ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-06-13

    مەھمۇد قەشقىرى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا (1) - [تەتقىقاتلار]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/40939810.html

    سەمەت دۇگايلى

     

    ئۇيغۇرلار ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت ياراتقان ۋە شۇ تۈپەيلىدىن زەبەردەست، بېجىرىم ياشاپ كەلگەن قەدىمىي مىللەت بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ شەكىللىنىشى، تەرەققىياتى ئۈستىدە ناھايىتى بۇرۇنلا غۇلغۇلىلار ئوتتۇرىغا چىققان. دۇنيانىڭ مۇھىم مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىكى ئەڭ نوپوزلۇق ئالىملار ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلغان. ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى، تىل - يېزىقى، ئۆرپ- ئادىتى، كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمىكىدىن تارتىپ يۈرۈش - تۇرۇشلىرىغىچە ئەھمىيەتلىك تەتقىقاتلار بىلەن شوغۇللانغان.

    مەھمۇد قەشقىرى ئۆزى ئۇيغۇر مىللىتىدىن كېلىپ چىققان گېگانت تىلشۇناس بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەينى چاغنىڭ ئۆزىدىلا ئۇيغۇر تەتقىقاتىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن. ئالەمشۇمۇل يىگانىسى «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا باشقا تۈركىي خەلقلەر ئۈستىدە سۆز قىلغاندا، ئۆز مىللىتى بولغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدىمۇ پاساھەتلىك جۈملىلەر بىلەن كىشىنى زوقلاندۇرىدىغان ئىبارىلەرنى ئىشلىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بۇيانقى ئورنىغا كاتتا، يۇقىرى باھالارنى بېرىپ ئۆتكەن.

    تۈركىي تىللار توغرىسىدا زامانىسىنىڭ ئەڭ مۇكەممەل سوستاۋى ۋە قائىدىلىرىنىلا تونۇشتۇرۇش مەقسىتى بىلەن تۈزۈلگەن دۇنياۋى نوپوزغا ئىگە شاھ ئەسەر «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا مەھمۇد قەشقىرى تۈركىي خەلقلەر توغرىسىدا، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى توغرىسىدا تەپسىلىي توختالمىغان بولسىمۇ، ئومۇمىي جەھەتتىن بايان بېرىپ ئۆتۈشنى زۆرۈر ھېسابلاپ مۇنداق مەلۇمات بېرىدۇ:

    «تۈركلەر ئەسلىي يىگىرمە قەبىلىدۇر. ئۇلارنىڭ ھەممىسى تەڭرى ئەزىز كۆرگەن نوھ پەيغەمبەرنىڭ ئوغلى ياپەس ۋە ياپەسنىڭ ئوغلى تۈرككە بېرىپ تاقىلىدۇ. بۇ رۇم ئەۋلادىنىڭ تەڭرى ئەزىز كۆرگەن ئىبراھىم پەيغەمبەرنىڭ ئوغلى ئىسھاق ۋە ئىسھاق ئوغلى ئىسۇ ۋە ئىسۇ ئوغلى رۇمغا بېرىپ تاقالغىنىغا ئوخشايدۇ. ھەر بىر تۈرك قەبىلىسىنىڭ بىر مۇنچە ئۇرۇقلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ سانى ئۇلۇغ تەڭرىنىڭ ئۆزىگىلا مەلۇم. مەن بۇلاردىن ئاساسىي ۋە ئانا قەبىلىلەرنى يازدىم. ئۇرۇق - ئايماقلىرىنى تاشلىدىم. كىشىلەردە ئوغۇز تۈركمەنلىرىنى بىلىشكە ئېھتىياج بولغانلىقى ئۈچۈن شۇلارنىڭلا ئۇرۇقلىرىنى، ماللىرىغا باسىدىغان تامغىلىرىنىمۇ كۆرسەتتىم. مەيلى مۇسۇلمان بولسۇن ياكى بولمىسۇن، رۇم ئۆلكىسىنىڭ يېنىدىن كۈنچىقىشقا قاراپ كەتكەن تەرتىپ بويىچە، شەرقتىكى تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ تۇرار جايلىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتتۈم. رۇمغا ھەممىدىن يېقىن جايلاشقان قەبىلە پەچچەنەك، ئاندىن قالسا قىپچاق، ئوغۇز، يەمەك، باشقرت، باسمىل، قاي، ياباقۇ، تاتار، قىرغىز قەبىلىلىرىدۇر. قىرغىزلار چىنغا يېقىن جايلاشقان. بۇ قەبىلىلەرنىڭ ھەممىسى رۇم ئۆلكىسى يېنىدىن شەرققە قاراپ شۇ تەرتىپتە سوزۇلغان. ئاندىن چىگىل، توخسى، ياغما، ئۇغراق، چارۇق، چومۇل، ئۇيغۇر، تاڭغۇت، خىتاي قەبىلىلىرىدۇر. خىتاي −− چىن دېمەكتۇر. ئاندىن تاۋغاچ، بۇ −− ماچىن دېمەكتۇر. بۇ قەبىلىلەر جەنۇب بىلەن شىمال ئوتتۇرىسىدا ياشايدۇ...» مەھمۇد قەشقىرى: «تۈركىي تىللار دىۋانى» 1 - جىلد (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ 1980 - يىل 8 - ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى) 37 -، 38 - بەت.

