ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-06-13

    مەھمۇد قەشقىرى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا (3) - [تەتقىقاتلار]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/40939984.html

     

    سەمەت دۇگايلى

    خەنزۇچە يازما مەنبەلەر ئۇيغۇرلار توغرىسىدا  

     ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىغا ئائىت ئەڭ باي، ئەڭ ئەتراپلىق ۋە بىر قەدەر مۇكەممەل خاتىرىلەر خەنزۇچە يازمىلاردا خاتىرىلەنگەن. ئۇيغۇرلار ئىپتىدائىي جامائە باسقۇچىدىن تارتىپلا خەنزۇ مىللىتىنى شەكىللەندۈرگەن ئۇرۇقداشلىق جامائەلەر بىلەن بەزىدە يېقىنلىشىپ، بەزىدە ئارىلىشىپ ياشىغانلىقتىن، خەنزۇچە مەنبەلەر بۇ خىل ئىجتىمائىي ھادىسىنى يېزىق ئارقىلىق ئىپادە قىلىپ تۇرغان. تارىخشۇناسلارغا خەنزۇچە يازما مەنبەلىرىدەك مول پاكىت بىلەن تەمىنلىگەن باشقا بىر ئاساس كەم تېپىلىدۇ.

    ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت بولۇپ شەكىللىنىش مەنبەسىنى چىغاناق پۈتۈك يازمىلىرىغىچە تەكشۈرۈپ كۆرۈشكە بولىدۇ. بىزگە ئېنىقراق، كۆپ ئىزاھات ۋە چۈشەندۈرۈشسىز مەلۇم بولغان بايانلارنى مۇكەممەلرەك خاتىرىگە ئالغان «شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى» دىن كۆرۈشكە بولىدۇ. ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارغا رەسمىي ئىسىم قويۇلۇپ سەھىپە ئاجرىتىلغان. ئۆزىدىن ئىلگىرىكى مەنبەلەرنى ئاساس قىلىپ تۈزۈلگەن «تاڭ سۇلالىسىنىڭ يېڭى تارىخى. ئۇيغۇرلار ( 回纥 ) تەزكىرىسى» بۇ ھەقتە مۇنداق مەلۇمات بېرىدۇ:

    «يۈەن خېلەر ( 袁纥 ) يەنە ۋۇخۇ ( 乌护 )، ۋۇ خې ( 乌纥 ) دەپ ئاتىلاتتى. سۈي سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە ۋېيخې ( 韦纥 ) دەپ ئاتىلىدىغان بولدى... ۋېيخې (  韦纥 ) لار بارغۇت (بوغۇ)، تۇڭرا، بايىرقۇلارنى ئۆزىگە قوشۇپ، ئۆزلىرىگە ئېركىن نامى بېرىپ ئۇيغۇر ( 回纥 ) ئاتالدى.» جۇۋېيجۇ: «يەنە شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشى مەسىلىسى توغرىسىدا»، «غەربىي شىمال تارىخي ماتېرىياللىرى»، 1981 - يىل 2 - سان.

     

    «مىلادى 4 - ئەسىردىن باشلاپ، سىبىرىيىدىكى بايقال كۆلىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان شەرقىي تېلې ( 东部铁勒 ) لار ئىچىدە يۈەنخې ( 袁纥 ) ياكى ۋېيخې ( 韦纥 ) لار بار ئىدى. ئېرتىش دەرياسى ۋە بالقاش كۆلى ئارىلىقىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان غەربىي تېلې ( 西部铁勒 ) لار ئىچىدە ۋۇخۇ ( 乌护 ) ياكى ۋۇخې ( 乌纥 ) لار بار ئىدى. يېزىلىشى ئوخشىمىسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئۇيغۇرلار ( 回纥 ) نىڭ باشقىچە تەلەپپۇز قىلىنىشى ... ئۇيغۇرلار مىلادى 788 - يىلى ئۆز ئىسمىنىڭ خەنزۇچە يېزىلىشىنى  回鹘  (خۇيخۇ) غا ئۆزگەرتكەن.» سىماپىڭ: «ئۇيغۇرلار تارىخى توغرىسىدا قىسقىچە بايان»، «تارىخ ئوقۇتۇشى مەسىلىلىرى»، 1958 - يىل 1 - سان.

