ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2010-09-22

    تارىخى ھەمىدىنىڭ..........داۋامى - [ئۇيغۇرتارىخى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/75412270.html

    خىتايلار تارىخىنىڭ ئەڭ ئىپتىداسى دەل مۇشۇ تەيخۇفۇس – فۇدەك ئەۋلادىدىن باشلانغان دىگەن گەپلەر بار. ئۇلارنىڭ خانلىقلىرى بىر قەبىلىدىن يەنە بىر قەبىلىگە يۆتكىلىپ، جەمئىي يىگىرىمە بەش نەسىلنىڭ قولىدا بولۇپ كەلگەن. ھالبۇكى بۇ يىلقى ھىجرى بىر مىڭ ئۈچ يۈز يىگىرىمە بەشىنچى يىلغىچە (مىلادى 1907- يىلغىچە – ت)بولغان ئارلىقتا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن جەمئىي ئىككى يۈز ئەللىك تۆت ئادەم خانلىق قىلىپ، تۆت مىڭ سەككىز يۈز نەچچە يىل ھۆكۈم سۈرۈپتۇ. يەنە ئۇلارنىڭ تارىخى كىتاپلىرىدا ھەزرىتى نوھ ئەلەيھىسسالامنى” لوۋاڭ“ دەپ يازىدۇ ۋە ”ھازىر خىتاي ئەھلى لوۋاڭنىڭ دىن شەرئىتىگە ئېتىقات قىلىمىز، باشقا دىنلارنى قۇبۇل قىلمىغان“ دەپ ئۆز ئېتىقاتىدا چىڭ تۇرىدۇ. ئۇلار تەيخۇفۇس دەپ ئېھتىمال يافەس بىننى نوھ نەبىئۇللانى دىمەكچى بولسا كېەك. شۇڭلاشقا، ئۇلار تەيخۇفۇسنى فۇماڭ دەپ ئاتايدۇ ۋە ئۆز تارىخىنى شۇنىڭدىن باشلاپ، يىگىرىمە بەش سۇلالىگە تەقسىم قىلىپتۇ. ھەر سۇلالىدىن يەنى ھەر بىر ئەۋلاتتىن يىگىرىمە- ئوتتۇز نەپەر، بەزىدە بەش- ئالتە نەپەر كىشى خانلىق قىلىپ ئۆتۈپتۇ. ھەر بىر قەبىلىنىڭ بەزىلىرى بولسا يەتتە- سەككىز، بەزىلىرى ئىككى- ئۈچ يۈز يىل، بەزىلىرى يىگىرىمە- ئوتتۇز يىل ئەتىراپىدا ھۆكۈم سۈرۈپتۇ. مەسلەن، يىگىرىمە ئىككىنچى سۇلالىدىن زۇڭ سالىس (زۇڭ ئۈچىنچى – ت) ئەۋلادى پادىشا تەيزۇ شېڭدىن بولسا ئون يەتتە يىل خانلىق قىلدى. بۇ ئابباسىيە خەلپىلىگى خەلىپە قادىر بىللا (60) بىلەن زامانداش ئىدى. بۇ ئەۋلاتتن ئون سەككىز نەپەر كىشى ئۈچ يۈز يىگىرىمە بىر يىل خانلىق قىلدى. ئەڭ ئاخىرى جۇۋادى شېڭدىن خۇئاڭدى تەختىگە چىقىپ ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن، موغۇل خانلىرىدىن قۇبلايخان بىننى تولۇيخان بىننى چىنگىز خان زور قوشۇن باشلاپ، بېڭجىڭغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇ جاينى تامامەن غەلبىلىك بېسىۋالدى. پادىشا جۇۋادى شېڭدى قۇبلايخانغا تەڭ كېلەلمەي بىر جايغا يۇشۇرۇندى كېيىنچە ئۆزىنى يوق ئىدى.
    بىجىن ئەھلى قۇبلايخاننى ”ئەيۋاڭ“دەپ ئاتىدى. بۇ يىگىرىمە ئۈچىنچى سۇلالىنى تەشكىللەپ، بېيجىڭنى پايتەختى قىلىپ ئولتۇرۇپ، ئون بەش يىل ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، ئادالەتلىك ئىشلارنى قىلدى ۋە بارلىق چىن ئۆلكىلىرىنى زەبىت قىلىپ قولغا كىرگۈزۈپ، بۇ جايلاردا ئۆز ھۆكۈمرانلىغىنى يولغا قويدى. ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى «ئەيۋاڭ ئەۋلادى» دەپ ئاتالدى. شۇنداق قىلىپ، ئەيۋاڭ ئەۋلادىدىن توققۇز كىشى سەكسەن سەككىز يىل خان بولۇپ ئۆتتى.
    يىگىرىمە تۆتىنچى سۇلالىگە كەلگەندە، مىڭ ئەۋلادى تەي زۇڭ خۇاڭدى باش كۆتىرىپ خان بولدى. بۇ خاننىڭ ناھايتى كۈچەيگەن ۋاقتى، ئەمىر تېمۇر كوراگانى دۆلىتىنىڭ ئوتتۇرا چاغلىرىغا توغرا كېلىدۇ. بۇ ئۇرۇقتىن ئون يەتتە نەپەر كىشى ئىككى يۈز يەتمىش يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. لېكىن، ئۇلار موغۇل خانلىرىغا باش ئىگىپ خىزمەت قىلاتتى. ئاخىرى موغۇللار بىلەن تاتارلار ئىتتىپاقلىشىپ، بېيجىڭ شەھىرىنى بېسىۋېلىپ، موغۇل ئەۋلادى ۋە مانجۇ نەسلىدىن بولغان شۈنجىر بىننى تەي زۇڭ دىگەن كىشىگە تاج سەلتەنەت كىيدۈرۈپ، بېيجىڭدا تەختكە ئولتۇرغۇزدى. تا ھازىرغىچە بولغان خانلارنىڭ ھەممىسى بۇ ئۇرۇققا مەنسۇپ. بۇ تايىپە ”داچىڭ“ دەپ ئاتالدى. خىتايلارنىڭ «كاڭ جاڭ» دىگەن خانلار تارىخدا، يىگىرىمە بەشىنچى سۇلالىنى تەشكىل قىلغان داچىڭ ئەۋلادى شۇنجىردىن باشلاپ، ھازىرقى ئەسىردىكى كاڭشۈي خانىغىچە بولغان ئارلىقتا، توققۇز نەپەر كىشى ئىككى يۈز ئاتمىش ئىككى يىل خانلىق قىلغانلىغى ھەققىدە مەلۇماتلار بار. چۆچەكلىك موللا قۇربان ئەلى ھاجى ئەپەندى بۇ خانلارنىڭ تارىخى ۋە ئۇلارنى قايسى مىللەتكە، قايسى مەزھەپكە مەنسۇپ ئىكەنلىگىنى خىتاي تارىخىنى ياخشى بىلىدىغان دانىشمەن خىتاي موللىرىدىن سوراپ تەرجىمە قىلىپ، لوۋاڭ يەنى ھەزرەت بىننى نوھ زامانىدىن بۇ زامانغىچە ئۆتكەن ناملىرىنى، ھۆكۈم سۈرگەن دۆلەتلىرىنى بايان قىلىپ، بۇ يىگىرمە بەش سۇلالىنىڭ ھەر بىرىدە قانچە كىشى، قانچە ۋاقىت ھۆكۈمرانلىق قىلغانلىغىنى، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىغى قاچان باشلىنىپ، قاچان ئاياقلاشقانلىغىنى، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىغى ئادەم ئەلەيھىسالامدىن نەچچە مىڭ يىل ئىلگىرى ياكى كېيىن ئۆتكەنلىگى، دۇنياغا ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ قايسى بىرى قانداق ناملىق خانلار بىلەن زامانداش ۋە يانداش ئۆتكەنلىگى، قايسى پادىشا قاچان ۋە قايسى خاننىڭ ۋاقتىدا توغرا كەلگەنلىنى تەكشۈرۈپ، بېيجىڭ تارىخى بىلەن ئىسلام تارىخىنى سېلىشتۇرۇپ، كۆپ ۋاقىت تىرىشىپ تەتقىق قىلىپ، بىر توپلام كىتاپ يازغان ئىدى. [63] مەنكى كەمىنە راقىم (قەلەم تەۋرەتكۈچى – ت) مەزكۇر كىتاپتىن بىر قانچە سۆزنى تاللاپ ئېلىپ ئۆز كىتاۋىغا كىرگۈزدۇم.
