ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2010-09-22

    تارىخى ھەمىدىنىڭ .....داۋامى - [ئۇيغۇرتارىخى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/75412714.html

    سۇلتان سەئىدخان (ئاللا ئۇنىڭ گۇناسىنى كەچۈرگەي!) مۇسۇلمانلارنىڭ ئاجىز ۋە خاراپ بولغانلىغىنى بىلىپ ۋە ئەسكەرلىرىنىڭ مال- دۇنياغا بىھاجەت بولغانلىغىنىمۇ سېزىپ، بۇ يەتتە شەھەرنىڭ ئون يىللىق باج- خىراجىتىنى پۇقرالارغا ئىنئام ۋە ئېھساپ قىلىپ: ” ئون يىلغىچە پۇقرالاردىن بىر نەرسە ئالماڭلار، سالماڭلار، پۇقرالارمۇ بەرمىسۇن“ دىگەن مىسلى كۆرۈلمىگەن ۋە ئالەمنى قايىل قىلدۇردىغان ئىتائەت يارلىغىنى جاكارلىدى. بەش يىلغىچە ئەسكەرلەرنىڭ ئەھۋالى ياخشى ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن كېيىنچە ئۇلار خاراپ ۋە ۋەيرانچىلىققا يۈزلەندى، ھەتتا ئۆتنە ئېلىپ كۈن ئۆتكۈزۈشكىمۇ مەجبۇر بولدى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئالتىنچى يىلنىمۇ ئۆتكۈزدى. ئۇلار يۇرتتا بىر نىمە دىيىشكە يول تاپالمىدى. خان بولسا يارلىغىدىن يانمىدى. ئاخىرى دۆلەت ئەركانلىرى مەسلىھەتلىشىپ،”جاھان پانا، بۇ يەتتە شەھەرگە بەقەر (كالا – ت)يىلى كەلگەن ئىدۇق، ھازىر ئات يىلى كىرىپ، بىز كەلگىلى ئون يىل بولدى. پۇقرالاردىن باج- خىراجەت ئالساق يارلىق بولارمىكىن “ دەپ تۆت يىلنى تاشلاپ، ئالتە يىلنى ئون يىل دەپ ھىساپلاپ خانغا مەلۇم قىلدى. خان ماقۇل بولۇپ يارلىق قىلدى. شەرىئەتكە مۇۋاپىق باج- خىراج ئالدى، يارلىق- نىشانلىرىغىمۇ پالانى يىلى دەپ يازدى. پۇقرالارمۇ شۇ يىلنى ھىساپقا ئالدى. باشقا شەھەرلەردىن بۇ يەتتە شەھەرنىڭ يىل ھىساۋى تۆت يىل ئەۋۋەل بولۇشىدىكى سەۋەپمۇ دەل مۇشۇنىڭدا، ئەمما تارىختىكى يىلنامىلىرى ئوخشاش. سۇلتان سەئىدخان يىگىرىمە ئىككى يىل خانلىق قىلدى. قىرىق توققۇز يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. بۇ ھىجرىنىڭ توققۇز يۈز ئوتتۇز توققۇزىنچى يىلى (مىلادى 1532 – 1533 – يىلى) بولۇپ، ياركەنتە دەپنە قىلىندى.
    ئاندىن كېيىن ئوغلى ئابدۇلرەشىت خان تەختكە چىقتى. بۇ شىجائەتتە تەڭدىشى يوق، ساخاۋەتلىك ۋە دىيانەتە ناھايتى ئۈستۈن بىر پادىشا بولۇپ، موللا فازىل، شائىر بولۇپ، پارىسچە، تۈركچە نەزمىلەرنى ياخشى ئېيتار ئىدى. مۇزىكا ئىلمىدە گوياگى فىساغورۇس (پىپا گورۇس – ت) دىگەن بىر مۇقام ئىختىرا قىلدى. بۇنىڭ دەۋرىدە ۋىلايەت تەرەپتىن خوجا مۇھەممەت شېرىپ بۇزرۇكۋار [119] (ئاللا ئۇنىڭ سىرىنى پاك ۋە مۇبارەك قىلسۇن!) كەلدى. سۇلتان ئابدۇلرەشىت خان بۇ زاتقا ئىرادە ۋە ئىشەنچ باغلاپ، بىر مۇنچە ياخشى ئىشلارنى قىلدى، مىرزا ھەيدەر كوراگانى بىننى مىرزا مۇھەممەت ھۈسەيىن كوراگانى ئالى دەرىجىلىك ئابدۇلرەشىت خاننىڭ مەشھۇر نامىغا بېغىشلاپ تارىخ يېزىپ، ئۇنى «تارىخى رەشىدى» دەپ ئاتىدى. ئابدۇلرەشىتخان قىرىق توققۇز يىل ئۆمۈر كۆردى. يىگىرىمە يەتتە يىل خانلىق قىلدى. ھىجرى يۈز ئاتمىش توققۇزىنچى يىلى (مىلادى 1562 – 4562 – يىلى – ت) ۋاپات بولۇپ، ياركەنتتە دەپنە قىلىندى. ئۇنىڭدىن كېين ئوغلى ئابدۇلكېرەم خان تەختكە ئولتۇردى. ئادالەتلىك بىلەن يۇرتلارنى ئاۋات قىلدى، زۇلۇمنى يوق قىلدى. يامان ئادەملەرنى بەربات قىلدى ۋە ”ئابدۇلكېرىم ئادىل“دەپ شۆھرەت تاپتى. ئوتتۇز ئۈچ يىل خانلىق قىلدى. ھىجرى مىڭىنچى يىلى (مىلادى 1561 – 1562 – يىلى _ ت) ۋاپات بولۇپ، ياركەنتتە دەپنە قىلىندى. ئۇنىڭ بىر ئىنىسى سوپس سۇلتان كاشىغەرگە ھاكىم ئىدى. يەنە بىر ئىنىسى مۇھەممەت سۇلتان ئاقسۇغا ھاكىم ئىدى. بۇنى ئاقسۇدىكى ياركەنتكە ئېلىپ كېلىپ خان كۆتەردى. بۇ ھەم پادىشا، ھەم دەرۋىش كىشى ئىدى. خان بولۇپ سەككىزىنچى يىلى ۋىلايەت تەرىپىدىن مۇرشىتلىكنىڭ ھەقىقىي ۋارىسى ۋە لايىغى بولغان خوجا ئىسھاق بىننى مەخدۇم ئەززم (ئاللا ئۇنىڭ سىرىنى پاك ۋە مۇبارەك قىلسۇن!) كەلدى. مۇھەممەت سۇلتان بۇنىڭغا ئىرادەت ۋە ئىشەنچ باغلاپ، نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى پەيدا قىلدى. تەپسىلى بايان قىلساق سۆزىمىز مەقسەت تەرەپتىن يىراقلايدۇ. مۇھەممەت سۇلتان يەتمىش يىل ئۆمۈر كۆردى. ئون سەككىز يىل خانلىق قىلدى. ئاندىن ئوغلى زىيائىدىدىن ئەخمەت خانلىققا ئولتۇردى. ئۈچ يىلدىن كېيىن ئۆز ئادەملىرى بارچۇقدا (مارالبېشىدا – ت)شېھىت قىلدى. ۋە ” خان شېھىت“دەپ مەشھۇر بولدى. ئاندىن كېيىن ئوغلى ئابدۇللەتىپ سۇلتاننى خان قىلدى. ئۇ ئون ئىككى يىل خانلىق قىلدى. يىگىرىمە ئالتە يېشىدا ۋاپات بولدى. ئاندىن كېيىن پولات خان، مەھمۇت خانلار ئۆز ئەھۋالى بويىچە خان بولۇپ، ئۆز- ئارا ماجرالارنى باشلىدى.
    ئەلقىسسە، مۇندىن كېيىن ئابدۇلرەشىت خاننىڭ توققۇزىنچى ئوغلى ئابدۇلرەھىم خان مەنسۇر خاننىڭ دەستۇرى بويىچە قۇمۇلدىن كورلىغىچە بولغان جايلارغا خان ئىدى. مەركۇر ئابدۇلرەھىم خاننىڭ بىرىنچى ئوغلى ئابدۇلخانغا خانلىق تېگىپ تەختى سەلتەنەتكە ئىگە بولدى. بۇ چاغدا تارىخ ھىجرى مىڭ قىرىق سەككىزىنچى يىلى (مىلادى 1638 – 1639- يىلى – ت) بولۇپ، ئۇ ئوتتۇز ئىككى يىل ئابائى- ئەجداتلىرىنىڭ پايتەختىدە ئولتۇردى. ئابدۇللاخان شىجائەت- باتۇرلۇقتا تەڭداشسىز، ھىممەت ۋە ساخاۋتتە كەڭ قوللۇق پادىشا ئىدى. لېكىن يەنە رەھىمسىز، زالىم، پەيلى يامان، جاھىل، ئاداۋەتچى، گۇمانخور ئادەم ئىدى. ئۇ بۇرۇنقى خانلاردىن قالغان ئىشەنچلىك، ياخشى نىيەتلىك، دۆلەتخۋار بەگزادە ۋە مىرزىلار ھەتتا ئۆزىگە باش ئەككەنلەردىمۇ گۇمانلىنىپ، ئۇلارنى يۇرتىدىن قوغلدى. بەزىلىرىنى ئۆلتۈردى. ھەتتا ئۆز ئىنىسى ئىسمائىل سۇلتلان، ئىبراھىم سۇلتانلارنىمۇ قوغلىدى. بىر ئىنىسىنى ئۆلتۈۋەتتى. ھىچقانداق ئادەمگە ئىشەنمىدى. بەلكى ئۆز پەرزەنتلىرىدىنمۇ گۇمانلاندى. پەرزەنتلىرىمۇ دادىسىدىن خاتىرجەم بولالمىدى. قىسقىسى، يۇرتلارغا قىزغىزلارنى ھاكىم قىلدى. قوي سارى بىيىنى كاشىغەرگە ھاكىم قىلدى. ئولجاتار بىيىنى ئاقسۇغا ھاكىم قىلدى. خوجايار بىيىنى كۇچارغا، ئالتە قۇرۇتقا بىيىنى ئۇچتۇرپانغا، چىرىكى (چىرىكچى) بىيىنى بۈگۈرگە، ئاللا يار بىيىنى بىننى ساتىم بىيىنى خوتەنگە ھاكىم قىلدى. مەنسەپنىڭ تولىسىنى قىرغىزلارغار بەردى. ئاخىرى قىرغىزلار ۋە يۇرتلاردىنمۇ گۇمان قىلدى. ناھەق قانلارنى تۆككەچ، ئۆزىدىن خاتىرجەم بولالماي، ئىلاجىسىز مەككە مۇەززەمگە بارىمەن دەپ ۋىدالىشىپ يولغا راۋان بولدى. يۇرتنى ئوغلى يولباس خانغا تاپشۇردى. بۇ ۋاقىتتا تارىخ ھىجرىنىڭ بىر مىڭ سەكسەنىنچى يىلى (مىلادى 1669- 1670 – يىلى –ت) موغۇلىيە پايتەختى يولباس خانغا تەئەللۇق تاپتى. بىر نەچچە يىلدىن كېيىن بۇمۇ بىر تەرەپ بولدى. ئاندىن كېيىن ئەمەكلىرى ئىسمائىل خان بىننى ئابدۇلرەھىم خان تەختتە بولتۇردى. پۇقرالارنىڭ ئۈستىگە ئادالەت نۇرىنى چاچتى. ھەممە پۇقرا خاتىرجەم بولۇپ، يۈكسەك تۇرمۇشقا ئىگە بولدى.
