-
2010-09-19
يالغانچىلىقنىڭ دەردى ئاز ئەمەس - [تەرمىلەر]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/75289006.html
دانىشمەن ئارىستوتىل ئۆز زامانىسىدىلا :‹‹ يالغانچىلىقنىڭ ئۆزىگە خاس مەنتىقىسى بار ، چىنلىقنىڭ بولسا پايانى يوق ھەم رەقىبىمۇ بولغان ئەمەس ›› دېگەنىدى . بۇ سۆزنىڭ ئاددى مەناسى: يالغانچىلىقنىڭ ئاۋارىچالىغى تولا، چىن سۆزلۈك ئادەمنىڭ ھوزۇر-ھالاۋىتى چەكسىز، دېگەنلىك بولسا كېرەك ، بەلكىم ھەرقانداق ئادەم بۇ ئىككى خىل ئەھۋالنىڭ پەرقىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ باققان بولسا كېرەك ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر نۇرغۇن ئالىم بۇ سۆزلەرنىڭ ھەقىقەتەن شۇنداق بولىدىغانلىغىنى نۇرغۇن ئىلمى ئاساس بىلەن دەللىللەپ بەردى .
يالغانچىلىق ۋە راستچىللىق چوڭ مېڭىدىمۇ ئوخشىمىغان ھالەتنى پەيدا قىلىدۇيالغان سۆزلەش ئۈچۈن مېڭىنى تېخىمۇ كۆپ ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى دەلىللەيدىغان پاكىت چوڭ مېڭە تەتقىقات ساھەسىدىن كەلگەن . چوڭ مىڭە ئىقتىدارىنى سۈرەتكە چۈشۈرۈپ ئانالىز قىلىش دوكىلاتىدا مۇنداق بايانلار بار : ئادەم راست گەپ قىلىۋاتقان ھەمدە يالغان سۆزلەۋاتقان چاغدىكى چوڭ مىڭە ھەركىتىدە ھەقىقەتەن چوڭ پەرق كۆرۈلىدۇ ، يەنى يالغان سۆزلىگەن چاغدا ھەركەتكە قاتنىشىدىغان چوڭ مىڭە رايونىنىڭ كۆپلىگى ئادەمنىڭ يالغان سۆزلەش ئۈچۈن زور كۈچ سەرپ قىلىدىغانلىغىنى شەكسىز دەللىللەپ بېرەلەيدۇ . چۈنكى ئادەم يالغان سۆزلىگەن چاغدا قۇيرىقىنى تۇتقۇزۇپ قويماسلىق ئۈچۈن، ئاغزىدىن چىقىۋاتقان سۆزگە بەك دېققەت قىلىدۇ . يالغان گەپ قىلىۋاتقان چاغدىن تارتىپلا ئانالىز ۋە ھۆكۈم قىلىش ھەركىتىنى باشلاپ ، ئۆزى قىلىۋاتقان سۆزنىڭ دائىرسىنى تەڭشەپ تۇرىدۇ ، ئەمما ئادەم راست گەپ قىلغاندا مۇنداق ئېھتىياتچانلىقنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ ، شۇڭا تەپەككۇرغا مەسئۇل چوڭ مىڭە ماڭلاي ياپرىقى بىلەن تىل ۋە ئەستە ساقلاشقا مەسئۇل چوڭ مىڭە رايونى بولغان چېكە ياپرىقى ئېغىزدىن يالغان گەپلەر چىقىۋاتقاندا تېخىمۇ چارچايدۇ .
يالغانچىلىق بىلەن ئۇششاق ھەركەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتى يوقھەرىكەت ئىلمى ساھەسىدىن كەلگەن تەتقىقات نەتىجىلىرى مىڭە ئىقتىدارىنى تەسۋىر چۈشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىسىنىڭ خاتاسى يوقلۇغىنى دەلىللىدى ، يەنى ئادەم يالغان سۆزلىگەندە بىز ئىلگىرى تەسەۋۋۇر قىلغاندەك ، ئۆزىمۇ سەزمەستىن كۆزىنى بەك كۆپ چىمىلداتمايدۇ ، بۇرنىنى سىلىمايدۇ ، بېشىنىڭ كەينىنى سىلىمايدۇ ياكى ئورنىدا ئولتۇرالماي قالىدىغان ئىپادىدە بولمايدۇ ، ھەر تۈرلۈك ئۇششاق ھەركەتلەرنى قىلمايدۇ ، ئەكسىچە راۋرۇس ئولتۇرۇپ ھىكايىسىنى ئېيتىۋېرىدۇ ، بەزىدە ھەتتا شۇنچىلىك سالماقۋە تېنچ ھالەتتەيالغان سۆزلەيدۇ . بۇ ئادەتتىكى بايانلارنىڭ دەل ئەكسىچە قاراش بولۇپ ، ئادەم يالغان سۆزلىگەندە زېھنىنى تېخىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ تەپەككۈر قىلىدىغانلىغىنى چۈشەندۈرىدۇ، شۇڭا ئادەم چوڭقۇر تەپەككۇرغا غەرق بولغاندا ، چوقۇم بەدەننىڭ ھەركىتىنى ئازايتىدۇ ، شۇنىڭدىلا روھى كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ تەپەككۈر قىلالايدۇ .
يالغان سۆزلەيدىغانلار يالغانچىلىغىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ، كۆزىنى چىمچىقلىتىش نىسبىتىنى ئاڭلىق ھالدا كونترول قىلىدۇ، بەزىدە بۇ ھالەت نورمال ھالەتتىدىكىدىنمۇ تۆۋەن بولىدۇ . شۇنىڭ بىلەن قوسىغىدىكى شەيتانغا سالماق بولۇپ ، سۇئال سورىغۇچىغا مىختەك قادىلىپ تۇرىدۇ ، بۇ چاغدىكى سالماقلىق ئادەتتىكىدىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك بولىدۇ . يالغانچىلار سۆز ھەركىتىنى ماسلاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلىگىنى ھىس قىلىپ يەتكەندە ، دائىم ئادەتتىكىدىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك ھەركەت بىلەن ماھىيەتنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ ، ئەڭ ئاددىسى قولىرىنى كۈچەپ سىلكىپ مەلۇم بىر نوقتىنى تەكىتلەيدۇ . بۇ بايانلاردىن كۆرۈپ يېتىشكە بولىدۇكى ، يالغان سۆزلەش ئۇنچىلىك ئاسان ئەمەس ، غايەت زور مېڭە قۇۋىتىنى خورىتىپلا قالماستىن يەنە ، يەنە تېخى ھەركەت سالمىقى چېكىدىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقى سەۋەپلىك مۇسكۇللىرىنى زەخمىلەندۈرىۋالىدۇ
收藏到:Del.icio.us
评论