    يۇقىرىقىلاردىن كۆرۈش مۇمكىنكى، خەنزۇچە يازما مەنبەلەر مىلادى 4 - ئەسىردىن بۇرۇنلا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا خاتىرە قالدۇرۇشقا كىرىشكەن.

    بۈيۈك ئالىم مەھمۇد قەشقىرى تەۋە بولغان قاراخانىيلار خاندانلىقى ئېلىمىزنىڭ سۇڭ سۇلالىسى ھۆكۈم سۈرگەن دەۋرگە توغرا كېلىدۇ. مۇشۇ دەۋرلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىيىتىدە ناھايىتى زور ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، ئۇلار ئاللىقاچان شىنجاڭ رايونى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شەرقىي، شەرقىي شىمالىي قىسىملىرىغا جايلىشىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان، گەرچە يۇقىرىقى جايلارنىڭ شىمالىدا ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى غەربىي ۋە غەربىي جەنۇبىدا قارا خانىيلار خاندانلىقى بولۇپ بۆلۈنۈپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن بولغان باردى - كەلدىسى بىر مەھەل قىتانلارنىڭ لياۋ سۇلالىسى ۋە تاڭغۇتلارنىڭ غەربىي شيا خاندانلىقى تەرىپىدىن ئۈزۈپ قويۇلغان بولسىمۇ، يەنە ھەر خىل ئاماللار بىلەن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئالاقىلىشىپ تۇرغان. بۇنى «سۇڭ سۇلالىسى تارىخى» نىڭ يازما پاكىتلىرى بىلەن ئىسپاتلاش مۇمكىن:

    سۇڭ سۇلالىسىنىڭ ئەلچىسى ۋاڭ يەندې مىلادىنىڭ 981 - يىلى بېشبالىق ۋە قوچۇغا كېلىپ «قوچۇغا سەپەر» ناملىق خاتىرە يېزىپ قالدۇرغان. ئۇنىڭدا مۇنداق بايانلار بار:

    «قوچۇ غەربىي ئايماق (شىجۇ) مۇ دېيىلىدۇ... قار - يامغۇر ياغمايدۇ. لېكىن بەك ئىسسىق بولىدۇ... تەيپىڭ تيەنگونىڭ 7 - يىلى (مىلادى 982 - يىلى −− ئا) 4 - ئايدا ئارسلانخان بېشبالىققا سالقىنلىغىلى كېتىپ، ئۇنىڭ تاغىسى ئاتا ئېل ئۆگەسى دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ تۇرغانىكەن... ئېل ئۆگەسى ئادەم ئەۋەتىپ ۋاڭ يەندېگە ئېھتىرام بىلدۈردى ۋە ئۇنىڭدىن: ئۇ خاننىڭ تاغىسى، <ئەلچى نېمىشقا كېلىپ تازىم قىلمايدۇ؟> دەپ سورىدى. ۋاڭ يەندى جاۋاب بېرىپ: <مەن ئوردا (سۇڭ سۇلالىسى ئوردىسى −− ئا) نىڭ بۇيرۇقى بىلەن كەلدىم. تازىم قىلسام ياراشمايدۇ.> دېدى. <خاننىڭ ئۆزىنى كۆرسەڭ تازىم قىلامتىڭ؟> دېگەندە، ۋاڭ يەندى <رەسىم - يوسۇن بويىچە تازىم قىلسام بولمايدۇ> دەپ جاۋاب بەردى. ئاتا ئېل ئۆگەسى بىر نەچچە كۈندىن كېيىن چىقىپ كۆرىنىش بەردى ۋە ئاندىن رەسمىي يوسۇن بويىچە ئىززەت - ھۆرمەت قىلىشتى... بۇ ئەلنىڭ زېمىنى جەنۇبتا خوتەنگىچە، غەربىي جەنۇبتا ئەرەب، پىرسىيىلەرگىچە تۇتىشىدىكەن. غەربىي ھىندىستانغىچە بارىدىكەن. پىشاۋۇر، قارلىق تاغ، پامىرغىچە سوزۇلغان مىڭ چاقىرىملىق ... زېمىنى ئىچىدە جەنۇبىي تۈركلەر، شىمالىي تۈركلەر، چېگىللەر، ياغمىلار، قارلۇقلار، قىرغىزلار، توخارلار، ساكلار، گېتالار... دەپ ئاتىلىدىغان نۇرغۇن مىللەتلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىكەن.» «سۇڭ سۇلالىسى تارىخى. قۇچۇ تەزكىرىسى <قۇچۇغا ئەلچىلىككە بېرىش سەپىرى> ياقا قەۋملەر، كۇچا» غا قاراڭ.

