ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2010-09-22

    تارىخى ھەمىدىنىڭ ....داۋامى - [ئۇيغۇرتارىخى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/75412869.html

     بۇ چاغدا ئەسكەر نۇسرەت ئىچىدە خۇددى پەرۋانىدەك ئۆزىنى سېپىلغا ئۇردى. كاپىرلار، بەلكى مۇسۇلمانلار بۇ تامنىڭ بۇزۇلغان تەرىپىدىن ھۇجۇم قىلارمىكىن دەپ، تۆشۈك يولىنى توساپ، جەڭ- مۇھاسىرىگە كىرىشتى. شەھەرنىڭ ئىچىدىن توپ- زەمبىرەك، جەزايىل قاتارلىقلارغا ئوت تۇتاشتۇردى. مۇسۇلمانلارمۇ تاشقىرىدا تۇرۇپ توپ- زەمبىرەكلەرگە ئوت بەردى. كاپىرلار بىلەن مۇسۇلمانلار ئۆز- ئارا ئارلىشىپ گىرەلىشىپ، قاتتىق جەڭ قىلىشتى. مۇسۇلمانلار شوتا راسلاپ، شەھەرنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدىن خۇددى داۋازلاردەك، سېپىلنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، ئۇرۇش قىلدى. لېكىن كاپىرلار كۈچ كۆرسىتىپ، مۇسۇلمانلارنى ئۈچ قېتىم سېپىل ئۈستىدىن ھەيدەپ چۈشۈردى.تۆتىنچى كۈنىگە كەلگەندە شېھىتلەرنىڭ كۆپلىگى، يارىدارلارنىڭ تولىلىغىدىن سېپىلغا بارىدىغان يول ئېتىلىپ قالدى. خان قازى مۇھەممەت ئەلى خان بۇ ئەھۋاللارنى كۆرۈپ، ئىچى ئاغىرىپ، يىغلاپ- يىغلاپ، ئۆلۈكلەرنى ئالدۇرتۇپ، ھەزرەت ئافاق مازىرىغا دەپنە قىلدۇردى. زەخمىدارلارنى داۋالاشقا يارلىق قىلدى – دە، نائىلاج مۇھاسىرىدىن قولىنى ئۈزۈپ، بىر ھەپتە دەم ئالغاندىن كېيىن، جاھانگىر خان تۆرەمگە دۇئا- پەتە بېرىپ، قوقەنتتىكى دار سەلتەنەتكە قايتتى.
    بىر ئايدىن كېيىن، قىيى ئىشلارنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچقۇچى ئاللانىڭ يارىدىمى بىلەن خىتاي شەھىرى پەتھى بولدى. جاھانگىر خان تۆرەم پەتھىنامە يېزىپ، ئۇرۇش ھەققىدىكى خوش- خەۋەرنى ئالى دەرىجىلىك مۇھەممەت ئەلى خانغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ئىشنچىلىك ئادەملىرىنى نۇرغۇن سوغا- سالاملار بىلەن قوقەنتكە ئەۋەتتى. كەينىدىنلا كاشىغەر، يېڭى ھىساي، مارابېشى، ياركەنت قاتارلىق جايلارنى قولىغا كىرگۈزدى. خوتەننى مۇھاسىرىگە ئالدى. لېكىن، بۇ مۇھاسىرە تۈگىمەيلا، بەزى ئەسكەرلىرى ئاقسۇغا ئىككى تاش مىقدارى يېقىن كېلىپ، بەزىلىرى دەريادىن ئۆتۈپ، ئەتىسى ئاقسۇنى پەتھى قىلىمىز دەپ خاتىرجەم ياتقان چاغدا، خىتاي چېرىكلىرىنىڭمۇ ئاقسۇغا كەلگەنلىگى مەلۇم بولدى. بۇلار شەھەردىن چىقىپ، زور كۈچ بىلەن ھۇجۇم قىلدى. جاھانگىر خان تۆرىنىڭ ئەسكەرلىرى بۇرۇلۇپ ئارقىغا قاچتى. قارا چېرىكلەر قوغلىغانلىرىچە بېرىپ كاشىغەرنى ئالدى. يېڭى ھار، ياركەنتلەرنىمۇ قولىغا كىرگۈزدى.
    خىتاي چېرىگىنىڭ كۆپلىگىنى بەزىلەر يىگىرىمە تۈمەن، بەزىلەر ئون تۈمەن ئىدى دەپ رىۋايەت قىلىدۇ. ئۇ چاغدا فەغفۇرچىننىڭ تەختىگاھىدا داۋۋاڭ خان (داۋگۇاڭ خان – ت) دىگەن خان ئولتۇرغان ئىكەن. بۇ دۆلەتلىك خان ئۇ چاغدا ناھايتى قۇۋەتلىك بولۇپ، ھىچ تەرەپتە دۈشمەننىڭ ئەسىرى يوق ئىكەن. بۇ چېرىك، قورال- ياراق ۋە باشقا ھېساپسىز جەڭ قوراللىرىدىن باشقا، يەنە ئىككى يۈز ھارۋىدا تۆگە ۋە قوي ماياقلىرىنى ياغدا قورۇپ ماڭدۇرغان ئىكەن. چېرىكلىرى يول بويى قار، يامغۇردا قېلىپ، ئاش- غىزا قىلىپ يەيدىغان ئوتۇن تاپالماي قالغان كۈنلەردە، بۇ ماياقلارنى ئوتۇن ئورنىدا قالاپ، ئاش- غىزا قىلىپ يىسۇن دەپ يارلىق قىلىپ ماڭدۇرۇپ، ماياقنىڭ ئالدى قارا شەھەرگە، كەينى تۇرپانغا يېتىپ كەلگەن كۈنلەردە، بۇ يۇرتلار قولغا كىرگەنلىگىنى ئاڭلاپ، ماياقلارنى ياندۇرۇپ كەتكەن ئىكەن. دىمەك، چېرىكنىڭ توللىغى ۋە خاننىڭ كۈچ- قۇدرەتلىرىنىڭ قانچىلىك زىىيادە ئىكەنلىگىنى بۇنىڭدىن قىياس- پەم قىلىپ بىلگەيسىزلەر. شۇنداقلا، خىتايلارمۇ جاھانگىر خان تۆرەمنىڭ چوڭ ۋە زور تەرىپىنى قىلىپ، ”جاھانگىر زۇڭ تەن، دى دۇڭ تەن“(يەنە ”جاھانگىر مىدىرلىسا، زىمىنمۇ مىدىرلايدۇ – ت“) دىگەن ئىكەن.
    ئەمدى ئەسلى سۆزىمىزگە كېلەيلى، خىتاي چېرىگىنىڭ سەردارى ئاي خاڭۈن [127] دىگەن ئىكەن. كۇچارلىق مىرزا ئوسمان بەيسى بەگنىڭ ئىككىنچى ئوغلى مىرزا ئىسھاق بېك دىگەن ئادەم چېرىك باشلاپ كاشىغەرگە بېرىپتۇ. بۇ جاھانگىرخان تۆرىنىڭ كەينىدىن قوغلاپ ئالاي دىگەن ۋاقىتتا مەنزىلگە بارغاندا، تۆرەم نائىلاج بولۇپ،”ئەي ئىسھاق بېك، نائۈمىت بولماڭ، مېنى باغلاپ، خىتايلارنىڭ ئۇلۇغىغا ئېلىپ بېرىڭ“ دىگەندە، بېك ”ھەددىم ئەمەس“ دەپ ئۆزرە- خالىق ۋە ئېھتىرامدىن سۆز ئېچىپ، تەقسىر دەپ تۇرغاندا، جاھانگىر خان تۆرەم مۇبارەك روماللىرى بىلەن ئۆز قولىنى ئۆزى باغلاپ،” ئەمدى ياغلىقنىڭ ئۇچىدىن تۇتۇپ ئېلىپ بېرىڭ “ دىگەندە، بېك ئەمىر ئالىلىرىغا بوي سۇنۇپ، جانابى خان تۆرەمنى خىتايلارنىڭ ئۇلۇغ ئالدىغا ئېلىپ بارغان ئىكەن. ئاي جاڭجۈن بولسا ”ئۇلۇغ خاننىڭ دۈشمىنىنى ئىسھاقباك تۇتتدى “دەپ مەلۇم قىلىپ، ”ئەي ئىسھاق بېك، ئەمدى بۇ خوجانى ئۆزىڭىز بېيجىڭغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇلۇغ خانغا مەلۇم قىلىپ يانغايسىز“دەپ بىر قانچە ئادەم قوشۇپ بېيجىڭغا ئەۋەتىپتۇ. بۇ جاھانگىر خان تۆرەمگە ناھايتى ياخشى ئىززەت ۋە ھۆرمەت قىلىپ ۋە ياخشى سۆزلەر بىلەن بېيجىڭغا ئېلىپ بېرىپتۇ. بەزىلەر خان بۇنى كۆرۈپ، سوراق قىلىپ شېھىت قىلدى دەيدۇ. بەزىلەر خان بۇنى كۆرمىدى، بەلكى مەخپى جايغا قويغاندا، ئۆز ئەجىلى- تەبئىتى بىلەن ئۆلدى دەيدۇ. مەسۇلىيەت ئەلۋەتتە رىۋايەت قىلغۇچىدا بولىدۇ.