    مەھمۇد قەشقىرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا بەرگەن يۇقىرىقى مەلۇماتى ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسىنى باشقا تۈرك قەبىلىلىرى بىلەن بىللە بېرىپ - بېرىپ تۈرك −− ياپەس −− نوھ پەيغەمبەرگە تۇتاشتۇرىدۇ.

    نوھ پەيغەمبەر ئەسلىدە يەھۇدى دىنىدىكى قەۋملەرنىڭ مۇقەددەس كىتابى بولغان «تەۋرات» قىسسىلىرىدىكى شەخس بولۇپ، خىرىستىئان −− كاتولىك دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابى «ئىنجىل» مۇ، موسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس كىتابى بولغان «قۇرئان» مۇ ئۇنى ئۇلۇغلاپ تىلغا ئالىدۇ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى دەپ تونۇيدۇ. ئىلمىي ئىنسانشۇناسلىق ئىنسانلارنىڭ پەيدا بولۇشىنى بىر نوھ ئەلەيھىسسالامغا تۇتاشتۇرۇپ تەكشۈرۈشكە قوشۇلمايدىغانلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز. لېكىن، موسۇلمان مۇھىتىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن ئالىمنىڭ ئومۇمىي تۈس ئالغان ئىسلام تىئولوگىيىسىدىن چەتكە چىقىپ، ئىنساننىڭ پەيدا بولۇشى، ئۇرۇق - قەۋملەرنىڭ يېتىلىشى ۋە مىللەت بولۇپ شەكىللىنىشى توغرىسىدا دەۋردىن ھالقىپ تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلغىلى بولماسلىقىمۇ ھەممىگە چۈشىنىشلىك.

    يەنە بىر جەھەتتىن، ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» نى «تۈركىي تىلىنىڭ ئەرەب تىلى بىلەن بەيگىگە چۈشكەن ئىككى ئاتقا ئوخشاش تەڭ چېپىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىش ئۈچۈن» مەھمۇد قەشقىرى: «تۈركىي تىللار دىۋانى» 1 - جىلد (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ 1980 - يىل 8 - ئاي، ئۇيغۇرچە نەشرى) 5 -، 6 - بەتلەر.

    ھەمدە «(ئەرەب) كىشىلەردە ئۇغۇز تۈركمەنلىرىنى بىلىشكە ئېھتىياج بولغانلىقى ئۈچۈن شۇلارنىڭلا ئۇرۇقلىرىنى، ماللىرىغا باسىدىغان تامغىلىرىنىمۇ» مەھمۇد قەشقىرى: «تۈركىي تىللار دىۋانى» 1 - جىلد (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ 1980 - يىل 8 - ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى) 38 - بەت.

    كۆرسىتىش ئۈچۈن يازغان. باشقىلارنىڭ، شۇ قاتاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇقلىرىنى، تامغىلىرىنى بولسا يازمىغان.

    شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۇرۇقلىرىنى يازغان بولسا، بىزگە تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە كەڭ مەلۇماتلارنى ئېلىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن بولاتتى.