    سۇڭ سۇلالىسىنىڭ خانى جىنزۇڭنىڭ شيەنپىڭ 4 - يىلى (مىلادى 1001 - يىلى −− ئا) «بۈيۈك ئۇيغۇر خانلىقىدىكى كۇچا خانلىقىنىڭ −−− ئەنشىدىكى چوڭ تۇتۇق مەھكىمىسىنىڭ تەڭرىقۇتى كۈنخان ئۇتۇقيار سۇڭ سۇلالىسى ئوردىسىغا ئەلچى ئەۋەتىپ سوۋغا تەقدىم قىلغان.» «سۇڭ سۇلالىسى تارىخىدىن مۇھىم تەپسىراتلار»

    بۇ ئەلچى مۇنداق دېگەن: «پېقىر خانلىقىمىزنىڭ مەخپى ئەلچىسى بولۇپ كەلدىم. خانلىقىمىز شەرقتە خۇاڭخې دەرياسىغىچە، غەربتە قارلىق تاغقىچە يۈزلىگەن كىچىك ئايماقلارنى باشقۇرىدۇ. كۆندۈرۈلگەن خىل ئاتلىرىمىز ناھايىتى كۆپ. ئوردا پېقىرغا قوماندانلىق قىلىشنى ئىلتىپات قىلسا داڭشياڭ (مىللەت ئىسمى −− ئا) ياۋۇزلىرىنى قوغلىۋېتىپ تۆھپە تەقدىم قىلسام.» «سۇڭ سۇلالىسى تارىخىدىن مۇھىم تەپسىراتلار»

     

    مىلادى 1009 - يىلى خوتەن «قاراخانى» سۇڭ سۇلالىسى ئوردىسىغا ئەلچى ئەۋەتكەن. «سۇڭ سۇلالىسى تارىخى» 490- جىلد «خوتەن تەزكىرىسى» بۇ ئىشنى مۇنداق يازىدۇ: «داجۇڭ شياڭفۇنىڭ 2 - يىلى (مىلادى 1009 - يىلى −− ئا) خوتەن قاراخانى ئارسلان سانغۇن قاتارلىق ئۇيغۇرلارنى سوۋغات، مال - مۈلۈكلەر بىلەن ئوردىغا ئەۋەتكەن. سانغۇن يۈكىنىپ ئولتۇرۇپ: <كەمىنە ۋەزىر ئون مىڭ چاقىرىملاپ يىراق يولدىن ئوردىغا كېلىپ، قۇياشتەك جامالىڭىزنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇم. ئون مىڭ ياشقا كىرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. يىراقتىن كەلگەن بىزگە ئىگە بولۇپ قويۇڭ.> دېدى. خان ئالىيلىرى قانچىلىق ۋاقىت يول يۈرگەنلىكىنى، يولنىڭ قانچە چاقىرىم كېلىدىغانلىقىنى سۈرۈشتۈردى. ئەلچى جاۋاب بەردى: بىر يىل سەپەر قىلدۇق، كۈندۈزى يول مېڭىپ، كېچىسى ئارام ئالدۇق. ئارىلىقنىڭ قانچە چاقىرىم كېلىدىغانلىقىنى بىلەلمىدۇق. بۇرۇنقى چاغلاردا يول - يوللاردا قاراقچى - بۇلاڭچىلار بۇلاڭ - تالاڭ قىلاتتى، ھازىر گۇاجۇ (ھازىرقى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ ئەنشى ناھىيىسى −− ئا)، شاجۇ (ھازىرقى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ دۈنخۇاڭ شەھىرى −− ئا) دىن خوتەنگە بارغىچە يوللار تىنچ، ئەمىن، سەپەرچىلەر ئېقىن سۇدەك ئايىقى ئۈزۈلمەيدۇ.»

