ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2010-09-22

    تارىخى ھەمىدىنىڭ.....داۋامى - [ئۇيغۇرتارىخى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/75411904.html

    ئەلەنجە خاننىڭ ئوغلى موغۇلخان، ئۇنىڭ ئوغلى قاراخان، ئۇنىڭ ئوغلى ئوغۇزخان ئىدى. لېكىن، قاراخان ئۆز ئىسمى- جىسمىغا لايىق قارانىيە، مۇشرىكلىك ۋە كاپىرلىق مەزھىپىنىڭ يولىدا قەتىي تۇرىدىغان، كۆرگەنلا مۇسۇلماننى زادىلا تىرىك قويمايدىغان بىر خان ئىدى. ئىسلامغا ئاداۋىتى كۈچلۈك بۇ كاپىرىدن بىر ئوغۇل دۇنياغا كەلدى. بۇ يۈزى ناھايتى نۇرلۇق ئوغۇل ئىدى. بۇ ئوغۇل ئۈچ كۈنگىچە يا ئانىسى ياكى بىرەر ئايالنىڭ سۈتىنى ئاغىزىغا تەككۈزمىدى. ئانىسى بۇ ئوغلىنىڭ ئەھۋالىدىن ناھايتى غەمكىن بولۇپ تۇرغاندا، چۈشىدە بالىسىنىڭ: ”ئەي ئانا! ئەگەر مۇسۇلمان بولساڭ سۈتۈڭنى ئىمەي، مۇسۇلمان بولمىساڭ ئەممەيمەن، بۇ سىرنى زادى كىشىگە دىمە“دىگەن سۆزى ئايان بولدى. ئۇ ئۇيقۇدىن تۇرۇپ ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلدى. بالا سۈتنى ئەمدى. ئانىسى ئېرىنىڭ خۇلقى- مىجەزىنى بىلگەچكە، بۇ ئەھۋالنى ئۇنىڭغا دىمەي، ئۆز ئىمانىنى مەخى ساقلىدى. موغۇللارنىڭ ئۆرپ- ئادىتى بويىچە، بالا تۇغۇلۇپ بىر ياشقا كىرگەن چاغدا، ئات، كالا، قوي ئۆلتۈرۈپ، يۇرتنىڭ چوڭ- كىچىكلىرىنى چىللاپ، ئات توي مەرىكىسى قىلاتتى. شۇ پەيتتە دادىسى بىلەن ئانىسى مەرىكىگە تەرەدۇت قىلىپ، بۇ خۇش پېئىللىك، گۈزەل ئوغلىغا نىمە دەپ ئات قويساق بولار دەپ مەسلىھەتلىشىۋاتقاندا، تېخى ئەمدىلا بىر ياشقا كىرگەن بۇ زەكي بالا ”مېنىڭ ئېتىم ئوغۇز بولسۇن“دەپ تىلغا كىردى. دادىسى بۇنىڭغا ھەيران بولۇپ، خوشاللىقتىن ئۇنىڭ ئېتىنى ئوغۇز دەپ قويدى.
    ئوغۇز بالاغەتكە يەتكەندە، قاراخان ئۇنىڭغا ئۆز ئىنىسىنىڭ قىزىنى ئېلىپ بەردى. ئوغۇز ئۇنىڭ بىلەن بىر تەكىيگە ياتمىدى، ھەتتا ئۇنىڭغا نەزەر سېلىپمۇ قويمىدى. ئۇ بىر كۈنى ئوۋدىن يېنىپ بىر تاغىسىنىڭ ئۆيىگە چۈشكەندە تاغىسىنىڭ قىزى ”مەن سىزنىڭ خىزمىتىڭىزدە بولسام“دەپ تەلەپ قويدى. ئوغۇزخان ”ئەگەر مۇسۇلمان بولسىڭىز، مەن ئەمىر- ئەقىدەمگە ئالاي“ دىگەندە، ئۇ قىز مۇسۇلمان بولدى. ھەر ئىككىسى ئۆمۈرۋايەت بىللە ئۆتۈشكە ۋەدە- ئەھد قىلىشتى. بىر كۈنى ئوغۇز بۇ سىرنى ئانىسىغا ئېيتتى. دادىسىمۇ سىرنىڭ تېگىگە يەتمەيلا ماقۇل بولۇپ، بۇ قىزنى ئېلىپ بەردى. ئۇلارنىڭ ئەر- خوتۇنلۇق مۇھەببىتى ناھايتى چوڭقۇر ئىدى.
    بىر كۈنى ئوغۇز ئوۋغا كەتكەندە، قاراخان ئوغۇزنىڭ چوڭ خوتۇنىدىن ”ئوغلۇم سىزگە نىمە ئۈچۈن مۇھەببەت باغلىمىدى“دەپ سورىغاندا، ئۇ ” ئۇ ئوغلىڭىز مۇسۇلمان دىنىغا كىرىپتۇ، ئۇنىڭ توقال خوتۇنىمۇ مۇسولمان بولۇپتۇ، مەن ئەجداتلىرىمىزنىڭ دىنىي ۋە مىللىي ئادەتلىرىدىن يانمىغانلىغىم ئۈچۈن، ئۇنىڭ مەن بىلەن كارى بولمىدى“دەپ جاۋاپ بەردى. بۇنى ئاڭلاپ قاراخاننىڭ غەزەپ ئوتلىرى ئۆرلەپ، ئوغۇزنىڭ ئۈستىگە لەشكەر ئەۋەتمەكچى بولدى. ئوغۇزنىڭ مۇسۇلمان خوتۇنى بۇنى ئاڭلاپ ئوغۇزغا خەۋەر قىلدى. ئۇمۇ لەشكەر تۈزۈپ تەييارلاندى. ئارىدا قاتتىق جەڭلەت بولۇپ، ئوغۇز غەلبە قىلىپ، دۈشمەنلىرىنى داداىسىنىڭ قارارگاھىغا يېقىن بىر جايغىچە سۈرۈپ كەلدى. بۇ چاغدا دادىسى لەشكەرگە ئۆزى قوماندالىق قىلىپ ئۇرۇشقا چىقتى. ئۇرۇشتا دادىسى ۋە ئۇنىڭ نۇرغۇن ئادەملىرى يوق قىلىندى. نەتىجىدە ئوغۇز تامامەن غەلبە قىلىپ، دادىسىنىڭ پايتەختىنى ئىگەللەپ، ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىغىنى ئاشكارە قىلىپ، يۇرت ئىچىگە ئادالەت ۋە پاراۋان تۇرمۇش تىكلىدى. ياخشى قائىدە- تۈزۈملەرنى ئورناتتى. بىر يۈز يەتمىش يىل پادىشالىق قىلىپ، ئەرەپ زىمىنلىرى ھەتتا رۇبئى مەسكۇننىڭ كۆپ قىسىمىنى ئۆز قولىغا كىرگۈزۈپ، بۇ يۇرتلاردىمۇ ئاۋاتلىق ۋە مەمۇرچىلىق ئورناتتى. خۇداۋەندەكېرىم ئۇنىڭغا ئالتە پەرزەنت بەردى.ھەر بىر پەرزەنتى يەنە تۆتتىن جەمئىي يىگىرىمە تۆت پەرزەنتلىك بولدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇنىڭ ئەۋلادى يىگىرىمە تۆت تارماققا ئايرىلىپ، يىگىرىمە تۆت قەبىلىنى تەشكىل قىلىپ، ھەر بىرى ئۆز ئالدىغا ئۇيغۇر، قانلى، قاي، خەلەج دىگەنگە ئوخشاش ئايرىم- ئايرىم نام لەقەملەر بىلەن ئاتىلدىغان بولدى.
