ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-06-13

    سەيپىدىن ئەزىزى رۇبائىلىرى - [تەرمىلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/40942084.html

    پۇشايمان بىلەن قولۇمغا قەلەم ئالدىم،
    رۇبائىيغا غەزەل تىزىپ، مىسرا يازدىم.
    كۆز ئالدىمغا كەلدى جىمى كەچمىشلىرىم،
    ۋاراقلاردىن ئارمان بىلەن ساۋاق قازدىم.

    قانچىكى كايىساڭ مەيلى جانانىم،
    ۋەدىلەر بوش كەتتى، قالدى ئارمانىم.
    سېھىرگەر رەقىپلەر بويىدى كۆزنى،
    ھالىمغا يەتمىسەڭ تۈگەر بۇ جانىم.

    ئويلىسام سۈت بەرگەن ئامراق ئانامنى،
    ھەم ئەلەم، ھەم قەلەم بەرگەن ئاتامنى؛
    يۈزلىرىم قىزىرىپ يەرگە باقىمەن،
    يادلايمەن يول سېلىپ ئۆتكەن بوۋامنى.

    بىر زامان ئۆزۈڭ گويا بىر خان ئىدىڭ،
    ئۆزگىگە سالماي قۇلاق «نادان» ئىدىڭ.
    «
    مەنلا بار دۇنيادا» دەپ يۈرگەن بىلەن،
    دۆت ئىدىڭ، ئەخمەق ئىدىڭ، نادان ئىدىڭ

    ئۆيمۈشنى ئەسلىسەڭ جىق قانلىق ساۋاق،
    ئەل خارلاندى، سۇندى ئاخىر ئالتۇن تاۋاق.
    ھىيلىگەرلەر بۇلاپ-تالاپ بوغدى ئەلنى،
    تارتقۇلۇقتا دىيار بولدى ياۋغا تاۋاق.

    ېلىشتىم ئەل ئۈچۈن، بېجىردىم پەرمان،
    قالغۇچە تېنىمدە يارارلىق دەرمان.
    ۋە لېكىن مۇرادقا يېتەلمەي قالدىم،
    قېپقالدى كۆڭۈلدە نى بۈيۈك ئارمان.


    پادىچى ۋاقتىڭدا ياخشى دوست ئىدىڭ،
    قەدىردان بولىمىز ئەبەدىي، دېدىڭ،
    چاققاندا ياڭاقنى كۆزگە ياغ تولۇپ،
    ئۇنتۇدۇڭ دوستۇڭنى، كۆك تاشقا مىندىڭ.

    مىلتىق بولۇپ، بولمىغاندا توغرا نىشان،
    تۇلپار بولۇپ، بولمىغاندا يۈگەن، ئارقان؛
    خۇرۇچ بولۇپ بولمىغاندا ئوچاق، قازان،
    ساۋاق شۇكى، تىرىشساڭمۇ بىكار ھامان.

    ئانا تىل يولىغا قازمىغىن قانال،
    خالايىق ئۆتەلمەي بولمىسۇن مالال.
    سۆزۈڭنى كىشىلەر چۈشەنسۇن دىسەڭ،
    خەلقنىڭ تىلىنى قىلمىغىن قامال.

    قالدى ئۇ گۆدەكلىكىم بەك يىراقتا،
    چۈشۈمدىن چىقمايدىغان يۇرت - ئازاقتا.
    گاھ ئوڭغا، گاھى سولغا مېڭىپ ئۆتتۈم،
    ۋىسالغا يېتەلمەي ئۆمرۈم دەرد - پىراقتا.

    يەنە جىق داۋانلار ئاشارمەن، دەپتىم،
    پەللىنىڭ ئىشىكىنى ئاچارمەن، دەپتىم.
    يولۇمغا مىخ قېقىپ توزاق قويدى، ئاھ !
    ئەل بىلەن كەڭتاشا ياشارمەن، دەپتىم.

    تۇمۇچۇق ۋىچىلداپ ئۇندەيدۇ ماڭا،
    دەيدۇ ئۇ: «بۇ قەسىر كېرەكسىز ساڭا.
    قەپەستىن-قەسىردىن كېتەيلى بىللە،
    پەللىدە بار تىلەك، يېتەيلى ئاڭا».

    ئادەم ئۇ ئاخىرى بىر ئوچۇم تۇپراق،
    كەتتىمۇ، ئەبەدكە كەلمەيدۇ بىراق.
    شۇ ئوچۇم تۇپراقتىن ئۈنەر قىزىل گۈل،
    ۋە ياكى شۇمبۇيا، ۋە ياكى يانتاق.

    بوۋاڭنىڭ سۆزىنى ئورۇنسىز يەشمە،
    غەيرىيلەر تىلىدىن سۆز قوشۇپ ئەشمە.
    ئەشمەڭنى خالايىق چۈشەنمسە گەر،
    يەشمەڭگە كەتمەسمۇ يەنە بىر يەشمە؟

    سەيپىدىن ئەزىزى

     

    مەنبە: ئەلتۇزەر بىلوگى


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.