    خاقان مەنسەپدارلىرى بۇ يەتتە شەھەردە تۆرەمگە يار بولغان ياكى تۆرەمنىڭ ئىشىنى تۇتۇپ خىزمەت قىلغان ئادەملىرىنى ئىزدەپ تېپىپ ئۆلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ چارۋا مال ۋە زىمىنلىرىنى ئولجا قىلىپ، ئون مىڭدىن كۆپرەك خوتۇن- قىز ۋە ئوغۇل رىسىدە- نارسىدە بالىلارنى ئولجا- ئەسىر قىلىپ، ئۇ تەرەپ لەنجۇ ئۆلكىسى، بۇ تەرەپ، ئىلى، چۆچەككىچە ئېلىپ بېرىپ، خىتايلارغا تاپشۇرۇپ ۋە خىزمىتىگە تۇتۇپ بەردى. بۇ ئەھۋالنى ئەبۇلمۇزەپپەر ۋە ئەلمەنسۇر مۇھەممەت ئەلى خان (ئاللا ئۇنىڭ ياتقان جايىنى نۇرلاندۇرۇپ، گۇنايىنى كەچۈرگەي!) ئاڭلاپ، بۇنڭغا بىز سەۋەپ بولۇپتىمىز“دەپ خاقانى چىنغا ناھايتى كەڭرى سوغا- سالاملارنى راسلاپ، ئالىم بايۋەچچە مىڭبېشىنى باش قىلىپ، بىر نەچچە ئادەمنى ئۇنىڭ خىزمىتىگە تەيىنلەپ، خاقانى چىنغا ئەرز يېزىپ بېرىپ، بىر قانچە مۇددىئانى تىزىپ يولغا سالدى. ئۇ ئەرىزدە ”مەسىلە شۇكى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئ.ۇلۇغ خانغا ۋە ئاجىز خوتۇنلارنىڭ قولىدىن ھىچقانداق يامانلىق ئۆتمىسە كېرەك، بۇ گۇناكارلارنىڭ گۇناسىنى ئۇلۇغ خاندىن تىلەيمەن، يەنە بىر مەسلە بولسا، يەتتە شەھەردىكى ئەنجانلىقلار ئۈستىدە بىر ئاقساقال توختاتسام، يامان ئادەم كىرىپ قالسا خەۋەر ئېلىپ تۇتۇپ ماڭا چىقىرىپ بەرسە، ئۇلارنىڭ جازاسىنى مەن بەرسەم، بۇنىڭدىن كېيىن، ئۇلۇغ خاننىڭ كۆڭلى رەنجىيدىغان ئىشلار بولمىسا“دىگەن مەزمۇندا بىر قانچە ماقۇل سۆزنى يېزىپ، ئەلچىلەرنى يولغا راۋان قلغان ئىكەن. بۇ ئەلچىلەر ناھايتى ئىزەت ۋە ئابرۇي بىلەن پايتەختكە يېتىپ بېرىپتۇ. خاقان ئەرزنى كۆرۈپ، كامالىسى ئىنساپنى ماقۇل تۇتۇپ، ھەممە ئولجا- ئەسىرگە يولدىن يولغىچە ئات- ئۇلاق، ئۇزۇق- تاماق تەيىنلەپ، ئۆزىنىڭ ئەسلى ۋەتىنىگە قايتۇرۇپتۇ.
    لېكىن، بۇ ئارىدا تۆت يىل مىقدارى ئۆتۈپتۇ. ئۇلارنىڭ بۇرمۇنچىسىنى خىتايلار ئىلكىگە ئېلىۋېلىپ، بالا- پەرزەنتلرىنىمۇ تاپقان ئكەن. ئۇلارنى بۇ بالا- پەرزەنتلىرى بىلەن ياندۇرغان چاغدا، ئۇلار بۇنداق غېرىپ- مۇساپىرچىلىقتىن قۇتۇلۇپ، ئۆز جاي- ماكانلىرىغا يانغانلىغىغا خوش بولۇپ، چوڭ- كىچىك ھەممىسىلا مۇڭلۇق ۋە غەمكىن ئاۋاز بىلەن ئاۋاز كۆتىرىپ، ”نازۇگۇم! ۋاي- ۋاي نازۇگۇم“دەپ غەزەل- مۇقام ئىختىرا قىلىپ، چوڭ يول بىلەن ئۆتكەن چاغدا، خالايىق ئۇزۇن يەرلەرنى كۆرگىلى كېلىپ، ئۇلارنىڭ مۇڭ- زارىنى ئاڭلاپ تاقەت قىلالماي، يىغا- زارە قىلىشقان ئىكەن. شۇڭلاشقا، ”نازۇگۇم“ غەزەل ساداسى ئەل ئىچىدە تا بۈگۈنگىچە ياڭرىماقا. شۇنداقلا، بۇ يەتتە شەھەردكى ئەنجانلىق دىگەننىڭ ھەممىسىنىڭ ئۈستىگە ئاقساقال تۇرغۇزۇش يارلىغى بولغان ئىكەن. بۇمۇ تا ھازىرغىچە مەۋجۇت.

    مۇھەممەت ئەلى خان (ئۇنىڭ گۇناھىنى كەچۈرگەي!) ئاقىۋەت بۇ پايدىسىز ئالەمدىن خوشاللىق سارىيىغا كۆچتى. [128] ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن خۇدايارخان تەختكە چىقتى. بىر قانچە ۋاقىتتىن كېيىن ئالامانچىلار خۇدايارخاندىن يۈز ئۆرۈپ، ئۇنىڭ ئاكىسى مەللە خاننى خان كۆتۈردى. خۇدايارخان ئۆزىنى بۇخارايى شەرىپىگە ئالدى. قىرغىز موللا ئەلەم قۇلنىڭ ئىغۋاسى بىلەن مەللە خاننى شېھىت قىلدى. بۇ ئاران تۆت يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. بۇ چاغدا تاشكەنت ھاكىمى قانائەتشا غازى تاجىكنىڭ مەسلەھەتى ۋە دالالىتى بىلەن، بۇخارادىن خۇدايارخاننى ئېلىپ كېلىپ، يەنە خان قىلدى. ئەمما ئەقىلسىز قىرغىز موللا ئەلىم قۇل بىرنەچچە بۆلۈنگۈچى لۈكچەك ۋە باشباشتاقنى توپلاپ، ھۆكۈمەت توتۇش ئارزۇسى بىلەن، خۇدايارخانغا قارىشلىق ناغىرىسىنى ئاشكارە ياڭرىتىپ سوقتى. فەرغانە ۋىلايتىنىڭ دۆلەت شاراپىتى كۈندىن- كۈنگە زەئىپلىككە قاراپ يۈزلەندى.
    تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز يەتمىش سەككىزىندى يىلى (مىلادى 1861 – 1862 – يىلى) خۇدايارخان ئىككىنچى قېتىم تەختتە ئولتۇردى. بۇ ئارلىقتا ۋەلى خان تۆرەم كاشىغەر شەھىرىنى مۇھاسىرە قىلىپ، قىشلاق ۋە كەنتلەرنى قولغا كىرگۈزۈپ، نۇرغۇن پاسىق- بۇزۇق ۋە زالىم جەۋىرلەرنى قەتلى قىلىپ، جەسسەتلىرىنى ئىت ۋە قارغا- قۇزغۇنلارغا تاشلاپتۇ. كاپىر ۋە يامان پاسىقلار مۇسۇلمانلار ئىچىدىكى ئەر – ئايال پاشىۋازلارنىڭ بېشىنى كېسىپ ئارىلاشتۇرۇپ ، تۆت كاللا مۇنارىسى ياساپتۇ . مۇنارنىڭ ئىگىزلىگى ئون ئىككى گەز مىقدارى كېلەتتى دەيدۇ . لېكىن ئۇنىڭ ئۆزى بەڭ چېكىش ، ھاياسىز ئىشلارنى قىلىش ۋە قان تۆكۈشتىن ھىچقانداق ئۆزىنى تارتىپ ، ئېھتىيات قىلمايدىكەن ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە سەھرالىق بىر قېرى مەزلۇم نان – توقاچ ۋە قېتىق – قايماقلارنى ئېلىپ ، تۆرەمنىڭ ئوردىسىغا كىرىپتۇ . ياساۋۇل بېشى” ئەي ئانا ، نىمە ئەرزىڭىز بار ؟ “ دەپ سورىغاندا ، ئۇ” خوجامدىن ئىمان تىلەپ كەلدىم ، بۇنىڭدىن بۆلەك ئەرزىم يوق “ دەپتۇ . ياساۋۇل بېشى ” ئەي ئانا ، ئەنجاندىن ئېلىپ كەلگەن ئىمانلىرىمىزنى تامامەن ئادەملەرگە ئىنئام قىلىپ بەردۈك ، ھالبۇكى ، خوجامدا ياكى بىزدە ئىمان قالمىدى . ئەنجاندىن ئىمان ئېلىپ كىلىش ئۈچۈن نەچچە ئات چىقاردۇق . ئىمان كەلگەندە مەن خەۋەر قىلاي . شۇ چاغدا كېلىپ ئىماننى ئېلىپ كېتىڭ “ دەپ ، ئۆز زامانىغا لايىق ۋە ئاقىللارچە ئاجايىپ ياخشى جاۋاپ بېرىپتۇ .