    ھازىرقى شىنجاڭ رايونىدىكى خانلىقلارنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەركىزى ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان باردى - كەلدى مۇناسىۋىتى ۋە ئولپان تاپشۇرۇشلىرى ھەققىدە سۇڭ سۇلالىسى بىلەن لياۋ سۇلالىسى تارىخلىرىدىكى يازمىلار يۇقىرىقى ستاتىلاردىكى مەلۇماتلار بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. بۇلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ بايان قىلغاندا مۇنۇلارنى كۆرۈشكە بولىدۇ:

    قوچۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن سۇڭ سۇلالىسى ئوتتۇرىسىدا تاڭغۇتلارنىڭ شىشيا خاندانلىقى بىلەن قىتانلارنىڭ لياۋ سۇلالىسى توغرا تۇرۇۋالغانلىقتىن، قوچۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قىتان لياۋ سۇلالىسى بىلەن بولغان ئالاقىسى كۆپىيىپ، سۇڭ سۇلالىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئاجىزلىشىپ بارغان. «لياۋ سۇلالىسى تارىخى» ئارقىلىق مەلۇم بولۇشىچە، قوچۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن لياۋ سۇلالىسى ئوتتۇرىسىدىكى بېرىش - كېلىش مىلادى 960- يىللىرىغىچە بىر قېتىم، مىلادى 970 - يىللىرىغىچە ئىككى قېتىم، مىلادى 980 - يىللىرىغىچە ئۈچ قېتىم، مىلادى 990 - يىللىرىغىچە ئۈچ قېتىم، مىلادى 1000 - يىللىرىغىچە ئىككى قېتىم، مىلادى 1010 - يىللىرىغىچە بىر قېتىم، مىلادى 1020 - يىللىرىغىچە بىر قېتىم، مىلادى 1040- يىللىرىغىچە ئىككى ئىككى قېتىم، مىلادى 1050 - يىللىرىغىچە ئىككى قېتىم، مىلادى 1060- يىللىرىغىچە بىر قېتىم خاتىرىگە ئېلىنغان. ئەنبۇجيەنفۇ (ياپونىيىلىك) نىڭ «غەربىي ئۇيغۇر خانلىقى تارىخى ئۈستىدە تەتقىقات» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ 1985 - يىل 12 - ئاي، خەنزۇچە 1 - نەشرى) گە قاراڭ.

    ئەمدى كۇچاغا كەلسەك، كۇچا خانلىقىنىڭ ئەلچىلىرى باشقا بىر يول بىلەن بېرىپ كەلگەن بولسا كېرەك، ئۇلارنىڭ سۇڭ سۇلالىسى ئوردىسىغا بېرىشى كۆپەيگەن. يەنى مىلادى 1000 - يىلى بىر قېتىم بارغان بولسا، مىلادى 1010 - يىلىغىچە ئىككى قېتىم، مىلادى 1020 - يىلىغىچە ئۈچ قېتىم، مىلادى 1040 - يىلىغىچە ئىككى قېتىم، مىلادى 1070 - يىلىغىچە تۆت قېتىم بارغان. ئەنبۇجيەنفۇ (ياپونىيىلىك) نىڭ «غەربىي ئۇيغۇر خانلىقى تارىخى ئۈستىدە تەتقىقات» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ 1985 - يىل 12 - ئاي، خەنزۇچە 1 - نەشرى) گە قاراڭ.

    «سۇڭ سۇلالىسى تارىخى» دا بۇ ئەلچىلەر بۇرۇنقىدەكلا «بۈيۈك ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ كۇچادىكى خانى» نىڭ ئەلچىسى دەپ خاتىرىلەنگەن. مىلادى 1090 - يىلى كۇچادىن بارغان ئەلچىنى «كۇچادىكى ئارسلان خانلىقى» نىڭ چوڭ خانى ئارسلان قاتارلىق ئۈچ كىشى كەلدى، دەپ يازغان. ئارسلان قاتارلىق بۇ ئۈچ كىشى قاشتېشىدىن ياسالغان بۇتنى ئېلىپ بارغان. «سۇڭ سۇلالىسى تارىخىنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرى. تارىختىن بۇيانقى ئولپانلار» نىڭ «شىنزۇڭ شىنىڭنىڭ 7 - يىلى» ۋە «جېزۇڭ جاۋشېڭنىڭ 3 - يىلى» قىسىملىرىغا قاراڭ.