    ئەمدى يەنە ئەسلى سۆزگە كېلەيلى، مەنگۇ قائان قۇبلايخاننى شەرق تەرەپكە يولغا سالغاندىن كېيىن، يەنە ئۆز قېرىندىشى ھىلاكۇ خاننى بىر يۈز يىگىرىمە مىڭ مۇكەممەل قوراللانغان قوشۇنغا قوماندان قىلىپ، غەرپ تەرەپتىكى ئابباسىيە خەلپىلىگىگە [64] يۈرۈش قىلىشقا يارلىق قىلدى. ھىلاكۇخان ماۋارائۇننەھرى، [65] خوراسان [66] قاتارلىق جايلارنى بېسىۋېلىپ، مەلاھىدىلەر (ھەقىقىي دىن يولىدىن ئازغانلار – ت) مەمىلكىتى – قەھىستانغا [67] بېرىپ، رۇكىندىن خورشاھنى [68] بوي سۇندۇرۇپ، ئىراق، ئەرەپ تەرەپلىرىگە يۈرۈش قىلدى. بۇ چاغدا مەۋلانە نەسىرىددىن تۇسى [69] دىگەن بىر ئالىم بار ئىدى. ھىلاكۇ ئۇنى ئۆز خىزمىتىدە ئالدۇردى. ئۇنىڭغا رەسەت (ئاسمان جىسىملىرىنى كۈزىتىش ئۆيى – ت) باغلاتقۇزۇپ، بۇنىڭغا «زىججۇ ئىلخانىيە»(ئىلخانىيە كالىندار ھىساپلاش ئورنى – ت) دەپ نام قويدى. ھىلاكۇ مەۋلانە نەسىرىددىن تۇسىغا نۇرغۇن ئىنئام تەقدىم قىلدى. يەنە ھەر قايسى شەھەردىكى موللا، فازىل، ئۆلىما ۋە ھۆكۈمالارنى ئالدۇرۇپ، قېشىدا تۇرغۇزۇپ، ئىنئام ئېھسانلارنى بېرىپ تۇراتتى. ھەتتا نىسارا « خىرىستىيان – ت) ۋە فەغغۇرچىنى دانالىرىنى ئالدۇرۇپ ۋە فۇرقانى مەجىد ۋە ئىنجىلنى ھەم بېيجىڭ ئەھلى پەيغەمبەر دەپ ئېتىقات قىلىدىغان شاكىمۇنى (شاكىيا مۇنى – ت) تەرىپىدىن توپلاپ يېزىلغان «شىڭۋۇيە» دىگەن بىر ئاتاقلىق كىتاپنى موغۇل تىلىغا تەرىجىمە قىلدۇردى. ھىلاكۇ گەرچە ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قلىپ، ئۇنىڭدىن بەھرمەن بولالمىسىمۇ، لېكىن بىر مۇنچە ئىشلارنى پەيدا قىلدى.
    ئومۇمەن، ھىلاكۇخان بىننى تولۇيخان بىننى چىنگىز قائاننىڭ ۋەقە ھەم شۆھرەت، جاسارەتلىك ئىشلىرى كۆپ. بۇ جايدا پەقەت موغۇلىستان خانلىرىنىلا بايان قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىغىمىز ئۈچۈن، ھىلاكۇخان ۋە قۇبلايخاننىڭ قىسسە ۋە داستانلىرىغا تەپسىلى توختالمايمىز. ھىلاكۇخان ئىراق زىمىنىدىكى باغداتنى قولغا كىرگۈزۈپ، ئابباسىيە خەلپىلىگىنىڭ ئوتتۇز ئالتىنچى خەلىپىسى مۇستە ئىىسم بىللا ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئوغلىنىڭ ئاغىزىغا ئالتۇن، كۈمۈشنى ئېرىتىپ قويۇپ ئۆلتۈردى، نەتىجىدە بەش يۈز يىگىرمە ئىككى يىل ھۆكۈمرانلىق قلىغان ئابباسىيە خەلپىلىگىنىڭ دۆلەت سەلتەنەتى ۋە سۆلەت- ھەشەمەتلىرىنى تامامەن خۇددى چاڭ- توزاڭدەك بىت- چىت قىلىپ، بۇلاپ- تالاپ ۋەيران قىلدى. ئۇلارغا بۇنىڭدىنمۇ يامان قىلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۇلارنىڭ مەخپى ۋە ئاشكارە مۈلۈك، غەزنىلىرىگە، يۇرت ۋە مەمىلكەتلىرىگە ئىگە بولۇپ، ھۆكۈمرانلىق قىلىدى. بۇ ۋەقەلەر تارىخ ھىجرى ئالتە يۈز ئەللىك ئالتىنچى يىلى (مىلادى 1258- يىلى – ت) يۈز بەرگەن ئىدى. ھىلاكۇخان ئابباسلار ئەۋلادى قايسى جايدا بولسا، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تېپىپ تامامەن يوق قىلدى. ئىلگىرى ئابباسىيە خەلىپىلىرى ئۆز خەلىپىلىگىدىكى بىر قانچە مىڭ ئابباسلارنى خەلىپىلىككە زىيان سالىدۇ ياكى خەلىپىلىك دەۋاسىنى قىلىدۇ دىگەن بانالار بىلەن زىندان ۋە تۈرمىلەرگە تاشلىغان ئىدى. بەلكى ئۇلارنىڭ بىرمۇنچىسى زىنداندا تۇغۇلۇپ، شۇ جايدا ئۆسكەن ئىدى. ھىلاكۇخان ھەتتا بۇلارنىڭمۇ ھەممىسىنى پۈتۈنلەر يوق قىلدى. ئۇ ئەرەبىستاننىڭ مىسىر، شام، ھەلەپ قاتارلىق زىمىن ۋە شەھەرلىرىنىڭ كۆپ قىسىمىنى بوي سۇندۇرۇپ، ئۆز تەۋەلىگىگە ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئەزەربەيجان تەرەپكە يۈرۈش قىلدى. ئىران زىمىنىنى پايتەخت قىلىپ، توققۇز يىل ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، شۇ ئىراننىڭ ئۆزىدە ۋاپات بولدى.
    ھىلاكۇخان ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغلى ئاباقاخان تەختتە ئولتۇردى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئاباقاننىڭ ئوغلى ئارغۇنخان تەختكە چىقتى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئەخمەتچان بىننى ھىلاكۇخان تەختكە چىقتى. بۇ مۇسۇلمان دىيانەتلىك ۋە دىندار بىر كىشى بولۇپ، ئۈچ يىلدىن كېيىن بالايى ئالەمگە پەرۋاز قىلدى. (ۋاپات بولدى – ت). ئاندىن كېيىن كەنقاتۇ بىننى ھىلاكۇخان تەختكە چىقتى. ئىسلام شرىپى يەنە راۋاج تاپتى. ئاندىن بايدۇخان بىننى تاراغاي بىننى ھىلاكۇخان تەختكە مىندى. بۇ تېخى ئىسلام دىنىغا كىرمىگەن ئىدى. ھىراتنىڭ ئۇلۇغى ئەمىر نورۇز بىننى ئارغۇن ئاقانىڭ (ئاباقنىڭ – ت) تەشەببۇسى بىلەن غازانخان بىننى ئارغۇنخان خانلىقىغا كۆتىرلدى. ئۇ ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلدى. يەنە ئىسلام دىنىنىڭ نۇر- شولىسى ئۇنىڭ پىشانىسىدە زاھىر ۋە ئاشكارە بولدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئوغلى ئولجايتۇ سۇلتان مۇھەممەت خۇدابەندە خان بولدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئوغلى سۇلتان سەيىد غازى باھادۇرخان تەختتە ئولتۇرۇپ، ئون سەككىز يىل ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، ھىجرى يەتتە يۈز ئوتتۇز ئالتىنچى يىلى (مىلادى 1335 – 1336- يلى – ت) بۇ ئالەم خاكىدانىدىن (ئالەم يۈزىدىن – ت) ئۇ دۇنيانىڭ رەياز جاۋدانىغا (ئىسىل جەننەت باغچىسىغا – ت) كەتتى. ئۇنىڭ ۋارىسلىق قىلغۇدەك ئوغلى يوق ئىدى. شۇڭلاشقا، ھەر قايسى يۇرتلارغا ئەۋەتىلگەن ئەمەلدارلار ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ، بىر- بىرىنىڭ ئەمىر- ئىتائىتىگە بوي سۇنماي، ھەر خىل مۈلكى تاۋايىپ (ئۆز- ئۆزىگە تەۋەلىك دۆلەت – ت) پەيدا قىلدى.