    شۇنداقتىمۇ، «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا ئۇيغۇرلارغا ئائىت مەلۇماتلار ئاز ئەمەس. بۇ مەلۇماتلار ئۇيغۇرلار تارىخىنىڭ ئىپتىدائىي دەۋرلىرىدىن بىر مۇنچە كېيىنكى ۋاقىتلارغا تەئەللۇق بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسىنى باشقا مەلۇماتلارغا سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن تولىمۇ پايدىلىق ئىمكانىيەتلەرنى يارىتىپ بېرىدۇ.

    «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا كۆپ تىلغا ئېلىنغان ئالىپ ئەرتۇڭا (ئافراسياپ) ئۇيغۇرلارنىڭ مىلادىدىن ئىلگىرىكى يەتتىنچى ئەسرنىڭ باشلىرىدا قۇرغان مەشھۇر تۇران ئېلىنىڭ خاقانى بولۇپ، مەھمۇد قەشقىرى ئالىپ ئەرتۇڭاغا مۇناسىۋەتلىك ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تۆۋەندىكىلەرنى يازىدۇ:

    «بارسىغان −− ئافراسياپ ئوغلىنىڭ ئىسمى، بارسىغان شەھىرىنى شۇ سالدۇرغان. مەھمۇدنىڭ ئاتىسى ئەنە شۇ شەھەردىن. بەزىلەر مۇنداق دەيدۇ: ئۇيغۇر خاقانىنىڭ بىر يىلقا باشقۇرغۇچىسى بولغان، بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى ياخشى بولغىنى ئۈچۈن، ئۇ شۇ يەردە يىلقا باققان، كېيىن بۇ يەر شۇنىڭ ئىسمى بىلەن بارسىغان ئاتالغان.» مەھمۇد قەشقىرى: «تۈركىي تىللار دىۋانى» 1 - جىلد (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ 1980 - يىل 8 - ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى) 11 - بېتىگە ئېلىنغان نەقىلگە قاراڭ.

     

    يۇقىرىقى بايانلاردىن ئۇيغۇرلارنىڭ مىلادىدىن ئىلگىرىكى يەتتىنچى ئەسىرلەردىلا خېلى زور سالماقنى ئىگىلەيدىغان ئىجتىمائىي پائالىيەتچى قەۋم بولۇپ ئۇيۇشۇپ بولغانلىقىنى، مۇنتىزم شەھەرلىشىش باسقۇچىغا يېتىپ، بارسىغاندەك باشچىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. تەكرارلىغاندا، بارسىغان مىلادىدىن ئىلگىرىكى 7 - ئەسىردىن بۇرۇن ياشىغان ئافراسياپ (ئالىپ ئەرتۇڭا) نىڭ ئوغلى ئىدى.

    ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا يەنە «ئۇيغۇر» ئاتالغۇسى توغرىسىدا مۇنداق ئىزاھات بېرىدۇ:

    «ئۇيغۇر» −− بىر ئەلنىڭ ئىسمى، ئۇنىڭ بەش شەھىرى بار، بۇ شەھەرلەرنى زۇلقەرنەين تۈرك خاقانى بىلەن پۈتۈم تۈزگەندىن كېيىن سالدۇرغان ئىكەن.

    ماڭا مۇھەممەد چاقىرتونقاخان ئوغلى نىزامىدىن ئىسرافىل توغان تېگىن ئۆز ئاتىسىدىن ئاڭلىغانلىرىنى سۆزلەپ بېرىپ مۇنداق دېگەن ئىدى: زۇلقەرنەين ئۇيغۇر ئېلىگە يېقىنلاشقاندا، تۈرك خاقانى ئۇنىڭغا قارشى تۆت مىڭ ئادەم ئەۋەتكەن. ئۇلارنىڭ قالپاقلىرىنىڭ قاناتلىرى لاچىن قاناتلىرىغا ئوخشايدىكەن. ئوقنى ئالدىغا قانداق ئاتسا، كەينىگىمۇ شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن ئاتىدىكەن. زۇلقەرنەين بۇلارغا ھەيران قاپتۇ ۋە <ئىنان خۇزخۇرەند −− بۇلار باشقىلارغا مۇھتاج بولماي، ئۆز ئوزۇقىنى ئۆزى تېپىپ يەيدىغانلار ئىكەن؛ بۇلارنىڭ قولىدىن ئوۋ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. قاچان خالىسا شۇ چاغدا ئېتىپ يېيەلەيدۇ> دەپتۇ. شۇنىڭدىن تارتىپ بۇ ئەل <خۇزخۇر> دەپ ئاتىلىپتۇ. كېيىن <خ> ھەرىپى <1 - ئېلىف> قا ئالماشقان. مۇنداق بوغۇز ھەرپلىرىنىڭ بىر- بىرىگە ئالمىشىشى، بولۇپمۇ <1 - ئىلىف> نىڭ <خ> غا ۋە <خ> نىڭ <1 - ئېلىف> قا ئالمىشىشى كۆپ ئۇچرايدىغان ھادىسە.