    بۇ خاننىڭ زامانىدا ۋىلايەت تەرىپىدىن مەخدۇمى ئەزەمنىڭ پەرزەنتى ۋە نەۋرىسى خوجا يۈۈپ خوجام ۋە ئۇنىڭ ئوغلى خوجا ھىدايىتۇللا (مەشھۇر ئىسىملىرى خوجا ئافاق) قاتارلىق ئىككى ئادەم كاشغىرەگە كەلدى. [120] ئىسمائىل خان خوجا يۈسۈپ خوجامغا ئىناۋەت ۋە ئىرادە باغلىدى. بىر بانا بىلەن سەيىدلەر ئارىسىدا ۋە مۇرىتلەر ئىچىدە، يۇرتلار ئوتتۇرسىدا قارىمۇ- قارىشلىق ۋە جىدەل- ماجرالار پەيدا بولدى. چۈنكى، جانابى سەيىد مەخدۇمى ئەزەم، ئىسمى شېرىپلىرى خوجا مۇھەممەت خوجەكى (ئاللا ئۇنىڭ سىرىنى پاك ۋە مۇبارەك قىلسۇن!)دىن روكىن تەرىقەتتە تۆت ئوغۇل يادىكار قالغان ئىدى. بۇلار خوجا كالان، خوجا مۇھەممەت ئىمىن ۋە خوجا دوستى، خوجا ئىسھاقلاردىن ئىبارەت.
    خوجا ئىسھاقنىڭ ئانىىس ئەسلى كاشىغەرنىڭ ئەتىۋارلىق ئولۇغلىرىدىن بولغان سۇلتان ساتۇق بۇغراخان غازىنىڭ ئەۋلادىدىن ئىدى ۋە مەخدۇمى ئەزەمنىڭ خوتۇنلىرى ئىچىدە ئەڭ كىچىگى بولۇپ، فازىل ۋە كامالىتى زىيادە ئايال ئىدى. بۇ يەتتە شەھەر زىمىنىغا ئالدى بىلەن ئىسھاقى ۋەليۇللا قەدەم تەشرىپ قىلغان ئىدى. بۇ چاغدا مۇھەممەت خان تەختىدە تۇرغان مەزگىل ئىدى. ئۇ خوجا ئىسھاققا مۇرىت- مۇخلىس بولۇپ، مەرتىۋە- كامالەت ھاسىل قىلدى. شۇڭلاشقا ئۇنىڭ يۇرت- پۇقرالىرىمۇ خوجا ئىسھاققا مۇرىت- مۇخلىس بولۇپ كەلگەن ئىدى. خوجا ئىسھاقتىن كېيىن ئىسھاقنىڭ نەۋرىلىرى خوجا شۇئەييۇپ خوجا ۋە دانىيال خوجامغا مۇرىت- مۇخلىس بولغان زامانلاردا، خانلىق نۆۋىتى ئىسمائىل خانغا كەلگەن ئىدى.
    بۇ كۈنلەردە ۋىلايەت تەرەپتىن مۇھەممەت ئىمىن خوجامنىڭ پەرزەنتلىرى خوجا يۈسۈپ خوجام، نەۋرسى خوجا ئافاق ئىككىسى كاشىغەرگە كەلدى. ئىسمائىل خان: ”خوجا شۇئەييۇپ بىلەن خوجا دانىيال ئىككى پىرزادەمىز بولسا تېخى ياش ۋە كىچىك، خوجا يۈسۈپ خوجامنىڭ يېشى چوڭ ئىكەن، ھەممىلىرى بىر دەرەخنىڭ شېخى ۋە مىۋىسى ئىكەنسىلەر“دەپ خوجا يۈسۈپ خوجامغا ئىناۋەت قىلدى. مەزكۇر ئىككى خوقا زادىلەر: ”ئەي خان ئاتا- بوۋىلىرىمىزدىن تارتىپ بىزنىڭ ئاتا- بوۋىلىرىمىزغا مۇرىت- مۇخلىس بولۇپ كەلگەن ئىكەنلا. ئەمدى بىزنى تاشلاپ خوجا يۈسۈپ ئاغىمىزغا ئىناۋەت قىپلا“دەپ خاپا بولۇپ خانغا ئەرز قىلدى. خان دىدىكى: ”پىر زادىلىرىمىزنىڭ كۆڭلى رەنجىمەسمىكىن دەپ خىيال قىلغان ئىكەنمەن، ھىلىمۇ ئۆزلىرى بىزگە باش، ھەممىمىزگە ئەرۋاھى ھەزرەتلىرىگە (ھەزرەتلىرىنىڭ روھلىرىغا – ت) يۈزلىنىپ، تەۋەججۇ قىلساق (ئىستىخارە قىلىپ باقساق – ت)، ئۇنىڭدىن قانداق ئىجازەت بولسا شۇنىڭغا قاراپ ئىش تۇتساق“ دەپ پۇرسەت ئىجازەت بەردى. كېچىسى ئىسمائىل خان چۈش كۆردى. چۈشىدە بىر چوڭ تۆگە ئىككى تايلاقنى قوغلاپتۇ. مەزكۇر ئىككى تايلاق ئۇشتۇتۇت ئارقىغا يېنىپ بۇغرا تۆگە بىلەن ئېلىشىپتۇ. ئاخىرى تۆگە ئۆزىنى چەتكە ئاپتۇ. نەتىجىدە ئىسمائىل خان ئويغىنىپ كېتىپتۇ. خوجا يۈسۈپ بۇ جايدا تۇرۇشنى مۇناسىپ كۆرمەي، ئوغلىنى ئېلىپ كاشىغەرگە راۋان بولدى ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ روھى قۇشلىرى ئالەم باقىغا ئۇچۇپ كەتتى، كاشىغىرەدە دەپنە قىلىندى. خوجا ئافاقمۇ بۇ جايدا تۇرالماي سەپەرنى ئىختىيار قىلىپ ئىلى شەھىرىگە كەتتى.
    بۇ چاغدا ئىلى شەھىرىدە جوراس نەسلىدىن بولان قۇن تەيجى [121] دىگەن بىر مۇناپىق قالماق بارلىق قالماقلارغا، ھەتتا خاقانى چىنىنىڭ بەزى رايۇنلىرىدىن تۈركىستانغىچە بولغان جايلارنى ئۆز ھۆكۈمىنى بىلەن قىلاتتى ۋە تۆرە دىگەن نام بىلەن خۇددى خان ۋە پادىشالارغا ئوخشاش مۇستەقىل ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى. ئۇ يەتتە شەھەرنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن ھەر دائىم چىشلىرىنى بۈلەپ، ئىشتىھاسىنى توغرلاپ تۇرماقتا ئىدى. دەل مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە خوجا ئافاق قۇن تەيجىگە ئۆزىنى تاشلاپ: ” ماڭا چېرىك بەرسىڭىز، ئالتە شەھەرنى سىزگە تەۋە قىلىپ ئىلكىڭىزگە ئۆتكۈزسەم“دىگەن مەزمۇندا ئەرز قىلدى. قۇن تەيجى ناھايتى خوشال بولۇپ بىر مۇنچە چېرىك قوشتى. ئافاق خوجا قالماق قۇن تەيجى مۇشىرىك (خۇداغا شېرىكلىك قىلغۇچى – ت) نىڭ مۇددىئا ۋە ياردىمى ئارقىسىدا، يەتتە شەھەرنى قولغا كىگۈزۈپ، ئىسمائىل خاننى ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن قوشۇپ ئىلىغا كۆچۈرۈپ چىقتى. بۇ ھىجرىنىڭ بىر مىڭ يىگىرىمە ئىككىنچى يىلى (مىلادى 1613 – يىلى ) ئىدى [122].