    خوتەندىكى ئارسلانخاننىڭ ئەلچىلىرى يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن مىلادى 1009 - يىلىدىن كېيىنمۇ سۇڭ سۇلالىسى ئوردىسىغا بېرىشنى ئۈزۈپ قويمىغان. «سۇڭ سۇلالىسى تارىخى. خوتەن تەزكىرىسى» دە يېزىلىشىچە، كۇچادىكى ئارسلانخان سۇڭ سۇلالىسى بىلەن قىزغىن مۇناسىۋەت باغلاپ يۈرگەن ئاشۇ بىر ئەسىر ئىچىدە، خوتەندىكى ئارسلانخانمۇ يەنە مىلادى 1063 - يىلى، مىلادى 1087- يىلى ۋە مىلادى 1096 - يىللىرى سۇڭ سۇلالىسى ئوردىسىغا ئەلچى ئەۋەتكەن. ئەنبۇجيەنفۇ (ياپونىيىلىك) نىڭ «غەربىي ئۇيغۇرخانلىقى تارىخى ئۈستىدە تەتقىقات» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ 1985 - يىل 12 - ئاي خەنزۇچە 1 - نەشرى) گە قاراڭ.

    «سۇڭ سۇلالىسى تارىخى» ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مۇنداق خۇلاسە چىقىرىدۇ: «ئۇيغۇرلار غەربكە كەتكەندە قەبىلىلىرى چېچىلىپ كەتكەن. (ئۇلارنىڭ) گەنجۇ (خېشى) دا بىر خانى بار، شىجۇ (قوچۇ) دا بىر خانى بار، يېڭى فۇجۇ (خوتەن) دە قاراخانى بار، ئۇلار ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى.» ئەنبۇجيەنفۇ (ياپونىيىلىك) نىڭ «غەربىي ئۇيغۇرخانلىقى تارىخى ئۈستىدە تەتقىقات» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ 1985 - يىل 12 - ئاي خەنزۇچە 1 - نەشرى) گە قاراڭ.

    يۇقىرىقى مەلۇماتلاردىن مەلۇمكى، مەيلى قوچۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى ياكى جەنۇبتىكى قاراخانىيلار خاندانلىقى بىر مەركەزگە مۇقىم، ئۇيۇل ئۇيۇشقان، ئۆز ئالدىغا بولسىمۇ بىرلىككە كەلگەن ئۇيغۇر خانلىقى شەرتىنى ھازىرلىمىغاندەك تۇرىدۇ. بۇددىست كۇچا خانلىقىنىڭ ئۆزىنى «ئارسلانخان» ئاتىشى ياكى ئەلچىلىرىنى «ئارسلان» نامى بىلەن سۇڭ سۇلالىسى ئوردىسىغا ئەۋەتىشى، ئۇنىڭ بېشبالىقنى مەركەز قىلغان ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىغا قارام ئەمەسلىكىنى كۆرسەتسە، خوتەندىكى ئۇيغۇر خانىنىڭمۇ ئۆزىنى «قاراخان» ئاتىشى، ئۇنىڭ قاراخانىيلار خاندانلىقىدىن بۆلىنىش ئىستىكىدە ئىكەنلىكىدىن بىشارەت بېرىدۇ. ھېچبولمىغاندا، مىلادى 11 - ئەسىردىن باشلاپ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىمۇ، قاراخانىيلار خاندانلىقىمۇ نەزەرىيە جەھەتتىن بىر پۈتۈنلۈكىدىن مەھرۇم بولۇشقا، سۇڭ سۇلالىسى ياكى لياۋ سۇلالىسىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش قەدىمىنى بېسىشقا كىرىشكەن. سۇڭ سۇلالىسى بولسا بۇ بۆلۈنمە خانلىقلارنىڭ ھېچبىرىگە يان باسماي، ھەممىسىنى ئەسلىدىكى «ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ كېينكى ئەۋلادلىرى» دەپ تونۇغان. بۇنى باشقىچە چۈشەندۈرۈگىلى بولمايدۇ.