    كېيىنچە يەنە نۇرغۇن قارا چېرىكلەر كەلدى . تۆرەم باراۋەرلىك قىلالماي قاچتى . نۇرغۇن ناھەق قانلار تۆكۈلۈپ ، تولا ئادەم ھالاكەتكە ئۇچرىدى ، يەنە مۇنداق بىر رىۋايەت بار ، يەنى كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر شاخكەر تۆمۈرچى ( قىلچ ياسايدىغان ئۇستات ) بىر قىلىچ تەييارلاپ ، تۆرەمگە كۆرۈنۈش بېرىپ ، دۇئالىرىنى ئېلىپ ، بىرزىيارەت قىلىپ كەلسەم دىگەن نىيەت ۋە ئارزۇدا ئون يەتتە – ئون سەككىز ياشلاردىكى تېپىلماس بىر ئوغۇلىنى ھەمرا قىلىپ ، تۆرەمنىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ كىرىپ ، كۆرۈنۈش بېرىپ ، نەزەردىن ئۆتۈپتۇ . بۇچاغدا تۆرەم ” ئەي ئۇستا ، بۇ قىلىچىڭىز كېسەمدۇ “دەپ سورىغاندا ئۇستا ” بەك ياخشى كېسىدۇ “دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ . تۆرەم ” ئەي ئوغۇل ، ماڭا يېقىن كەل “دىگەن ئىكەن . بۇ بالا يېقىن بېرىشى بىلەنلا قىلىچ بىلەن ئۇ بالىنىڭ گەدىنىگە ئۇرغان ئىكەن ، بالنىڭ بېشى سەكرەپ يەرگە چۈشۈپتۇ . تۆرەم ” كېسىدىكەن ، ئۇستىغا تون ئېلىپ چىق “دەپ بىر چىت تون بېرىپ چىقىرىۋېتىپتۇ . ئۇستا يىغلاپ – يىغلاپ بالىسىنىڭ جەسىدىنى كۆتىرىپ ئۆيىگە كېتىپتۇ . كېيىنچە يەنە كاتتاخان تۆرەم ، كىچىك خان تۆرەملەر كېلىپ ، كاشىغەرنى ئۈچ ئاي قامال قىلىپ ئالالماي ، مەقسىدىگە يېتەلمەي ، ئۆز ۋەتەن – يۇرتلىرىغا قايتىپ كەتتى . بۇلارنىڭ قىسە ۋە ئەپسانىلىرىنى تەپسىلى بايان قىلسام ، ئوقۇغۇچى ۋە ئاڭلىغۇچىلارغا مالال كەلتۈرۈپ ، سۆزىمىز مەقسەت تەرەپتىن يىراققا چۈشۈپ كېتەرمىكىن دىگەن ئېھتىمال ئېتىراز بىلەن ، قەلەمنىڭ خۇش گۈزەل يۈرۈش تىزگىنىنى مەقسەت يولىغا تارتتىم . بۇلارنىڭ قىسسە ۋە ھىكايلىرىدىن قايتتىم ، ئاللانىڭ قۇدرىتى بىلەن سۆزۈمنى تۈگەتتىم .

    6

    خاقانى چىننىڭ ئاۋالقى زامانىدا مۇسۇلمان بولغانلغى، تۇڭگانى تايىپىلىرىنىڭ مەمىلكىتىدە ۋەتەن تۇتقانلىغى، ئۇلارنىڭ خىياتلار بىلەن بولغان جىدەل- ماجرالىرىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە خاقانى چىنى مەمىلكىتىنى زەئىپلەشتۈرۈپ بۇزۇشى قاتارلىق ۋەقلەرنىڭ باشتىن- ئاخىر تەپسىلىي بايانى

    راس سۆزلۈك رىۋايەتچىلەر ۋە پاراسەتلىك بۇرادەرلەرنىڭ قىسسە ۋە ئېلان قىلىشلىرىدىن شۇ نەرسە مەلۇم ۋە مەزمۇن بولدىكى، تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز سەكسەن بىرىنچى يىلى يەنى يىلان يىلى ماھى مۇھەررەمنىڭ بىرىنچى كۈنى (مىلادى 1864- يىلى 6- ئاينىڭ 6- كۈنى ) جەۋزا (ئەرەندىز ياكى گىزەك يۇلتۇزى) پەسلىنىپ ئاخىرىدىكى شەنبە كېچىسى كۇچاردا ئولتۇرۇشلۇق تۇڭگانى ماشۇر ئاخۇن، مالۇڭ شەمشىدىن خەلىپىلەر باش بولۇپ، كۇچارنىڭ ۋەيشاڭ بازارلىرىغا ئوت قويۇپ، مەنسەپدار، چىرىك ۋە مەيمەيچىلەرنى ئۆلتۈرۈپ، خاقاننىڭ ئەمىر- ئىتائەتىدىن چىقىش سەۋەپ- ئىللەتلىرىنى بايان قىلىش لازىم ئىدى. لېكىن بۇ ھەقتە ھەر خىل كىشلەر ھەر خىل سەۋەپ- پاكىتلارنى كۆرسىتىپ، ھەر خىل رىۋايەت قىلىشىدۇ. بىرىسنىڭ سۆزى يەنە بىرىسنىڭ سۆزىگە مۇخالىپ كېلىدۇ. بۇ مۈجىمەل نەقىل قىلغۇچىلارنىڭ ئاغىزىدىن چىققان ھەر خىل سۆزلەرنى بۇ ۋاراق سەھپىسىگە ئورنىتىش لايىق ۋە لازىم كۆرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئاقىللارنىڭ ئەقلىغە ماقۇل بولدىغان ھىكايىلەرگە ئەمەل قىلىشى كېرەكلىگىنى ماقۇل كۆرۈپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بەزى رىۋايەتلەر قىسقىچە ۋە ئازراق نەقىلەن بايان قىلىندى.
    ۋەقەلەر توغرىسىدىكى رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، ئەڭ بۇرۇن فەرغۇچىنى مەمىلكىتىدە بىر ئادالەت سۈيەر ۋە پۇقرا ئەندىشە تاۋاڭ خان [129] دىگەن بىر خان بار ئىكەن. بۇ خان بىر كېچىسى چۈشىدە بىر ئەجدىھانىڭ خان ئوردىسىدا پەيدا بولۇپ، تۈۋرۈككە چىرمىشىپ، خاننى دەم تارتقىلى تۇرغانلىغىنى كۆرۈپتۇ. بۇ چاغدا يېشىل چاپان كىيگەن ۋە بېشىغا بىر ئاق نەرسە يۆگىگەن ھەيۋەتلىك بىر ئادەم كېلىپ، ھاسىسى بىلەن ئەجدىھانى ئۇرۇپتۇ. ئەجدىھا ئىككى پارچىگە بۆلۈنۈپ ئۆلۈپتۇ. خان قورقۇپ ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىپ، ۋەزىر، ئەمىر ۋە چۈش ئۆرۈيدىغان مۇئەبىرلىرىنى ھازىر قىلىپ، كۆرگەن چۈشىنى بايان قىلىپ، تەبىرىنى سوراپتۇ. دانا مۇئەبىرلەر” بۇ زاماندا قىبلە تەرەپتە ئۇشبۇ سۈەتلىك بىر ئادەم پەيدا بولۇپ، پەيغەمبەرلىك داۋاسىنى قىلارمىش، بەلكى شۇ كىشىنى كۆرگەندۇرسىز “ دەپ مەلۇم قىلدى. خان ”مەزكۇر ئادەمنى تېپىپ ئېلىپ كەلسۇن “ يارلىق قىلدى. ۋەزىرلىرى ”ئۇنداق بولسا سوغا- سالاملارنى راسلاپ بەرسەك“دىگەندە، چاي، چىنە، تاۋار ھەدىيە- سوغا قىلىپ، ئىشەنىلىك ئادەملىرىدىن قابىلىيەتلىك بىر كىشىنى باش قىلىپ يولغا سالدى. بۇ كىشى شەھەرمۇ- شەھەر يۈرۈپ، ئاخىرى مۇشۇ سۈپەتلىك مەزكۈر ئادەمگە، يەنى پەيغەمبىرى ئاخىر زامانغا ئۇچراشتى ۋە ئەرز ئەھۋالىنى بىر- بىرلەپ مەلۇم قىلىپ، چاي، تاۋار، چىنىلەرنى سوغا قىلىپ، ئۇنىڭ نەزىرىدىن ئۆتكۈزدى. پەيغەمبەر خوش بولۇپ دۇئا قىلدى. شۇڭلاشقا چاي، چىنە، تاۋارلار ھەممە مەمىلكەتتە ئەزىر- ئېتىۋار دەيدىكەن.