    ئافاق خوجا بۇ شەھەرگە ئىگە بولۇپ ھۆكۈمرانلىق قىلدى. قالماقلاردىن غالدان سىرىن [123] دىگەن بىر كىشىگىمۇ چوڭ مەنسەپ بېرىپ، يەنە بىر قانچە قالماقنى يار ۋە ھەمدەم قىلىپ، يەتتە شەھەر ئىشلىرىدىن خەۋەر ئالىدىغان قىلدى. قالغان قالماقلار بولسا ئىلىغا يانىدىغان بولدى. بۇلار قۇرۇق يېنىشنى مۇناسىپ كۆرمەي، يۇرت- يۇرتلاردىن بۆز- خام يىغدۇرۇپ، قالماقلارغا ئەھۋالىنىڭ يېتىشىچە تەقدىم ۋە ئىنئام قىلدى. لېكىن بۇ چاغلاردا يەتتە شەھەردە پۇل يوق ئىدى. پۇلنىڭ ئورنىدا بۆز- خامنى ئىشلىتەتتى. قالماقلار ھەر يىلى بۇنداق بۆز- خامنى تەمە قىلاتتى. بەرمەي بولمايتى. بۇ سېلىق- تۆلەملەرنىڭ مىقدارى يىلدىن- يىلغا كۆپەيدى. ئۇ زاماندا مۇنداق يامان ۋە نالايىق مەجبۇرىيەتلەر مۇسۇلمانلارنىڭ زىممىسىگە چۈشەتتى.
    ئەي ئەزىز يارەنلەر! ئۇ زاماننىڭ سەيىد پىشىۋالىرى ۋە باشلامچىلىرى ئۆز ھۆكۈمرانلىغى ئۈچۈن دىسنسىز- مۈشىرىكلارنىڭ خىزمىتىنى لازىم تۇتۇپ، ئىسلام پادىشالىرى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈستىگە كاپىرلارنى ئولتۇرغۇزغاندىن باشقا، يەنە زۇلۇم، قەبىھ ئىشلارنى پەيدا قىلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ پۇل ۋە مال- دۇنياسىنى كاپىرلارغا ئېلىپ بېرىپ، بەش كۈنلۈك دۇنياغا مەغرۇر بولۇپ ئۆتۈپتۇ. بۇ زاماننىڭ قاراچۇق ئاۋام بەگلىرى، توڭچى- تىلماچ ئەمەلدارلىرىنى يامەن دەپ شەك- شىكايەتكە قانداقمۇ ئېغىز ئاچقىلى بولسۇن. خۇداۋەندەكېرىم ئۇلارنىڭ ئىنساپ ۋە دىيانەتلىرىنى پاكىز ۋە زىيادە قىلغاي، ئامىن!
    سۆزنىڭ ھاسىلى شۇكى، بۇنداق يامان نالايىق ئىشلار تا ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز سەكسەن بىرىنچى يىلىغىچە (مىلادى 1864 – 1865- يىلغىچە – ت)، يەنى راشىدىن خوجام زامانىغىچە باقى ۋە جارى بولۇپ كەلدى. خوجا ئافاق بىر نەچچە يىل ھۆكۈم سۈرۈپ ئالەمدىن ئۆتتى. ئاندىن ئوغلى خوجا ئەخمەت خوجام ئۇنىڭ ئورنىغا دەسسەپ ھۆكۈمران بولدى. بۇ زاماندا ئىسمائىل خاننىڭ ئىنىسى مۇھەممەت ئىمىن خان باش كۆتىرىپ، خوجا ئەخمەت خوجا بىلەن ئىتتىپاق بولۇپ، قۇن تەيجىنىڭ ئىتائىتىدىن چىقىپ ھۆكۈمران بولدى. بۇ چاغدا قون تەيجى چېرىك ئەۋەتىپ، بۇ يەتتە شەھەرنى ئىككىنچى قېتىم قولغا كىرگۈزدى. خوجا ئەخمەت خوجامنى ئىلغا ئېلىپ چىقىپ كەتتى. مۇھەمەت ئىمىن خانمۇ بۇ جايدا تۇرالماي ئۆزىنى ئالاي تەرەپكە ئالدى ۋە بۇ جايدىكى قىرغىزلار ئۇنى شاھادەتلىككە يەتكۈزدى.
    بۇنىڭدىن كېيىن بۇ يەتتە شەھەر ھۆكۈمىتى خوجا ئىسھاقى ۋەلىيۇللانىڭ نەۋرىسى خوجا دانىيال خوجامغا تاپشۇرۇلدى. بۇ قالماقلار بىلەن بىرلىشىپ يۇرت سورايدىغان بولدى. خوجا دانىيال خوجام ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئوغلى خوجا ئابدۇللا خوجام تەختتە ئولتۇردى. بۇ خوجامنىڭ دەۋرىدە تولا ئوبدانلىق بولدى. بۇ چاغدا «سېيەر شىرىف [124]» خوجا ئابدۇللا خوجامنىڭ تىلىغا تەرجىمە قىلىندى. ئاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى خوجا ياقۇپ خوجام تەختتە ئولتۇرى. ۋە ”خوجا جاھان“دىگەن لەقەم بىلەن ئاتالدى. يەنە بىر ئىنىسى خوجا يۈسۈپ خوجام كاشىغەرگە ھاكىم بولدى. يەنە بىر ئىنىسى خوجا خامۇش خوجام ئاقسۇغا ھاكىم ئىدى. خوجا ئەبەيدۇللا خوجام خوتەندە ئىدى. قالماقلار ھەر قايسى خوجامنىڭ بىردىن ئوغۇللىرىنى ئىلىدا بارىمتاي قىلىپ ساقلار ئىدى. خوجاملار ھەر يىلدا بىر نۆۋەت ياكى ئىككى نۆۋەت تارتۇق- ھەدىسلەرنى ئېلىپ ئىلىغا چىقىپ، مەزكۇر تۆرەگە تازىم سالاملارنى قىلىپ كۆرۈنۈپ بېرىپ، جاۋاپ بولغاندا يېتىپ كېلىپ، ھەر قايسىسى ئۆز جاي- ماكانلىرىدا تۇراتتى.
    خوجا يۈسۈپ خوجام ئۇچۇق كېڭەشلىك، تازا تەدبىرلىك كىشى ئىدى. تولا سوغا- سالاملار بىلەن ئىلىغا چىقىپ، قۇن تەيجىنىڭ نەزىرىدىن ئۆتۈپ، ھىلە- تەدبىرلەر بىلەن خوجازادىلەرنى ئاجىرتىۋېلىپ، ناھايتى تېز سۈرئەت بىلەن يۇرتىغا راۋان بولدى. مۇزات داۋىنىغا يېتىپ كەلگەندە، تۆرە پۇشايمان قىلىپ، يارلىغىدىن يېنىپ، خوجالارنى ياندۇرۇپ كەلسەن دەپ كىشى ماڭدۇرغان ئىكەن. خوجالارمۇ بۇ كەلگەن ئادەملەرگە بوي سۇنماي، داۋاننى مەھكەم ئېتىپ، ئاقسۇغا كېلىپ، ئۆتكەن ۋەقەلەرنى شەھەر- شەھەرلەرگە خەۋەر قىلىپ، ”ھەر بىرىڭلار بىر شەھىرىڭلاردىكى قالماق نىجىسلارنى بۇ پاك زىمىندىن يىراق قىلىپ، گەدەنلىرىگە ئىسلام قىلىچىنىڭ تىغىنى ئايىماي ئۇرۇڭلار“دەپ خەت ئەۋەتتى. خەت يېتىپ بارغان ھامان ھەممە قارا خانلارنى تاۋابىئاتلىرى بىلەن يوق قىلىپتۇ. ئۇ زاماندا قالماقلارنى ”قارا خان“، مۇسۇلمانلارنى ”ئاق خان“دەپ ئاتايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ شەھەرلەردىكى كاپىرلارنى يوق قىلىپ، ئەمىر ئىتائىتىدىن چىقىپ، ئىسلام شېرىپىنى يېڭىۋاشتىن ئاشكارە قىلدى. قۇن تەيجى ئۆزىنى راستىنلا ئىنتىقام ئالغىچە يوقلۇق خەلۋەتخانىسىدىن ماكان تۇتتى.
    قۇن تەيجىنىڭ ئورنىغا ئوغلى داباجى تۆرە بولدى. ئۇنىڭ كىچىك خوتۇنىدىن بىر ئوغلى بار ئىدى. بۇنىڭ جامائەت ۋە ئەل- ئۇلىسى كۆپ ئىدى. ئۇ كىچىك ئوغلىنى تۆرە قىلماقچى بولۇپ تۇرغاندا، توستتىن جىدەل- ماجرا پەيدا بولدى. دۆلەت ئەركانلىرىمۇ ئىككى پىرقە بولۇپ، قالماقلار ئىچىدە جىدەل- ماجرا باشلاندى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئامۇرسانا ناملىق بىر شۆھرەتلىك بىر قالماق باھادۇر بار ئىدى. ئۇ ۋاقىنى غەنىمەت بىلىپ، خاقانى چىننىڭ مىتىگە بېرىپ خاقانغا :”موغۇلىستان يۇرتىنى ئۇلۇغ خانغا تەۋە قىلىپ بەرسەم ، ماڭا چېرىك ياردەم بېرىلسە“دەپ ئەرز قىلغاندا، خاقان خوشال بولۇپ چېرىك قوشتى. ئۇ ئىلى چېگىرسىغا يېتىپ كەلدى. داباجى بۇنىڭغا باراۋەرلىك قىلالماي، ئىمكانىيەتنڭ بېرىچە غەزنىلىرىنى ئېلىپ، بىر نەچچە تۇزىنى يىگەن ئىشەنچىلىك ئادىمىنى ھەمرا قىلىپ قېچىپ كەتتى. ئۇ نەگە بېرىشنى بىلمەي، ئاخىر بۇرۇن قۇن تەيجى تەرىپىدىن ئۈچتۇرپانغا ھاكىم قىلىپ بەلگىلەنگەن خوجەسى بېك دىگەن بىر مۆتىۋەر كىشىدىن ۋاپا ۋە ئۈمىت ئىزدەپ ئۈچتۇرپانغا كەلدى. خوجەسى بېك ئىستىقبالغا چىقىپ ئىززەت ۋە ھۆرمەتلەردىن كېيىن ئۆز ئوردىسىغا چۈشۈردى. ئۇنىڭ ئۈچ ئادىمىنى ھەر بىر جايغا تارقىتىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ياخشى زىياپەتلەرنى ئۆتكۈزدى.