    بۈيۈك ئالىم مەھمۇد قەشقىرى ئۆزىنىڭ ئالەمشۇمۇل يىگانىسى «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا نېمە ئۈچۈن شۇنچىۋالا كەڭ دائىرىلىك مەلۇماتلار توغرىسىدا سۆزلىگەن تۇرۇقلۇق، خانلىقنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى توغرىسىدا گەپ قىلماي ۋە بىشارەت خاراكتېرلىك بولسىمۇ ئۇچۇر بەرمەي ئۆتۈپ كەتتى؟

    بۇ مەسىلىگە ئاسانراق جاۋاب بېرىش ئۈچۈن، مەھمۇد قەشقىرىنىڭ تارىخشۇناس، سىياسىئون بولماستىن تىلشۇناس ئىكەنلىكىنى، تۈركىي تىللارنى ئىچكى جەھەتتە ئۆزئارا، ئومۇمىي خاقانىيە تىلىنى ئەرەب تىلى بىلەن سېلىشتۇرۇش ئۈچۈن «تۈركىي تىللار دىۋانى» نى تۈزۈپ چىققانلىقىنى تەكرار بايان قىلىش كۇپايە قىلىدۇ. ئەمما، ئەستايىدىل ۋە چوڭقۇرراق ئانالىز قىلىپ، «تۈركىي تىللار دىۋانى» نى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ چىقىدىغان بولساق، «تۈركىي تىللار دىۋانى» ئۆز ئىچىگە ئالغان مول، ئەتراپلىق مەزمۇنى بىلەن سېلىشتۇرما تىللار دىۋانى بولۇشتىن تاشقىرى، يەنە ئۆز ئىچىگە ئالغان تىل سۆزلەملىرىنىڭ ئىزاھاتلىق لوغىتى ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىدۇ. دەل ئاشۇ سۆزلەملەرنىڭ ئىزاھاتلىرى مۇئەللىپ مەھمۇد قەشقىرىنىڭ ئاددىي ئادەم ئەمەسلىكىنى، «سامانىيلار قولىدىكى سەلتەنەتنى تارتىپ ئالغان» لارنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى، مۇشۇ مەنىدىن ئالغاندا، ئۇنىڭ خان جەمەتىگە تەۋە مۇھىم شەخس بولۇشىدەك سالاھىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئۇنىڭدا سىياسىئونلۇق، ھەربىي قوماندانلىق، دىپلوماتلىق شەرتلىرى ھازىرلانغان بولىدۇ. خان جەمەتىگە تەۋە مۇھىم شەخس بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ قاراخانىيلار خاندانلىقىنىڭ ئوردا كۇتۇبخانىسىدىكى ھەر خىل يازما مەنبەلەر بىلەن كەڭ - كۇشادە ئۇچرىشالايدۇ. بۇ تەبىئىيكى، ئۇنىڭ تارىخ، جۇغراپىيە، ئاسترونومىيە، تېبابەت، تىل، مىللەت - قەۋملەر چۈشەنچىسىنى زور دەرىجىدە چوڭقۇرلاشتۇرغان. بۇ «تۈركىي تىللىق قەۋملەرنىڭ تىلىنى تەكشۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن» ئالاھىدە ئاتلىنىپ چىقىپ «رۇمدىن سىبىرگىچە بولغان» شۇنچە كەڭ، ئۇزۇن مۇساپىنى بىۋاسىتە مېڭىپ سەپەر قىلىش ئېھتىياجى ۋە زۆرۈرىيىتىنى ئازايتقان.

    ئەمدى ئۇنىڭ «سۇڭ سۇلالىسى تارىخى» بايان قىلغان «گەنجۇدا بىر خانى، قوچۇدا بىر خانى، كۇچادا بىر خانى، خوتەندە بىر قاراخانى بار» لىقىدەك مەلۇماتتىن يانداپ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىگە كەلسەك، بۇنىڭغا مەھمۇد قەشقىرىنىڭ بىر قېتىملىق ئوردا سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن، قان تۆكۈلگەن قىرغىنچىلىقتىن قېچىپ كېتىپ ئامان قالغانلىقىدەك قىياسقا قوشۇلۇشقا توغرا كېلىدىغاندەك تۇرىدۇ. ئۆز بىساتىمىزدىن يەنە قوشۇپ تولۇقلاشقا تېگىشلىكى شۇكى:

    «تۈركىي تىللار دىۋانى» باغدات خەلىپىسىگە تەقدىم قىلىنىدىغان كىتاب بولغاچقا، قاراخانىيلار خاندانلىقى ۋە قوچۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ بۆلۈنۈپ كېتىشىگە يۈزلىنىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئېغىز ئېچىشنى خالىمىغان. يەنى «قول سۇنسا يەڭ ئىچىدە» قېلىشنى، «ئۆي ئىچىدىكىنى تالاغا يايماسلىق» نى كۆزدە تۇتقان.