    بىر نەچچە كۈندىن كېيىن پەيغەمبەر خەت قىلىپ ئەلچىگە بېرىپ،”ئەمدى سىزگە رۇخسەت“ دەپ جاۋاپ بەردى. ئەلى” مەن ئۆزلىرىنى تەكلىپ قىلغىلى كەلگەن ئىدىم “ دەپ ئەدەپ بىلەن تۇرغاندا، پەيغەمبەر ”ئۇشبۇ خەتنى ئېلىپ بېرىڭ، ئۇلۇغىڭىز ئۆزى قولى بىلەن ئاچسۇن، بۆلەك كىشى ئاچمىسۇن، مەنمۇ شۇ ۋاقىتتا ھازىر بولىمەن “دىدى. ئەلچى يولغا راۋان بولۇپ، بىر نەچچە مۇدەتتىن كېيىن بىر مەنزىلگە كەلدى. شەيتاننىڭ ۋەسۋەسى بىلەن خەتنى ئاچماقنى ئىختىيار قىلىپ ئاچتى. خەتنىڭ ئىچىدىن بىر كىشى چىقىپ كەتكەندەك مەلۇم بولدى، پۇشايمان قىلدى. لېكىن ئۇنىڭدىن پايدا چىقمىدى. خەتنى بۇرۇنقىدەك يەملەپ، خاننىڭ ھوزۇرىغا بېرىپ، ھەممە ئەھۋالنى سۆزلەپ بەردى. خان خەتنى ئېچىپ كۆردى، بۇ خەت بېجىنچە پۈتۈلگەن ئىكەن. تەئەججۇپ قىلىپ ”بۇ خەتنى كىم پۈتتى “دەپ سورىغاندا، ئەلچى ”مەن بىلمىدىم“دەپ جاۋاپ بەردى. چۈنكى ئۇ ئەسلى ۋەقەنى كۆرمىگەن ۋە بىلمىگەن ئىدى. خان ”خەتنى كىم ئاچتى؟ ئەگەر راست ئېيتساڭ گۇنايىڭنى ئەپۇ قىلىمەن، يالغان ئېيتساڭ تىرىك قويمايمان“دەپ سوراپ سىياسەت يارلىق قىلغاندا، ئەلچى يالغانچىلىق قىلالماي، ۋەقەنى مەلۇم قىلدى. ئادالەت شوئارخان بۇنىڭ گۇناھىنى ئەپۇ قىلىپ،” ئەپۇ قىلغان گۇناھىڭنى يۇيۇش ئۈچۈن، ئىككىنچى قېتىم بېرىپ، ئۆزىنى ۋە خېتىنى ئېلىپ كەلگىن“ دەپ يارلىق قىلىپ بۇيرۇدى.
    ئەلچى بىر قانچە مۇددەت يول يۈرۈپ، مىڭبىر مۇشەققەت بىلەن بۇ بەركەتلىك زاتنىڭ ئالى ۋەتىنىگە باردى. پەيغەمبەر ئۇنى كۆرۈش بىلەنلا” شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ ئۆزەڭگىمۇ قىلدىڭ، ئۇلۇغىڭغىمۇ قىلدىڭ، خەتنى ئاچمىغىن دىمىدىممۇ“دەپ ساھابىلىرىدىن ۋەقاس، ئاس، ئەككاش دىگەن ئۈچ كىشىنى بۇيرۇپ، يەنە يەتتە ئادەم قوشۇپ، بۇ ئون كىشىنى مەزكۈر ئەلچى بىلەن يولغا سالدى. بۇلار مەنزىلمۇ- مەنزىل يۈرۈپ، جايۇەن (جايۇيگۇەن – ت) گە يېقىنلاشقاندا، ئۇنىڭ بىرسى ۋاپات بولدى. بۇنىڭ مازىرى ” ۋەققاس بوۋام“دىگەن نام بىلەن مەشھۇر. ئەلچى قالغان سەككىز كىشىنى خان شەھىرىگە يېقىن ئېلىپ بارغاندا، خان ئۇلارنىڭ ئىستىقبالىغا ئادەم چىقىرىپ ۋە ئۆزىمۇ چىقىپ، ئىززەت- ھۆرمەت رەسمىيەتلىرىدىن كېيىن پايتەختىگە چۈشۈردى. خان” مەن چۈشۈمدە كۆرگەن كىشى كەلمەپتۇ“دەپ كۆڭلى غەمكىن بولدى. لېكىن ئۇ ئىمانى شېرىپنى ئادا قىلىدىغان چاغدا ۋەزىرلىرى بىلەن مەسلىھەت قىلىشتى. ئون ئىككى ۋەزىرى بار ئىدى. بەزىلىرى ماقۇل بولۇپ، بەزىلىرى ماقۇل تۇتمىدى. لېكىن خان ۋەزىرلىرىنى مەخپى ئىسلام دىنى شەراپىتىگە ئىگە بولدى دىگەن گەپلەر بار.
    لېكىن، بۇ سەككىز كىشى بېيجىڭ ئەھلىنىڭ سۆزىنى بىلمەيتى. بېيجىڭ ئەھلىمۇ بۇلارنىڭ تىلىنى ئۇقمايتى، ئۇلار ناھايتى كۆپ تەڭلىكتە قالدى. خان ” بۇ مۇسۇلمانلار بۇ يەردە غېرىپ بولۇپ قالدى، بۇلار بىلەن سۆزلىشىپ، مۇڭ- ئۈلپەت قىلىشىدىغان ئادەم تېپىپ كېلىنسۇن“ دەپ يارلىق قىلدى. ئىشەنچىلىك بىر ئادىمى سەكسەن ئۆيلۈك پۇقراسىنى ئېلىپ، سەمەرقەنت مەمىلكىتىگە باردى. بۇ ئادەملەرگە سەمەرقەنتتىن قىرىق ئادەم تېگىشىپ ئېلىپ كەلدى. بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ سانى جەمئىي قىرىق سەككىز ئادەم بولدى. تۇڭگانى تايىپلىرى ”بىز سەمەرقەنتتىن بولىمىز“ دىگەنلىرىگە سەۋەپ مۇشۇ بولسا كېرەك. سەمەرقەنت پادىشاسى بۇ سەكسەن ئۆيلۈك ئادەمگە كەڭرى زىمىن ۋە يايلاقلارنى كۆرسىتىپ بەردى. بۇلار مۇشۇ جايدا ۋەتەن تۇتۇپ قالدى. ئەۋلاتلىرىمۇ كۆپەيدى.”خىتاي قىپچاق“دىگەن تايىپىلەرنى ئۇشبۇ ئۇرۇغىدىن بولىدۇ دەپ رىۋايەت ۋە ھىكايىلەر نەقىل قىلىنىدۇ.
    لېكىن، بەزى ئىناۋەتلىك تارىخى كىتاپلىرىدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئاخىرقى بىر زامان پەيغەمبىرى دەۋرىدە سەمەرقەنت ئەھلى تېخى ئىسلام دىنى شەرىپىگە ئىگە بولمىغان ئىكەن. بۇ تارىخ كىتاپلىرىدا يەنە ”بېيجىڭ بىرەر نامە يازدى ياكى ئۇ تەرەپتىن ئەلچىلەر كەلدى“دىگەن سۆزمۇ كۆرۈلمىدى. لېكىن ئىلگىرىكى ئاخىرقى پەيغەمبەرلەر شەرىئەتپەرۋەر كارامەت ئىگىسى ئۆتكەن بولسا كېرەك. تۇڭگانى تايىپىلىرى بۇنى بىلمەي، بۇ ۋەقە پەيغەمبىرى ئاخىرقى زامان دەۋرىدە بولغان ئىش دەپ، ئۆزلىرىنىڭ نەسەپلىرىنى شۇ ئادەمگە باغلىغان بولسا كېرەك. شۇڭلاشقا، ھەممە تۇڭگانلار مۇشۇ قىرىق سەككىز مۇسۇلماننىڭ ئەۋلادىدۇر دىگەن گەپەر بار. لېكىن، شەھەر- شەھەرلەردىكى خىتايلار ئەھلى توغرا يول تېپىپ، تۇڭگانلارنىڭ دىن، مەزھەپلىرىنى ئىختىيار قىلىپ، مۇسۇلمان بولۇپتۇ. تۇڭگان ئەھلى بولسا، ئۆز دىن ۋە مىللىتىنى تاشلاپ كاپىر ۋە دىننىڭ ئاسىسى بولماپتۇ. تۇڭگان گۇرۇھى بارغانسېرى كۆپىيىپتۇ دەپ بايان قىلىنىدۇ.
    كۈنلەرنىڭ بىرىدە، توغرا يول ئارقىلىق ئىسلام دىنىنىڭ دۆلەت شەرىپىگە ئىگە بولغان خان ئۆز يۇرتىرىغا ”ئىسلام دىنى مەنپەئەتلىرىدىن بەھرمەن بولغان ھەرقانداق ئادەم تارخان (ئەركىن – ت) بولىدۇ ۋە ئامان ساقلىنىدۇ. ئەگەر ئابائى- ئەجداتلىرىنىڭ قائىدە- رەسمىيەتلىرىدىن چىقمايسىز دىسىمۇ ئىتىيار ئۆزىدە بولىدۇ“دەپ يارلىق چۈشۈردى. خاقانى چىننىڭ قەدىمدىدن بۇيانقى قائىدە- رەسمىيەتلەر بويىچە، پۇقرالار قايسى دىن ۋە قايسى مەزھەپكە كىرسە، بۇنىغا ھىچ كىمنىڭ كارى يوق ئىدى. ئۆز دىنىدىكىلەرنى باشقا دىن ياكى مەزھەپكە تەرغىپ ۋە تەكلىپ قىلمايتى. ھەر كىم ئۆز دىنىدە ۋە مىللىتىدە مۇستەھكەم بولسا، ياخشى ئىش دەپ قارىلاتتى. خان يەنە مۇساپىر بولۇپ كەلگەن مۇسۇلمانلارنى ئۆزىگە يېقىن تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشىغا ھەر خىل بانا- سەۋەپلەرنى قىلىپ، ئۆز قائىدە- رەسمىيەتلىرى بويىچە چاڭشىلە يەنى ئويۇن- تاماشا ئۆتكۈزمەكچى بولۇپ، ”ئەر ۋە ئايال، ياش ۋە قېرىلارنىڭ ھەممىسى بۇ ئويۇنغا جەم بولسۇن، ئەگەر بۇ تاماشىغا كەلگەن ياش خوتۇنلار ياكى كىچىك قىزلار بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ تەبئىتىگە ياقسىلا، مەن ئۇلارنى بۇيرۇپ بېرىمەن، ئەگەر بۇلارنىڭ ئېرى ياكى پەرزەنتى بولسىمۇ، مەن ئۇنىڭغا رىئايە قىلمايمەن“ دەپ يارلىق قىلدى.