    ئوغۇزخان قوشۇن باشلاپ ئەرەبىستان تەرەپكە يۇرۇش قىلغان چاغدا، ئۇنىڭ باتۇرلىرىدىن بىرى جەڭدە ۋاپات بولدى. بۇ باتۇرنىڭ خوتۇنى ھامىلدار بولۇپ، تۇغۇت ۋاقتى- قارارىغا توشۇپ، كىشىگە كۆرۈنمەيدىغان بىر خالى جاي تاپالماي، بىر دەرەخىڭ كاۋىكىنى پانا قىلىپ، شۇ جايدا بىر ئوغۇل تۇغدى. ئادالەتپەرۋەر ئوغۇزخان بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇ ئايالنى بالىسى بىللە ھەرەمگە (ئۆز ئوردىسىغا – ت) ئالدۇرۇپ پەرۋىش قىلدى. بۇ بالا دەرەخ ئىچىدە تۇغۇلغانلىغى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ”قىپچە“ دەپ ئاي قويدى. چۈنكى دەرەختىن يېڭى ئۈنۈپ چىقق نوتىنى”قىپچە“دەپ ئاتايتى. كېينچە سۆزلەرنىڭ ئۆزگىرىشى تۈپەيلىدىن”قىپچە“دىگەن نام ”قىپچاق“دەپ ئۆزگىرىپ مۇقىملاشتى. بۇ بالا چوڭ بولغاندا، ئوغۇزخان ئۇنى لەشكەر باشلاپ خەزەر (كاسپى كۆلى –ت) تەرەپكە يولغا سالدى. ئۇ شۇ جايلارنى ئىگەللەپ ماكان قىلدى. قىپچاق قەبىلىرى بۇ ئوغۇلنىڭ نەسلى دەپ رىۋايەت قىلىنىدۇ.
    ئوغۇزخان يەنە بىر ئوغلى كۈن خان دىگەننى ئۆزىگە قايىم ماقام (مىراسخر – ت) قىلىپ بەلگىلىگەن ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن كۈن خاننىڭ ئوغلى ئاي خان، ئۇنىڭ ئوغلى يۇتۇز خان، ئۇنىڭ ئوغلى دېڭىز خان، ئۇنىڭ ئوغلى مەڭلى خان، ئۇنىڭ ئوغلى ئېل خان قاتارلىقلار كەينى- كەينىدىن پادىشا بولدى. بەزى راۋايەتلەرگە قارىغاندا، ئېل خان بىلەن پادىشا فەردۇننىڭ [43] ئوغلى تۇر [44] ئارىسىدا بەزىدە قارىمۇ- قارىشىلىق ئاداۋاتلىرى، بەزىدە خەت- ئالاقە ۋە برىش- كېلىشلەر بولۇپ تۇرغان ئىدى. بۇنىڭا قارىغاندا، ئېل خان تۆرىنىڭ دەۋرىدە ئۆتكەن ۋە ئۇنىڭ بىلەن زامانداش بولغان.
    موغۇل خانلىرىنىڭ ئەۋلاتلىرى ئىچىدە سەككىز نەپەر خان ناھايتى شەۋكەتلىك ۋە ھەشەمەتلىك پادىشا بولۇپ ئۆتتى. ئۇلارنىڭ توققۇزىنچىسىغا يەتكەندە، تاتارلار موغۇل خانلار ئۈستىدىن غەلبە قىلىپ، ھەممە موغۇللارنى قىرغىن قىلىپ، ئۇرۇق- ئەۋلادىنى يەر يۈزىدىن تامامەن يوق قىلدى. پەقەت ئېل خاننىڭ ئوغلى قىنانخان بىر پۇرسەت تېپىپ تاغىسىنىڭ ئوغلى تەكۇز بىلەن بىللە تاتارلانىڭ قىرغىنچىلىغىدىن قېچىپ، خوتۇن، بالا- چاقىلىرىنى ئېلىپ، بىر مۇنچە چارۋىسىنى ھەيدەپ، بىر پىنھان تاغنىڭ ئىچىگە كىرىپ ياشايدىغان بولدى. بۇ تاغنىڭ پەقەت بىرلا دەرۋازىسىدىن باشقا چىقىدىغان ئاغىزى يوق ئىدى، ئۇلار بۇ دەرۋازىنى مەھكەم بېكىتتى ۋە بىر قانچە ئەۋلاتقىچە بولغان نەچچە مىڭ يىل ئىچىدە، ئۇلار شۇ تاغ ئارىسىدا ياشاپ كەلدى. ئەۋلاتلىرى ۋە چارۋىسىمۇ ناھايتى كۆپەيدى. قىنانىڭ ئەۋلاتلىرىنى ”قىيات“، تەكۇزنىڭ ئەۋلاتلىرىنى ”ئۆكۈش“ دەپ ئاتايدىغان بولدى. بۇلار كېينچە تېخىمۇ كۆپىيىپ، بىر قانچە قەبىلىگە ئايرىلىپ تاغ ئىچىگە سىغمايدىغان ھالەتكە يەتتى. ئۇلار ئەسلىدە ئاسماننىڭ تېگىدە بۇ جايدىن باشقا يەنە بىر زىمىن يوق ۋە بىزدىن باشقا ئىنسان ياكى مەخلۇقمۇ يوق دەپ ھىساپلايتى ھەم ئۆزىنىڭ بۇ ماكانىنى ”ئەرگىنەقۇن“دەپ ئاتايتى. بىر كۈنى ئۇلار ئەجداتلىرى بېكىتىپ قويغان دەۋازىنى كۆرۈپ، ئۇنى ئېچىپ سىرتقا چىقىشقا باشلىدى.
    ئەسلىدە موغۇل خانلىرىدىن سەككىز خان دۆلەت ۋە ئىززەت بىلەن غۇغۇلۇپ، ھۆكۈمەت ۋە ھەشەمەتلەر بىلەن ئۆتكەن ئىدى. توققۇزىنچىسىغا يەتكەندە، ئۇلارنىڭ نىيىتى نابۇد بولدى. شۇڭلاشقا كېيىنكىلەر بۇ سەككىز خاننىڭ زامانى مۇبارەت ۋە خوشلۇق ھىساپلايدىغان، پادىشالار ئۇلۇغ شەۋكەت ۋە ئۇلۇغ مەرتىۋە ئىگىلىرى ئۆز- ئارا توققۇز توققۇزدىن سوغا- سالام قىلىشىدىغان ئەھۋال ئادەت بولۇپ قالدى. لېكىن، ئۇلار بىر سەككىزنى ”بىر توققۇز“دەپ ئاتايتى. خان ۋە پادىشالار، ھەتتا پۇقرالار بولسا پەقەت سەككىز ناننى كۆتىرىپ بېرپ، ئۇنى توققۇز دەپ ھىساپلايتى. بۇنداق ئادەت موغۇلىستان يۇرتىدا تا ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە.