    ئومۇمەن گەپنىڭ خۇلاسىسى شۇكى، چىنگىز قائان خىتاي مەمىلكىتىنىڭ شەرىق تەرىپىدىكى خانبالىقتىن، غەرپتە مىسىر ۋە شام، شىمالدا قازان شەھىرى، جەنۇپتا سىند دەرياسى، تىبەت، ئۇيغۇرغىچە بولغان جايلارنى قولغا كىرگۈزگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرىدىن جاھان تېمۇرخانىغىچە بولغان ئارلىقتا يىگىرمە بەش نەپەر كىشى بۇ دائىرە ئىچىدىكى مەمىلكەتلەرگە بىر يۈز قىرىق سەككىز يىل ھۆكۈمرانلىق قىلىپ ئۆتتى. يەنە بۇنىڭ ئىچىدە چىنگىز خاندىن باشلاپ ئۇنىڭ توققۇز نەپەر ئەۋلادى جەمئىي توقسان بەش يىل كاپىرلىقتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلام دىنىغا كىرمەي، موغۇل- قالماقلارنىڭ ياساق تۈزۈملىرىنى ساقلاپ،چوڭ شەھەرلەرگە ۋالى ۋە مۇتەۋەلى بولۇپ، ھۆكۈمرانلىق قىلدى. بۇلاردىن كېيىنكىلەر مۇھەممەت ئەلەيھىسسلامنىڭ ئۇلۇغ «ھەدىس»تە ” سۆھبەت ئادەمگە تەسىر قىلىدۇ“ دىگەن سۆزى بويىچە، مۇسۇلمانچىلىق شەرىپىگە ئىگە بولۇپ، ئۆزىنىڭ ھۆكۈم ۋە يارلىقلىرىنى مۇسۇلمانلارنىڭ نۇرلۇق شەرىئەت ۋە گۈلدەك مىللەت ھۆكۈملىرىگە ماسلاشتۇرۇپ ھۆكۈمرانلىق قىلدى. كېيىنچە ھەر قايسى ئورۇنلاردىكى مۈلكى تايىپىلارنى تىكلىگەن نويانلار، ئەمىر- ئەمىرالار، ۋەزىر- ۋەزۇرالاردىن شەيىخ ئەبۇ ئىسھاق پارىس مەمىلكىتىگە، ئال مۇزەپپەر خوراسان زىمىنىغا، ئەبۇ ئىسھاق پارىس مەمىلكىتىگە، ئال مۇزەپپەر خوراسان زىمىنىغا، ئەمىر چوپان بىننى ئەمىر تۆلەك توران، سۇلدۇز، روم تەۋەسى، دەمەشىق، شام ئەتىراپىغا، ئەمىر ھەسەن بۈزرۈك بىننى ئەمراق بۇقا بىننى ئەمى ئىلكانى باھادۇر ئىراق تەرەپ ۋە باغداتتا ھۆكۈم سۈردى. ئىلكانى [71] پادىشالىرىنىڭ ئۆزلىرىمۇ موغۇل نەسلى ۋە قالماق تايىپىسىگە تەئەللۇق ئىدى. بۇلار يەنە تارىختا ئۆزىنىڭ مۇسولمان دىندارلىغى، شەرىئەتپەرۋەرلىگى، ئىنسانپەرۋەرلىگى ۋە ئادالەتپەرۋەرلىگى بىلەن مەشھۇر.
    موغۇل سۇلتانلىرى بۇ ئۇلۇغ مەمىلكەتلەرگە ئىككى يۈز يىلغا قەدەر مۇستەقىل پادىشالىق قىلىپ، مۇستەقىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن چىنگىزىيە ئەۋلادىنىڭ ھۆكۈمەتلىرى بۇ مەمىلكەتلەردىن ئاياقلاشتى. لېكىن بۇ جەرياندا، چىنگىزخان ۋە ھىلاكۇخاننىڭ قىرغىنچىلىغى ۋە ۋەيرانچىلىغى تۈپەيلىدىن ئۆلگەن ئادەملەرنىڭ سانىغا غايىپنى ۋە ھازىرنى بىلگۈچى (ئاللادىن) باشقا، ھىچقانداق ئاقىللارنىڭ ئەقلى تەسسەۋۇرى ۋە ھۆكۈمالارنىڭ پىكىرى ۋە تەپەككۈرى يەتمەيدۇ. ئگەر بىرەر كىشى بۇ ئەھۋاللارنى بىلىشنى خالىسا «تارىخى رەۋزە تۇسسافا» غا مۇراجەت قىلسۇن. لېكىن چىنگىزىيە ئەۋالدىنىڭ مۇغۇلىستانغا بولغان ھۆكۈمرانلىغى تاكى تۇغلۇق تېمۇرخاننىڭ [72] نەسلىدىن ئىسمائىل [73] ۋە مۇھەممەت ئىمىن مىنچى يىلغىچە (مىلادى 1708- يىلغىچە) داۋاملاشتى. [75] شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ھۆكۈمرانلىغىمۇ ئاياقلاشتى. لېكىن، بەزىلەر دەشتى قىپچاق تۈركىستان ۋە ئورۇسىيە تەۋەسىدىكى كەڭ بولوسىلار ۋە قالماقلار، فەغۇفۇرچىنغا تەۋە ئايال خانلار ۋاڭلىق قىلىپ ئۆتكەن ئۇلۇغ مەرتىۋىلىك ئەمىرالارمۇ چىنگىز ئەۋلاىغا مەنسۇپ دەپ ھىكايە قىلىدۇ.
    قىسسە ۋە ھىكايىلەرگە ئاساسلانغاندا، تارىخ ھىجرىنىڭ يەتتە يۈز ئوتتۇز ئالتىنچى يىلى (مىلادى 1335 – 1336- يىلى – ت) سۇلتان سەئىد باھادۇرخان [76] ۋاپات بولدى. شۇ يلى ئەمىر تېمۇر كوراگان ۋۇجۇتقا كەلدى. تارىخ ھىجرى يەتتە يۈز يەتمىش بىرىنچى يىلى (مىلادى 1369- 1370- يىلى – ت) بەلخدە تەخت سەلتەنەتتە ئولتۇردى. ماۋارائۇننەھرى، ئىران، توران، پارىس، باغدات، توم، مىسىر، شام، دەمەشىق، ھەتتا ھەمىس بەئەلبېك، ئاناتولى، ئىسپاھانغىچە، جەنۇبىر چېگىرسى ھىندىسان، شىمالى چېگىرىسى تۈركىستان، قازان شەھىرىگىە بولغان روبئى مەسكۇننىڭ كۆپ قىسىمىنى يولغا كىرگۈزۈپ، ئۇ جايلاردىكى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بولۇۋالغان ھۆكۈمرانلارنى يوق قىلىپ، ھەممىنى بىر مەركەزگە ياكى بىر دىۋانغا بوي سۇندۇردى.
    ئەمىر تېمۇر كوراگاننىڭ ئەسلى نەسلى چىنگىز قائاننىڭ ئەجداتلىرى تا كى قالماقلار ئەۋلادى بىلەن بىر ئىدى. يەنە ئەمىر تېمۇرنىڭ دادىسى ئەمىر تاغاتاي، ئۇنىڭ دادىسى ئەمىر توكەل، ئۇنىڭ دادىسى ئەمىر ئىلىنگىز نويان باھادۇر، ئۇنىڭ دادىسى ئەمىر ئېچىل باھادۇر، ئۇنىڭ دادىسى ئەمىر قاراار نويان باھادۇر، ئۇنىڭ دادىسى ئەمىر ئىرۇمچىن بالاس باھادۇر، ئۇنىڭ دادىسى قاچۇلى باھادۇر، ئۇنىڭ دادىسى دومنايخان ئىدى. ئەمىر تېمۇر كوراگاننىڭ سەككىزىنچى دادىسى بىلەن چىنگىز قائاننىڭ تۆتىنچى دادىسى بىر تۇققان ئىدى. قارامىن ھۆكۈمى بويىچە خانلىق قۇبۇل خانغا ، ۋەزىرلىك تاچۇلىغا تەيىن بولغانلىغى ئۈچۈن، ئەمىر تېمۇر كوراگانى گەرچە ھەرقانچە ئۇلۇغ پادىشالىق مەرتىۋىسىگە ئىگە بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا خانغا ۋەزىرلىك ياكى خىزمەتكارلىق ۋە ياكى نۆۋكەرلىك ” جەرەكە“ (دەرىجە – ت) سىدە ئولتۇراتتى. فارامىنىنىڭ ھۆكۈملىرىگە باشقىچە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلمەيتتى. ھەتتا بىر قانچە ئەۋلاتقىچە شۇ تەرىقىدە ئۆتتى. ئۆزلىرىگە خان ياكى پادىشا دەپ لەقەم قويالمىدى. ئەمىر تېمۇر كوراگاننىڭ پەيتەختى سەمەرقەنت شەھىرى ئىدى.