    مۇشۇ كىتابنى يازغان مەھمۇد ئېيتىدۇكى، بىزنىڭ بوۋىلىرىمىز بولغان ئەمىرلەرنىڭ <خەمىر> دېيىلىشى ئەنە شۇنىڭدىن كەلگەن. چۈنكى، ئوغۇزلار <ئەمىر> دېيەلمەي، <1 - ئېلىف> نى <خ> غا ئالماشتۇرۇپ <خەمىر> دەيدۇ. شۇڭا، تۈرك ئەللىرىنى سامانىي ئوغۇللىرىدىن ئالغان بوۋىمىزنى <خەمىر تېگىن> دەپ ئاتايدۇ. خۇددى <ئۇيغۇر> سۆزىدە كۆرسەتكىنىمىزدەك، بۇ يەردە <1 - ئېلىف> ھەرپى <خ> غا ئالماشقان.

    <خ> ھەرپى <1 ئېلىف> قا ئالمىشىش بىلەن بىللە، <خۇز> سۆزىدىكى <ز> ھەرىپىمۇ <ي −− يا> غا ئالماشقان. بۇ <ز> ھەرىپىنىڭ <ي −− يا> غا ئالمىشىشى تۈپ قائىدە. شۇنىڭدىن كېيىن، <خۇر> سۆزىدىكى <خ> ھەرىپى <غ> غا ئالماشقان. <غ> نىڭ <خ> غا، <خ> نىڭ <غ> غا ئالمىشىشى كۆپ ئۇچرايدىغان ھادىسە. خۇددى ئەرەبچىدە <خەتەرە> نى <غەدەرە> دېگەندەك.

    بۇ ئەلدە بەش شەھەر بار. ئۇنىڭ خەلقى ئەشەددىي كاپىرلار، ئەڭ ئۇستا مەرگەنل−ەردۇر. بۇ شەھەرلەر سۈلمى، بۇنى زۇلقەرنەين سالدۇرغان. قوچۇ، چانبالىق، بېشبالىق، ياڭىبالىق.» مەھمۇد قەشقىرى: «تۈركىي تىللار دىۋانى» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ 1980 - يل 8 - ئاي، ئۇيغۇرچە نەشرى) 1 - جىلد.

    يۇقىرىقىلاردىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقىرى گەرچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇق - ئايماقلىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتمىگىنى بىلەن، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا شۇنچە سەھىپە بىلەن ئەستايىدىل، تەپسىلىي توختالغان. زۇلقەرنەيىننىڭ تىلى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ چەۋەنداز، ئۇستا ئاتارمەن، ئەمگەكچان، ھالال ياشايدىغان ماھىيىتىنى كۆرسىتىپ، بوۋىلىرىدىن تارتىپ ئۆزىنىڭ مۇشۇ مىللەتكە تەۋە ئىكەنلىكىنى دۇدۇقلىماي، پەخىرلىنىش ھېسسىياتى بىلەن تەكىتلىگەن.

    «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلىيىتىگە دائىر بەرگەن يۇقىرىقى ئىككى مەلۇماتىدا بەزى ئېنىقسىزلىقلارمۇ يوق ئەمەس. بۇنى ئالىمنىڭ مۇسۇلمانچىلىق مەيدانىدا تۇرۇپ، شۇ دەۋردە تېخى مۇسۇلمان بولمىغان ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى ۋە زۇلقەرنەين توغرىسىدىكى پىكىرلىرىدىن بىلىۋالغىلى بولىدۇ.