    ئۇ چاغدا، ئېل خان ئەۋلادىدىن يۇلتۇز خان پادىشا ئىدى. ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى بولۇپ، ھەر ئىككىسىلا دادىسى ھايات ۋاقتىدا ئۆلۈپ كەتتى. ئۇلارنىڭ بىرسىدىن ئوغۇل، يەنە بىرسىدىن قىز دۇنياغا كەلگەن ئىدى. بۇلارنى بىر- بىرىگە نىكا قىلىپ قويغان ۋە بۇلاردىن بىر ئوغۇل دۇنياغا كەلگەن ئىدى. بۇ چاغدا يۇلتۇز خانمۇ ۋاپات بولدى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ ئوغۇل نەۋرىلىرىمۇ ۋاپات بولۇپ، پەقەت ئالانقۇۋا دىگەن بىر خوتۇنلا يالغۇز قالدى. بۇ خوتۇن يۇلتۇز خاننىڭ خەلقى ۋە ئۇسۇللىرىغا ئىگە بولدى. ئالانقۇۋا ئېرى ئۆلگەندىن كېيىن، باشقا ئەرگە تەگمىگەن ئىدى. بىر كېچىسى ئاق ئۆينىڭ تۈڭلۈگىدىن خۇددى ئاپتەپتەك بىر نۇر كۆرۈنگەندەك بولدى. بۇ نۇر يەنە ياش بىر يىگىت سۈرئىتىگە كىرىپ ئالانقۇۋا بىلەن ھەمبەستەر (بىللە – ت) بولدى، ئۇنىڭدا بىر خوشاللىق پەيدا بولۇپ ھامىلدار بولۇپ قالدى. دۆلەت ئەركانلىرى (ئەرباپلىرى – ت) بۇنىڭ ئاڭلاپ تەئەررۇز- مەسخىرە قىلىشقا كىرىشتى. بۇ چاغدا ئالانقۇۋا ”مېنىڭ ئادىتىم پاكلىق، نومۇسلۇق، راستچىللىق بولۇپ، پاھىشە ۋە يامانلىق قىلمايمەن، ئاق ئۆي تۈڭلۈگىدىن بىر نۇر ئۆيگە كىرىپ، ياش يىگىرت سۈرىتىدە بولۇپ بىللە بولدى. ھامىلدار بولۇپ قالدىم“ دەپ ھىكايە قىلدى. بەزىلەر بۇ نۇرنى ھەرزىتى ئەلى كېرەموللا ۋەجھۇ ۋە جەبرائىل ئەلەيھىسسالام دەپ قىياس قىلىشتى. مۇنداق ئەھۋاللار خۇداۋەندەكېرىمنىڭ كۈچ- قۇدرىتىدىن بولغان. بۈۋى مەريەم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ (ئاللا ئۇنىڭدىن رازى بولغاي!) دىن ھەزرىتى ئەيسا ئەلەيھىسسالاممۇ ئاتىسىز تۇغۇلغان، بۇنداق ئاجايىپ ۋە غارايىپ ئىشلارنى خۇداۋەندە ئاللا ئاسانلا پەيدا قىلالايدۇ. خالىغلان نەرسىنى قىلالايدىغان ۋە ئۆز خاھىشى بويىچە ھۆكۈم قلالايدىغان بىردىن- بىر سۈپەت پەقەت رەھىمدىل ئاللاغىلا خاس دەپ پەتىۋا قىلىشتى. بەزىلەر يەنە ئاستىرونۇم ۋە پەيلاسوپلارنىڭ، ئەگەر كۈن بىلەن ئاي ھەمە بۇرجىدا (مىلادى 3- ئاينىڭ 22- كۈنىدىن 4- ئاينىڭ 22- كۈنىگىچە بولغان مەزگىل – ت) بىر سىزىققا توغرا كېلىپ، ئالتىنچى دەرىجىدە ئۇچۇراشسا، شۇنداق ۋەقەلەر پەيدا بولىدۇ دىگەن سۆزلىرىدىن دەلىل كەلتۈرۈپ، ئالانقۇۋا ھىكايىسىنىڭ راستلىغىنى ئىسپاتلاپ ۋە تەستىقلاپ، بىر قانچە سەۋەپ ۋە تەكلىپنى ئوتتۇرغا قويدى. ”رەۋزە تۇسسافا“ دىگەن كىتاپتىمۇ باشقىلارنىڭ ئالانقۇۋاغا قىلغان مەسخىرە ۋە ئەيىپلەشلىرىگە قارىشى بىرمۇنچە دەلىل- ئىسپاتلار كەلتۈرۈلگەن.
    كەمىنە مەندەك كۆپ نوقسانلىق بىر قەلەم تەۋرەتكۈچىنىڭ كۆڭلىدە، بۇ رىۋايەتلەرنىڭ ئەكسىچە بولغان مۇنداق بىر قارىشى مەندىكى سۆز ئۆزىنىڭ نىقاپ پەرىدىسىنىڭ ئىچىگە يۇشۇرنۇپ، مەخپى بولۇپ كەلگەن بۇ ئاجايىپ رىۋايەتنى ئېنىقلاپ، ۋاراق سەھپىسىگە يازدىم. مېنڭچە، بۇ رىۋايەتنى مۇنداق بايان قىلىش كېرەك. يەنى ئالانقۇۋا نەسلىدىن مۇسۇلمانىلىق گۇرۇھىغا كىرگەن خان، پادىشالارنىڭ تۇغلۇق خان، تۆمۈرخان، ئەمىر تۆمۈر كوراگانى ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلات جەمەتى ئۆزلىرىنىڭ ئىپپەتلىك ئالانقۇۋا نەسىل- ئەۋلادىغا مەنسۇپ ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلايدۇ. ئۇلار يەنە ئالانقۇۋاغا ئادەم ئەۋلادى قول تەككۈزۈپ باخمىغان. ئالانقۇۋا پەقەت نۇردىن ھامىلدار بولۇپ نەچچە ئاي ۋە نەچچە مۇددەت ئۆتكەندىن كېيىن، بۇزەنجىرخاننى تۇققان، بىز بولساق ئەنە شۇنىڭ ئەۋلادى دەپ پەخىرلىنىدۇ ۋە ئۆزىنى شۆھرەتلىك ھىساپلايدۇ. ئۇ كۆرۈنگەن نۇرنى ھەزرىتى ئەلى كىرەموللا ياكى جەبرائىل ئەلەيھىسالامنىڭ قىياپىتى دەپ يۇقىردىكى رىۋايەتكە ئەقىدە ۋە ئىخلاس قىلىدۇ.
    مېنىڭ قارىشمچە، بۇنداق پايدىسىز ئەقىدە- ئېتىقات ۋە ھىكايىلەر نەزەر ۋە ئېتىۋارغا ئالغىلى بولمايدىغان بىر خىل قۇرۇق گەپ، ھەتتا ئۇنىڭغا ئىشىنىش كاپىرلىقنىڭ بەلگىسى. چۈنكى ھەزرىتى ئەلى كېرەموللا بولسا ھىجىرىنىڭ قىرىقىنچنى يىلى (مىلادى 660-660 – ت) ۋاپات بولغان ئىدى. تارىخىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئالانقۇۋا دەۋر ھەزرىتى ئەلىدىن كېيىن ئۆتكەن. شۇنىڭدەك، ئالانقۇۋا قارا شەھەر مەمىلكىتى تەۋەسىدىكى ئۆز قەۋمى- مىللىتى بولغان قالماقلارنىڭ كاتتىسى بولۇپ تۇرغان ئىدى. ئۇلار ھەقىقىي خۇدايتائالانى، پەيغەمبەرلەرنى ۋە ئۇنىڭ ئۇلۇغ ساھابلىرىنى بىلمەيتى. بەلكى ئۇلار ئىمان كەلتۈرمىگەن، ھەتتا خۇدايتائالا ، پەيغەمبەر ۋە ساھابىلارنىڭ ئىسىم- شېرىپلىرىنى ئاڭلاپمۇ باقمىغان. بۇ ھەم ئاي ۋە كۈنگە ئىبادەت قىلىدىغان، جىن، شەيتانلارنىڭ كەينىگە كىرىپ قاراڭغۇلۇق ۋە زۇلمەتتە ياشاشنى ئادەت قىلىپ، ئالاتائالانىڭ مۇنداق نۇر ئىلھامىنىڭ بىشارىتىگە ئىگە بۇلالايدۇ.