    بۇ مۇسۇلمانلار كۆڭلى ۋە تەبئىتى خالىغانلارنى تۇتتى. خاننىڭ يارلىغى بىلەن ئۇلارنى شەرئىتى مۇستاپاۋىيە (پەيغەمبەر شەرئىتى _ ت) قائىدىسى بويىچە ئەمىر- ئەقىدىگە ئېلىپ، ئۆي- تەئەللۇق تۇتۇپ قالدى. بۇلار ” تۇگانى“ دەپ ئاتالدى. لېكىن، ئۇلار يىغىلغان باشقا ھەرقانداق جايلاردىمۇ ئېرى بار خوتۇنلار ۋە قىز بالىلارنى ئىگەللەپ ئېلىپ، پۇقرالارنىڭ نەزىرىدىن يىراقلاشتى. شۇڭلاشقا پۇقرلار ئۇلارنى”سوخەي خوي ئىكەن“ دىيىشتى. بۇ ”يۈزى يوق ئىكەن“دىگەن سۆز بولىدىكەن. خىتايلار بىلەن تۇڭگانلار جىدەل- ماجرا قىلىپ قالسا، خىتايلار ئۇلارغا ”سوخەي خوي“دەپ دەشنەم بېرىدىكەن. لېكىن، خاقان ئەللىك خىتاينى بىر تۇڭگانى بىلەن تەڭ قوياتتى. ئەللىك خىل گۇنا ئۆتمىگىچە تۇڭگانلارنى سياسەتتىن ئۆتمۈزمەيتى. دىمەك، تۇڭگانلار بۇنىڭغا ئوخشاش بىر قانچە ئىشتا يۈز- خاتىرە قىلىنىپ كەلگەنلىكتىن، ئۇلارنىڭ كۆڭلى كۆتىرىلىپ، خىتايلارنى كۆزىگە ئىلمايدىغان بولدى، شەرىئەتنىڭ دوستى بولغان خان بىر نەچچە يىلدىن كېيىن باقى ئالەمگە پەرۋاز قىلدى. ئۇنىڭ ئورنىنى ئوغلى ئىگەللىدى. بىر قانچە ئەۋلات ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇلار يەنە توغرا يولدىن چىقىپ، ئۆز دىنىلىرىغا ياندى دەپ رىۋايەت قىلىنىدۇ. ۋەققاس بوۋاممۇ مەڭگۈلۈك باغچىسىغا چىرايلىق يۈرۈپ كەتتى. [130] ئۇنىڭ مازىرى تا ھازىرغىچە مەشھۇر دەپ ھىكايە قىلىنىدۇ.
    شۇنداق قىلىپ، تۇڭگان تايىپىلىرى ئەنە شۇنداق بىر قانچە ئەسىر ۋە بىر قانچە يۈز يىللارغىچە ئەركىن ئۆتتى. ئاقىۋەت ئۇلار شى نەن فۇ [131] دىگەن بىر شەھەردە مەدرسىدەك بىر خانىقا بىنا قىلىپ، بىر مۇنچە بىنەم زىمىن خاندىن تىلەپ سۇ چىقىرىپ، مەھسۇلاتنى خانىقاغا ۋەخپە قىلىپ، مەدىرىسىدە تۇرىدىغان تالىپ ۋە ئەلەم ئاخۇنلارنى تەيىنلەپ ياشاپ كەلگەن ئىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ۋەخپە ئاشلىققا خىتايلارنىڭ تۇڭگۇزى كىرىپتۇ. بىرقانچە ئادەم ھەيدەپ چىقىرىپ، ئارىدا جىدەل- ماجرالار بولۇپتۇ. ئاخىرى بۇغداينى خامان قىلىۋاتقان چاغدا، چەچ بۇغدايغا يەنە تۇڭگۇز كىرىپ يەپ كېتىپتۇ. تۇڭگۇزنىڭ ئىگىسى خىتاي بىلەن ماجرا قىلىپ بىر- بىرىنى ئۇرۇپتۇ. خىتايلار خىتايغا، مەدىرىسىدە ياتقان تالىپلار تۇڭگانلارغا ھامى بولۇپتۇ. جىدەل- ماجرا ئۇلغىيىپ، بۇنى شەھەرنىڭ ئۇلۇغى ئاڭلاپ، جىدەلنى پەسەيتىپ قويۇپ، ئۆزىنىڭ ئۇلۇغىغا خەت يېزىپ ” بۇ ۋەخپە زىمىننى تۇڭگانلار نەچچە يىلدىن بۇيان تىكىپ- تېرىپ، ھۇسۇلنى ئالدى. ئەمدى بۇ يەرنى خىتە (دۆلەت – ت) ئىختىيارىغا تاپشۇرۋېلىپ، يەرنى سېتىپ پۇلىنى غەزنىگە تاپشۇرساق“دەپ مەلۇم قىلىپ، ئۇلۇغىنى ماقۇل قىلىپتۇ. يەرنى سېتىش قارارىغا كېلىپ ئادەم چىقىرىپ، يەرنى چىزىلاپ، نەرقىنى تەيىن قىلىۋاتقاندا، مەدرىسىدىكى موللىلار ۋە تۇڭگانلار غەلۋە قىلىپ، يەر ساتقىلى چىققارن مۇلازىملارنى ھەيدەپ ئۇرۇپ شەھەرگە قوغلاپتۇ. بۇلار شەرھەرگە كىرىپلا دەرۋازىنى مەھكەم قىلىپ، جەڭ- مۇھارىبەرگە كىرىشىپتۇ. تۇڭگانلار گورۇھىمى ناھايتى كۆپ بولۇپ، ئۆز ئىچىدىن ماخالۇڭ موللا (132) دىگەن پىر ئۆلىمانى خان كۆتىرىپ، چىڭ جۇفۇ [133] دىگەن بىر كاتتا شەھەر بىنا قىلىپ، خاننى بۇ شەھەردە سەلتەنەت تەختىدە ئولتۇرغۇزۇپتۇ.
    لېكىن بۇ چاغدا خاقانى چىنگە بىرمۇنچە جايلارغا ئەنگىلىس (ئېنگىلىز – ت) خىرىستىيانلىرى غالىپ كېلىپ، بېرما دىگەن بىر قانچە شەھەرنى خاراپ ۋە ۋەيران قىلىپتۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئۇسۇڭكۇي يەنى جەن مۇزا [134] دىگەن تايىپىلەر خانلىق تالاشتى ۋە يەنە بىر تەرەپتىن تۇڭگانلارنىڭ جىدەل- ماجراسى بولدى. ئاقىۋەت تۇڭگانلار چىڭ فۇدا تۇرالماي، ئۆزىنى بىر ياقا يۇرتقا ئالماقنى غەرەز قىلىپ، غەرپ تەرەپكە قەدەم قويۇپتۇ. ئۇلۇغ خان بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، بۇ يەردىكى ۋىلايەتلەرنىڭ چوڭلىرىغا ”بىر نەچچە تۇڭگانىلار ئەمىر- ئىتائىتىدىن چىققان ئىكەن، بۇلار تەشۋىق- نەسىھەت ھەم ۋەدىلەرنى قىلساقمۇ ئاڭلىماي، ئۆزلىرىنىڭ ئەيىپلىرىدىن قورقۇپ ئەندىشە قىلىپ تۇرالماي، غەرەپ تەرەپكە يۈزلىنىپتۇ. ئەگەر بۇلار ئۇ تەرەپكە بارىدىغان بولسا، ئۇ جايدىكى تۇڭگانلار بۇلارغا يار- ھەمدەم بولۇپ، ئۇششاق پۇقرالارنى پاراكەندە قىلىدىغان ئېھتىمالى بار. بۇ يارلىقنى كۆرگەن ھامان ھەر قايسى شەھەرلەردىكى تۇڭگانلارنى تامامەن يوق قىلىپ، ئۇچۇر مەنكى ئۇلۇغ خانغا يەتكۈزۈلسۇن“ دەپ يارلىق بېرىپتۇ.