    ئۇ «تۈركىي تىللار دىۋانى» غا سۆزلەملەرنىڭ ئىزاھاتى ئېھتىياجى ئۈچۈن بىر مۇنچە ھەربىي سەركەردىلەرنىڭ، جامائەت ئەربابلىرىنىڭ ئىسمىنى كىرگۈزگەن. شۇنداقلا، يەنە مىسالغا ئېلىش زۆرۈرىيىتى بىلەن نۇرغۇن خەلق قوشاقلىرى قاتارىدا بەزى شائىرلارنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالغان ۋە ئەسەرلىرىنى دەلىل كەلتۈرگەن. ئەمما، كاتتا مۇتەپەككۇر، پەيلاسوپ ۋە ئاجايىپ تالانتلىق، يىتۈك شائىر يۈسۈپ خاس ھاجىب بىلەن ئەسەرلىرى بىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن بولسىمۇ، شۆھرەتلىك نامى تونۇش بولغان «قەشقەر تارىخى» نىڭ ئاپتورى ئەبۇل فۇتۇھ ئابدۇل جاففار ئىبن ھۈسەين ئەلمائى توغرىسىدا بىرەر ئېغىزمۇ گەپ قىلىپ ئۆتمىگەن. ھالبۇكى، بۇ ئىككى مەشھۇر زات مەھمۇد قەشقىرى بىلەن دەۋرداش، زامانداش بولۇپ، بىر - بىرلىرى بىلەن تونۇش ئىكەنلىكىدە شەك يوق. بۇنىڭ سەۋەبىنىمۇ قانلىق ئوردا سىياسىي ئۆزگىرىشىگە باغلاپ چۈشىنىش ئەقىلگە مۇۋاپىق كېلىدۇ. مەھمۇد قەشقىرى ئۆزى خان جەمەتىگە مەنسۇپ بولغان ھالدا «خاس ھاجىب» لىق مەنسىپىدىكى يۈسۈپ بالاساغۇنى بىلەن ئوردا تارىخچىسى ئەمىلى بار بولۇشى مۇمكىنلىكىنى چەتكە قاققىلى بولمايدىغان ئەبۇل فوتۇھ ئابدۇل جاففار ئىبن ھۈسەين ئەلمائىنى ئۆزىگە چېتىۋېلىشنى ياكى قانلىق ئوردا سىياسىي ئۆزگىرىشىدە غەلىبە قىلغۇچىلارنىڭ ئۇ ئىككى كاتتا ئالىمنى مەھمۇد قەشقىرى جەمەتىگە چېتىپ قويۇشىنى خالىمىغان.

    بۇ ماقالىنى خۇلاسىلىگەندە، ئۆز زامانىسىنىڭ يىتۈك ئالىمى، رەت قىلغىلى بولمايدىغان بېكىك گۇۋاھچىسى مەھمۇد قەشقىرى شاھ ئەسىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» ئارقىلىق ئاساسەن «خاقانىيە تىلى» نىڭ قاراخانىيلار خاندانلىقى تەۋەسىدىلا ئەمەس، ئەتراپتىكى قوشنا رايونلار ۋە شۇ يەرلەردىكى ھەر خىل تەركىبلىك ئاھالىلەر ئارىسىدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. ئۇ ئاجايىپ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمگىكى ئارقىلىق بىر تالاي تىل مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنىڭ، شۇنداقلا لوغەتشۇناسلىقنىڭ ئۈلگىسىنى يارىتىپ بەرگەنلىكى بىلەن مەڭگۈ يىگانە ئابىدىدۇر. ئىلىم - پەننىڭ باشقا بىر مۇنچە مەسىلىلىرى قاتارىدا گېزى كەلگەندە ئېيتىپ ئۆتۈپ كەتكەن نۇقتىلار بىزنىڭ تېخىمۇ ئەستايىدىللىق، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئىزدىنىشىمىزدە تەڭداشسىز ئاچقۇچلۇق ۋە باشلامچىلىق رول ئوينايدۇ، ئەلۋەتتە!

     

     

    ئاپتور: ش ئۇ ئا ر خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ پىنسىيۇنېرى

    مەنبە:شىنجاڭ تارىخ-مەدىنيىتى ژورنىلى.


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.