    مەشھۇر تارىخ كىتاپلىرىدا ئىنسانلارغا موغۇل تايىپلىرىنىڭ ئىسلام شەرىپىگە ئەڭ دەسلەپ ھىجرى ئالتە يۈزىنچى يىللىرىدىن (مىلادى 1203-1204- يىللىرى – ت) كېيىن ئىگە بولغانلىغى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بېرىدۇ. شۇنىڭدەك ئەھلى كىتاپ ئەمەس (مۇقەددەس دىنىي كىتاپ ئەۋەتىلگەن بىېرەر پەيغەمبەرنىڭ قەۋمى ئەمەس – ت) مۇشرىك بىر خوتۇننىڭ نىكاسى شەرئىتىگە توغرا كەلمەيدۇ. ئەگەر ھەزرىتى ئەلى كېرەموللا ۋەجھۇ كارامەت بىلەن بۇ مۇشرىك خوتۇننى مۇسۇلمان قىلىپ، ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن يېقىنلاشقانلىغىنى ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس دەپ پەرەز قىلىنسا، بۇ ھەزرىتى ئەلىنىڭ پاكلىغىغا شەك- شۆبھە ۋە گۇمان كەلتۈرگەنلىك بولىدۇ. گۇمان بىلەن بىرەر نەرسىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ. ھەتتا گۇماننىڭ ئۆزى شەرىئەتتە ھۆججەت ۋە دەلىلىمۇ بولالمايدۇ.
    شۇنىڭدەك، ھەزرىتى ئلى ئىراق زىمىندىىن باشقا ۋىلايەتلەرگە ئۆتمىگەن ئىدى. ئەگەر بۇ ئۇلۇغ زات ئۆز قەۋرىسىدىن چىقىپ نۇرغا ئايلىنىپ، ئاندىن ئىنسان سۈرىتىگە كىرىپ، بىر كاپىر خوتۇن بىلەن يېقىنلشىپ بىر ياستۇقتا ياتتى دەپ سۆزلەنسە، بۇ تاناسخىيە ۋە ھۇلۇلىيە [45] تەرەپدارلىرىنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ قالىدۇ.
    موغۇللارنىڭ مەزھەپلىرى ئىنساننىڭ روھى ھامان ئۆز تېنىدىن ئاجراپ يەنە بىر تەنگە يۆتكىلىپ يۈرىدۇ دىگەن ئەقىدىگە ئىتائەت قىلىدىغان بىر مەزھەپ. چىن ئەھلىنىڭ بەزلىرى ۋە بارلىق ھىندىلارمۇ شۇ مەزھەپنىڭ تەرەپدارلىرى. شىئە [46] مەزھىپىنىڭ بەزى سوپىلىرى شۇ مەزھەپكە مايىل. ھالبۇكى، بۇنداق ئەقىدە- ئېتىقات بولسا كاپىرلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
    «مىللەل ۋە نەھەل» (مىللەتلەر ۋە مەزھەپلەر) دىگەن كىتاپنىڭ مۇئەللىپى ئىمام مۇھەققەق بىننۇلھەزم ئەلزاھىرى [48] ۋە باشقا ئالىملار ئۆز كىتاپلىرىدا، يۇقۇرقىدەك ئەقىدىگە ناھايتى قاتتىق رەدىيە بەرگەن ئىدى. شۇنىڭدەك، ئەر بىلەن يېقىنلاشمىغان خوتۇنلارنىڭ بالا- پەرزەنت تۇغۇشى مۇمكىن ئەمەس ھەم بۇ جامائەت ئىچىدە ماقۇل كۆرۈلمەيدىغان ئىشلارنىڭ بىرى. بۇنداق ھادىسە، مەريەم بىنت ئەمران ۋە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن باشقا ئاياللار تايىپىسىدە سادىر بولمىغان، ھەزرىتى ئەيسا ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاملا بۇۋى مەريەمدىن ئاتىسىز دۇنياغا كەلگەن. شۇڭلاشقا، بۇنداق مۆجىزىلىك ھادىسە پەقەت ھەزرىتى ئەيسا ئالەيھىسسالامغىلا خاس بولۇپ، ئۇلاردىن باشقا ئىنسانغا رۇخسەت قىلىنمىغان ئىدى.
    ئىسلام دىنىنىڭ بەزى تەتقىقاتچى ئىماملىرى بۈۋى مەريەمنى پەيغەمبەر ئىدى. ئەگەر ئۇ پەيغەمبەر بولمىغان تەقدىردە، ھەق تائالا ئۆزىنىڭ قەدىمقى كىتاپلىرىدا (ئىنجىل، تەۋرات ۋە قۇرئاندا – ت) بۇ ھەقتە خىتاپ قىلىپ سۆزلىمىگەن بولاتتى دەپ بايان قىلىدۇ. ھەقىقەتەنمۇ ھەزرىتى ئادەم ئەلەيھىسسالام بولسا خۇداۋەندەكېرىمنىڭ كۈچلۈك قۇدرىتى بىلەن ئاتا ۋە ئانىسى يوق يارىتىلغان مەخلۇق. ھەزرىتى ئەيسا ئەلەيھىسسالام بولسا ئانىسىدىن دادىسى يوق ۋۇجۇتقا كەلدى. بۇ ئككىسىدىن باشقا ئىنسان ياكى باشقا ھايات ئىگىسىنىڭ ئاتا ۋە ئانىسى يوق ۋۇجۇتقا كېلىشى مۇمكىن ئەمەس. ئالەمنىڭ ھەقىقى ياراتقۇچىسى ئاللا ئۆزىنىڭ ئىلھام ۋە ئېھسانلىرى ھەم ياخشى- يامان ئىشلار يېزىلغان كىتاپلىرى ئارقىلىق، كۈچ – قۇدرىتىنى نامايەن قىلىپ، ئالەمنىڭ ئىنتىزامىنى بىر رەۋىش ۋە بىر خىل يولدا ئىزچىل ئادەت قىلىپ ساقلاپ كەلدى. شۇڭلاشقا، ھەرقانداق زامان ياكى ھەر بىر ئاۋاندا ئاللانىڭ بۇ خىل ئادەم ئۆلچەملىرى ۋە نىزام- تەرتىپلىرىگە مۇۋاپىق بولمىغان ياكى تۇس- شەكلىنى ئۆزگەرتكەن غەيرى ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشى مۇمكىن ئەمەس. قىسقىسى، ئاللا تەرىپىدىن ھۆكۈم قىلىنمىغان بىرەر يېڭى ۋەقەلەرنىڭ پەيدا بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. قۇرئانى كېرىمدىكى ”ئاللانىڭ قانۇنىدىن ھىچقانداق ئۆزگىرىشىنى تاپالمايسەن“دىگەن ئايەت بۇنى ئىسپاتلايدۇ. شۇنداق بولغاچقا، مەزكۇر ئالانقۇۋا ھىكايىسىنىڭ شەرىئەتكە خىلاپ ھالدا ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان ئاساسسىز بىر بايىل ھىكايە ئىكەنلىگىدە گۇمان يوق. شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئۆز ئېتىقادىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، بۇ ھىكايىنى رىۋايەت قىلىپ يۈرگۈچلەر ياكى ئۇنىڭغا ئىشەنگۈچىلەر بولسا كاپىر ۋە مەلئۇندۇر. چۈنكى، ھەزرىتى جەبرائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەنبىيا، مۇرسەلىنلەردىن باشقا كىشلەرنىڭ قېشىغا چۈشۈشى مەنئىي قىلىنغاندۇر. شۇنداقلا رەسۇل خاتە مۇلنەبىن (مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام – ت) دىن كېيىن ھىچقانداق ئىنسان ياكى بىرەر ھايات ئىگىسى پەيغەمبەرلىك دەرىجىسىگە ئېرىشەلمەيدۇ. ئالانقۇۋانىڭ ئاق ئۆي تۈڭلۈگىدىن بىر نۇر پەيدا بولۇپ، مەندە بىر خوشاللىق ھاسىل بولۇپ، ھامىلدار بولدۇم، نەتىجىدە بۇزەنجىر خان ۋۇجۇتقا كەلدى دىگەن سۆزلىرىنى يۇقىرىقى قاراشلار بىلەن ئىسپاتلاشنىڭ ئۆزى تامامەن ئاساسسىز، بھۇدە گەپ بولىدۇ.
