانىڭ ئىلتىپاتى بىلەن خوجا شەھبازنىڭ قەۋرىسى دەل مۇشۇ تەرزدە ياسالغان ئىكەن.
    ئەخمەت خاندىن ئون سەككىز ئوغۇل يادىكار قالدى. چوڭ ئوغلى مەنسۇرخان بولۇپ، قۇمۇلدىن كورلىغىچە بولغان جايلار ئۇنىڭغا تەئەللۇق ئىدى. كىچىك ئوغلى سۇلتان سەئىدخان بولسا كابۇلدا بابۇر شاھنىڭ قېشىدا ئىدى. بۇ بىرمۇنچە ئادەم بىلەن كېلىپ ئەنجاننى ئىلكىگە ئېلىپ، بۇ جايدا ئۈچ يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئاندىن كېيىن يەتتە شەھەرگە بارساق ئوبدان بولارمىكىن دەپ مەسلىھەت قىلىشىپ، دوغلات، دوختىۋى، بارلاس، جوراس قاتارلىق توققۇز تەبەقە ئۇرۇغىدىن تۆت مىڭ نەپەر نامدار باھادۇر- مەردانىلەر بىلەن كاشىغەرگە چۈشتى. بۇ چاغدا ئەمىر خۇدايدادنىڭ نەۋرىلىرىدىن مىرزا ئابابەكرى كاشىغەر ۋە يەتتە شەھەرگە پادىشا بولغانلىغىغا قىرىق سەككىز يىل بولۇپ قالغان مەزگىل ئىدى. بۇلار ئارىسىدا ئۆز- ئارا جەڭ قىرغىنچىلىق بولۇپ، ئاخىرى مىرزا ئابابەكرى باراۋەرلىك قىلالماي قېچپ بەدەخشان تاغلرىدا يوق بولدى. بۇ يەتتە شەھەرنىڭ تەختى سەلتەنەتى سۇلتان سەئىدخانغا قارار تاپتى.
    مىرزا ئابابەكرىنىڭ يۇشۇرۇن ۋە ئاشكارە غەزنە، ياراق- جابدۇق، چاھارپاي ۋە باغۇ- ۋارانلىرى ھەددىدىن زىيادە تولا ئىدى. خەلققە قىلغان زۇلۇم جەبرىسى بۇنىڭدىنمۇ دەھشەت ئىدى. ئەگەر بىر ئادەمدىن سەللا گۇنا- ئەيىپ ئۆتسە ئۇ ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ، بارلىق مال- مۈلكىنى غەزنىگە ئالار ئىدى. بەلكى ئۇنىڭ ئۇرۇق- قاياشىلىرىنى ئېلىپ كېلىپ ”سېنىڭ ئۇرۇغۇڭدىن بۇ ئادەم مۇنداق يامان ئىشلارنى قىلدى“دەپ بىر بانا قويۇپ، بار- يوقىنى تامامەن بۇلاپ ئالار ئىدى. مىرزا ئابابەكرى پادىشادەك زالىم پادىشا ئۆتكەنلىگى توغرىسىدا ھىچقانداق تارىخ كىتاۋىدا مەلۇمات يوق ئىدى. ئەگەر ھەر كىمنىڭ ھەۋىسى تۇغۇلۇپ، مىرزا ئابابەكرىنىڭ ئەھۋالىنى بىلەي دىسە ” تارىخى رەشىدى“گە نەزەر سالغاي.
    بۇ يەتتە شەھەر دەل مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە سۇلتان سەئىد خانغا قارار تاپتى. ھەر قايسى شەھەرلەردىكى، مەيلى ئاقسلۇق ياكى باشقا شەھەرلىك ئارزۇمەنت ئادەملەرنى كۆچۈرۈپ ئاقسۇدا ئورۇنلاشتۇردى ۋە بۇ جاينى ئاۋات قىلدى. شۇ سەۋەپتىن ئاقسۇنىڭ ئادەملىرى بىر- بىرى بىلەن ئىتتىپاق ئەمەس. چۈنكى ئۇلار يۇقىرقىدەك چاچقۇن ۋە پاراكەندە ئادەملەردىن جەم بولغان ئىدى. سۇلتان سەئىدخان مىرزا ئابابەكرىنىڭ غەزنە بايلىغىنى ئەسكەرلىرىگە تەقسىم قىلىپ بەردى. ھەممە ئادەم مال- دۇنياغا بىھاجەت ۋە بىنىياز بولدى. «تارىخى رەشىدى» نىڭ مۇئەللىپى مەرھۇم مىرزا ھەيدەر كوراگانى (خۇدا ئۇنىڭ ياتقان جايىنى نۇرلۇق قىلسۇن) ئۆز كىتاۋىدا ”ئۇ چاغدا مەن ئون ئالتە ياكى ئون يەتتە ياشلاردا ئىدىم. پۇل ۋە دۇنايغا ئانچە ھەۋىسىم يوق ئىدى. شۇنداقتىمۇ تەقسىماتتا ماڭا نەق دۇنيادىن باشقا يەنە ئون يەتتە مىڭ قوي تەگدى، لېكىن مال- دۇنياغا ھەۋىسى بار ئادەملەرگە قانچىلىك تەككەنلىگىنى ۋە غەنىمەت مال ھەم ئولجىنىڭ قانچىلىك كۆپ ئىكەنلىگىنى بۇنىڭدىن قىياس قىلىپ بىلگىلى بولىدۇ“دەپ يازغان ئىدى.


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.