    خوجەسى بېكنىڭ ھىلە- تەدبىرى زىيادە كىشى ئىدى. تۆرەنى ئوردىسىغا باغلاپ ئالدى ۋە ئادەملىرىنى چۈشكەن جايلىرىدا باغلاپ، ئۇنىڭ غەزنە بايلىقلىرىغا ئىگە بولدى. بۇ چاغدا ئىلىغا خىتاي چېرىگى كەلگەنلىگى ئاڭلانغان ئىدى. ئۇ بۇ كاپىر نىجىسىنى كەلمەكچى كاپىر ناپاكقا سوغا قىلىپ ئېلىپ بارسام، مۇندىنمۇ ياخشى ئىش بولامدۇ دەپ قارار قىلىپ، داباچىنى ئۆزى بىللە ئېلىپ يولغا راۋان بولدى. ئۇ تىكەسكە يېتىپ بارغاندا خىتاي چېرىگىنىڭ ئۇلۇغى بىلەن كۆرۈشتى ۋە ۋەقەنى بىر- بىرلەپ بايان قىلدى. خىتاي چېرىگىنىڭ ئۇلۇغى ”ئەي خوجەسى بېك، بۇ تۆرەلەر ئۇلۇغ خاننىڭ چوڭ دۈشمىنى ئىدى. ياخشى ۋاقتىدا ئېلىپ كېلىپسىز، ئەمدى ئۆزىڭىز ئۇلۇغ خاننىڭ خىزمىتىگە ئېلىپ بېرىپ، ئۆزىڭىزنى مەلۇق قىلىپ يانغايسىز“دەپ ئالاھىدە ئەرز يېزىپ بېرىپ ئادەم قوشۇپ بېيجىڭغا ماڭدۇردى. ئۇلۇغ خان خوجەسى بېكنىڭ بۇ خىزمىتى كۆڭلىگە ياققانلىغى ئۈچۈن، ئۇنى ۋاڭلىق مەنسىۋى بىلەن جۇلدۇر- جاساق قىلىپ يارلىق قىلدى.
    نەزم:

    تۇتتىلەر داباچىسىنى تارتىق قىلىپ قىلىبان خوجەسى،
    ئانداق ئىش قىلغانغا مۇندىن كېيىن كېرەكدۇر جۇلدۇسى.

    ئاندىن كېيىن خوجەسى بېكنىڭ ئوغلى قادىر بېگىم ۋاڭلىق مەنسىپىگە ئۆتتى. چىن خاقانى ئالدىدا جۇڭتاڭ ۋەزىرلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. ئاندىن كېيىن ئوغلى ئابدۇلمۆمىنبېك، يەنە مەشھۇر ئىسىملىرى كۇچى بېك ۋاڭلىق مەنسىۋىگە يەتتى. بۇ خاننڭ ئوغلى بىلەن ئەپيۈنگە مۇپتىلا بولۇپ نالايى ئىشلارنى پەيدا قىلغانلىغى ئۈچۈن، ئۇلۇغ خان خاپا بولۇپ ۋاڭلىغىنى بىكار قىلىپ، ھەققىنى غەزنىگە سالدى. ۋە ”لى قايتا“(لى فايۇەن – ت) تاپشۇردى. شۇنداقلا قەدىمدىن بۇيانقى ”لى ۋايەن“(لى پەنيۇەن – ت) قائىدىسى ۋە رەسمىيەتلىرى بويىچە خوجەسى ۋاڭنىڭ ۋاڭلىغىنى تۆت ھەسسە قىلىپ، ئۈچ ھەسسە ۋاڭلىق ھەققىنىمۇ غەزىنىدە قويۇپ، بىر ھەسسىنى ئۆمەكزادىلىرى ئابدۇلرەھمان بېگىمگە يارلىق قىلغان ئىكەن.
    ئابدۇلرەھمان بېگىم ۋاڭلىق مەنسىۋىگە ئۇلانغاندىن كېيىن، ياركەنتنى سوراپ ئۆتۈپتۇ. تولا ياخشى ئىشلارنى بەرپا قىلىپتۇ. بۇ كىشىنىڭ ئەقىدە- ئىخلاسلىرى پاكىز، ئىنئام ۋە ئېھسانلىرى زىيادە ئىدى. بىر قېتىم تەرىقەت ئەھلىنىڭ غەۋسىيە [125] فۇرۇھىدىكى بىر ئىشانغا بىر قېتىمدىلا بىر يۈز يۈەن يامبۇ ۋە نەزىر- ھەدىيە بەرگەن ئىكەن. باشقىلارنىڭ نەقىل قىلىشىچە، ياركەنتكە ھاكىم بولغان چاغدا بىر كاتتا سوراق ئىشى بولۇپ، ھەممە خان، ئامبال ۋە مەنسەپدار خىتايلار، بېك، ئاخۇنلار يامۇلغا يىغىلىپ تۇرغان ئىكەن. بۇ كۈنلەردە ھاۋا ناھايتى سوغاق مەۋسۇمى بولۇپ، ئاپتاپ دەلۋە بۇرچىدا تۇرغان ۋە قىشنىڭ شىددەتلىك شىۋىرغانلىرى، بەھمەن (شەمسىيەت 11- ئاي – ت)ئېيىدىكى قاتتىق شاماللار قوزغالغان بىر مەزگىل ئىدى. مەزكۇر خان، ئامباللار سوراق ئورنىغا چىقالماي، ھايال بولۇپ تۇرغان بىر ھالەتتە، ئەسلىدە ھامان مەدىرىسدىن چىقماي ئىلىم ئۆگىنىش بىللە شۇغۇللىنىپ، شېئىرىيەتچىلىكتە زېھنى- ئىدرەكلىرىنى ئوينىتىپ، غەزەل- ناخشىلارنى پەيدا قىلىپ يۈرگەن مۇھەممەت نىياز ئاخۇنۇم دىگەن بىر كىشى بۇ سوراقنى تاماشا قىلىپ كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن كەلگەن ئىدى. بۇنى- بۇ كىشىنى ۋاڭ بېگىم كۆرۈپ چاقىرتىپ : ”سىز مەدىرىستە ياتقان تالىپ بولسىڭىز، بۇنداق يەرگە نىمە ئۈچۈن چىقتىڭىز“دەپ سىياسەتكە ئالدى ۋە زاڭلىق قىلغان ئاھاڭ بىلەن يۇمشاققىنە قىلىپ، ” سىزنى ئوبدان شېئىر ئېيتىدۇ دەپ ئاڭلىدىم، قېنى بۇ سوغاق توغرلىق بىر نەرسە دىسىڭىز“ دەپ مىھرىبان بولغاندا، ئۇ ھىچ ھايال قىلمايلا بۇ نەزمىنى ئوقۇدى:

    مۇزلادى كەشمى قولىدا كاڭكىرە كاڭدا ختاي،
    بېككە تىترەك چۈشتى ئاخۇن مۇزلادى، گاھ توڭلادى.

    ئۇ بۇ ئۇسلۇپتا ئون نەچچە بېيتنى كەينى- كەينىدىن توختاتماي ئېيتقەن ئىكەن. بېك ناھايتى خوش بولۇپ، تەھسىن- ئاپرىن ئوقۇپ ”مېنىڭ ئېتىمنى مىندۈراۈپ قويۇڭلار“دەپ ئېتىنى ئىنئام قىلىپتۇ. ئاتنىڭ ئۈستىدىكى ئىگەر- جابدۇق، جۈگەن- نوختا ۋە يوپۇق- قۇشقۇن قاتارلىقلار ناھايتى تولۇق بولۇپ، ۋاڭلىق جەرەك- مەرتىۋىسىگە لايىق ئىدى. شائىر ئاتنى مىنىپ مەدرىسىگە كىرىپ ئات ۋە ئىگەر- جابدۇقلىرىنى قىممىتىگە سېتىپ، يەنە ئىلىم بىلەن شۇغۇللانغان ئىكەن. دىمەك، ۋاڭ بېگىمنىڭ بۇ خىل ياخشى سۈپەتلىرى ۋە نامى- نىشانلىرى ھەققىدىكى مەدىھىيىلەر تولا ئىدى.
    ئابدۇلرەھمان ۋاڭ بېگىمدىن كېيىن مۇھەممەت ئېزىز بېگىم ۋاڭلىق مەنسىۋىگە يېتىپ، خوتەننى سوراپ ئۆتۈپتۇ. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان موللا مۇھەممەت نىياز ئاخۇنۇم (ئاللا ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!«تارىخى رەشىدى»نى بۇ ۋاڭ بېگىمنىڭ نامىغا بېغىشلاپ تۈركى تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، نۇرغۇن لەقەم ۋە سۈپەتلەرنى بايان قىلىپتۇ. بۇ ۋاڭ بېگىمدىن ئىككى ئوغۇل يادىكدار قالدى. بۇلار مۇھەممەت ئىمىن بېگىم ۋە ئابدۇلۋاھاپ بېگىملەر ئىدى. مۇھەممەت ئابدۇلۋاھاپ ۋاڭلىق مەنسىۋىگە ئۆتتى. ئوغلى يوق بولغانلىقتىن ئابدۇلۋاھاپ خان بېگىمنىڭ ئوغلى ئابدۇلقادىر بېگىمگە ۋاڭلىق مەنسىۋى يەتتى. بۇنىڭ مەشھۇر ئىسىملىرى ۋاڭ غوجامدۇر.