    ئافراسياپ (ئالىپ ئەرتۇڭا) نىڭ ئوغلى سالدۇرغان بارسىغان شەھىرىنىڭ بەرپا قىلىنىشىنى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 7 -، 6 - ئەسىرلەردە دەپ قىياس قىلغاندا، شۇ زامانلاردىلا ئۆزىنىڭ ئېلى، خاقانى بولغان ئۇيغۇرلارغا ئارىدىن ئىككى - ئۈچ ئەسىر ئۆتكەندىن كېيىنكى زۇلقەرنەيننىڭ «خۇزخۇر» دەپ ئىسىم قويۇپ بېرىشى، بۇ ئىسىمنىڭ تاۋۇشلار ئالمىشىشى بىلەن ئاندىن «ئۇيغۇر» بولۇپ بېكىتىلىپ قېلىشى ئوتتۇرىسىدا ئانچە يېپىشىشچانلىق يۇق.

    ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، زۇلقەرنەين ئەرەبلەرنىڭ ماكىدونىيە ئېمپراتورى ئالكساندىر ماكىدونىسكى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 356 - يىلىدىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 323 - يىلىغىچە ياشىغان) گە قويغان ئەرەبچە ئىسىم ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىننى كۆرسىتىدۇ. ئىسكەندەر زۇلقەرنەيننىڭ ئىستىلا پائالىيىتىدىكى ئەڭ زور سەپىرى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 334 - يىلى كىچىك ئاسىياغا، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 332- يىل مىسىرغا، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 331 - يىل ئىككى دەريا ئارىلىقىغا تاجاۋۇز قىلىش بىلەن ئېلىپ بېرىلغان. دېمەك، ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قىلغان ھەربىي يۈرۈشى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 334 - يىلغا تەئەللۇق بولۇپ، بۇ چاغدا ئۇيغۇرلار «ئۇيغۇر» بولۇپ بولغانلىقىنى ئالىمنىڭ ئۆزى «بارسىغان» ئىزاھاتىدا قەيت قىلىپ ئۆتكەن.

    ئۇيغۇرلارنىڭ «سۈلمى» شەھىرىنى «زۇلقەرنەين تۈرك خاقانى بىلەن پۈتۈم تۈزگەندىن كېيىن سالدۇرغان» لىقىنىمۇ ئىسپاتلاشقا توغرا كېلىدىغاندەك تۇرىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، ئىسكەندەر زۇلقەرنەين (ئالكساندىر ماكىدونىسكى) توغرىسىدىكى پاكىتلىق تارىخي يازمىلاردىلا ئەمەس، ئىشەنچسىز مەلۇماتلاردىمۇ ئۇنىڭ مەھمۇد قەشقىرى كۆرسەتكەن شەھەر دائىرىسىگە كەلگەنلىكى ھەققىدە خاتىرە قالدۇرۇلمىغان.

    بۈيۈك تىلشۇناس ئالىم مەھمۇد قەشقىرى «ئۇيغۇر» نىڭ «خۇزخۇر» دىن ئۆزگىرىپ ياسالغان ئىسىم ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۈپ نۇرغۇن پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، تىلشۇناسلىق ساھەسى ھازىرغا قەدەر «ئۇيغۇر» ئاتالمىسىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى «ئۇيۇماق»، «ئۇيۇشماق»، «ئۇيۇغۇر» دىن كەلگەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە. بۇمۇ بىز ئۈچۈن ئۇستازىمىز مەھمۇد قەشقىرىنىڭ ئىزىنى بويلاپ چوڭقۇر ئىزدىنىشىمىزگە تېگىشلىك مەسىلە.