    موغۇللار زىنا قىلىشنى ئەيىپلىمەيدۇ، بەلكى ئۇنى ھالال دەپ ھىساپلايدۇ. موغۇللارنىڭ ئادىتى بويىچە، ئەگەر ئەرگە بەرمەكچى بولغان قىز ياكى سىكىلەك خوتۇننى ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ لاماسى يەنى نىكا قىلىدىغان موللىسى بىر كېچە خوتۇن قىلىپ، ئۆز ئىلكىدە تۇرغۇزۇپ، ئاندىن ئۇنىڭ ئۆز ئىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ نىكا ئادەتلىرى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. شۇڭلاشقا، ئۇلارنىڭ لاماسى زادىلا خوتۇن ئالمايدۇ، دىگەن مەلۇماتلار بار. تارىخ كىتاپلىرىدا يېزىلىشىچە يەنە موغۇللار دادىسىنىڭ خوتۇنلىرىنىمۇ ئۆز ئەمىرى- ئەقىدىگە ئالىۋېرىدۇ. مەسلەن، چىنگىز خان ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىر خوتۇنىنى ئوغلى تولى خان ئالغان ۋە ئۇنىڭدىن ئىككى بالا تاپقان دەپ زىكىر قىلىنىدۇ. جۈملىدىن، بۇ ئالانقۇۋامۇ زىنا بىلەن ھامىلدار بولۇپ قالغاندا، موغۇللار بۇ ئاتىسى يوق بالىنى قانداق قىلىپ ئولۇغىمىز قاتارىدا ھىساپلايمىز دەپ ئار نومۇس قىلىپ نارازى بولۇشقان. ئۇلار يەنە بۇ نارازلىقنى بېسىش ئۈچۈن، نۇرغۇن ھىلە- مىكىرلەرنى ئىشلىتىپ، يالغانچىىلىق قىلىپ، دىنىي كىتاپلاردىكى ئايەتلەردىن دەلىل- ئىسپاتلارنى ئىزدەپ، ئۆزلىرىنى بۇنداق نومۇستىن قۇتۇلدۇرماقچى بولۇشقان. ھەتتا تارىخ يازغۇچىلارمۇ ئۆز دەۋرىدىكى پادىشالارغا ۋە ئۇلۇغلارغا خوشامەت قىلىپ، جانابىڭىز شۇنداق ئۇلۇغ پادىشادۇرسىزكى، ئۇلۇغ نامىڭىز نۇردىن ھامىلدار بولۇپ ۋۇجۇتقا كەلگەن پادىشا ۋە خانلارنىڭ ئەۋلادىدىندۇرسىز، شۇڭلاشقا ھەر قانداق غالىپ پادىشالاردىنمۇ غالىپ بولالايسىز دەپ خوشامەت سۆزلىرىنى بايان قىلىشقان. شۇنىڭ ئۈچۈن، موغۇللار بۇنداق رىۋايەتلەرگە چوڭ دىققەت- ئېتىۋار بىلەن قاراپ، ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ غورۇرى دەپ پەرخىرلىنىدۇ ھەم ئۆزلىرىنىڭ نىسبەت- نەسەپلىرىنى شۇلار بىلەن باغلايدۇ. بۇنىڭ راست ياكى يالغانلىغىنى پەقەت ھەممە ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى بىلىدىغان ئاللاغا مەلۇم.
    ئەمدى ئەسلى سۆزىمىزگە يېنىپ، بىر- بىرلەپ بايان قىلايلى. ئالانقۇۋادىن ئۈچ ئوغۇل ۋۇجۇتقا كەلدى. كەنجىسىگە بۇزەنجىر دەپ ئات قويدى. ئۇ ھۇشيار، دانا، ئادالەتلىك ۋە دۆلەتمەن پادىشا ئىدى. نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى ۋەئوبدان قائىدە- تۈزۈملەرنى پەيدا قىلدى. ئەمىر بابا مۇسىلىم مەرۋىزى [49] بىلەن دوستلۇق قىلاتتى دەپ بايان قىلىنىدۇ. مەلۇمكى، ئۇ ئەمىر ئابا مۇسىلىم بىلەن بىر زاماندا ياشىغان. بۇزەنجىر خاننىڭ ئوغلى بۇقا خان، ئۇنىڭ ئوغلى دومىن خان، ئۇنىڭ ئوىغل قايدۇ خان، ئۇنىڭ ئوغلى بايىسىنقىرخان، ئۇنىڭ ئوغلى دۇمىناي خان ئىدى. دۇمىناي خاندىن قوشكېزەك ئىككى ئوغۇل تۇغۇلدى. بىرسىگە قۇبۇلخان، يەنە بىرىسگە قاچۇلى خان دەپ ئات قويدى. چىنگىزخاننىڭ نەسەبى قۇبۇل خان بىننى دۇمىناي خانغا، ئەمىر تېمۇر كوراگاننىڭ نەسەبى بولسا قاچۇلى بىننى دۇمىناي خانغا يېتىدۇ.