    بۇ يارلىق ئىلى جانڭجنىگىمۇ كەلگەن ئىكەن. ئىلى جاڭجۈنى ھەيران بولۇپ، ”بۇ تۇڭگانىلار تولا خەلقتۇر ، ئۇلارنىڭ پېئىل- خۇيلىرىمۇ باشقىچە. ئەگەر بۇلار بۇ ئەھۋالدن ئازلا پۇراق سەزسە، بىز ئاخشاملىق قىلغىچە، بۇ تايىپىلەرنىڭ ناشتىلىق قىلىش ئېھتىمالى بار. ئىچكىرىدىن كېلىدىغان تۇڭگانلارنىڭ مەنزىلى تېخى ئۇزۇن، ئۇنىڭغىچە بۇ تۇڭگانىلارنى ئېلىپ كىرىپ، مۇلايىم سۆزلەر بىلەن تەشۋىق- نەسىھەت قىلىپ، ئەھدى- پەيمانلارنى مەھكەم قىلىپ قويساق، بۇلارمۇ خاتىرجەم بولۇپ، ئۆز كەسپ ۋە ھۇنەرلىرىنى، پۇقراچىلىغىنى قىلدۇ “دەپ بىر نەچچەر تۇڭگاننى ئېلىپ كىرىپ، ئەھدى- پەيمان ۋە ئانت ئىمانلار بىلەن نەسھەت قىلىپ چىقاردى. ئەمما تۇڭگانلار خاتىرجەم بۇلالماي، كېچىلىرى ئۇيقۇغىمۇ بارالماي، مىچىت، مازارلاردا تۈنەپ، نەزىر- چىراقلارنى قىلىپ، بىر ئايدا بىر نۆۋەت تەرەت ئالمايدىغانلارمۇ ھەر كۈنى نەچچە نۆۋەت غۇسۇل- تەرەت قىلىدىغان بولدى. غەم- ئەندىشىسى كۈندىن كۈنىگە كۈچەيدى. جاڭجۈن تۇڭگانلارنىڭ پېئىل-ئەتىۋارىنى بىلىپ ۋە ئۆز- ئۆزىدىن ئەندىشە قىلىپ، ئەھدى- پەيمانلىرىنى يىرتىپ تاشلاپ، خاننىڭ يارلىغىنى جارى قىلىپ، شەھەر- شەھەرلەرگە ئۆز ھۆكۈمىنى ئىجرا قىلىپ، ”پالانى كۈنى، پالانى سائەتتە تۇڭگانى تايىپلىرىنى قىرىپ تشلاڭلار“دەپ خەت ئەۋەتتى. ئەمما ئۈرۈمچىدە سودالويە [135] دىگەن بىر تۇڭگاننى خىتاي ئىچىدە مەنسەپدار ئىدى. ئوغلى بولسا بىر جام- ئۆتەڭدە سىيە (خەت- چەك باشقۇردىغان ئەمەلدار – ت) ئىكەن. مەزكۈر سىيە بۇ قىرغىنچلىق يارلىغىنىڭ مەزمۇنىدىن ۋاقىپ بولۇپ، دادىسىغا دەپ قويۇپتۇ. دادىسى شەھەر- شەھەردىكى تۇڭگانلارنىڭ چوڭلىرىغا سۈرەت- ۋەقەنى ئىزھار قىلىپ خەت يېزىپتۇ. جاڭجۈننىڭ خېتىنى بولسا بېسىپ قويۇپتۇ. سودالويەنىڭ خېتى كېلىشى بىلەنلا، كۇچاردىكى تۇڭگانلار بىر كېچىدىلا بۇزۇلۇپ، بازار ۋەيشاڭلارغا ئوت قويۇپ، ئۇچىرغان خىتايلارنى ئۆلتۈرۈپ، قەتئى ئىتائەتتىن چىقىپتۇ. تېخى ئۆتكۈزۈلمىگەن گۇناغا جاۋاپكار قىلىش بولسا، ھىچقانداق مەزھەپتە دۇرۇس ئەمەس ئىدى. شۇڭلاشقا، بۇلار ئۇنى قىلدى- دە ، جازاسىنى تاپتى.
    يەنە ئۆز قىسسىمىزغا كېلەيلى. تۇڭگانى ۋە مۇسولمانلارنىڭ ئىتائىتىدىن چىقىپ، باش قايتۇرۇشىغا يەنە مۇنداق بىر سەۋەپ بار ئىدى. يەنى ئاۋالقى زاماندا فەغفۇرچىنى چىرىك ئەۋەتىپ، بۇ يەتتە شەھەرنى تۇنجى قېتىم ئىگەللىگەن چاغدا، خان ئىلتىپات بىلەن ”مۇسۇلمانلار پۇقرالار قەدىمدىن بۇيان قانداق قائىدە- رەسمىيەتلەرنى تۇتۇپ، قانداق ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەنلىگىنى ئۇلارنىڭ پىشقەدەم سالنامچىلىرى ۋە دانا ئادەملىرىدىن سوراپ بىلىپ ماڭا ئۇچۇر بېرىڭلار“ دەپ يارلىق قىلغان ئىكەن. مەنساپدارلار يۇرتنىڭ دانا پازلىللىرىنى يىغىپ، خاننىڭ يارلىغىنى ئۇقتۇرۇپ سورىغاندا، بۇلار:” بىز مۇسۇلماندۇرمىز، خۇداۋەندەكېرىم بىزگە بەش پەرزنى يەنى بىنائى مۇسۇلمانچىلىقنى ئەمىر قىلغان ئىدى . بىز بۇ بەش پەرزنى ئادا قىلىپ كەلدۇق “دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ . ئۇچۇرىنى ئۇلۇغ خاندىن يەنە ”ئانداق بولسا مەنمۇ ئۇششاق پۇقرالىرىمغا بەش تۈرلۈك ئىشنى بۇيرۇدۇم . يەنى ئۇلارتېرىغان ئاشلىقلىرىدىن دەيەك ( ئوندا بىر خىراج – ت ) بەرسۇن ، ئۆتەڭدە خىزمەت قىلىپ ، قارادىن قاراغىچە خەت ، ئەرز ئېلىپ بارسۇن ۋە قارارلاردىن خەۋەر ئالسۇن . شاڭ بۆز – خامنى بۇرۇنقى قائىدە – رەسمىيەت بويىچە تۆلەپ تۇرسۇن . بۇ بەش تۈرلۈك ئالۋاڭنى تەيىنلەپ توختىتىپ بەردىم . مۇندىن ئارتۇق نەرسە بېرىلمىسۇن ۋە ئېلىنمىسۇن ، بەلگىلەنگەن مەزكۇر ئالۋاڭنى كەم ۋە ئارتۇق قىلماي تۆلەپ ، تېنچلىق بىلەن ئۆز پۇقراچىلىغىنى قىلسۇن “دەپ يارلىق قىلىپتۇ . مەنسەپدارلارغىمۇ ئەھۋالغا قاراپ كۈمۈش . زېمىن ۋە ئادەملەرنى تەيىنلەپ مائاش – كۇلەن بەلگىلەپ ، ھەر قايسى يۇرتلارغا دەستۇر – ئەمەل يەنى ئەن – قائىدىلەرنى توختىتىپ بەرگەن ئىكەن . مەنسەپدارلار ئۇزۇن زامانغىچە بۇ يارلقنى چىڭ تۇتۇپ ، كەم ياكى زىيادە قىلماي ( يولدىن چىقماي ) ئىش قىلپتۇ .
    لېكىن ، مەنسەپدارلار ۋاقىتلار ئۆتكەنسېرى بۇ يارلىقلارغا چېكىدىن ئاشقان ھەر خىل بەلگىمىلەرنى قوشۇپ ، ھەر خىل يامان قائىدە – يۇسۇنلارنى پەيدا قىلپ ، جەۋرى – زۇلۇمنى كۈچەيتىپتۇ . شۇڭلاشقا ، پۇقرالار بۇ ئەھۋاللارغا تاقەت قىلالماي ، ئەرز ئەھۋالىنى ئامبان ، دالويە ۋە ھاكىملارغا مەلۇم قىلدى . مەسلەن ، ئاقسۇ تەۋەسدىكى باي زىمىندىن ئەيسا گۈنبەز ، مۇھەممەت ئەلى بۇغرا دىگەن كىشلەر باشچىلىغىدىكى باي خەلقى ئەرز قىلىپ” خان بىزگە ئەن – قائىدە قىلىپ توختىتىپ بەرگەن بەش تۈرلۈك ئالۋاننى بېرىمىز ، لېكىن ، مەنسەپدارلار مۇندىن ئارتۇق ئالمىسۇن ۋە بەرمىسۇن دىگەن يارلىق بېرىلگەن ئىدى ھەم مەنسەپدارخىتاي ۋە يەرلىك ئەمەلدارلارغىمۇ ئۆز مائاشىنى توختىتىپ بەرگەن ئىدى . مەنسەپدارلىرىم ئۆز مائاشىنى يەپ ئۇششاق پۇقرالىرىمدىن تىنچلىق بىلەن خەۋەر ئالسۇن دەپ يارلىق بېرىلگەن . ئەمما بىزنىڭ ئۇلۇغ خان بىزنىڭ ئارتۇق بەرگەن ئالۋانلىرىمىزنى بىلمەيدۇ . بۇ ئالۋانلار خاننىڭ غەزىنىسىگىمۇ كىرمەيدۇ . بىز ئۇلۇغ خاننىڭ يارلىغىدىن چىقمايمىز ، لېكىن بەلگىلەنگەن بۇ بەش تۈرلۈك ئالۋاندىن ئارتۇق بېرىشكە ئاجىزدۇرمىز “ دەپ مەلۇم قىلدى . لېكىن ، بۇ خىل بەش تۈرلۈك ئالۋانلارنى تۆلەشنى توختاتماي ۋە ئۇنىڭغا تاقەتمۇ قىلالماي ، يەنە بىر نەچچە ۋاقىت ياشىدى . خىتاي ۋە يەرلىك مەنسەپدارلار بىر نىمە دەپ جاۋاپ بېرەلمەي چارىسىز قالدى . ئاقىۋەت يۇرت بەگلىرى ۋە تۇڭچى – تىلماچلار مەسلىھەت قىلىشىپ ،”بىر نەچچە ئادەم ئۇلۇغ خاننىڭ ئەمىر – ئىتائەتلىرىدىن چىقىپ باغى ۋە تاغى بولۇپ ( مالىمان بولۇپ – ت ) ، چوماق ، كالتەكلەرنى كۆتىرىپ توپىلاڭ كۆتەردى“ دەپ ئامبانغا مەلۇم قىلدى . مەنسەپدارلارمۇ بىلمەيدىغان كىشى بولۇپ ، بۇ بەگلەرنىڭ ئەرزىنى ھىساپقا ئېلىپ ، چېرىك ئەۋەتىپ ، ئۇلارنى باغلاپ تۇتۇپ كەلدى . ئەيسا گۈنبەز باشلىق ئون يەتتە ئادەمنى دارغا ئاستى . بىر قانچىسىنى مەھكەم نەزەربەنت قىلدى . بەزلىرىنى ئۇسسۇز ۋە ئاچ قويۇپ ، ھاكنى دوغاپ قىلىپ بېرىپتۇ . ئۇنى ئىچكەنلەر شۇ ئورۇندىلا قېتىپ قاپتۇ . بۇلارنى مەنسەپدارلارغا كېسەل بولۇپ ئۆلدى دەپ مەلۇم قىلىپ كۆمدۈرۈۋېتىپتۇ .