    ئەلقىسسە، ئامۇرسانا خاقانى چىننىڭ مۇددىئا ۋە ياردىمى ئاستىدا ئىلى تەۋەسىنى قولغا كىرگۈزدى. خاقان مەنسەپدارلىرى قالماقىستان يۇرتلىرىنىڭ ھەربى ۋە مەمۇرىي ھۆكۈمرانلىغىنى تامامەن ئامۇرسانانىڭ ئىختىيارىغا تاپشۇردى. جۈملىدىن بۇ يەتتە شەھەرنى قولغا كىرگۈزۈش تەرەددۇتىغا كىرىشتى. ئىلىدا خوجا ئافاق ئەۋالادىدىن خوجا بۇرھانىدىن دىگەن بىر سەيىد كىشى بار ئىدى ۋە ئاق تاغلىقلارنىڭ ئۇلۇغ پىشىۋاسى ئىدى. ئاق تاغلىقلار تايىپىسى خوجا ئىسھاقنىڭ نەۋرىلىرى ۋە تەئەددىسىدىن ئازار يىگەنلىگىنى ئۇنۇتمىغان ئىدى. شۇڭلاشقا ئامۇرسانا قاتارلىقلار ”سەيىد بۇرھانىدىننى باش قىلىپ، يەتتە شەھەرگە ئەۋەتسەك، بۇ جاي ئاسان قولغا چۈشەمدىكىن“دەپ مەسلىھەت قىلىشىپ، ئۇنى نۇرغۇن قوشۇن بىلەن يولغا سالدى. بۇ ئاقسۇغا كېلىشى بىلەنلا ئاق تاغلىقلار ئىستىقبالغا چىقىپ، ئاقسۇنى ئۆتۈنۈپ بەردى. بۇلار بۇ جايدىن ئۆتۈپ ئۈچتۇرپاننى ئىگەللدى.

    خوجا يۈسۈپ خوجام بۇ ئەھۋالنى ئويلاپ، كاشىغەردىكى ئوغلى خوجا سىدىق خوجامنى باش قىلىپ لەشكەر ماڭدۇردى. ئۈچتۇرپاندا تولا جەڭگە- جىدەل بلدى. ئاقىۋەت ئىسلام چېرىگى ئۆز ئىچىدىن پاراكەندە بولۇپ، كاشىغەرگە قاراپ ماڭدى. خوجا يۈسۈپ بىتاپ ئىدى. لەشكەر يېتىپ بارغىچە ئۇنىڭ روھى تۇتى قۇشلىرى بۇ تار قەپەزدىن ئالەمنى بالاغا (ئۈسۈنتىكى ئالەمگە – ت) پەرۋاز قىلدى. كاپىرلار ئۇلارنىڭ كەينىدىن بېرىپ كاشىغەرنى ئالدى. ئاندىن كېيىن ياركەنت ئۈستىگە باردى. بۇ جايدا بىر قانچە قېتىم غەلبە ۋە مەغلۇبىيەتلەر يۈز بەردى. ئاخىرى خوجا جاھان خوجام ئۇرۇشتا ئۆزىنى چەتكە ئالدى. ئارقىسىن ئادەم ئەۋەتىپ تۇتۇپ كېلىپ، تەئەللۇق تاۋابئاتلىرى بىلەن قوشۇپ شاھادەتلىككە يەتكۈزدى. بۇ تەتۈر ماڭدىغان پەلەك چەرخى خوجا ئىسھاقى ۋەلىيۇللانىڭ ئەۋلادىغا قانداق ھادىسە- ۋەقەلەرنى كەلتۈرگەنلىگىنى بايان قىلىشقا ئىككى تىللىق قەلەم ۋە ئەقىل ئاجىزلىق قىلىدۇ. ئاندىن كېيىن خوتەننىمۇ ئۆزىگە تەۋە قىلدى.
    ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز ئەللىك ئىككىنچى يىلى (مىلادى 1836- 1837- يىلى –ت)بۇ ئالتە شەھەر ھۆكۈمىتىنى بۇرھانىدىن خوجامغا تاپشۇردى. [126]. خىتاي ۋە قالماق چېرىكلىرى ئۆز ماكان مەنزىلىگە قايتىپ، ئاز قىسىمى قالىدىغان بولدى. ئىلىدىكى خىتاي چېرىكلىرىمۇ ئۆز يۇرتىغا يېنىپ، بىر قىسىمى توختايدىغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن يۇرتتا تىنچىلىق ۋەزىيەت پەيدا بولدى. بۇ چاغدا ئامۇرسانانىڭ دىمىغىنى دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتكە بولغان غورۇرى بۇزۇپ، ياخشىلىق قىلغانغا شۈكرى قىلماي، ئىلىدىكى بېيجىڭ ئەھلىنى تامامەن يوق قىلىپ، ئۆز ئالدىغا تۆرە بولۇپ ھۆكۈمنى جارى قىلدى. بۇ خەۋەرنى ئالتە شەھەردىكى بۇرھانىدىن خوجام ئاڭلاپ، ئىتائەت بەلۋېغىنى نىسيان (ئۆتۈنۈش –ت)تەكچىسىگە ئېلىپ قويۇپ، مۇستەقىل پادىشا بولۇپ، باغلانغان ئىتائەت يىپىنى لەقەپ قويدى. يارلىق ۋە پەرمانلارغىمۇ بۇ لەقەپنى يازدى.
    فەغفۇرچىسىنى بۇ ئەھۋالارنى ئاڭلاپ، ئىككىنچى قېتىم چېرىن ماڭدۇرۇشقا يارلىق قىلدى. چېرىكلەر ئىلى تەۋەسىگە كېلىپ ئامۇرسانا بىلەن قاتتىق جەڭلەرنى قىلدى. ئامۇرسانا باراۋەرلىك قىلالماي، سىنبىرىيە دىگەن جايغا ئۆزىنى ئالدى ۋە مۇشۇ تەرەپتە ھالاكەتكە ئۇچۇردى.
    خاقانى چىن بىلەن موڭغۇل- قالماقلار ئوتتۇرسىدا، قەدىمدىن بۇيانلار جەڭ- جىدەللەر ۋە ئاداۋەتلەر بولۇپ تۇراتتى. خاقانى چىن ئىلى ئەھلىنى قىرغىنچىلىققا سالدى. بىر مۇنچە ئادەم جېنىنى ساقلاش ئۈچۈن قىپچاق، قىرغىزلار ئىچىگە كەتتى. ئىلىنى سەرەنجام قىلغاندىن كېيىن، ئىككى مىڭ چېرىكنى كۇچارغا ماڭدۇردى. بۇ چاغدا خان خوجام پادىشا كاشىغەر، ياركەنت، خوتەندىن ئون مىڭ لەشكەر راسلاپ، ئاقسۇ ئارقىلىق كۇچارغا كېلىپ، بېيجىڭ ئەھلىنىڭ ئالدىغا بېرىپ يولىنى توساپ تۇرغان ئىدى. ئۇشتۇمتۇتلا ئىلىدىن ئىككى مىڭ لەشكەر كېلىپ قالدى. ئارىدا قاتتىق جەڭ- مۇھارىبىلەر بولدى. بېيجىڭ ئەھلى ئاز بولغانلىغى ئۈچۈن باراۋەرلىك قىلالماي تۇرغان پەيتتە، ئون مىڭ خاقانى چېرىگى تۇرپان يولى ئارقىلىق كۇچارغا يېتىپ كەلدى. تولا مۇھارىيە- جەڭلەر بولۇپ، بۇلار ئاخىرى غالىپ كەلدى. ئىسلام چېرىگى زىيانغا ئۇچراپ، بۇرھانىدىن خان خوجام پادىشا باراۋەرلىك قىلالماي، مۇقۇر يولى ۋە جاڭگال ئىچى بىلەن ياركەنتكە قاراپ قاچتى. بېيجىڭ ئەھلى كۇچارنى ئىگەللەپ، كۆپ ئادەمنى ھالاك قىلدى. ئاندىن ئۆتۈپ ئاقسۇنى قولغا كىرگۈزۈپ، ناھايتى تېز سۈرئەت بىلەن ياركەنتكە باردى. خان خوجام پادىشا تولا ئۇرۇش- جەڭلەرنى قىلىپ، يەنە باراۋەرلىك قىلالماي، خوتەن تەرەپكە قاچتى. كاپىرلار خوتەنگە باردى. خان خوجام پادىشا بۇ يەردىمۇ باراۋەرلىك قىلالماي بەدەخشان تەرەپكە يۈزلەندى. خىتاي لەشكىرىنىڭ ئۇلۇغى بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ بەدەخشان ئۇلۇغىغا خەت يازدى. بىر نەچچە نەسلى يامان ئەسكى ئادەم خان خوجام پادىشانىڭ بېشىنى كېسىپ ئېلىپ كېلىپ مەنسەپدارلارغا تاپشۇردى. بۇ مەنسەپدارلار ئۇنى تۆمۈر قەپەزگە سۇلاپ، بېيجىڭدىكى خاننىڭ ئالدىغا باردى ۋە شەھەر- شەھەرلەرگە ئەۋەتىپ، كىشلەرگە سەيىر- تاماشا قىلدۇرۇپ نامىنى چىقاردى.