    قاچۇلى بىر كېچىسى مۇنداق چۈش كۆرۈپ، ئۇ چۈشىنىڭ مەزمۇنىنى دادىسىغا مۇنداق بايان قىلىپتۇ. ”ئاكام قۇبۇل خاننىڭ ئېتىگىدىن بىر كۈن پەيدا بولۇپ، ئاسماننىڭ ئۈستىگە چىقىپ، ھەممە ئالدەمدە روشەنلىك پەيدا قىلىپ پېتىپ كەتتى. يەنە بى قانچە كۈنمۇ كەينى- كەينىدىن چىقىپ، روشەنلىك پەيدا قىلىپ، بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى پېتىپ كەتتى. ئاخىرى يۇلتۇزغا ئوخشاش بىر روشەنلىك پەيدا بولغاندا، مېنىڭ ئىتىگىمدىنمۇ بىر كۈن چىقىپ پۈتۈن جاھاننى يۇرۇتۇپ، بۇمۇ پېتىپ كەتتى. ئۇنىڭ كەينىدىن يەنە بىر نەچچە كۈن چىقىپ، ھەر قايسىسى ھەر بىر تەرەپنى يۇرۇتتى. بۇ ھالەتتە ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتتى. ئويغانسا چۈشۈم ئىكەن.“دادىسىمۇ خۇددى شۇنداق بىر چۈش كۆرگەن ئىدى. دادىسى بۇنى ئويلاپ مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، دۆلەت ئەركانلىرى ۋە ھەر قايسى جايلارنىڭ دانالىرىنى يىغىپ، ئوغلىنىڭ كۆرگەن چۈشىنى تولۇق بايان قىلدى. دۆلەت ئەركانلىرى پىكىر- تەپەككۈردىن كېيىن، قۇبۇل خان ئەۋلادىدىن شەۋكەتلىك بىر پادىشا چىقىپ، پۈتۈن ئالەم ئۇنىڭ ئىتائىتىگە بوي سۇنىدىكەن ۋە دۆلىتى زىيادە بولىدىكەن. كېيىن چىققان كۈن بولسا، ئۇنىڭ بالا- پەرزەنتلىرىدۇر. بۇلار دۇنياغا كەلگەندىن كېيىن ھەر بىرى ھەر تەرەپكە ھۆكۈمرۈن بولۇپ ئۆتىدىكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن، بۇ چۈشنى كۆرگەن قاچۇلى نەسلىدىن بىر ئۇلۇغ شائان پادىشا (شاھلارنىڭ شاھى – ت) دۇنايغا كېلىدىكەن. ئۇنىڭ ۋە ئەۋلاتلىرىنىڭ قەدەم بەرىكەتلىرىدىن ئالەم يۈزى ئاۋات ۋە مەمۇرچىلىققا توشۇپ ئۆتىدىكەن دەپ تەدبىر بېرىشتى ۋە ھەممىسىلا ماختاپ ئاپرىن ئوقۇشتى. خان يارلىق قلىپ، ئۇشبۇ مەزمۇندا بىر خەت پۈتۈشنى بۇيرۇدى. خەتكە ”مەندىن كېيىن قۇبۇل خان ئەۋلاتتىن- ئەۋلاتقىچە ۋەزىرلىك دەرىجىسىە تۇرۇپ، يۇردارچىلىقتىن خەۋەر ئالغاي“ دىگەن مەزمۇندا بىر قانچە پايدىلىق سۆزلەر بىر- بىرلەپ تىزىلىپ يېزىلدى. خان باشلىق دۆلەت ئەركانلىرى ئۆز مۆھرىنى بېسىپ، خەتنى غەزنىدە قويدى. بۇ يارلىق خەت خانلارنىڭ غەزنىسىدە تاكى سۇلتان ئەبۇ سەئىد مىازا [50] زامانغىچە ساقلاندى ۋە شۇ يارلىق دەستۈرى بويىچە خەتنىڭ ھۆكۈمى ئىجرا قىلىنىپ كەلدى. بۇ خەتنى قالماق- موغۇللارنىڭ تىلىدا ”فارامىن“ دەپ ئاتايتى. كېيىن قۇبۇل خاندىن بەرتان خان تۇغۇلدى. ئۇنىڭ ئوغلى سېسۇ باھادۇر، ئۇنىڭ ئوغلى تېمۇچىن باھادۇر بولۇپ، بۇنىڭ لەقىمى چىنگىز قائان ئىدى.

    موغۇل خانلىرىنىڭ سەردارى، ئەرەپ، ئەجەمدىن شەرىققىچە بولغان جايلاردىكى خانلارنىڭ خانى پادىشا جاھانگىر چىنگىزخاننىڭ غەلبىلىك ئىستىلالىرى، ھۆكۈمرانلىغى، ئەمىر، نويانلىرىنىڭ ئىستىقلالى ھەققىدە قىسقىچە نەمۇنە بايانى

    گۈزەل تىللىق ۋە سىلىق سۆزلۈك مۇئەررىخلەر، تالانتلىق مۇئەللىپ- ئەفزەللەر ۋە بۇلارغا شۇنداق يول ۋە ئىشتىياق بىلەن بايان قىلىپدۇركى، ئۇلۇغ ۋە ھەقىقى پادىشا ئاللانىڭ ئۆز ئىرادىسىنى ۋە خاھىشى بويىچە، بەزىدە مۇسۇلمان مۆمىن ياكى دىندارلارنى كاپىر مۇشرىكلەر ئۈستىگە غالىپ قىلغان ۋە بەزىدە كاپىر مۇشرىك ياكى دىنسىزلارنى مۇسۇلمان – مۇۋەھھىدلەر ئۈستىگە غالىپ قىلغان ۋەقەلىرىنى تاللاپ، ئۇلارنى كىشلەرگە ئىبرەت قىلىش ئۈچۈن، ھىكايە قىلىپ، ئۆز تارىخ ۋە ئسەرلىرىگە يازغان ئىكەن.
    بۇ يازما ھۆججەتلەرنىڭ مەزمۇنىغا قارىداندا، تارىخ ھىجرىيىنىڭ بەش يۈز قىرىق توققۇزىنچى يلى (مىلادى 1154- يىلى – ت) تېمۇچىن باھادۇر دۇنياغا كەلدى. ئون ئىككى يېشىدا دادىسى ئۇ ئالەمگە كەتتى. ئاندىن ئۇ ئانىسىنىڭ تەربىيسىىدە ئۆسۈپ، شەرق ۋە شىمال تەرەپلەردىكى جۇرجۇت، نايمان، تۈركىستان ئۇلۇغلىرىدىن ئوڭخان، تايانخان، گورخان، توقابېك، مېكرىت (مېركىت – ت) قاتارلىق چوڭ دۆلەت ئىگىلىرىنىڭ ئۈستىگە ئىستىلا قىلىپ، قەۋم ۋە قەبىلە، يۇرت ئايماقلىرىغا ئىگە بولدى. شۇ جەريداندا تېمۇچىن باھادۇر قىرىق توققۇز ياشقا كىردى. دۆلىتى ناھايتى زىيادە بولدى. تارىخ ھىجرى بەش يۈز توقسان سەككىزىنچى يىلى (مىلادى 1201-1202- يلى – ت) موغۇللار ئىتتىپاقلىلشىپ، توققۇز پايەلىق (قەۋەت – ت) تەخت تەييارلاپ، تېمۇچىننى پادىشا قىلىپ ئۈستىگە چىقىرىپ، ”چىنگىز قائان“دەپ لەقەم قويدى. بۇ موغۇلچە”خانلارنىڭ خانى “ياكى”شەھنىشاھ“دىگەن بولىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ تېمۇچىن دەپ ئاتالماي، بەلكى ”چىنگىز قائان“دىگەن نام بىلەن مەشھۇر بولدى. كېينچە ” قائان“سۆزى ئادەتتە ئەسلى تىلىنى غەلىتە تەلەپپۇز قىلىدىغان ئاممىۋى تىلدا ” خاقان“دىگەن سۆزگە ئۆزگىرىپ مۇقىملاشتى. ئۇنىڭ پايتەختى قاراقۇرۇم دىگەن جايدىكى كىلوران دەرياسىنىڭ بويىدا ئىدى. ھازىر بۇ جاينىڭ ئېنىق نىشان ۋە ئورنى قالماقلاردىن باشقىلارغا مەلۇم ئەمەس.