    بۇ چاغدا ئەمىر تېمۇر كوراگانى توقسان مىڭ لە شكەر باشلاپ دەشتى قىپچاق خانلىرىدىن توقتامىش خاننىڭ[77] ئۈستىگە يۈرۈش قىلىپ، جەڭ ۋە قىرغىنىلىق باشلىدى. ئۇ، توقتامىش خاننى قوغداپ بىر جايغا باردى. بۇ جايدا تومۇز ئايلىرى كۈن ئولتۇرۇپ شەپەق يۇقالغىچە قالمايلا دىگۈدەك سۈبھى تاڭ يۇرۇپ قالاتتى. بۇ جايدا ھەزرىتى ئىمامەيىننىڭ [78] مەزھەپلىرى بويىچە ناماز خۇپتەننى ئوقۇمىسىمۇ بولاتتى. ئەمىر تېمۇر كوراگانى بۇ جاينىمۇ بېسىۋېلىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن، دەمەشىق، شام، ئىسپاھان قاتارلىق جايلارنىمۇ ئىگەلەپ، قىرغىنچىلىق ۋە ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز تالان- تاراجلارنى قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ھىندىستان شەھەرلىرىنىمۇ ئۆزىگە قاراتتى. ئۇ ئۆزىگە تەۋە بولغان بۇ جايلارنى ئوتتۇز ئالتە يىل ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، ئۆزىنى غالىپ ۋە مۇغرۇر دەپ ھىساپلايدىغان بارلىق پادىشالار ۋە ئەمىرائىلەرنىڭ ئۈستىدىن غەلبە قىلدى. تارىخى كىتاپلاردا ئەمىر تېمۇر كوراگانى ” ا لىم“ (ئەبجەتچە يىل ھىساپلاش ئۇسۇلى بويىچە 71 ياشقا توغرا كېلىدۇ – ت) يېشىغا يېتىپ، تارىخ ھىجىرى سەككىز يۈز يەتتىنچى يىلى (مىلادى 1404- 1405- يىلى) ۋاپات بولدى ۋە سەمەرقەنت شەھرىدە دەپنە قىلىنىدى دەپ يازىدۇ. مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، يەنە مۇھەمەت ئەلەيھىسسالام پەيغەمبىرى ئاخىر زامان (ئاخىرقى پەيغەمبەر – ت) زاماندىن باشلاپ تا بۇ دەۋرىگە يەتكىچە، موغۇل خانلىرى ئىچىدە ئەمىر تېمۇر كورانگاندەك مۇسولمان دىندار، ئۇلۇغ ۋە كاتتا پادىشا ئۆتمىگەن. ئۇ ناھايتى شىجائەتلىك (باتۇر – ت) ، كۈرەشچان، قەھىرى قاتتىق، تېز غەزەپلىك بىر پادىشا ئىدى. شۇنداقلا ئۇ يەنە جەسۇرلۇق بىلەن كەشپىياتچىلىقنى بىرلەشتۈرگەن پادىشا ئىدى. ئۇ ۋاپات بولغان چاغدا، ئۇلۇغ ۋە ئەزىز ھەزرىتى باھاۋىدىن نەقشە بەندىنىڭ [79] نەپەسلىرىدىن ” تېمۇر ئۆرلەپ كەتتى، ئۆزىنىڭ ئىمانىنىمۇ بىللە ئېلىپ كەتتى“دىگەن ئاۋاز چىققان ئىدى. ئەۋلىيالارنىڭ سۆزى- خۇدانىڭ سۆزىدۇر. ئەمىر تېمۇر كوراگانىنىڭ مۇبارەك زامانلىرىدا، ئەمىر سەيىد ئەلى بىننى مۇھەممەت ئەلھەمەدانى، [80] باھاۋىددىن نەقشە بەندى، خوجا ھافىز شىرازى، [81] ئەللامەتەفتازانى ]82] ۋە مىر سەيىت شەرىق ئەلامەجورجانى [83] قاتارلىق ئەھلى پەزىلى، ئۆلمائى ئىزام ۋە ماشايىخى كىراملار نۇرغۇن ئىدى دىگەن مەلۇماتلار بار.
    لېكىن دەمەشىق، شام، روم، بارلىق ئەرەبىستان، باغدات، ھەلەپ ئەھلىنىڭ ئۇلۇغ ئۆلىمالىرى، ئەرەپ تارىخچىلىرى (ئاللا ئۇلارنىڭ سىرلىرىنى پاك قىلسۇن – ت) ، يەنى ” تارىخى ئىمام گەردىرى“[84]، ” تارىخى ئەللامە ئىبىنى خەلدۇن“[85]، ” تارىخى ئىبنى ئەرەبشاھ“[86] ” تارىخى بۇخارى“[87] قاتارلىق ئەرەپچە تارىخ كىتاپلىرىنىڭ مۇئەللىپلىرى، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئەرەپچە تارىخ كىتاپلىرىدا، ئەمىر تېمۇر كوراگانى ئەھلى ئىسلامنىڭ مەزھەپ ۋە مىللەتلىرىدىن سىرتتا دەپ ھىساپلاپ، ئۇنى شىئە مەزھىپىدە ياكى كاپىر دەپ ھۆكۈم قىلىدۇ. چۈنكى ئەمىر تېمۇرنىڭ ھەممە جەڭ- جىدەللىرى ئىسلام دىيارى بىلەن بولۇپ، ئۇ ئاساسەن بۇ رايۇنلاردىكى ئۆلىمائى ئاكابىرلارنى قىرغىن قىلغان ئىدى. بۇ ھال ئۇنىڭ زالىملار ئىچىدىكى ئەڭ يامان زالىم ۋە پاسىقلار ئىچىدىكى ئەڭ يامان پاسىق تەبئىتىنى ئىپادىلەيدىغان دەلىل ۋە ھۆججەت بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. ئەمىر تېمۇر شامنى بويسۇندۇرۇپ، دەمەشىقنى مۇھاسىرە قىلىپ، قىرغىنچىلىق باشلىغان چاغدا،” ئەسكەرلىرىنىڭ ھەر بىرى ئىككى نەپەر مۇسۇلماننىڭ بېشىنى كېسىپ كېلىپ، مېنىڭ كۆز ئالدىمدىن ئۆتكەزسۇن“ دەپ يارلىق قىلدى. بۇ جايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىدىن بىر يۈز يىگىرمە تۆت ” كاللا مۇنارە“ياساتتى. ھەر بىر كاللا ” كاللا مۇنارە“توققۇز مىڭ ئادەمنىڭ بېشىدىن تەييار بولدى. ئۇنىڭدىن كېيىن روم تەۋەسىدىكى ئاناتولنى بېسىۋېلىپ، پادىشا ئىلىدىرىم بايزىدنى [88] يېقىتىپ، ئۆز نامىغا پۇل سوقتۇرۇپ، خۇتبىنى ئۆز نامىغا ئوقۇتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئىسپاھاننىڭ بارلىق ئەر ۋە ئاياللىرىنى، ھەتتا ياش ۋە قېرىلىرىنى تامامەن يوق قىلىشقا يارلىق قىلدى. ھەددى- ھىساپسىز پاك ۋە نارسىدە قىز- ئوغۇللار، ياش- قېرىلار ئۇنىڭ تىخ سىياسىتىدىن ئۆتتى.
    بۇ چاغدا زامان پازىللىرىنىڭ بىرى ئەمىر تېمۇرنىڭ شىر يېقىن ئەمىرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ” پادىشا ئالى جاناپلىرىدىن شۇنى ئۈمىد قىلىمىزكى، بۇ نارسىدىلەرنىڭ ھىچقانداق ئىشتىن خەۋىرى يوق. بۇ مەھرەم بىگۇنالارغا شاھانە ئىلتىپات قىلىپ، رەھىم- شەپقەت قىلىشنى سوراپ، ئەرز قىلدۇق. بۇنى يەتكۈزۈپ قويۇشلىرىنى سورايمىز“ دەپ ئىلتىماس قىلدى. ئارىدا ۋاستىچىلىق قىلغان بۇ ئەمىر مۇلايىم ۋە شىرىن سۆزلەر بىلەن بۇ نارسىدىلەرنىڭ قانلىرى بكار زايە بولۇپ كەتمىسە دەپ ئەرزنى يەتكۈزدى. لېكىن ئەمىر تېمۇر بۇنىڭغا ئىلتىپات قىلمىدى. ئۆزىنىڭ توپ- توپ بولۇپ تۇرغان ئەسكەرلىرىگە يارلىق قىلىپ، پادىشادىن تەققازالىق بىلەن مەرھەممەت كۈتۈپ تۇرغان نەچچە مىڭلىغان پاك قىز- ئوغۇللارنى باسۇرۇق قىلدى. بۇ بىگۇنا نارسىدىلەرنىڭ ھەممىس ئات ئايىغىدا يوق بولدى. ئەمىر تېمۇرنىڭ رەھىمسىز ۋە تاش يۈرەك بىر ئنسان ئىكەنلىگىنى ئەنە شۇنىڭدىن ئۇچۇق بىلگىلى بولىدۇ.
    مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ سەھى ھەدىسلىرىنى بايان قىلغان ئالتە كىتاۋىدا ”تۈرك تايىپلىرىنىڭ كۆزلىرى كىچىك، بۇرۇنلىرى ياپىلاق، يۈزلىرى كەڭ تاۋاقتەك ۋە ئككى مەڭزىگە بىر نەرسە يېپىشتۇرۇپ قويغاندەك ئىگىز بولىدۇ“ دەپ يېزىلغان ئىدى. بۇنداق ئوخشىتىش موغۇل پادىشالىرى ۋە قەبىلە- قەۋملىرىنىڭ شەكلىگە ماس كېلىدۇ. بۇ سۆز رەسۇلىللا كېرەم سەللەللاھۇ ۋەسسەلەمنىڭ مۆجىزىلىرىدىندۇر. ئاللاتائالانىڭ ”قۇرئان“ كېرىمدىكى ” ئول پەيغەمبەر يالغاننى سۆزلىمەيدۇ، ئاللادىن ۋەھى قىلىنغان ۋەھىنى سۆزلەيدۇ“ دىگەن ئايىتىدە رەسولى ئەكرەمنىڭ راست سۆزلەيدىغانلىغى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن. ھىچقانداق پادىشا ئىسلام رايۇنلىرىنى چىنگىزخان، ھىلاكۇ ۋە ئەمىر تېمۇردەك ئۇرۇش- جىدەل قىلىپ ۋەيران قىلمىغان ئىدى. ئەمىر تېمۇر شام ۋە دەمەشىقنى مۇھاسىرە قىلىپ، ئادەملىرىگە قىرغىنچىلىق قىلىشنى قەست قىلدى. «ھەسنۇ ھۈسەيىن» دىگەن كىتاپنىڭ ئاپتورى ئىمام جەزىرى [89] بىر يۇشۇرۇن جايغا قېىچىپ بېرىپ، «ھەسنۇ ھۈسەيىن» دىگەن كىتاپنى يازدى ۋە جانابى سەيدۇلمۇرسەلىن (مۇھەممەت پەيغەمبەر – ت) دىن مەدەت ۋە ئۈمىت كۈتۈپ «ھەدىستە»تە كەلتۈرۈلگەن دۇئالارنى ئوقۇش بىلەن شۇغۇللاندى. دەمەشىقنىڭ ھەممە مۇسۇلمانلىرى بولسا دەرۋازىلارنى تاش بىلەن مەھكەم بېكىتىپ يىغا- زارە بىلەن قاخشايتى. «ھەسنۇ ھۈسەيىن» نىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، شۇ ھالەتت ئىمام جەزىرى ئاللانىڭ ئۇلۇغ ئەلچىسى، مۇسۇلمانلارنىڭ شۇ باشپاناسى مۇھەممەت سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى چۈشىدە كۆرۈپ، «يارەسۇلىللا، بۇ دۈشمەنلەر بىزنىڭ ئۈستىمىزدىن غەلبە قىلدى. بىز ئۈمەتلىرى ئۈچۈن دۇئا قىلماملا» دەپ ئىلتىماس قىلغاندا، پەيغەمبىرىم ئىككى قولىنى ئىككى قولتۇغىدىكى ئاق بەدىنى كۆرۈنگىچە ناھايتى ئىگىز كۆتۈرۈپ دۇئا قىلدى. دۈشمەنلەر ئۈچ كۈن ئۆتمەستىنلا شامنىڭ مۇھاسىرسىنى تاشلاپ قېچىپ كەتتى.مۇسۇلمانلاردا شادى- خوراملىق پەيدا بولدى.
    يەنە ئەللامە سىيوتى[90] دىگەن ئالىم ئەمىر تېمۇرنىڭ بۇ ئىشلىرىنى، ئۇنىڭ دىنى ئىسلامغا دۈشمەنلىك قىلغانلىغىنىڭ دەلىلى ۋە ئىشارىتى، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، پەيغەمبەر قوللىرىنى كۆتۈرۈپ، بۇ تايىپىلەر ھەققىدە دۇئا قىلمىغان بولسا، پەيغەمبەر قوللىرىنى كۆتۈرۈپ بۇ تايىپىلەر ھەققىدە دۇئا قىلمىغان بۇلار ئىدى. چۈنكى، شەرىئەتتە مۇسۇلمانىڭ زىيىنى ئۈچۈن دۇئا قىلىش توغرا ئەمەس ئىدى دەپ مۇلاھىزە قىلپ كېلىپ، ”تارىخ ھىجرى سەككز يۈز سەككىزىنچى يىلى (مىلادى 1405 – 1046- يىلى – ت) ئىسلام دىنىغا ئاسىيلىق قىلغۇچى تېمۇر لەڭ ئۆلدى، جەھەننەمگە كەتتى ۋە ئاخىرەتلىگى يامان بولدى، دەپ بايان قىلىدۇ.ماۋارائۇننەھەرىدىكى ئۇلۇغ ئۆلىمالاردىن تۆت يۈز كىشمۇ بۇ مۇلاھىزىلەرگە قوشۇلىدۇ“دىگەن گەپلەرمۇ بار. بۇنىڭ راست ياكى يالغانلىغى پەقەت ھەقىقىي ئىلىم ئىگىسى بولغان ئاللانىڭ ئۆزىگە مەلۇم بولۇپ، ئاللا ئۇنڭ ئۆز ئىلمى قېدىمى (قۇرئان) بىلەنلا بىلەلەيدۇ.
    «مۇنتەخەببۇتتاۋارىخ» دىگەن كىتاپنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا ئەمىر تېمۇر تارىخ ھىجرى يەتتە يۈز يەتمىش بىرىنچى يىلى (مىلادى 1369 – 1370- يىلى -ت) تەختى سەلتەنەتكە چىققان. ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرىدىن ئون سەككىز كىشى جەمئىي بىر يۈز ئاتمىش يىلچە ئەمىر تېمۇر ئىگەللىگەن مەمىلكەتلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ ئۆتكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ سۇلالە مۇنقەرز بولغان.تېمۇرىلەردىن كېيىن ئۆزبېك قەبىلىسىگە ۋە جۇجى نەسلىگە مەسنۇپ بولغان مۇھەممەتخان شەيبانى [91] بۇ جايلاغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىدى.
    ئەمدى ئۆزبېك شەيبانىنىڭ بايانىغا كەلگەك، چىنگىز قائاننىڭ تۇنجى ئوغلى جۇجى خاننىڭ ئون ئوغلى بار ئىدى. ئالتىنچى ئوغلىنىڭ ئىسمى شەيبانى ئىدى، شەيبانىنىڭ تۆتىنچى نەۋرىسىگە ”ئۆزبېك“دەپ ئات قويدى. بۇ بالا بالاغەتكە يېتىپ، چوڭ بولۇپ، دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتكە ئىگە بولۇپ، فەرغانە ۋىلايىتى ۋە ماۋارئۇننەھرىنى ئىستىلا قىلىپ، ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ مۇسۇلمانچىلىق، مۆمىنچىلىك، ئىنسانپەرۋەرلىك، ئادالەتپەرۋەرلىك، پۇقراپەرۋەرلىكتە باشقا تەڭدىشى يوق ئىدى. شۇ ھالەتتە، ئۇ ئەللىك تۆت يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. پۇقرالار ئاممىىسدا ناھايتى پاراۋانلىق، تىنچ تۇرمۇش پەيدا قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، خەلق ئىچىدە ”ئۆزبېك“ دىگەن نام بىلەن باقى قالدى. لېكىن مۇھەمەتخان شەيبانى بىننى جۇجى خان نەسلىدىن بولغانلىغى ئۈچۈن، ئۆزىگە شەيبانى دەپ تەخەللۇس قويدى. پۈتۈن ئۆزبېكلەر يۇقىرىدىكى ئۆزبېك خانغا تەئەللۇق قەبىلىلەردىن بولغاچقا ”ئۆزبېك“ تايىپىسى دىگەن نام بىلەن ئاتىلىدىغان بولدى.