    يەنە كۇچار ئادەملىرىمۇ بۇنداق زىيادە ئالۋاڭ – ياساقلارغا تاقەت قىلالماي ، نۇرغۇن ئادەمنى توپلاپ ، مۇھەممەت ئەلى شەيخ ، موللا مۇسا ئىماملار باشچىلىقىدا مەنسەپدارلارغا ئەرز سۇنۇپتۇ . مەنساپدارلار ئاڭلىماي دىسە، بۇ ئەرزلەر ئەن- قائىدە بويىچە راست ئىدى. شۇڭلاشقا، ئۇلار پۇقرالارنىڭ دادى ئەھۋالىغا يەتكەن بولۇپ، چەكتىن چىخماسلىققا ۋەدە- ئەھدىلەرنى بېرىپ، ئۇلارنى پەسەيتتى. لېكىن، ئۇلار مەنسەپدارلارنىڭ پېئىل- ئەتىۋارىغا قاراپ بېقىپ، خاتىرجەم بۇلالماي، مازارلاردا قونۇپ، نەزىر- چىراق، خەتمە- قۇرئان ۋە زىكىر ئىبادەت قىلىشىپ، ”سوپىلار“دىگەن نام بىلەن ئاتىلىپ قالغان بىر ھالەتتە، بەگلەر”بىر نەچچە ئادەم ئۇلۇغ خانغا دۈشمەن بولۇپ، ئەمىر- ئىتائىتىدىن چىقىپ قارىشلاشتى“دەپ ئامبانىغا مەلۇم قىلدى. بۇنى بانا قىلىپ چىرىك ئەۋەتىپ ئالدۇرۇپ كېلىپ، مۇھەممەت ئەلى شەيىخ، ئىبراھىم ئەرباپ بېكلەر باشلىق ئون نەچچە ئادەمنى بەدىنىنى تېنىدىن ئاجىرىتىپ چاناپ ئۆلتۈردى. بىر نەچچىسىنىڭ پېيىنى كېسىپ ئىشتىن چىقارد.ى ئىلىم كۆكباشى، تەلەي كۆكباشى، توختى كۆكباشى باشلىق قىىرق نەچچە ئادەمگە ئېغىر زەنجىر- كىشەن سېلىپ، ئۇلارنى دېڭىزىغا (تۈرمە – ت) تاشلىدى.
    يەنە باشقا شەھەرلەردىكى ئادەملەرمۇ يار كەنتتىكى خان ئامبانىغا ۋە ئىلىدىكى جاڭجۈنگە بېرىپ ئەرز- داتلىرىنى سۇندى. ئۇلار بۇ ئەرزلەرنى ئۇلارنىڭ ئۆز يۇرتىدىكى ئۇلۇغلارغا قايتۇردى. ئۇلارنىڭ ئۆز ئۇلۇغى ”سەن ماڭا ئەرز قىلماي، باشقا شەھەرنىڭ ئامبانىغا ئەرز قىلدىڭمۇ“ دەپ ئازاپ- ئۇقىبەت ۋە قەبرى- زۇلۇم ئىسكەنجە- سىقىملارغا مۇپتىلا قىلدى. پۇقرالارنىڭ ياخشى ياكى يامان ئەرز- داتلىرىنى ئاڭلاپ بىلىپ، ئۇلارغا رەھىم- شەپقەت قىلىش بولسا، پۇقرلارغا باشچىلىق قىلىدىغان ئۇلۇغلارنىڭ بوينىدىكى ۋاجىپ ھەتتا پەرز ئىدى. لېكىن، ئۇلار مۇنداق قىلمىدى. ئۇلارنىڭ ئەرزىنى ئاڭلىمىدى. بەلكى ئۇلارنى يوق قىلدى. ئەگەر ئۇلۇغ خان بۇ ئەرزدارلارنىڭ راستىنى ئاڭلاپ بىلسە ئىدى. خىتاي ۋە يەرلىك مەنسەپدارلار ئۆز مەنسىۋىدىن ئايرلغاندىن تاشقىرى، ئۇلارنىڭ جان- تېنى ۋە مال- مۈلكىمۇ ئاسان قۇتۇلماس ئىدى. چۈنكى مەنسەپدارلار ئۆز مەنسىۋى، پۇل ۋە جېنىنى ساقلاش ئۈچۈن، رست ئەرزنى يالغان ۋە يالغان ئەرزنى راست قىلىپ، ئۇلۇغ خانغا مەلۇم قىلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ خۇن- قېنىنىڭ تۆكۈلىشىگە زامىن بولغان ئىدى. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئۆزى باشلاپ ئۇلۇغ خاننىڭ يارلىغىدىن چىقىپ، قەدىمدىن بويان كېلىۋاتقان داۋلى ۋە ئەن- قائىدىلىرىنى بۇزۇپ، شەھدى- پەيمانلارنى يىرتىپ تاشلاپ، بەلگىلەنگەن مۇئاشقا قانائەت قىلماي، تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلىپ، يەنە پۇقرالارنىڭ مال- مۈلكىگە قول ئۇزارتىپ، زۇلۇم- سەتەملەرنى ھەددىدىن زىيادە ئېغىرلاشتۇردى. يەنە ئۇلار ئۆزىنىڭ نالايىق مەقسەت ۋە ھەرىكەتلىرىنى پۇقرالارغا تېڭىپ، ئۇلارنى تۆھمەت ۋە بۆھتانغا قويدى. ھەتتا ئۇلارنىڭ ئۆزى باغى ۋە تاغى بولۇپ، ئۇلۇغ خاننىڭ قىلىچىغا ئۆزلىرىنى لايىق قىلدى. شۇڭلاشقا، پۇقرالار ئاتا- بوۋىلىرىدىن تارتىپ ئۈستىگە ئۇلۇغ بولۇپ كەلگەن بۇ مەنسەپدارلارنىڭ بوينىغا تىغ تارىسىنى تارتىنماستىن سالدى. (خۇدا ئۇلارغا پانا بەرگەي!). ھالبۇكى، غازات قىلغان بۇ ئادەملەرنى غازى ۋە شېھىت دىمەلىككە يەنە قانداق سەۋەپ بولۇشى مۈمكىن ئىدى.
    ئالەمنىڭ ئىگىسى بولغان خۇداۋەندەكېرىم ئۆز ئىلمى قەدىملىرى بىلەن ئۇلۇغ قىلىپ بەرگەن ۋە ئاللىق مەنسىۋى بىلەن يۇقىرى ئورۇن بەرگەن شانۇ- شەۋكەتلىك ئۇلۇغ پادىشالارغا ھەم ئۇلارغا تەئەللۇق نەۋكەرلەرگە تىغ تارتىپ، ئۇلارنىڭ ئەمىر- ئىتائىتىدىن چىقماسلىق بولسا، ھىچقانداق مەزھەپ ۋە مىللەت- قەۋملەرنىڭ قائىدە- رەسمىيەتلىرىدە توغرا ۋە راۋا كۆرۈلمەيدۇ. ئالەمنىڭ مەخپى سىرلىرى، ھەممە زۇلۇم- خورلۇقلىرى، مەخلۇقلىرىنىڭ يامان پېئىل- ئەتىۋارى ھەم نالايىق شۈم نىيەتلىرىنى، پەقەت ئالەمنىڭ داناسى بولغان ئاللانىڭ ئۆزىلا بىلىدۇ. (خۇدا بولسا ھەقىقەتنى ۋە ئىنچكە سىرلارى ھەممىدىن بەك بىلگۈچىدۇر).