    بۇ چاغدا خىتاي [51] خانى ئالتانخان [52] بولۇپ، پايتەختى خانبالىق ئىدى. خىتاي تىلىدا خانبالىقنى” جۇدو“[53] دەپ ئاتايتى. خانبالىقنى پايتەخت قىلىپ، دۆلەتكە ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان خانلارنىڭ ھەممىسىلا ئالتانخان دىگەن نام بىلەن ئاتالغان ئىدى. چىنگىز قائان خانبالىقتكى ئالتانخاننىڭ ئۈستىگە چىرىك باشلاپ بېرىپ، نۇرغۇن شەھەرلەرنى بېسىۋېلىپ، خانىۋەيران قىلدى. چۈنكى، خىتاي خانلىرى بىلەن موغۇل خانلىرىنىڭ ئارىسىدا، قەدىمدىن بۇيانلا ئۆز- ئارا ئاداۋەتلىرى كۈچلۈك ئىدى. نەتىجىدە ئالتانخان تەڭ كېلەلمەي، دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ئورناتتى. ھەتتا چىنگىز قائاننىڭ پەرمان ۋە ئىتائىتىگە بوي سۇنۇپ، ئۆز قىزىنى ئۇنىڭ ئەقىدىسىگە تەقدىم قىلدى. چىنگىز قائان بۇنىڭغا رازى بولۇپ، ئالتانخاننىڭ قىزىنى ئۆز خوتۇنلىرىنىڭ قاتارىغا قوشۇپ، ئۇلارنىڭ يۇرتىنى تىنچلاندۇرۇپ، ئۆز يۇرتىغا ياندى. شۇنىڭ بىلەن چىنگىز قائانغا قاراشلىق جايلارنىڭ چېگىرسى شەرقتە خانبالىق، شىمالدا قازان شەھىرىگە تۇتاشتى.
    قازان شەھىرى ”تاتار“دەپمۇ ئاتىلىدۇ. چۈنكى چىنگىز قائان قازان شەھىرىنى بېسىۋالغاندا، تاتارلاردىن لەشكەرئېلىپ، ئۇلارنى بۇ جايغا باشلاپ بارغان ۋە ئۇلارنىڭ بىر قىسىمىنى شۇ جايدا قالدۇرۇپ، ئۇلارغا ۋەتەن قىلىپ بەرگەن. شۇڭلاشقا، بۇ جاي”تاتار“نامى بىلەن مەشھۇر بولغان بولسا كېرەك. كېينكى زامانلاردا ئەمىر تېمۇر كوراگانى بۇ جاينى بېسىۋېلىپ، مەزكۇر تاتارلارنى زورلۇق بىلەن ئۆز يۇرتىغا كۆچۈرۈپ كەلدى دىگەن رىۋايەتلەرمۇ بار. ئومۇمەن، چىنگىز قائان غەربى چېگىرسى مىسىر، شام (سۈرىيە – ت)، باغدات (ئىراق – ت)، روم (شەرىقىي تەرىپىدە كىچىك ئاسىيا – ت) غىچە، جەنۇبى چېگىرسى ئەزەر بەيجان، سند دەرياسى ، باغدات (ئىراق – ت)، رۇم (شەرقىي تەىپى كىچىك ئاسىيا – ت) غىچە، جەنۇپ چېگىرىسى ئەزەربەيجان، سىند دەرياسى، تىبەت، ئۇيغۇر مەمىلكىتىگىچە [54] بولغان جايلارنى قولغا كىرگۈزۈپ، يەتمىش ئۈچ يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، يىگىرىمە بەش يىلغا قەدەر يەر شارى قۇرۇقلۇغىنىڭ كۆپ قىسىمىغا مۇستەقىل پادىشا بولۇپ ھۆكۈمرۈنلىق قىلىدى.
    بۇ جەرياندا، چىنگىز قائاننىڭ خانىۋەيرانچىلىغى شۇنداق ئېغىر دەرىجىگە يەتتىكى، بۇنى يېزىشقا قەلەم ئاجىزلىق قىلىدۇ، سۆزلەشكە تىل يېتىشمەيدۇ. «ھەدىس شېرىف»تە بۇ ھەقتە” خۇددى قالقاغا ئوخشاش كەڭ يۈزلۈك ۋە مەڭزىگە بىر نەرسە يېپىشتۇرۇپ قويغاندەك بىر قەۋم قىرغىنچىلىق ئۇرۇشلىرىنى قوزغاپ چىقمىغۇچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ“ دەپ ئالدىنئالا كۆرسىتلگەن ئىدى. بۇ سۆز موغۇل- تاتار تايىپىسىدىن چىققان چىنگىز قائان ۋە ۋەھىلاكۇنى كۆرسەتتى. موغۇللارنىڭ ئىسلام دىيارىغا قىلغان ئىستىلاسى خەلىپە مۇستە ئىسىم [55] زامانىدا يەنى تارىخ ھىجرى ئالتە يۈز ئەللىك تۆتىنچى يىلى (مىلادى 1256- يىلى – ت) تاماملاندى. بۇ ھال چىنگىز قائاننىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىشى، ھىلاكۇنىڭ ۋارىسلىق قىلىپ ھۇجۇم قىلىشى ۋە يەئجۇج- مەئجۇجلەرنىڭ پىتنە- غەۋغاسى قاتارلىق ئىشلارنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى. «ھەدىس شېرىف» تە يەنە ”بىننى قەنتۇرا ئەۋلادى كەلگەن چاغدا ئاخىر زامان بولىدۇ“دەپ كۆرسىتىلگەن. بىننى قەنتۇرا بولسا تۈرك ئەۋلادىنى كۆرسىتىدۇ. قەنتۇرا بولسا تۈركلەرنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ مومىسى ھىساپلانغان بىر ئايالنىڭ نامى. «مەشكىۋات شېرىف» («ياخشى ۋە ياماننىڭ ئايرىش ئۆلچىمى» – ت) دىگەن كىتاپتا ” «ھىججاز تەرەپتىن بىر ئوت كۆيۈپ چىقىدۇ. شۇ ۋاقىت- سائەت ئىچىدە دۇنيانىڭ دەۋرى تۈگەپ، قىيامەت قايىم بولىدۇ “دەپ يېزىلغان. يەنە «مىرقات» («ئۆرلەش باسقۇچىلىرى» – ت) دىگەن كىتاپتا ” بۇ ئوت ئالتە يۈز ئەللىك تۆتىنچى زاھىر بولىدۇ“ دەپ يېزىلغان. بۇ ھىلاكۇنىڭ ھىجرى ئالتە يۈزئەللىك تۆتىنچى يىلى (مىلادى 1256- يىلى – ت) ئىسلام دىيارىغا ئىستىلا قىلىدىغانلىغىنى ئىشارەت قىلغانلىق ئىدى. يەنە ”بەسىر دىگەن جايدا تۆگە بويناق دىگەن بىر تاغ بار. ھىججاز زىمىنىدىن ئوت چىقىپ، تۆگە بويناق تاغلىرى ئۇچۇق كۆركۈنمىگىچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ “دەپ ئىزاھات بېرىلگەن. بۇ چىنگىز ۋە ھىلاكۇنىڭ قىرغىنچىلىق ئۇرۇشى ئوت ئاپەتلىرىدىن كىنايە ۋە ئىشارەت ئىدى.