    ئەمىر تېمۇر كوراگانى سەلتەنەت ئۈستىدە تۇرغان چاغدا، ئۇنىڭ تۆت ئوغلى بار ئىدى. تۇنجى ئوغلىنىڭ ئىسمى جاھانگىر مىرزا ئىدى، بۇ ئەمىر تېمۇر تەختكە چىققان يىلى ۋاپات بولدى. ئىككىنچى ئوغلى ئۆمەر شەيخ باھادۇر بولۇپ، بۇنىڭغا پارىس مەمىلكىتىنى تەقسىم قىلىپ بەرگەن ئىدى. بۇمۇ ئەمىر تېمۇرنىڭ ھايات ۋاقتىدىلا ئۇرۇشتا ئوق تىگىپ ئۆلگەن ئىدى. ئۈچۈنچى ئوغلى مىرانشاھ مىرزا ئىدى. بۇنىڭغا ئىراقى ئەجەم [92] ئىراقى ئەرەپ [93] ۋە شامغىچە بولغان رايۇنلارنى تەقسىم قىلىپ بەرگەن ئىدى. تۆتىنچى ئوغلى دادىسى بېسىۋالغان مەمىلكەتلەرگە دادىسىغا ۋاكالىتەن ئالتە يىل ۋە ئۆزى قىرىق ئىككى يىل مۇستەقىل پادىشالىق قىلىپ، ئادالەتلىك سىياسەت يۈرگۈزۈپ، ئۆلىما ۋە قازىلارغا ھۆرمەت ۋە ئھتىرام قىلىپ ئۆتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئوغلى مىرزا ئۇلۇغ بېك شاھروھقا ۋارىسلىق قىلىپ، سەمەرقەنتنى پايتەخت قىلدى. بۇ دادىسىنىڭ ھايات ۋاقتىدا سەمەرقەنتكە ھاكىم ئىدى. پادىشالار ئىچىدە مىرزا ئۇلۇغ بىكتەك موللا، فازىل ۋە ئۆلىما ئادەم ئۆتمىگەن ئىدى. مىرزا ئۇلۇغ بېك «جامىئول رەمۇز» دىگەن كىتاپنىڭ ئاپتورى مەۋلانە شەمسىدىن مۇھەممەت [94] بىلەن ھەمدەرس- ساۋاقداش ئىدى دىگەن گەپلەر بار ئۇ ھەرقانداق پەنگە ئەھمىيەت بېرىدىغان، ۋە ھەممە پەن بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تولۇق بىلىملىك بىر ئالىم ئىدى. ئۇ سانسىز مۇھەندەس (گېئومېتىرىيە – ت)، ئەختەرشۇناس (ئاستىرولىگىيە ئىلىمىنىڭ ئالىمى – ت) ۋە كىتاپ يازغۇچىلارنى يىغىپ، ئۇلارنى ئاسماندا كېزىپ يۈرگەن سەييارىلەرنىڭ شەكلى، قىياپىتى، ئىگىز- پەس ھەرىكەتلىرى، چوڭ ۋە كىچىكلىگى، ياخشىلىق ئالامەتلىرى، يامان سائەتلىرى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئوبدان مۇلاھىزە قىلىپ ۋە ئىنچىكىلەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ھەل قىلىشقا دەۋەت قىلىپ، رەسەت (ئوبىسېرۋاتورىيە _ ت) باغلاتقۇزدى. بۇ رەسەتكە ”زىججۇ كوراگانى“ (كوراگانى كالىندارخانىسى – ت) دەپ ئات قويدى. بۇ جايدا ئىشلەيدىغان ئالىملارغا ھەددى- ھىساپسىز ئىنئام ۋە مۇكاپات تەقدىم قىلدى.
    بۇ چاغدا مىرزا ئۇلۇغ بېك ئۆز ئورنىدا ئوغلى ئابدۇللەتىپ مىرزىنى قۇيۇق دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن ئىراق تەرەپكە ئاتلاندى. بۇ ئۇرۇش ئىككى يىلدا ئاخىرلاشتى. بۇ مەزگىل ئىچىدە ئابدۇللەتىپ مىرزا دۆلەتنىڭ بايلىغى ۋە ھۆكۈمرانلىق ئابرويىغا ئىگە بولۇشنى نىيەت قىلىپ، دۆلەت ۋە ھۆكۈمرانلىق غورۇرى ئۇنىڭ دىمىغىنى بۇزۇپ، دادىسىسىن تەختنى تارتىۋېلىپ، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل پادىشالىق قىلىشقا جۈرئەت قىلدى. لەشكەر تەييارلاپ، دادىسىنىڭ ئۈستىدىن غەلبە قىلىپ، ئۇنى ھەپىسىگە (تۈرمىگە – ت) تاشلىدى. ئۇنىڭ لەشكەر، ئۇچۇق- ئاشكارە غەزنىلىرىگە ئىگە بولۇپ،”شەرىئەتنىڭ توغرا ھۆكۈملىرىدىن يۇشۇرۇن ئىش قىلمايمەن، شەرىئەت قائىدىلىرىگە دادام بىلەن بالام خىلاپلىق قىلىدىغان بولسا، ئۇلارغىمۇ يۇز- خاتىرە قىلمايمەن“ دەپ ئېلان قىلىپ، ئۆز ھۆكۈمىنى جارى قىلدى.
    بۇ چاغدا، ئابباس دىگەن بىر ئادەم مېنىڭ دادامنى ئۇلۇغ بېك سەۋەپسىز ۋە بىگۇنا ئۆلتۈرگەن ئىدى دەپ ئەرز قىلدى. ئابدۇللەتىپ مىرزا بۇ ئىشنى شەرىئەتكە بۇيرۇپ، دادىسىنى قىساسقا لايىق پەتىۋا ئېلىپ، پەتىۋانىڭ مەزمۇنىنى دادىسىغا مەلۇم قىلىپ، داداڭنىڭ قىساسىنى ئال دەپ ئابباسقا بۇيرۇق قىلدى ۋە ئۇنى بىر كېچىدە مەخپى جايغا ئېلىپ بېرىپ ئۆلتۈردى. تارىخچىلار ئەھلى ئۆزىنىڭ تارىخ ۋاراقلىرىدا ئۇنى ”ئابباس ئۆلتۈرگەن“ دەپ يازىدۇ. ئالتە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، ئابدۇللەتىپ مىرزىمۇ ئۆز ئادەملىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى.
    مىرزا ئۇلۇغ بېك زامانىدا، ئۇۋەيس خانىنىڭ [95] ئوغلى يۈنۈسخان دىگەن كىشى ئۇرۇشتا ئولجىغا چۈشۈپ، شىرازغا ئەۋەتىلىپ، مۇساپىرچىلىق تۇرمۇشقا تاشلانغان ئىدى. ئۇ شىرازدا ئىلمىي كەسپلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، كامالەتكە يېتىپ، ”ئۇستا يۇنۇس“دىگەن نام بىلەن شۆھرەت قازاندى. ئارىدا ئوتتۇز يىل ئۆتكەندىن كېيىن، سۇلتان ئەبۇ سەئىد مىرزا [96] بىننى سۇلتان مۇھەممەت مىرزا بىننى مىرانشاھ بىننى ئەمىر كەبىر تېمۇر كورگانى دەۋرىگە كەلگەندە، سۇلتان ئەبۇ سەئىد شىرازغا كىشى ئەۋەتىپ، يۇنۇسخاننى ئالدۇرۇپ، سەمەرقەنتتىكى ”باغى زاغان“ (قارغىلار باغى – ت) دىگەن جايدىكى بىر تەختتە ئولتۇرغۇزۇپ، جىق گەپلەرنى ئارىدا قويدى. ئۇ سۆز ئارىلاپ ”مېنى خىزمەتكەر ۋە نەۋكەرلەر قاتارىدا كۆرمەي، دوست دەپ بىلسىلە، ئۆزلىرىنى پۇقرالىق كوچىسىدىن ئېلىپ چىقىپ، ئۆز يۇرتلىرىغا خان قىلىپ ئەۋەتتىم. شۇڭلاشقا بىزنىڭ ئۈستىمىزگە لەشكەر تارتمىسىلا“ دەپ موغۇل قەۋملىرىدىن ياراق ۋە ئات- ئۇلاقلار بىلەن مۇكەممەل قوراللانغان ئون ئىككى مىڭ لەشكەرنى ھەمرا قىلىپ، موغۇلىستانغا يولغا سالدى. ئۇ يۇنۇسخاننى ئۇزىتىۋېتىپ، يەنە ”مەنمۇ ئۆز ئالدىمغا بىر پادىشا، بايام ئەمىر تېمۇر كوراگانى دەۋرىدىمۇ بىرەر جاننى نەزەربەنت تەرىقىسىدە ساقلاپ، ئۇنىڭ يىمەك- ئىچمەك ۋە كىيىم- كېچەكلەرنى تەييارلاپ بېرىدىكەن، يارلىق- نىشانلارغىمۇ بۇ پالان خاننىڭ يارلىغى، ئەمىر كىبىر تېمۇر كوراگاننىڭ سۆزى، دەپ يېزىلىدىكەن. ئەگەر ئۇنداق قىلمىسا مەمىلكەت ئەييانلىرى ئۇنىڭا بوي سۇنمايدىكەن“ دەپ ئەسكەرتتى. ئەمىلىيەتتە، بۇنداق ئەھۋال دەل بۇ سۇلتان ئەبۇ سۇلتان ئەبۇ سەيىد مىرزا زامانىغىچە دەستۇر- تۈزۈم بولۇپ كەلمەكتە. نەتىجىدە سۇلتان ئەبۇ سەئىد مىرزا يۇنۇسخان بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ئورناتتى. يۇنۇسخانمۇ ئادىمىگەرچىلىك قىلىپ، ئۆزىنىڭ بىر قىزىنى سۇلتان ئەبۇ سەئىد مىرزىنىڭ ئوغلى ئۆمەر شەيخ مىرزىغا تەقدىم (ياتلىق – ت) قىلدى. بۇلاردىن زاھىرىدىن، مۇھەممەت بابۇر شاھ ۋۇجۇتقا كەلدى. بابۇر شاھنىڭ ۋەقەلىرىنى كېيىنچە بايان قىلىشىم مۇمكىن.