    نېمىلا بولمىسۇن، ئۆز دەۋرىدىن بىر مۇنچە ھالقىپ كەتكەن بۈيۈك ئالىم مەھمۇد قەشقىرىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى مەلۇماتى قەدىمىيلىكى، تەپسىلىيلىكى، ئىنچىكلىكلىكى جەھەتلەردىن تولىمۇ قىممەتلىكتۇر. بىر تەرەپتىن، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بىر مىللەت ھالىتىدە ئۇيۇشقان سىياسىي، ئىجتىمائىي كوللېكتىپ سۈپىتىدە مىلادىدىن ئىلگىرىكى 7 - ۋە 6 - ئەسىرلەردىلا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقىنى، شەھەرلەشكەن تۇرمۇش يولىغا كىرگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇ ئافراسىياپ (ئالىپ ئەرتۇڭا) نىڭ رىۋايەتتىكى شەخس بولماستىن، رېئاللىقتا بار ۋە داغدۇغا قوزغاپ ئۆتكەن مەشھۇر يولباشچى ئەرباب ئىكەنلىكىنى قايتا - قايتا پاكىت كۆرسىتىپ بايان قىلىپ، بىر مۇنچە چىگىشلەرنى ھەل قىلىپ بەردى. ئۇ سالدۇرغان شەھەرلەرنى، بۇ شەھەرلەرنىڭ ئورنىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ خاقانى ئىكەنلىكىنى، شۇ زامانلاردىلا مۇكەممەل، مۇنتىزم شەھەر بولۇپ قەد كۆتۈرگەن مەركىزىي شەھەر ئوردۇ كەنت قەشقەردە تۇرغانلىقىنى مەلۇم قىلدى. ئۇنىڭ ۋاپاتىغا بىلدۈرۈلگەن ئومۇمىي تەزىيە ۋە مەرسىيىلەردىن پارچىلارنى كۆرسىتىپ ئۆتتى. يەنىمۇ مۇھىمى، ئافراسياپ (ئالىپ ئەرتۇڭا) نىڭ مىللەت تەۋەلىكىنى قەتئىي تۈردە «ئۇيغۇر» دەپ ئېلان قىلدى. ئافراسياپ (ئالىپ ئەرتۇڭا) نىڭ ئوغلى بارسىخاننىڭ دادىسىنىڭ ئورنىغا ۋارسلىق قىلغانلىقى، دادىسىنىڭ ئىزىنى بېسىپ، ئوخشاشلا شەھەرلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، شەھەرلەرنى سالدۇرغانلىقى، دادىسى باشقۇرغان دائىرىنى داۋاملىق ئۆز ئىلكىدە تۇتۇپ ئۆتكەنلىكىنى ئەمەلىي پاكىتلار بىلەن بايان قىلىپ بەردى.

    بۈيۈك ئالىم ئۇيغۇرلار ئۈستىدە سۆزلىگىنىدە ئۇنى «بىر ئەلنىڭ ئىسمى»، ھەم «بىر مىللەت» نىڭ نامى دەپ ئالاھىدە ئەسكەرتكەن. تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن چىقىپ، ئۇيغۇر تىلى ئوق يىلتىز ھېسابلانغان خاقانىيە تىلىنى شاخلىتىپ، باشقا تىللارنى خاقانىيە تىلى دائىرىسىدە تەتقىق قىلغان بولسا، مىللەتشۇناسلىق مەيدانىدا تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشىنى يورۇتۇپ بېرىشكە ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلغان. يۇقىرىدا كۆرسىتىلگىنىدەك، ئۇنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا ئوتتۇرىغا قويغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بايانلىرى ناھايىتى ھاياجانلىق، مەردانە ۋە تېلىققان ھېسسىياتتىن ئۇرغۇپ چىققان يۈرەك سۆزلىرىدۇر.

    ئىلىم ساھەسى مەلۇم ھەقىقەتنى ئىسپاتلاشتا كۆپ مەنبەلىك ھۆججەتلەرنى ئىشەنچلىك ھېسابلايدۇ. مەھمۇد قەشقىرى ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇشتا شۇنداق قىلغان. ئەمدى بىزمۇ بۈيۈك بوۋىمىز مەھمۇد قەشقىرى ئوتتۇرىغا قويغان ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشى، مىللەت بولۇپ شەكىللىنىشىگە دائىر مەلۇماتلارنى ئۇيغۇرلاردىن تاشقىرى يېزىلغان باشقا مەنبەلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئىزدىنىپ كۆرەيلى.

    بۇنداق مەنبەلەر ئەرەبچە، پارسچە ۋە خەنزۇچە يازمىلاردۇر. بۇ مەنبەلەرنى تەكشۈرۈپ چىقىش تەبىئىيكى مەھمۇد قەشقىرى مەلۇماتلىرىنىڭ ئابرويىنى ئۆستۈرىدۇ.

    مەنبە:شىنجاڭ تارىخ-مەدىنيىتى ژورنىلى.


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.