    بۇ يەتتە شەھەرنى سەرەنجان قىلغاندىن كېيىن، يەتتە شەھەردە قىرىق مىڭ چېرىك تۇرغۇزۇشقا ھۆكۈم قىلدى. لېكىن ئىلىنى ئىگەللىگەن چاغدا بىر مىليۇندىن ئارتۇق ئادەمنى ھالاكەتكە گىرىپتار قىلغان ئىدى. نۇرغۇن ئادەم تەرەپ- تەرەپكە قېچىپ، ئىلى ئەتىراپىدا ئادەم گۇرۇھى ئاز قالغان ئىدى. شۇڭلاشقا، ئالتە شەھەردىن ئادەم كۆچۈرۈپ كېلىپ ئىلىدا ئورۇنلاشتى. بۇ تايىپىلەر ھەر قايسى شەھەر ۋە كەنتلەردىن ئېلىپ بېرىلغانلىغى ئۈچۈن،”تارانچى“دىگەن نام بىلەن مەشھۇر بولدى ۋە بۇ ئادەملەرمۇ كۇپايە قىلماي، بېيجىڭ تەرەپتىن نۇرغۇن ئادەم كۆچۈرۈپ كېلىپ بۇ جايلارغا ئورۇنلاشتۇردى.
    يەنە شۇنى كۆرستىپ ئۆتۈش كېرەككى، بۇ قېتىمقى پاراكەندىچىلىكتىن كېيىن، ئىلى خەلقى خاقانى چىننىڭ ئەمىر ئىتائىتىدىن چىققان چاغدا، ئىلى زىمىنىنى ئۇرۇسىيە بېسۋالغان ئىدى. بېيجىڭ ئەھلى يېتىپ كەلگەندە، ئىلى ئادەملىرى قورقۇپ، ئۆزىنى ئۇرۇسىيە ھىمايىتىگە تاشلاپ، تامامەن ئورۇس ئىچىگە كۆچۈرۈپ كەتتى. ئىلى زىمىنى خالى قالدى. شۇڭلاشقا، ئالتە شەھەر ئادەملىرى، بولۇپمۇ كاشىغەر ئەھلى ئۆز ئىختىيارى بىلەن كۆچۈپ بېرىپ، تېرىقچىلىق قىلىپ، بۇ جاينى يەنە ئاۋات قىلدى.
    ئەي زامانە ئەھلى! بۇ زامانە ئەھلىنىپ پېئىل- ئەتىۋارلىرىغا سىناق كۆزۈڭلار بىلەن قاراپ كۆرۈڭلەركى، گەرچە ھەممە مۇسۇلمان بىر دىن ۋە بىر مەزھەپتە بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئىككى پىرقە، ھەتتا بىر قانچە تايىپىلەرگە بۆلۈنۈپ، بىر- بىرىگە ھەسەت- ئاداۋەت قىلىشىپ، بىر تايىپە بىر سەيىدكە ئىناۋەت- ئىتائەت قىلىشپ، يەنە بىر سەيىدكە ئىنكار ۋە ئاداۋەت كۆرسىتىپ، ”قارا تاغلىق“دەپ ئات قويۇپ، ئۆزلىرىنى ھالاكەت زالالەتكە سېلىپ، ئىتتىپاقسىزلىق قىلىپ، بۇ يۇرتلارنى ۋە يۇرت ئادەملىرىنى قالماققا ياكى خىتايغا تەۋە قىلىپ بېرىپتۇ. ھەتتا بۇنداق ئەقىدە ۋە نالايىق ئىشلارنى ئۆزىگە لايىق ۋە مۇناسىپ كۆرۈپ، بۇ ئىشلارنىڭ يامان ۋە شۇملىغىنى ئايرىپ ئالالماپتۇ، بەلكى بۇ جاھىل ، ۋاپاسىز ۋە مەككار سوپىلار ئۆزىنىڭ بۇ قىلغان ئىشلىرىدىن ھايا ياكى نومۇسمۇ قىلماپتۇ. لېكىن بەزى مەخدۇمزادىلەرنىڭ ئەسلى تەبئىتىدە بىر- بىرىگە بولغان دۈشمەنلىك ياكى ئاداۋەت يوق ئىدى. بۇ ئىشلار ئۇلارنىڭ خام ۋە ئەقلى كەم مۇرىت- مۇخلىسلىرىنىڭ شۇملىغىدىن پەيدا بولغان بولسا كېرەك. شۇڭلاشقا بۇ ساغلام نەسەپىلىك زاتلارنىڭ ھەممىسىنىلا ئوخشاش كۆرۈپ، ئاداۋەت ۋە ئۆچمەنلىك قىلماسلىق لازىم. مۇناپىقلىق قىلمىغانلارنىمۇ مۇناپىقلىق قىلدى دەپ ئېغىز ئېچىش، ئەلۋەتتە توغرا بولمايلا قالماستىن، بەلكى كىشىنى ئاللانىڭ ئازاۋىغا گىرىپتار قىلىدۇ. «ھەدىس شېرىپ» دىمۇ ”ئېتىقادىمىزنىڭ بۇزۇلۇشىدىن خۇدادىن پانا تىلەيمىز.“دىگەن سۆز بار.
    ئافاق خوجام ئەۋالادىدىن بۇرھانىدن خوجام شاھادەتلىككە يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ پەرزەنتى خوجا سالىخ خوجام يەنى بەزىلەرنىڭ مەلۇماتى بويىچە، ئۇ يەنە سامساق خوجام دەپ ئاتالغان بولۇپ، بۇ كىشى فەرغانە ۋىلايىتىگە قېچىپ كەتكەن ئىدى. بۇ دادىسىنىڭ قىساس- ئىنتىقامىنى تاما قىلىپ، نەچچە قېتىم كاشىغەرگە كەلدى، لېكىن مۇرادىغا يېتەلمەي ياندى. بۇنىڭ پەرزەنتى خوجا جاھانگىر خان تۆرەم بىر نىمە قىلىپ مۇرادىغا يەتتى. بۇنىڭ زىكىرى كېيىن كەلگۈسىدۇر. بۇ چاغدا ئەگەر ئەنجان تەرەپتىن خوجاملار كەلسە ، ئاق تاغلىقلارنىڭ جاھان ئاپتىۋى چىققاندەك بولۇپ، خوشال- خورام بولۇپ كېتەتتى. قارا تاغلىقلار بولسا بېيجىڭدىكى خوجاملارغا نەزىر- ھەدىيە ئەۋەتىپ مەدەت تىلەيتى. بۇ خوجاملاردىن كۆك چاي تەۋەرۈك قىلىپ سوغا- خالتا كېلەتتى. بۇلارنى بۇنى تەۋۋەرۈك چاي دەپ ناھايتى ئەزىز- ئېتىۋار بىلەن قارايتى. بۇ ۋەقەلەرنى كېيىن يەنە ئۈچتۇرپان زىكىرىدە بايان قىلىمىز ئىنشا ئاللا (ئاللا بولسا سەۋر قىلغۇچىلارغا يېقىندۇر!) دىمەك، ئاق تاغلىق ئەھلى بىلەن قارا تاغلىق ئەھلى تا بۇ زاماندىمۇ بىر- بىرىگە قارىشى ئىدى. بۇ تايىپىلەر كاشىغەردە ناھايتى كۆپ، ھەر ئىككى تايىپىنىڭ ئېتىقادى خاتا ۋە بىھۆدىدۇر.

    نەزم:

    شۈكۈۈللا فارىخ ئولدۇم مەن قارا، ئاق تاغىدىن،
    نە ئۈچۈنكىن مىۋە يەپدۇرمەن شەرىئەت باغىدىن.

    ئەلقىسسە، خانلارنىڭ دۆلەت چىرىغى ئۆچكەن، قالماقلارنىڭ ياردىمى ئاستىدا خوجاملارنىڭ دۆلەت چىرىغى يانغان زاماندىن باشلاپ، بۇ خوجاملار بەزىدە تەرىقەتنىڭ زىكىرى ۋە پىكىر يولى بىلەن ئىبادەت قىلىپ، ئاللادىن مەدەت تىلەشكە شۇغۇللانسا، بەزىدە ئەيشى- ئىشرەت، نەغمە- ناۋا ۋە چاي بىلەن بەزمە قىلىپ،نەپىسپەرۋەرلىپ، شۇغۇللىنىپ كەتكەنلىرى ئۈچۈن، غەيۋەت- شىكايەتچى سۇخەنچىلەر ۋە ئىچىدىن يامان شەيتان سۈپەتلىك ئادەملەر ئۇلارغا يېقىنلىشىپ، ئۆزىنى ناھايتى ئىخلاسلىق كۆرسىتىپ، تاشقىرغا چىقىش بىلەنلا ھەر بىرى خۇددى ئاچ بۆرە شەكلىگە كىرىپ، بۆرە قويغا چاپقاندەك، پۇقرالارنىڭ مال- مۈلكىگە ، ھەتتا ئۇلارنىڭ جان- ئىمانىغا قاتتىق زۇلۇم سېلىشقا باشلىدى. بۇ تايىپىلەر”ئۇششاق“دەپ ئاتالدى. ئاتا- بابالىرىدىن تارتىپ جەينامازدىن قوپماي سەجىدە- ئىبادەت بىلەن ئۆمۈر ئۆتكۈزۈپ كەلگەن خوجاملارمۇ يۇرتدارلىق ئىشىدىن ۋە سىياسەت رەۋىشىدىن خەۋەرسىز ئىدى. شۇڭلاشقا، پۇقرالارنىڭ ئەھۋالى خاراپ ۋە ۋەيرانچىلىققا يۈزلەندى. ھەتتا ئۇلار ئۆي- ماكانلىرىدا ئارام ئالالماي ۋە تۇرالماي جاڭگال- جەزىرلەرگە قېچىپ كېتىپ كۈن ئۆتكۈزدىغان دەرىجىگە يەتتى. كېچىلىرى مەخپى ئۆيلىرىگە كېلىپ، تاپقانلىرىنى غىزا- تاماق قىلىپ يەپ، قازان-تاۋاقلىرىنى ساقلىيالماي، بۇلاق ۋە چوڭقۇر يەرلەرگە تاشلاپ، ئەسلا كىشىگە كۆرۈنمەي جېنىنى ساقلايدىغان بولدى. يۇردارلىق ئىشلىرىدىن تاقەتلىرى تاق بولۇپ، چىداشقىمۇ ھىچ دەرمان قالمىدى.