    سۇلتان ئەبۇ سەئىد مىرزا بولسا غەيرەت- شىجائەت، ھىممەت ۋە ساخاۋەتلىك بەخشەندە قىلىنغان بىر پادىشا ئىدى. ئۇنىڭ ھىممەتلرى شۇ دەرىجىگە يەتكەنكى، بەزىلەر خۇددى بۇ ئالەمگە بىر كەد خۇدا (بىرلا ھۆكۈمران – ت) كۇپايە قىلىنغىندەك، يەر يۈزىدىكى بارلىق زىمىنغا ئىككى پادىشا ھاجەت ئەمەس، بەلكى سۇلتان ئەبۇ سەئىد مىرزىدەك بىرلا پادىشا كۇپايە قىلىدۇ دەيتى ئۇ تېمۇرىيە تەختى ۋە مەمىلكىتىگە ئون ئالتە يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئوغلى ئۆمەر شەيىخ مىرزا فەرغانە ۋىلايىتى ۋە ماۋارائۇننەھىر مەمىكەتلىرىگە ئىگىدارچىلىق قىلدى.ئۇنىڭدىن كېيىن، ئىنىسى مۇھەممەت مىرزا تەختكە ۋارىسلىق قىلدى. ئىككى يىلدىن كېيىن ئۆزبېك تايىپلىرى ئىستىلا قىلىپ، فەرغانە ۋىلايىتى ۋە ماۋارائۇننەھرىگە ئىگە بولدى.
    سۇلتان ئەبۇ سەئىد مىرزا زامانىدا، سۇلتان ھۈسەيىن مىرزا بىننى مىرزا بايقارا بىننى ئۆمەر شەيخ باھادۇر بىننى ئەمىر كەبىر تېمۇر كوراگانى خوراسان مەمىلكىتىگە ھاكىم ئىدى. بۇ چاغدا تېمۇرىيە تەختى سۇلتان ھۈسەيىن مىرىزا قارار تاپتى ۋە ھىراتنى پەيتەخت قىلدى. ئىراق، ئەجەم، ئىسپاھان، پارىس، ئەزەربەيجان قاتارلىق جايلاردىكى تۆت يۈز قىرىق تۆت چوڭ شەھەرنى مۇستەقىل ئوتتۇز سەككىز يىل پادىشالىق قىلىپ ھۆكۈم سۈردى. بۇنىڭ دەۋرىدە بىرمۇنچە فازىل يازغۇچىلار، ئۆلىمالار، شائىرلار جەم بولۇپ ئۆتكەن ئىدى. مەۋلانە ھۈسەيىن ۋائىز كاشفى [97] مەۋلانە موئىنددىن [98] مەۋلىۋە جامى [99] قاتارلىق مۇھەققىق ئۆلىمالار ھىساپتىن تاشقىرى كۆپ ئىدى. بۇلارنى تەرپلەشكە ۋە تەسۋىرلەشكە تىل يەتمەيدۇ. ھۈسەيىن مىرزا يەتمىش ئىككى يىل ياشىدى. تارىخ ھىجرى توققۇز يۈز ئون ئىككىنچى يىلى (مىلادى 1507 – 1508 – يىلى – ت) بۇ ئالەمدىن ئۇ ئالەمگە ئۇچۇپ كەتتى. تارىخچىلار ئەھلى ”خوراسان “(ئەبجەت ھىساۋى بويىچە ھىجرى 912 – يىلى – ت) دىگەن سۆزنى ئالاھىدە ئۇنىڭ ۋاپات يىلىغا تەخلىت قىلىپ يازىدىكەن.

    ئۇنىڭدىن ئون بىر ئوغۇل يادىكار قالدى. ئۇنىڭ بەدىئۇز زامان ۋە مىرزا مۇھسىن دىگەن ئىككى ئوغلى شىرىك پادىشالىق قىلدى. ” قارىمۇ- قارىشى ئىككى نەرسە بىر ئورۇندا تۇرلمايدۇ“دىگەندەك، ئۇلارنىڭ شىرىك ھۆكۈمرانلىغىمۇ بۇزۇلدى. ئەمىرائلىرىمۇ ئىككى پىرقىگە بۆلۈندى. بۇ ھال مەمىلكەت نىزامى ۋە قائىدە- تۈزۈملىرىدە سۇستلۇق ۋە پاراكەندىچىلىك پەيدا قىلدى. نەتىجىدە جۇجى خاندىن بۆلۈنۈپ چىققان خانلار نەسلىدىن بولغان ئۆزبېك خان ئەۋلادى مۇھەممەت شاھ بەخت خان ياكى شاھى بېك خان ۋە ياكى مۇھەممەتخان شەيبانى دىگەن ھەر خىل لەقەم- ناملار بىلەن ئاتىلىدىغان ۋە ئەسلىدە مۇھەمەت شەيبانى بىننى شاھ بەداغ بىننى ئابۇلخەيىر خان بىننى توختامىش خان دىگەن نام بىلەن مەشھۇر بولغان ئادەم خوراساننى ئىستىلا قىلىپ، دۆلەتنى يوق قىلدى. بۇ ئۆزبېكيە ۋە دەشت قىپچاقىيىلەر دۆلەتنىڭ غەزنە بايلىغىغا، ئەسكەرلىرىگە، يەر- زىمىنىغا، ھەتتا ئىپەتلىك قىز، مەلىكىلىرىگە، ئىنساپلىق ۋە پاكىز شاھزادىلىرىگە، تېمۇرىيە بۆشۈگىنىڭ ئايىم- ئاغچىلىرىغا، دەۋرنىڭ نازىنىنلىرى، جاھاننىڭ ئىپپەتلىك ئەر- ئاياللىرىغا ئىگە بولدى. بۇ ئۆبېك ۋە قىپچاقلار ئۇلارنىڭ نۇرسىمان يۈرلىرىدىكى نىيەت ۋە ھايا پەرىدىسىنى يىرتىپ تاشلاپ، شەرىئەتكە خىلاپ ھەر خىل يامان ئىشلارنى پەيدا قىلىشقا باشلىدى. بۇلارنى تەسۋىرلەشكە قەلەم ئاجىزلىق قىلىپ، تىل يېتىشمەيدۇ.
    سۇلتان ھۈسەيىن مىرزىنىڭ ئوغۇللىرى ئۆز جېنىنى ساقلاش ئۈچۈن، ھەر قايسى مەمىلكەتلەرنى بايان قىلدى. ئۇلارنىڭ خوتۇن، قىزلىرى ۋە پەرزەنت قېرىنداشلىرىنىڭ كۆپ قىسىمى ئۆزبېكلەرنىڭ قولىغا ئولجا بولۇپ ئەسىر چۈشتى. تەتۈر ماڭىدىغان بۇ پەلەك ئۇلارغا ئۆز تەتۈرلىگىنى كۆرسەتتى. بۇنىڭدىن ئون ئىككى يىل كېيىن، مۇھەممەتخان شەيبانى سەفەرۋىلەردىن [100] قىزىل باش ئىسمائىل قولىدا ئۆلتۈرۈلدى. خوراسان دۆلىتىگە قىزىل باشلار ئىگە بولدى. بۇ چاغدا كۈجەم خان بىننى مەھمۇتخان بىننى ئۇبۇلخەيىر خانلار [101] ماۋارائۇننەھرىگە قانائەت قىلىپ ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئورنىغا ئەبەيدۇللا خان، ئابدۇل ئەزىز خان، ئابدۇللا خان، ھەيدەر مۇھەممەت خان ئىمام قۇلى خان ۋە ئۇنىڭ ئوغلى مۇھەممەت خان، قاتارلىقلار بۇخارا، سەمەرقەنت، ئۆرگەنچ قاتارلىق شەھەرلەرگە نۆۋەت بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىپ ئۆتتى.