    سۆزنىڭ ھاسىلى شۇكى، پۇقرالارنىڭ ئۈستىدىكى ئۇلۇغلار پۇقرالارنىڭ ئەزر- داتلىرىنى ئاڭلىماي، بىپەرۋالىق قىلىپ، بۇنداق ئۇلۇغ دۆلەت- مەنپەئەتكە شۈكرى قىلماستىن شۇملۇق قىلغانلىغى ئۈچۈن، ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت-مەنپەئەتىدىن ئاجراشقا، ھەتتا ئۇلۇغ خاننىڭ دۆلەت ئابرۇيىغا نوقسان يەتكۈزۈشكە سەۋەپ بولدى. پۇقرالار بۇنداق زۇلۇم- سەتەملەرگە چىداش بېرەلمەي، قۇدرەتلىك ھەقىقىي ئاللا يەنى ئۇلۇغ سۇلتان دەرگاھىغا تاۋاپ قىلىپ، كۆز ياشلىرىنى تۆكۈپ، قاخشاپ يالۋۇرۇپ، ھەممىنىڭ ھالىنى بىلگۈچى بۈيۈك قۇدرەتلىك ئاللانىڭ مۇقەددەس دەرگاھىدىن قانداق ئەھۋاللار كېلەر ئىكەن دەپ تۇرغاندا، بۇ ناھەق ئۆتكەن ئادەملەرنىڭ قېنى ئۇلارنىڭ ئىچىدە تېخىمۇ ئۆرلەپ، مەنسەپدارلارنىڭ پۇقرالارغا قىلغان زۇلۇم- جەۋرىلىرىنىڭ مۇكاپاتى ئۇلارنىڭ ئۆزىگە قايتتى. كۇچاردىكى تۇڭگانلار خۇددى ئاسماندىن بالا كەلگەن ۋە ئاللادىن قازا كەلگەندەك، بىر كېچىدىلا بۇزۇلۇپ، كاپىرلارنىڭ بېشىغا تىغ تارتتى. مەزكۇر تەلەي كۆكباشى قاتارلىق قىرىق نەچچە ئادەم دېڭىزدا ياتقىنىغا ئىككى يىلدىن ئاشتى. تۇڭگانىلار دېڭىزنى چېقىپ، گۇناكارلارنى ئاجىرىتىپ ئالدى. تۇڭگانىلار بىلەن مۇسۇلمانلار ئىناق- ئىتتىپاق بولۇشۇپ، خىتايلارغا تىغ ئۇردى. بۇنىڭ ۋەقەسىنى كېينرەك سۆزلەيمىز. (ئاللا سەبىر قىلغۇچىلارغا يېقىندۇر) ئىنشائاللا.
    بۇنىڭدىن ئون تۆت يىل ئۆتۈپ كەتتى. مەنسەپدارلار پۇقرالارنىڭ ھال- ئەھۋالىنى خانغا راستلىق بىلەن مەلۇم قىلدى. ئۇلۇغ خان پۇقرالارنىڭ گۇنايىنى ئەپۇ قەلەملىرىنى سۈرۈپ چېرىك ئەۋەتىپ، ئۇلارنى يوقلىدى. لېكىن گۇنانى مەنسەپدارلارغا قويۇپ، بۇ مەنسەپدارلىرىم ۋە چېرىكلىرىم نەگە كەتتى ۋە نىمە بولدى دەپ سورىمىدى. مۇبادا بۇ ئەھۋالنى سورىغا بولسا ئىدى، ئۇ چاغدا بۇ يەتتە شەھەردىكى يەتتە نەپەر چىڭ چەي (چېن چەي – ت) خان ئامبانىنىڭ ھەر بىرسىنىڭ قېنىنى بىر شەھەر ئادەملىرىنىڭ خۇنىغا تەڭ قىلىپ، ئۇلارنى ئۆلۈمگە بۇيرۇغان بولار ئىدى. باشقا ۋاڭ، ھاكىم، مەنسەپدار، چېرىكلەرنىڭ خۇنلىرىغا يەنە نىمە قىلشى لازىملىغىنى خان ئۆزى بىلگەن بولار ئىدى.
    ئەلقىسسە، فەغفۇرچىنىنىڭ دۆلىتىگە بۇزۇلۇشى ۋە زەئىپلىك كەلمەكنىڭ يەنە بىر سەۋىۋى شۇكى، بۇ چاغدا خانلىق نۆۋىتى شەنفۇڭ خانغا [136] يېىتپ، خاقانى چىننىڭ دۆلەت ئۈستۈنلىگى ناھايتى تۆۋەنلەشكە قاراپ يۈزلەندى. پەرەڭلەر [134] ناھايتى كۆپ شەھەرلەرنى ئىستىلا قىلىپ، تالان- تاراج قىلىپ، ئىگىدارچىلىق قىلدى. يەنەن بىر تەرەپتىن، چەن مۇزا دىگەن تايىپىلەر خانلىق تالاشتى. جەڭ- جىدەللەر كۈچەيتى ۋە يەنە بىر تەرەپتىن تۇڭگانلار ئۆز ئىچىدىن خان كۆتۈرۈپ، ئەمىر- ئىتائىتىدىن چىقتى. يەنە ئەتىراپىدىكى كېنىزەكلەرنىڭ پادىشالىرى پادىشالىق ئەلەملىرىنى تىكلەپ، ئۇلارنىڭ ھەر بىرى ھەر خىل سۆز پەيدا قىلىپ، ئۇلۇغ خاننى ئۆز ئورنىدا قويمىدى. تىنچلىق ۋە ئاراملىق ئۇلۇغ خاننىڭ مەمىلكەت ۋە پۇقرالىرىنىڭ بېشىدىن كۆتۈرۈلدى. خاقانى چىنى بۇ تەرەپتىكى شەھەلەرنى”كۇبەي“(كۇۋەي- ئىچكىرىنىڭ تېشىدىكى تەرەپ – ت) دەپ ئاتايدىكەن. كۇبەيدىن خەۋەر ئېلىشقا پۇرسەت بولمىدى. شۇڭلاشقا ”كۇبەيگە تەئەللۇق مەنسەپدار، چېرىكلەرگە مۇئاش ئەۋەتەلمەيمەن. نەچچە يىلدىن بۇيان غەزنىدىن كۈمۈش ئەۋەتىپ، كۇبەيدكى مەنسەپدار، چېرىكلەرنى باقتىم. تولا غەزنىلەرنى سەرپ قىلدىم. لېكىن كۇبەيدىن غەزنىگە بىرەر نەرسە كەلمىدى. ئۇلار كۇبەينى تاشلاپ يېنىپ كەلسۇن“ دەپ يارلىق چۈشۈردى. لېكىن بۇ تەرەپتىكى خىتايلار ئۇلۇغى جاڭجۈن، خان، ئامبان ۋە مۇسۇلمانلار ئۇلۇغى مىرزا ئەھمەت ۋاڭ بېگىم باشلىق ھەممە ھاكىمى ۋىلايەتلەر مەسلىھەت قىلىشىپ، ئۇلۇغ خانغا : ”بۇ شەھەرلەرگە غەزنىدىن كولەن- مۇئاش كەلمىسىمۇ، بىز بۇ شەھەرلەردىن كان تېپىپ، ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، قوغۇشۇن، تۆمۈر، گۇڭگۇرت قاتارلىق كانلارنى ئۆز كۈچىمىز بىلەن ئېچىپ، ئۇلۇغ خاننىڭ چېرىكلىرىنى باقالايمىز. بىز بولساق ئاتا- بوۋىلىرىمىزدىن تارتىپ ئۇلۇغ خاننىڭ خىزمەتلىرىدە بولۇپ، دۆلىتىنى كۆرۈپ كەلگەن ئىدۇق. يارلىققا بوي سۇنۇپ، بۇ يەرنى تاشلاپ كەتسەك، ئۇلۇغ خاننىڭ شان- شۆھرىتىگە مۇناسىپ ئىش بولماسمىكىن“دىگەن مەزمۇندا بىرقانچە ماقۇل سۆزنى مۇندەرىجە قىلىپ ئەرز بەرگەن ئىكەن. بۇ ئەرز ئۇلۇغ خانغا ماقۇل چۈشۈپ، ئۇ ”ئەگەر ئانداق بولسا ئۆزەڭلەر كان تېپىپ، چېرىكلەرنى بېقىڭلار، ئۇششاق پۇقرالىرىمغا ۋابال بولىدىغان ئىشلارنى ئەسلا قىلماڭلار“دەپ يارلىق ئەۋەتىپتۇ. يارلىقنى كۆرۈش بىلەنلا، مەنسەپدارلار تاغمۇ- تاغ، دەشتمۇ- دەشت ۋە جەزىرلەردە كان ئىزدەپ، پۇقرا خەلقىنى ھاشار قىلىپ ھەيدەپ، تاغ ئېتەكلىرىنى گويا چاشقان ئۇۋۇسىدەك ھۆتمە- تۆشۈك قىلىۋەتتى. كانمۇ تاپالمىدى. تاپقاندىمۇ پۇقرالارغا جەبرى- زۇلۇم كۆپ بولدى. مەنسەپدارلار ئۆز قولىدىن پۇل بەرمىدى. چىققان كانمۇ يوق بولۇپ كەتتى ۋە يەنە نەچچە تۈرلۈك باجنى پەيدا قىلدى. پۇقرالاردىن ھەر ئايدا ئالىدىغان بىر خىل پۇل بولۇپ، بۇنى ”چوقا بېشى“دەپ ئاتايتى.

    مەنبە: http://ellturk.blogspot.com/2009/07/historical-acclaim.html


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.