    دەل مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، بىر نەچچە يىراقنى كۆرگۈچى ھەم ئىلگىرى دەۋر سۈرۈپ دۆلەت- مەنسەپ تۇتۇپ، كېيىنچە خار ۋە بى ئېتىۋار بولۇپ، پۇقرالىق كوچىسىغا كىرىپ قالغان ۋە ئاددىي خەلق قاتارىدىن تۆۋەن ھەم قەدىرسىز ئورۇن ئالغان بەزى قەدىمقى بەگلەرنىڭ ئەۋلادى ئۆز- ئارا مەسلىھەت قىلىشىپ،”قەدىمدىن بۇيان يۇرت سوراپ كەلگەن خانلار بۇلۇڭ- پۇشقاقلارغا ئولتۇردىغان بولدى. بۇلۇڭ- پۇشقاقلاردا ئولتۇرۇپ كەلگەنلەر بولسا خان بولدى. پۇقرالار ھەيران ۋە سەرسان بولدى. ئەڭ ياخشى مەسلىھەت شۇكى، بىر نەچچە كىشى خاقاننىڭ خىزمىتىگە بارساق، ئەرزمىزنى ئېيتىپ چېرىك تەلەپ قىلساق، ئەگەر چېرىك بەرسە، بىز شۇ ئىقلىمغا تەۋە بولۇپ، يىراق- يېقىن دۈشمەنلەردىن قۇتۇلساق. تاكى بىر ئىقلىمغا تەۋە بولماي تۇرۇپ يۇرتىمىز ئاۋات، بالا- پەرزەنتلىرىمىز تىنچ- ئامان بولالمايدىكەن“ دەپ قارار توختىتىپ، ئالتە ياكى يەتتە جان كىشى كىپىشلىنى تەتۈر كىيىپ يولغا راۋان بولدى. بىر نەچچە ۋاقىتتىن كېيىن قاۋاۋۇللارغا ئۇچراشتى. قاۋاۋۇلچىلار ئۇلارنى بىر قارادىن يەنە بىر قاراغا ئېلىپ بېرىپ، فەغفۇرچىن خاقان بىلەن كۆرۈشتى. خاقان ئۇلارنىڭ ئەرزىنى ماقۇل كۆرۈپ، نۇرغۇن چېرىك قوشۇپ بەردى. ئۇلار كەلگەندىن كېيىن بۇ يەتتە شەھەر جەڭ- جىدەلسىزلا خاقانى چىننىڭ ئەمىر- ئىتائىتىگە كىردى. خاقانى چىن بۇ ئالتە جان كىشىنىڭ ھەر بىرىگە ۋاڭ، گۇڭ، بەيلى قاتارلىق چوڭ مەنسەپلەرنى جۇلدۇر- جاساق قىلىپ، ھەر بىرىنىڭ خىزمىتىگە بىر نەچچە ئۆيلۈك ئادەم تەينلەپ، ھەر يىلى غەزنىدىن كۈمۈش، ۋەزىپە- مائاش بېرىدىغان بولۇپ، ھەر بىىرنى ھەر قايسى شەھەرگە ھاكىم قىلىپ توختاتتى. ئىلگىرى خاقان بۇ زىمىنغا مۇقىم ھۆمرانلىق قىلغان چاغدا، بۇ يەتتە شەھەرنىڭ ھاكىملىغى مەزكۇر بەگلەرنىڭ ئەجاتلىرىدىن باشقا ئادەملەرگە ناھايتى كەمدىن- كەمدىن نسىپ بولاتتى.
    بۇ دۆلەتكە ئۇلانغان ئالتە جان كىشىنىڭ بىرى مىرزا ھدى بەيسى بېك ئىكەن. بۇنىڭ ۋەقە- خەۋەرلىرى يۇقىرىدا بايان قىلىندى. يەنە بىرى چېرىكچى بېك بولۇپ، بۇ كىشىگىمۇ بەيسىلىك نېسىپ بولغان ئىكەن. ئۇنىڭ سېتىۋالدى بېك ۋە ئاق بېك دەپ ئىككى ئوغلى بار ئىدى. سېتىۋالدى بېككە بەيسىلىك مەنسىۋى يېتىپ، ياركەنتنى سوراپ ئۆتتى. ئاندىن ئوغلى مۇھەممەت ئابدۇللا بېك بەيسىلىككە يېتىپ، ئاقسۇ ۋە ياركەنتنى سوراپ ئۆتۈپتۇ. بۇنىڭ نەۋرىسى مۇھەممەت مۇسا بەيسى بېك ئاقسۇ زىمىنىدىكى ئاقيار دىگەن جايدا تۇرىدۇ ۋە ئابائى- ئەجداتلىرىنىڭ مەنىسۋىنى تېپىپ ئالالماي يۈرۈپتۇ. ئاق بېك ئىلىغا ھاكىم بولۇپ، ئاقسۇ، ياركەنت قاتارلىق جايلارغىمۇ ھاكىم بولۇپ سوراپ ئۆتۈپتۇ. ئاندىن ئوغلى مۇھەممەت يۈسۈپ بېگىم ئالدى بىلەن ئىلىغا، ئاندىن ياركەنتكە ۋە ئاخىرىدا سايرامغا ھاكىم بولۇپ دۇنيادىن ئۆتۈپتۇ. ئوغلى مۇھەممەت ئابدۇللا بېك ئىشىك ئاغالىق مەنسىۋى بىلەن ئۆتتى. بۇنىڭ ئەۋلادى كۆپ. دۆلەت- مەنسەپكە ئېرىشكەنلەرنىڭ يەنە بىرى بايلىق گاداي مۇھەممەت گۇڭ ئىكەن. بۇ ئالدىدا كاشىغەرنى، ئاندىن ئۈچۇرپاننى سوراپ ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. ئوغلى ئىبراھىم بېك ھەم ئىنىسى مۇھەممەت مۇسا بېككە ئۆتۈپتۇ. ئاندىن ئوغلى مۇھەممەت تالىپ بېك گۇڭلۇق مەنسىۋىگە يېىتپ شەھيار (شايار – ت)نى سوراپ ئۆتتى. ئاندىن ئوغلى ئەھمەت بېك گۇڭ بولدى، ئاندىن ئوغلى مۇھەممەت سىدىق بېگىم گۇڭلۇق مەنسىۋىدە ئىززەت ۋە ھۆرمەتلەرگە سازاۋەر بولدى. قالغانلىرىنىڭ ئەۋلادى ۋە نام- نەسەپلىرى روشەن مەلۇم بولمىغانلىقتىن، بۇ جايدا بايان قىلىنمىدى.
    خاقان بۇ ئالتە جان بەگنىڭ سۈرىتىنى قىلدۇرۇپ، ئۇششاق تالدا بىر كاتتا بۇتخان بىنا قىلدۇرۇپ، ئۇلارنڭ سۈرەتلىرىنى قويدۇرۇپ، ” بۇ بەگلەرنى يەتتە شەھەرنىڭ ئىگىسى تەربىيىگەردارى ۋە ساقلىغۇچىسى قىلىپ مەنسەپ بەردىم. مۇندىن كېيىن يەتتە شەھەرگە ئۆتكەن مەنسەپدارلار بۇ بەگلەرنى يوقلاپ ئۆتسۇن“ دەپ يارلىق قىلغان ئىكەن – ئاغىزىغا تاش ساپال تۇپراق تولسۇن! تا ئىسلام بولغىچە بۇ زاتلار بېيجىڭ تەرەپتىن ھەر قانداق مەنسەپدار ياكى سودىگەرلەر مەيمەيچىلەر قەغەزلەرنى كۆيدۈرۈپ ۋە نەچچە قېتىم باش ئۇرۇپ ئۆتىدىكەن. بۇ بۇتخانىنى ”ئۇلۇغ ئۆي“دەپ ئاتايدىكەن. بۇ بۇتخانىنى بەگلەرنىڭ ئەۋالدىمۇ” بىزلەر ئۇلۇغ ئۆي ئادەملىرىنىڭ ئەۋلادىدىن بولىمىز “ دەپ پەخىرلىنىپ ماختىنىدىكەن.
    ئىسلام ئېچىلغاندىن كېيىن بۇ بۇتخانىلار بۇزۇلدى. بەگلەر يەنە پۇقرالىق كوچىسىغا كىرىپ قالدى. ئون تۆت يىلدىن كېيىن يەنە خاقانى ئەھلى ئاتا يۇرتلىرىغا يەنە مالىك ۋە ساھىپ بولدى. فەغفۇرچىندىن ”مېنڭ ئاتا- بوۋىلىرىمغا خىزمەت قىلىپ كەلگەن ئادەملەر بار ئىدى. بۇلارنىڭ سۆزى ياكى ئەۋلاتلىرى بارمۇ، بۇنى سوراپ تەكشۈرۈپ بىلىندۈرۈلسۇن“دەپ يارلىق كەلدى. بۇ بەگلەرنىڭ ئەۋلادىمۇ بۇرۇنقى خانلار بەرگەن يارلىق، ھۆججەت ۋە ئاساس خەتلەرنى ساقلىغان ئىكەن. بۇلار بۇ ھۆججەتلەرنى مەلۇم قىلىپ، تابائى- ئەجداتلىرىىدىن مىراس قالغان مەنسەپلەرنى تاپتى. گەرچە ئۇلار يەنە نەچچە ئۇشتى ۋە نەچچە يۈز يىللارغىچە ئۇلۇغ خانغا بىرەر خىزمەت قىلغانلىغى مەلۇم بولسىمۇ، لېكىن خانلار تەرىپىدىن بۇرۇن بەلگىلەنگەن مائاشلىرىنى ھەر يىلى ئېلىپ تۇرىدىكەن. ھەر ئۈچ يىلدا بىر قېتىم خاننىڭ خىزمىتىگە بېرپ، تازىم- ئېھتىراملارنى بەجا كەلتۈرۈپ تۇرىدىكەن. ئۇلارنىڭ پەرزەنت- نەۋرىلىرىمۇ ئەسىرىدىن بويان تىنچ- ئامان ۋە خاتىرجەملىك بىلەن بەلگىلەنگەن مائاشلىرىنى ئېلىپ ”تارخان“لىق دۆلەت- ئىززىتى بىلەن ياتىدىكەن. فەغفۇرچىننىڭ ئۇلۇغ ۋە كاتتىلىغىنى شۇنىڭدىن قىياس قىلش لازىم ئىكەن. بىر قېتىم قىلىنغان خىزمەت بىلانلا بۇنداق مەنسەپ ۋە مەنپەئەتكە يەتكىلى بولار ئىدى.