    ئەھلى تارىخچىلار ئۆز تارىخ كىتاپلىرىدا چىنگىز قائاننىڭ بالايى- ئاپەتلىرى ۋە خانۋەيرانچىلىغى ھەزرىتى نوھ بىننى زامانىدىكى تۇپان بالاسىدىنمۇ ئېغىر ئىدى. دەپ يازىدۇ. چۈنكى نوھ دەۋرىدە تۇپان بالاسىدىنمۇ ئېغىر ئىدى. بۇ دەۋرىگە كەلگەندە ئادەملەر كۆپىيىپ، ماددى مەئىشەتلەرمۇ ناھايتىى ئاشقان ئاۋات مەنزىرە بارلىققە كەلگەن ئىدى. شۇنىڭدەك، نوھ دەۋرىدە ئادەملەرنىڭ كۆپ قىسىمى ئاللانى بىر دەپ تونۇيدىغان دىنىي ئىشەنچىدىن مەھرۇم ئىدى. بۇ زامانغا كەلگەندە ئادەملەرنىڭ كۆپ قىسىمى مۇسۇلمان دىندار بولۇپ، دىنغا سادىق مۇجتەھىد ئۇلۇغ ئۆلىمالار، ھۆرمەتكە سازارۋەت بولغان ماشايىخلار كۆپ ئىدى. مەسلەن، بۇخارايى شېرىفتا ئىمام ئەبۇ ھەفزى كەبىرى [56] قاتارلىق بىر قانچە يۈز ئۇلۇغ مۇجتەھىد يېتىشكەن پىشىۋالار بار ئىدى. ئۇنىڭ ئاتمىش مىڭدىن ئارتۇق مۇرىدى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا ساھىبى كارامەت ۋە دالايەت (كارامەت ۋە ھۆججەت ئىگىلىرى – ت) كىشلەر ئىدى. شۇڭلاشا، بۇ ئۇلۇغ زاتنى ”ۋەلى تاراش“ (ئۇستىلار ئىگىسى – ت) دەپ ئاتايتى. بۇ زات ئۆزىنىڭ بىر قانچە شاگىرتىغا رۇخسەت بېرىپ، ”سىلەر باشقا جايغا كېتىڭلار، چۈنكى شەرق تەرەپتىن بىر ئوت كۆيۈپ كەلمەكتە. بۇ ئوت تا ھازىرىغچە بولغان زىمىننى كۆيدۈرمەكچى. ئۈممەتلەرنىڭ بېشىغا يەنە قايتىپ كەلمىگۈسى“دىگەندە، بەزى ئەزىزلەر ”ئەگەر دۇئا قىلسىلا كېلىۋاتقان بۇ ئاپەت كەينىگە قايتىشى مۇمكىن“دەپ ئىلتىماس قىلىشتى. جانابى شەيىخ ”بۇ دۇئا بىلەن قايتۇرغۇلى بولمايدىغان بالايى ئاپەتتۇر“دەپ جاۋاپ بەردى. يەنە باشقا شەھەرلەردىمۇ بۇ زاتقا ئوخشاش تەرىپ ۋە ماختاشتىن تاشقىرى نۇرغۇن ھۆرمەتلىك ماشايىخلار، ئۇلۇغ ئۆلىمالار قاتارلىق ساھىپ دۇئالار بار ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىلا چىنگىز قائاننىڭ قىرغىنچىلىغى تۈپەيلىدىن شېھىتلىك شەرۋەتلىرى ئىچىشكە مەجبۇر بولدى.
    لېكىن، قەدىمقى زاماننىڭ قەدىمقىسىدىكى پادىشالىق قائىدە- قانۇنلىرىنى پادىشا جەمشىت [58] بەرپا قىلغان بولسا، پەيغەمبەر (مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام) زامانىدىن كېيىن پادىشالىق رەسمىيەتلىرىنى، تارىخ كىتاپلىرىدا ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى بۇ بىر قاتار ياساق- يۇسۇنلار ۋە يارغۇ- قانۇنلارغا ئالاھىدە ئېتىۋار بېرىپ، ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك دەستۇرۇل ئەمەر (سىياسىي قولانما – ت) دەپ ھىساپلاپ، ئۇنى يۇرت سوراسنىڭ ھۆججەتلىرى قىلىپ كەلگەنلىگىنى بايان قىلىدۇ. چىنگىز قائاننىڭ ھايات ۋاقتىدىلا ئۇنىڭ ھۆكۈم- پەرمانلىرى بويىچە، موغۇلدىن قاراچار نويان، مۇسۇلماندىن ماھمۇدبېك يالاۋاچ [59] ئۇنىڭغا ۋەزىر بولۇپ تۇرغان ئىدى.
    چىنگىز قائاندىن جۇجىخان، چاغاتايخان، ئوكتايخان، تولۇيخان دىگەن تۆت ئوغۇل قالدى. چىنگىز خاندىن ئالتە ئاي بۇرۇن بۇ جاھان بىلەن خوشلاشتى. ئۇنىڭدىن ئون سەككىز ئوغۇل يادىكار قالدى. پۈتۈن تۈركستان، دەشتى قىپچاق جۇجىخانغا تەئەللۇق بولدى. ئۇنىڭ ئوغلى بەركە خان دادىسىغا ۋاكالىتەن ھۆكۈم سۈرۈپ تۇرغان ئىدى. چىنگىز قائان سامالاردىن بۆلەك يەنە يۈز مىڭ ئات تارتۇق قىلدى. ھەر ئون مىڭ ئات بىر خىل رەڭدە ئىدى. چىنگىز قائان ئۈچىنچى ئوغلى ئوكتايخاننى ئۆزىنىڭ ۋارىسى قىلىپ كەلدى. بارلىق ئوغۇل نەۋرىلىرىنى ئۇنىڭ ئەمىر- ئىتائىتىگە تاپشۇردى. ئەجدات- ئاتا- بوۋىلىرىدىن قالغان تەۋەرۈك يارلىق- فارامىن ۋە دەستۇرۇل ئەمەل خەتلىرىنى ھەم قاراچار نويانى، ئالاھىدە ئەھدە فەيمەن (توختام – ت) ۋە قائىدە- يوسۇنلار ئارقىلىق چاغاتايغا تاپشۇردى.
    تولۇيخاندىنمۇ مەنگۇ قائان، قۇبلايخان، ھىلاكۇخان، ئارتىق بوكاخان دەپ تۆت ئوغۇل قالغان ئىدى. ئوكتاي قائان بۇ پايانسىز جاھان بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىن، چىنگىز قائاننىڭ پايتەختى مەنگۇ قائاننىڭ قولىغا ئۆتتى. ئۇ ھەر ئون كىشىنىڭ ئىچىدىن ئىككى كىشىنى لەشكەرلىككە ئېلىپ، بىر يۈز يىگىرىمە مىڭ كىشلىك قوشۇن تەييارلاپ، ئۇلارغا قۇبلايخاننى قوماندان قىلدى. قۇبلايخان بۇ زور ئالتانخان ئۈستىگە يۈرۈش قىلىشقا باستۇرۇپ كىردى ۋە بەزىدە غەلبە قىلىپ، بەزىدە مەغلۇپ بولۇپ، ئاخىرى تامامەن غەلبە قىلدى.
    خاقانى چىنىنىڭ «كاڭجاڭ» دىگەن بىر تارىخ كىتاۋى بولۇپ، بۇ ”خانلارنىڭ تارىخى“ دىگەن سۆز بولىدىكەن. خىتايلار ئەھلى تارىخىنى فۇڭ ئەۋلادىدىن باشلايدۇ. فۇڭ ئەۋلادىدىن ”تەيخۇفۇس“ دىگەن بىر كىشى بار ئىدى. بۇنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋاقتى ھەزرىتى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن ئىككى مىڭ يەتتە يۈز يىل كېيىن ۋە پەيغەمبەرنىڭ ھىجرەت يىلىدىن (مىلادى 622- يىلى – ت) ئۈچ مىڭ تۆت يۈز يىل ئاۋالقى دەۋرىگە توغرا كېلىدۇ. فۇڭ دىگەن ئادەم بولسا بىزنىڭ تارىخىمىزدىكى فۇدەك دىگەن ئادەم بولسا كېرەك. بىزنىڭ تارىخىمىزدا فۇدەك تۈركنىڭ ئوغلى، تۈرك بولسا يافەسنىڭ ئوغلى دەپ بايان قىلىنىدۇ. شۇڭلاشقا، فۇڭ بلەن فۇدەك بىر ئادەمنىڭ ئوخشىمىغان تىللاردىكى ئىككى خىل نامى بولسا كېرەك.


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.