    بۇ چاغدا زاھىرىددىن مۇھەممەت بابۇر پادىشا بىننى ئۆمەت شەيخ باھادۇر بىننى سۇلتان ئەبۇ سەئىد مىرزا بىننى سۇلتان مۇھەممەت مىرزا بىننى مىراشاھ مىرزا بىننى ئەمىر تېمۇر كوراگانى ماۋارائۇننەھرى ۋە فەرغانە تۇرالماي، ئىسمايىل سەفەۋىگە ئۆزىنى تاشلاپ، قىزىل باشلارنىڭ ياردەم ۋە مەدەتلىرى ئارقىسىدا، فەرغانە ۋە ماۋارائۇننەھرىگە ئىگە بولدى. لېكىن ئۇ بۇ جايلاردىمۇ تۇرالماي، كابول ۋە غەزنەۋىلەرنىڭ [102] ئۈستىگە باستۇرۇپ كىرىپ، تا دېھىلغىچە بولغان جايلارنى ئىگەللەپ، بۇ جايلاردا ئوتتۇز ئىككى يل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇ تارىخ ھىجرى توققۇز يۈر بەشىنچى يىلى (مىلادى 1499-1500- يىلى – ت) تەختكە چىققان، تارىخ ھىجرى توققۇز يۈر ئوتتۇز يەتتىنچى يىلى (مىلادى 1530-1530- يىلى – ت) ۋاپات بولغان ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئوغلى ھۇمايۇن پادىشالىق تەختىگە ۋارسىلىق قىلىپ، ھىندىستاننىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرىنى قولغا كىرگۈزدى. ئۇنىڭ ئەۋلادى ئەكبەر شاھ پادىشا، ئالەمگىر پادىشا، ئەۋرەڭزىپ پادىشادىن باشلاپ، تا ئەخمەت شاھ پادىشاغىچە بولغان ئارلىقتا، ئون يەتتە نەپەر كىشى بەش يۈز ئاتمىش يىل بۇ مەمىلكەتلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ ئۆتتى. تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز ئاتمىش ئىككىنچى يىلى (مىلادى 1846- يىلى – ت) ئۇلارنىڭ دۆلەت چىرىغى ئۆچتى. ئالى مەرتىۋىلىك بۇ پادىشالاردىن نۇرغۇن ياخشى ئىشلار نەمۇنە ۋە يادىكار قالدى. ئاللا ئۇلارنىڭ ياخشى نامىنى تا ئىنقىرازى ئالەمگىچە (ئالەم تۈگىگىچە –ت) مەھكەم ۋە ئۇزۇن ساقلىغاي، ئامىن!
    بابۇر پادىشا ئەۋلاتلىرىدىن جەمىش بى ۋە نار بوتاخانلار فەرغانە ۋىلايىتىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، ئاتامىراس يۇرتلىرىنى ئۆزبېكلەردىن تاپشۇرۋېلىپ، قوقاننى پايتەخت قىلىپ، بۇ مەمىلكەتنى ئاۋات ۋە مەمۇرچىلىققا يەتكۈزدى. ئۇلارنىڭ ئەۋلادى تا مەللەخان ۋە خۇدايارخانغىچە يەنى تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز سەكسەن ئالتە يىلغىچە (مىلادى 1869- 1870- يىلى – ت) فەرغانە ۋىلايىتىدە ھۆكۈم سۈردى.ئۇنىڭدىن كېيىن فەرغانە دۆلىتى ئورۇسىيە تەۋەلىگىگە ئۆتتى. خۇدايارخان شېرىپ زىياپىتىگە بېرىشنى تەلەپ قىلپ يولغا چىقىپ، بەندىچىلىگىنى كابۇل شەھىرىدە تۈگەتتى. (ۋاپات بولدى – ت). تېمۇرىيە ئەۋلادىدىن مۇزەپپەر خان بىننى مۇھەممەت ئەلى خان بولسا ياقۇپ بەگ ئاتالىق غازىنىڭ پەرمانى بىلەن كورلىدا ئۆلتۈرۈلدى. ئۇلاردىن كېيىن تېمۇرىيە ئەۋلادىدىن باش كۆتىرىپ چىققانلىرى ئانچە مەلۇم ئەمەس (ئۇلارنى ئاللا ئۆزىگە يېقىن تۇتقاي)، قالدىسىنى خۇدا ئۆزى بەكرەك بىلىدۇ.
    قەلەم تىزگىنىنىڭ تېز قېقىلىشى ۋە خۇشخەتلەرنىڭ بىئىختىيار ئالغا يۈرۈشى تۈپەيلىدىن، پادىشا ۋە شاھ دەپ قوش نام بلەن داڭقى چىققانلار يەنى ئىران، تۇران، ئىراقى ئەجەم ۋە ئىراقى ئەرەپ، ھىندىستان، ئەرەبىستان، تۈركىستان قاتارلىق جايلارنىڭ چوڭ شەھەرلەرىگە ئۇزۇن زامان مۇستەقىل ھۆكۈمرانلىق ۋە ئىگىدارچىلىق قىلغان موغۇل قەۋمى- قەبىلىلىرى ھەم ئۇلارنىڭ ئەۋلاتلرى ھەققىدىكى ئاز- تولا قىسسە ۋە ئاجايىپ ھىكايىلەر بۇ كىتاپنىڭ مۇقەددىمسىدە توتىيەزىلىگە (شىرىن سۆز يىپلىرىگە – ت) تىزىلىشى لايىق ۋە مۇناسىپ كۆرۈلۈپ، مەزمۇنلىرى قىسقىچىلا بايان قىلىندى. بۇ مەسىلىلەرنى تەپسىلى بىلىشنى خالايدىغانلار بولسا «رەۋزە تۇسسفا» ۋە «تارىخى رەشىدى» قاتارلىق كىتاپلارغا مۇراجەت قىلسۇن.
    بىزنىڭ مەقسىدىمىز بولسا موغۇللار يۇرتىدا ھۆكۈم سۈرگەن خان، پادىشا، شەۋكەتلىك ئۇلۇغ ئەسەرلەرنى بايان قىلىشتىن ئىبارەت. شۇڭلاشقا، قەلەمنىڭ گۈزەل چۇلۋۇرى موغۇلىستاندا ئۆتكەن ئۇلۇغلارنىڭ قىسسە ۋە داستانلىرىنى بايان قىلىش تەرەپكە مايىل بولۇپ، ئەسلى مەقسەت تەرەپكە قەدەم تاشلىدى.
    يۇقىرىدا چىنگىز قائان ئۆز دەۋرىدە پۈتۈن مەمىلكەتنى تۆت ئوغلىغا تەقسىم قىلىپ بەردى دىگەن ئىدۇق. چىنگىز قائان ئىككىنچى ئوغلى چاغاتاي خانغا ئامۇ دەرياسىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى ماۋارائۇننەھرى، فەرغانە ۋىلايىتى، موغۇلىيە، تاتارلار يۇرتى، ئۇيغۇرلار زىمىنى ۋە قەدىمقى نايمان قەۋملىرىگە تەۋە جايلارنى تەقسىم قىلىپ بەرگەن ئىدى. چاغاتايخانمۇ ئۆز ئەمىرئلىرىگە بۇ يۇرتلارنى تەقسىم قىلىپ بەردى. جۈملىدىن دوغلات قەبىلىسىدىن بابداغان دوغلاتىگە ماڭلاي سۈيەنى ئىنئام قىلىش بىلەن تەڭ، يەنە ئۇنىڭغا ئۈچ مەنسەپنى جۇلىدۇ (مىراس – ت) قىلىپ بەردى. ” ماڭلاي سۈيە“دىگەن سۆز موغۇل تىلىدا ” ئاپتاپ تەرەپ“(شەرقى تەرەپ –ت) دىگەن مەنىدە ئىكەن. بۇ زىمىننىڭ شەرقى چېگىرسى باغراش، كورلا، شىمالى تەرەپتە مۇزتاغ، غەرپتە ئالاي تاغلىرى ۋە كاتتا داۋان، جەنۇپتا لەئلى كان، بەدەخشان ۋە قاراڭغۇ تاغىن ئىبارەت. بابداغاننىڭ ئەۋلاتلىرى ئۇزۇن زامان ئىنئام قىلىنغان بۇ زىمىن ئىچىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ ئۆتتى.” دوغلات“ دىگەن سۆز ”توكۇز“، ” ئاقساق“ دىگەن مەنىدە. چۈنكى چىنگىز قائاننىڭ ئۈچىنچى ئاكىسى قۇبۇل خاننىڭ سەككىز ئوغلى بار ئىدى. ئالتىنچى ئوغلىنىڭ ئىسىمى بۇلجار بولۇپ، بۇ ئاقساق ئىكەن. شۇڭلاشقا ” دوغلات“دەپ لەقەم قويۇلغان ئىكەن. دوغلات تايىپىلىرى بۇنىڭ نەسىل- ئەۋلادى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.