    ئەي مالىكۇل مۈلۈك! پادىشالىق ھەققىلىغى ساڭا خاسدۇر. ھەقىقى پادىشا پەقەت سەندۇرسەن. بۇ بەندىلىرىڭنىڭ ئەللىك- ئاتمىش يىل ئىچىدە قىلغان بەندىچىلىك خىزمىتىنى ئۇلۇغ دەرگاھىڭدا بىر قېتىم بولسىمۇ قۇبۇل ئەيلەپ، پۇقرالىق جەننىتىڭدىن ئورۇن بېرىپ، جامالىڭنى كۆرۈش دۆلىتى ھاسىل قىلىپ، ئۇلارنىڭ گۇناھىغا باشتىن- ئاخىر ئەپۇ- قەلىمىڭنى سۈرسەڭ، بۇ سېنىڭ قۇدرەتلىك ۋە يېتىشكەن كۈچۈڭ ئالدىدا ھىچقانچە ئەجەپ ئەمەس. سەن بەندىلىرىڭگە مېھربانلىق ۋە شەپقەتلىك كەلتۈرەلەيسەن، ئۇلۇغلۇق قىلالايسەن. ئەي رەھىم قىلغۇچىلارنىڭ رەھىملىكرەگى ۋە ئۇلۇغلارنىڭ ئۇلۇغراغى، يا ئەررەھىمە ئەر راھمان، ئامىن!

    خوجا جاھانگىر خان تۆرەمنىڭ بۇ يەتتە شەھەرگە ئىستىلا تاپقان ۋەقەلىرى، مۇھەممەت ئەلى خاننىڭ كاشىغەرگە كېلىشى، كاشىغەرنىڭ پەتھى بولۇشى، نۇرغۇن قارا چېرىكلەر كېلىپ ئىككىنچى قېتىم يەتتە شەھەرنى ئىگەللىشى، جاھانگىر خان تۆرەمنى تۇتۇپ بېيجىڭغا ئېلىپ ماڭغىنى ۋە كۆپ مۇسۇلمانلارنى ئولجا- ئەسىر قىلىپ، خىتاي مەمىلكىتىگە ئېلىپ كەتكىنى، مۇھەممەت ئەلى خان (ئاللا ئۇنىڭ گۇناھىنى كەچۈرگەي!) ئەلچى ئەۋەتىپ ئەسىر چۈشكەن مۇسۇلمانلارنى فەغفۇرچىندىن
    تىلەپ ئېلىشى قاتارلىق ۋەقەلەرنىڭ سۆز – بايانى

    رىۋايەت ئاسار (رىۋايەتلەردىن ئەسەر يازغۇچىلار – ت)ۋە ناقىلان ئەخبار (نەقىل قىلىپ خەۋەر بەرگۈچىلەر – ت) لەرنىڭ كەينى- كەينىدىن بەرگەن رىۋايەت ۋە خەۋەرلىرىدىن مۇنداق مەلۇم ۋە مەزمۇن بولدىكى، تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز ئوتۇز توققۇزىنچى يىلى (مىلادى 1823 – 1834- يىلى) مۇھەممەت ئالى خان بىننى ئۆمەر خان بىننى شىر ئەلى خان (ئاللا ئۇنىڭ گۇنالىرىنى كەچۈرۈپ رەھىم قىلغاي!) قوقەنت ۋىلايىتى ۋە فەرغانە ئاھالىلىرىغا ھۆكۈمران بولۇپ ئولتۇردى. تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز قىرىق تۆتىنچى يىلى (مىلادى 1828- 1829- يىلى) خوجا جاھانگىر خان تۆرەم قوقەنتتە كاشىغەر ئەقىدەتمەنلىرىدىن بىر مۇنچە ئادەم توپلاپ، فەرغانە ۋىلايىتىدىن قېچىپ چىقىپ، موغۇلىستان شەھەرلىرىدىن كاشىغەرگە كېلىپ، ئۇنىڭ ئەتىراپىدىكى جايلارنى ئۆزىگە تەۋە قىلىپ، خىتاي شەھىرىنى پەتھى قىلىش ئۈچۈن جىددى تەييارلىق قىلىپ تۇرغان كۈنلەردە، مۇھەممەت ئەلى خاننىڭ غەيرەت تومۇرى جۇشقا قېلىپ لەشكەر جەمئىي قىلىپ، دۆلەت ئەركانلىرىغا : ”ئالەمنىڭ ئىگىسى بولغان خۇداۋەندەكېرىم بۇ پادىشالىقنى بىزگە ئاتا قىلىپتۇ. ئەگەر بىز سۇسلۇق- بۇشاڭلىق ۋە غەپلەتنى ئۆزىمىزگە لازىم ۋە راۋا كۆرسەك، ھۆكۈمەتدارلىق ۋە پادىشالىق ئۆز دائىرە جامائەت ئاساسىدىن يىراقلايدۇ. بىر ئەسكى خوجا بىر نەچچە لۈكچەك ۋە باشباشتاقلارنى توپلاپ، كاشىغەر شەھىرىنى مۇھاسىرە قىلىپ، ۋىلايەتلەرگە ئىگە بولۇش دەۋاسىنى قىلىپ، خانلىق ناغىرسىنى چېلىپ، مەمىلكەت قۇرۇشنى ئۆزىگە نىسبەت قىلىپتۇ. ئۇلارنىڭ بۇ ئىشلىرگە يول قويغىلى بولمايدۇ – ئەلۋەتتە. ئەگەر بۇلار شەھەرنى پەتھى قىلىدىغان بولسا، خىتايلارنىڭ نەچچە يىل مابەينىدە توپلىغان غەزنبە- بايلىقلىرى بۇ باشباشتاقلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ زايا بولىدۇ. خاقانى چىن بولسا كاتتا ۋە زور پادىشالىقتۇر. ئەگەر بۇ چاغدا بېيجىڭ تەرىپىدىن كۇفارلار يەنە كېلىپ ئىستىلا قىلسا، ئۇلار يەنە غەزنە سەرپ قىلماي باشقا ئىلاج يوق. ئەگەر كاپىرلار غەلبە قىلىپ، بۇ پاراكەندە لەشكەرلەرنى يەنە پاراكەندە قىلىدىغان بولسا، ئىسلام ۋىلايەتلىرىنىڭ غەزنىىسى يوق بولۇش ئېھتىمالى بار. يەنە بىرى شۇكى، جاھانگىر تۆرە يۇرتنى باشقۇرۇشقا ئاجىزىق قىلىپ، خىتاي چېرىگى بۇ جايلارغا يەنە ئىگە بولسا، جاھانگىر خوجا نائىلاج بۇ يەرگە قېچىپ كېلىدۇ. ھالبۇكى، خىتايلارنىڭ گەپ- سۆزلىرى بىزگە تاقىلىپ مۇئامىلە يامانلانلايدۇ. ئەمدى ئوبدان مەسلىھەت شۇكى، بىز كاشىغەرگە بارساق، كاشىغەر قولىمىزغا چۈشسە تېخى ياخشى. ئەگەر بۇنداق بولمىسا غازات ساۋابى يەنىلا بىزگە مەنسۇپ“ دەپ مەسلىھەت بەردى ۋە ئۈچ مىڭ لەشكەر بىلەن كاشىغەرگە كەلدى. جاھاگىر خان تۆرەم بىر مۇنچە ئادەم بىلەن ئالدىغا چىقىپ، بىر- بىرى بىلەن ئات ئۈستىدە كۆرۈشۈپ، پادىشالارغا خاس ھۆرمەت- تازىملىرىنى بەجا كەلتۈرۈپ، مۇھەممەت ئەلى خاننى بىر كاتتا ھويلىغا چۈشۈردى.
    ئۇ چاغدا كاشىغەردىكى خىتاي مۇسۇلمانلار شەھىرىنىڭ ئىچىدە ئىدى. شۇ كۈننىڭ ئەتىسى جاھانگىر خان تۆرەم ئالى مۇقامىلىق خانغا ھۆرمەت ۋە ئەدەپ- كەمتەرلىك بىلەن، مۇھاسىردىكى جەڭنى ئۇلۇغ مەرتىۋىلىك خانغا ئۆتۈنۈپ، ئۆز ئادەملىرىنى قايتۇرۇپ كەلدى. خاننىڭ يارلىغى بىلەن قوقەنت لەشكەرلىرى ئاشكارا ۋە شىددەتلىك مۇھاسىرىگە ئۆتتى. خىتاي شەھىرىنىڭ تۈۋىگە دورا قويۇپ ۋە لەخمە كولاپ ئوت قويدى، شەھەرنىڭ بىر تەرىپىنى ھاۋاغا كۆتۈرۈپ، ئالەم يۈزىگە چاڭ- توزاڭلارنى چېچىپ، كۈننىڭ كۈندۈزى گويا قاراڭغۇ كېچىگە ئايلىنىپ كەت


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.